يىگىتىڭىز ياكى يولدىشىڭىزنىڭ نېمىشقا دائىم يالغان سۆزلەيدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
بىر قىزچاق توردا مۇنداق بىر سوئالنى ئوتتۇرىغا تاشلاپتۇ: ئوغۇل دوستۇم يېقىندىن بېرى دائىم بىرسى بىلەن ئالاقە قىلىدىغان بولۇپ قالدى، مەن سورىسام ئوغۇلبالا دەيدۇ، بىراق مەن قىزبالا ئىكەنلىگىنى بايقاپ قالدىم، ئۇمۇ قىزبالا ئىكەنلىگىنى ئېتىراپ قىلدى، ھەم تېخى مىجەزى ئوغۇللاردەك، پەقەت ئادەتتىكى دوست دەيدۇ. ئوغۇل دوستۇم خېلى ئوبدان بالا، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك. بىراق نېمىشقىكىن يالغان سۆزلىگىنىنى ئۇقۇپ بەك بىئارام بولۇۋاتىمەن. ئۇ نېمىشقا ماڭا يالغان سۆزلەيدىغاندۇ؟ بۇ ئىش سىلەرچە ئېغىرمۇ؟
ئارقىدىن بۇ سوئالغا دەھشەت جاۋاپتىن بىرسى چۈشۈپتۇ.
1-خىل ئەھۋال
– ئوغۇلبالىمۇ قىزبالىمۇ؟
– ئوغۇلبالا
– ھە….
2-خىل ئەھۋال
– ئوغۇلبالىمۇ قىزبالىمۇ؟
– قىزبالا
– ئۇ زادى كىم؟ سېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن نېمە مۇناسىۋىتىڭ بار؟ قاچان تونۇشتۇڭ؟ چىرايلىقمۇ ئەمەسمۇ؟ ئىسمى نېمە؟ ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ شۇنداقمۇ؟ نېمە توغرىلىق پاراڭلاشتىڭلا؟ نېمىشقا قىزبالا دەپ تۇرۇپ يەنە ھېچنىمە بولمىغاندەك تۇرىسەن؟ جېنىڭدىن تويغان ئوخشىمامسەن؟ ھازىر بېرىپ ئاۋۇ پاسكىنىنىڭ چېچىنى يۇلىمەن ئىشىنەمسەن؟ زادى دەمسەن يوق؟ بولدى دېمەيلا قوي، دېسەڭمۇ ئىشەنمەيمەن! ھازىر كۆڭلۈم بەك يېرىم، بولدى كۆڭلۈمنى ياسايمەن دەپ ئاۋارە بولما! ئەمدى ئوغۇلبالىغا ئىككىنچى ئىشەنمەيمەن! مەندىن باشقا ھېچكىمنى ياخشى كۆرمەيمەن دېگەن ۋەدىلەر قېنى؟ سەن مېنىڭ پەرىشتەم دېگەنلىرىڭچۇ؟ ئىسىت ساڭا قىلغان ئەقىدەم! ۋاي خۇدايىم! ئەمدى قانداق قىلارمەن؟!
قىزچاق، مەنچە مۇشۇ يەرگە كەلگەندە يىگىتىڭىزنىڭ نېمىشقا يالغان سۆزلەيدىغانلىقى ھەققىدە كۆڭلىڭىزدە بىرەر چۈشەنچە پەيدا بولدىغۇ دەيمەن؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: قىزلار، قىزىقارلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,616 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 03-كۈنى
- يازما مەنزىلى: why-men-love-to-lie.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 2014-يىلىڭلارغا مۇبارەك! تورخۇمارنىڭ سۈرئىتى تېزلەشكەندەكمۇ؟
- كېيىنكى يازما > قاتناش ئاۋارىيەسىدە مەسئۇلىيەتنىڭ ئايرىلىشى
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- قىزلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان رەسىملىرى، يىغىپ كەلسە شۇ نەچچە خىل چىقىمىش
يىڭى تىما.
بۇنداق ئىشلارغا مەن كۆنۈپمۇ كەتتىم جۇمۇ …..
راستما؟
راست بولماي …
ئاددىيسى ، ئادەتتە بۇردەرلەر بىلەن تاماق يەۋاتقاندا تېلىفۇن كېلىپ قالسا مەن ئاغىنىلىرىم بىلەن تاماق يەۋاتىمەن دىسە نەدە ؟ كىم بىلەن ؟ تاماقتىن يىنىپ ئۆيگە قايتامسىز ؟ قانچىدە قايتىسىز دەپ سوئاللارنى ياغدۇرىۋەتكەن، ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆيگە ماڭدىم دەپ قويسىلا گەپ تۈگەيدىكەن …
قىزبالا بەك ياخشى كۆرۈپ كەتسە شۇنداق بولامدۇ يا ؟ ئىشقىلىپ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى يەكۈنلىگە تەجرىبەم بۇ …
پاھ…..سەت تەجرىبىڭىز باكەنغۇ..
چۈنكى ھەر ئىككەيلەن ئەڭ ئاساسلىق بولغان دىنى بىلىملەرنىمۇ بىلمەيدۇ ، شۇڭا بىر ئۆمۈر ئاشتا بىرسى بىرسىگە ئىشەنمەي ئۆتۈپ كىتىدىغان گەپ .
