نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

قاتناش ئاۋارىيەسىدە مەسئۇلىيەتنىڭ ئايرىلىشى

تېخى يېقىندا، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەپ يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسى توغرىلىق بىر ئېلان كۆرۈپ ئۆتتۇق. ئەلۋەتتە، بەزىدە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ھەيدىگەن تەقدىردىمۇ يەنە ئۇششاق قاتناش ھادىسىلىرىدىن ساقلانماق تەس. بولۇپمۇ ما قىشنىڭ تېيىلغاق يوللىرىدا ئاسانلا سۈركىشىپ قالىدىغان، تېگىشىپ كېتىدىغان ئىشلار بولىدۇ.

Accident Liability

ئۇنداقتا، شۇنداق ئەھۋاللاردا قانداق قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىمىز؟ بۇ توغرىسىدا تۆۋەندىكى بىر پارچە رەسىم سىزگە ياخشى ماتېرىيال بولالايدۇ.

سۈكۈت تەرجىمىسى



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئوقۇغىن 2014.01.18 , 14:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ نېمىتى ؟؟؟ :mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  2. سالىھ بىگ 2014.01.18 , 14:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇماردا ماشىنا ھەيدىگىلى بولمىسا قاتناش قائىدىسى دەرسى قىلغىلى تۇرغىنىنى . يا تورخۇمار پىراۋا ئىلىۋاتقانمىدۇ ؟؟؟:mrgreen:

    • تورخۇمار 2014.01.18 , 17:09

      پراۋام بار. زۆرۈر ساۋاتلارنى كۆپچىلىكمۇ بىلىپ قويسۇن دەپ ئويلىدىم. باشقا كۈن چۈشكەندە بۇ تېما چوقۇم ئەسقاتىدۇ.

  3. سۇتۇق 2014.01.18 , 16:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىنى ئۇ رەسىم كۆرەنمەيىدىغۇ

  4. ئىزيار 2014.01.18 , 21:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بولسا بولاقلاپ قويۇلغان بولسا لازىم بولغاندا پايدىلانغان بولساق !!!!

  5. ۋاپاسىز 2014.01.18 , 23:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەسىم چىقماپتۇ

  6. مەنسۇر 2014.01.19 , 00:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەندەك ماشىنا ھەيدىگىلى ئۇزۇن بولمىغان دوستلارغا پايدىلىق ماتېرىيال بوپتۇ بۇ. قايسى كۈنى رادىئودا قاتناشقا دائىر خىزمەت قىلىدىغان (شوپۇرلۇق مەكتەپتىنمۇ ئىشقلىپ شۇنداقراق دىگەن) بىرەيلەن: قاتناش ساقچىسىدىن باشقا ھەر قانداق كىشى (ج خ ساقچىسى (قاتناش ساقچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، ھەربىي ۋە ياكى باشقا ئورۇننىڭ خادىملىرى) نىڭ شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى تارتىۋىلىش، تەكشۈرۈش ھوقۇقى يوق، شوپۇر دوستلار مۇشۇنداق ئىشلارغا يولۇققاندا پىراۋىنى چىقىرىشنى رەت قىلسا بولىدۇ، – دەۋاتقاننى ئاڭلىغانتىم. شۇ كۈننىڭ ئەتىسى ماشىنىنى يول بويىغا توختۇتۇپ نەرسە ئالغىلى ماگىزىنغا كىرىپ چىقسام ئىجتىمائىي رايون ساقچىخانا چارلاش ساقچىلىرى : ماشىنىنى توختۇتۇش مەنئى قىلىنغان يەردە توختتىپسىلە، پىرۋاڭلىنى كۆرەپ باقاي، دىگەنتى، پىراۋامنى قاتناش ساقچىسىنىڭ كۆرۈش ھوقۇقى بار، سىلەرنىڭ يوق، قاتناش ساقچىسى كېلىپ كۆرسۇن…. ديىشىمگىلا ئۇنى-بۇنى دەپ 110 نىڭ ماشىنىسى بىلەن ساقچىخانىغا ئاپىرىلدىم دىسە.
    ھازىر ئويلىساممۇ ئاچچىقىم كەپ تۇردۇ.

    • Forever 2014.01.19 , 12:02

      ماشىنىڭىزغا چىقىپ بولۇپ دەرىزىسىنى چىقىرىۋىتىپ ئەينەككە چاپلاپ تۇرۇپ كۆرە مانا لېكىن قولۇڭغا بەرمەيمەن ، كۆرسەڭ مۇشۇنداق كۆر دىسەڭلا ھېچقانداق قىلالمايدۇ … :mrgreen:

    • مەنسۇر 2014.01.24 , 22:03

      بۇمۇ بولىدىغان چارىدەك قىلىدۇ، ئەمما ماۋۇ تورخۇمارنىڭ «ھېلىقىدەك رەسىملەر» دىگەن بېتىدە بىر قاتناش ساقچىسىنىڭ تەكشۈرۈشكە ماسلاشمىغان ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى ئۇرۇپ چېقىپ شوپۇرنى تارىتقۇشلاۋاتقان رەسىمىنى كۆرگەنتىم. بۇ گۇيلارمۇ شۇنى كۆرمىگەن بولغىيتى ھە!:shock:

  7. بەخىت 2014.01.19 , 00:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەسىم كۆرۈنمەيدىغۇ:?:

  8. چاتقال 2014.01.19 , 10:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ساقلاپ قوياي(بولسا يۇقىرىدا دېيىلگەندەك بولاقلاپ چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنسە،ھەممىنى) كىيىن ناۋادا پىراۋا ئېلىشنى ئويلاشسام ئەسقاتقۇدەك

  9. تغ 2014.01.19 , 21:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىنتىرنىت ئىشپلورىر6 دە رەسىم ئىچىلماپتى ، بەتنى ئاستى-ئۈستى قىلىپ قاتتىق ئىزدەپ باقسام يەنە رەسىم يوق.

    ئاچچىغىمدا گوگىل چرومى نى قاچىلاپ ئاچسام مەسىلا ناھايتى تىز ھەل بولدى.:grin:

    Internet Exlorer VS Google Chrome:evil:

    • داداش 2014.01.20 , 16:15

      ئىنتېرنت ئىشپلورىر . گوگل چرومى دەپ قويۇڭ، بۇرۇن بىزنىڭ بىر ئوقۇتقۇچى ۋىندوست شىپى دەپ سۆزلەپ يۈرۈيتى دەرس ئاڭلىغىلى كىرسەم، ۋىندوس ئەكسپىنى :mrgreen:

  10. داداش 2014.01.20 , 16:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنى ئاددىيغىنە بىر ئەپ قىلىپ ياساپ قويدىغان ئىشكەنتۇق ئەسلى، يانفۇنغا قاچىلاپلا قويساق، پايدىلىنىش ئۈنۈمى ياخشى بولاتتى.

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量