ۋاي ۋاي دىمەيلا قۇيسام بۇلغۇدەك جۇمۇ ؟ ئاغىنەمنىڭ مۇھاببىتى مىنۇت مىنۇتتا تىلىفۇن قىلىپ زىرىكتۇرۋىتىدۇ . ۋاي نەدە نىمە قىلىۋاتسەن دەپ سۇراققا تارتىپ كىتىشلىرىچۇ . ئەمما ئۇزۇمگە كەلسەك ھەر ھالدا ياخشى جۇمۇ؟
قەدىرلىگەننى چۈشەنمەيدۇ ھازىرقى باللا
سىلەرنىڭ ھەنىم بولسا سۇئال سوراپ بىشىڭلارنى ئاغىرتىدىغان ئادەم باركەن ! مىنىڭ شۇنداق باش ئاغىرتىدىغىنىمۇ يوق ئەمەسما شۇكۈر قىلىڭى دەيمە!
شۇنى دەڭە…بەزىدە شۇنىڭ ئۆزىمۇ بەخىت…
مىنىڭ مابىتىم ياخشىكەن جۇما گەپ قىلسام گەپ قىلدۇ ، قىلمىسام يوق
پات – پات تىلاپ قويمىسام كۆڭلىگە كەپ قالدۇ
قىزۋالا دىگەننى كۈندە بىرە قىتىم تىللاپ قۇيمىسا ئاشتا ئىدەمنى سوراققا تارتىپ تۇرىدۇ،
قىزۋالا داۋىخو.
مىنىڭ مابىتىم بەك كۈنلەپ كىتكۈدەك بوسا يەنە بىر كوكۇرۇمغا قىزۋالا ئىسىم قۇياپ قەستەن مۇڭدىشىمەن ،گەپ قىسا يىلى باكا سىنى تاشلاپ ئۇنىڭ بىلەن يۇرمەن دەپ قۇقاق ساسام جىمىپ قالىدۇ،
دەتمەنلەر ىېلى باكەن تورخۇماردا….
شۇ مەننىڭ پىكىرى ئۇرۇنلۇق.
مۇھەببەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئۇقمايدىغانلار تۇرسا
بىر ئوغۇلبالا بىلەن بىر قىزبالا ھايۋانلەرچە ئاپاق چاپاق بولۇشۇپ يۈرسە شۇ مۇھەببەت
ما پىكىرنى ئوغۇتلايمەن ئابوم ئاداش گەپ قىلماپتا ماتىمىشا بەلكىم
مېنىڭچە زىينى بولمىغان يالغانچىلىقنې.قىلسا توغرا.
ئىشمۇ ئاددى بولىدىكەن.
ئىشكى يوق موللامىنىڭ قۇلىقى تىچ
ما تېمنى سازلىمىسام بۇلمىغدەك،،،،،،
ئارلاشقىلى 2 يىل بولدى كۈنلەش دېگەنننىڭ نىملىكىنى بىلمەيدۇ ، تىلڧۇن قىلىشنى ئەسلا ئۇقمايدۇ ، سىلەدەك ئانداق ۋات ۋات مابىتى بالاغا قاراپ ھەۋەس قىپ كىتىمەن ، يەنىلە قەدىرلەڭلا دەيمە
تايىنى يوق مازكەن
ئاياللار ناھايىتى گۇمانخور
ھەي توۋا …………. بارىنىڭ قەدرىنى بىلمەيسىلەردە ، كۈنلىگىلىمۇ ئادەم لازىم باللا !!!!!!!!!! شۈكۈر قىلىڭلا ،مىنى ئاشۇنداق كۈنلەپ بىشىمنى ئاغىرتىۋەتسىمۇ ، كوتۇلدىسىمۇ …………………… مىنىغۇ بۇ ئۆمرۈمدە كۈنلەيدىغان ئادەمنىڭ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس ئىشقىلىپ بولغىنى ياخشى ، تەنھالىق بەك يامانكەن باللا
جىق گەپ سورىغان قىزمۇ ئوغۇلمۇ دەككىسىنى يەيدۇ. كۆز ئىككى بولغانكىن كۆزدە كۆرۈپ بىر تال ئىغىز بىلەن گەپ قىلغۇلۇق…مەن نىمىشقىكى چۈشەنچىنىمۇ ئاڭلىمايمە ھەم سورىمايمە ھەم چۈشەندۈرمەيمە…
يەنىلام ئارىلاش، مۇھاببەتكەشمەي ئۆتكەن ياخشى ئىكەن . بىر ئارىلىشىپ قويتىڭىزما بولدى، ۋاقتىڭىزنىڭ 60 پىرسەنتى ئىسراپ بولدى دېگەن گەپ.
شۇڭا ئارىلىشىمەن دېمەي چوڭلار توي قىل دەپ تونۇشتۇرغان بىلەن تۇي قىلساق شۇ ياخشى ئىكەن.
مەن مۇھەببەتلىشىپ ھاياتىمنىڭ 80% تى شۇ قىز بىلەن ئۈتۈپ كىتپاردۇ ، نۇرمالمىدۇ دەپ ئويلاپ قالمەن؟
مەنمۇ 4-يىل مۇھەببەتلەشتىم، شۇنداق ياخشى ئۆتۋاتمەن،،،مېنىڭچە گەپ ئشەنچتە،،،،،