كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
تۆنۈگۈن ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە تارقالغان بۇ تور پروگراممىسىنى كۆرۈپ بۇ يەردىمۇ سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى. كۆپ قىسمىڭلار كۆرۈپ بولغان بولساڭلارمۇ، بىر قىسىملار تېخى كۆرمىگەن بولۇشى مۇمكىن. كۆرگەچ تەسىراتلىرىمىزنى ئورتاقلىشىلى.
بۈگۈن مەن ئاشپەز ناملىق بۇ تور پروگراممىسى شىنجاڭ ئەلچىن مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى بىلەن كۆرك ئېكرانى دېتالى بىرلىكتە ئىشلىگەن تور پروگراممىسى بولۇپ، تائام ئېتىش ۋە قىزىقارلىق ۋەقەلىك ئاساس قىلىنغان يېڭىچە پروگرامما. نۆۋەتتە بۇ پروگراممىنىڭ 1-قىسمى تورغا يوللانغان بولۇپ، 2-قىسمىمۇ پات ئارىدا تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن. 3-قىسمىدىن باشلاپ كۆرك دېتالىدا مەخسۇس تارقىتىلىدىكەن.
نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم
3-قىسىم
2-قىسىم
ئالاھىدە قىسىم
بۈگۈن مەن ئاشپەز 1-قىسىم
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: فىلىم، قىزىقارلىق، يېمەكلىك
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 74,849 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 03-ئاينىڭ 24-كۈنى
- يازما مەنزىلى: today-iam-chef.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- كېيىنكى يازما > مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- روسىيەلىك تورداشلارنىڭ كىرىشتۈرۈپ چىققان 1-شەخس ئۈنۈمىدىكى قوراللىق ئېتىشىش فىلىم -Hardcore
دىۋانە ….
قارسام خېلى قىزقارلىق چىقپتۇ داۋامىنى ساقلايدىغانلار قايسىنى چىكىشنى بىلىسىلەنغۇ دە
خەنزۇلاردا بىر گەپ بارغۇ بىرەرسى ياخشى .ئىش قلغان بولسا زەن قىلىپ ياكى قوللاشنى بېسىپ شۇلارنى رىغبەتلەندۈردىغان، سىلەرمۇ سازكەننى بى بېسىڭلار قانچىڭلار قوللايسەلەر ،داۋاملىق ئىشلىنىشىنى خالايسىلەر تور خۇماردىكى ….بىر سىستاستىكىلاپ باقىلى
قېنى ئەمسە سازكەنگە قاراپ ھۇررا
ئا فىلىمنى ئۆزلىرى ئىشلەپ بىزگە سۇنغاندەك دەپ كەتتىلىيا؟ “سازكەن”نى جىق بېسىپ بەرسەك، فىلىمنىڭ ئاخىرىنى ئۆزلىرى ئىشلىۋېتەمتىلە-يا؟
ياخشى ئىشلىنىپتۇ.2-قىسىمىنى ساقلايمەن.
تېلفۇندا نورمال قويۇلمىدى 288ك كېلىدىغان TPout.swf نى چۈشۈرۈڭ دەپ چىقىۋالدى چۈشۈرسەممۇ جىم تۇردۇ
چىقىدىغان قىلىپ قويدۇم، ئەسكەرتكىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
مەنمۇ كۇرۇپ باقاي.
مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلىپ سالدىم ئۇنىدار ياكى چ چ بىلەن ئالاقىلاشقىلى بولارمۇ سىلى بىلەن 1666593261
پىروگراممىنى مانداق ئىشلىسە كۆرمەمدۇ دەيمەن ئادەم.
ما .ئۈندىداردا ماندالام كۆرمەي ئۈتۈپ كەتكەن تورخۇماردا تولۇق كۈرەپتىمەندە
راس خۇمارىم تۇتۇپتىكەن 15 كۈننىڭ ياغى تورخۇمارغا كىرمەي.
تورخۇمار ئەپەندىم ، مەن بىز ئىشلىگەن يېڭى كارتون (ھايات مىلودىيسى) توغرىسىدا تېما يوللىغان ئىدىم. تەستىقلىمىدىڭىزمۇ بىلەلمىدىم. بىر جاۋاپ بېرىۋەتكەن بولسىڭىز.
شۇنداق تەستىقلانمىدى. مەخسۇس تېما قىلىپ يوللاش زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارىدىم، ئۆزرىمەن. يېقىندا ھېلىقىدەك فىلىملەر سەھىپىسى قايتا ئېچىلماقچى، شۇ چاغدا قايتا يوللايلى.
چىقمىدى، ھېچنىمە؟
ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ تورخۇمارغا مۇشۇنداق فىلىملەرنىڭ يوللىنشىنى ئۈمت قىلمەن
تۈنۈگۈن چىقمايتتى .بۈگۈن چىقىۋاتىدىيا .
مىنىڭكىدىمۇ چىقمىدىغۇ؟ ئىنكاسلارغا قاراپ شۇنداق كۆرگۈم كەلگەنتى…ھېيييييييييييي
يېڭىلىق بوپتۇ بۇ، مەنمۇ داۋامىنى ساقلايمەن
قالتىس پىروگرامما بوپتۇ بۇ
مەن پەقەتلا كۆرەلمىدىم دىسە 2 كىلا قىسمىنى،،،،،يوۋكۇغا يوللىغىنى يوقمىدۇ
ئامما بەكلام قوللايمەن جۇمۇ بۇ باللانى بەك ياختۇرمەن ۋەششى قىززىق
‹‹بۈگۈن مەن ئاشپەز››پىروگراممىسى بەك ئوبدان ئىشلىنىپتۇ.مەن مەخسۇس پىروگرامما باھالىغۇچى ئەمەس .باشقىلارنىڭ مەندىنمۇ نەچچە ھەسسە ياخشى باھالارنى بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.شۇنداقتىمۇ ئاددىغىنە بولسىمۇ ئۆزپىكىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقاي!1.قىلىمنىڭ مەزمۇنى جەھەتتە چوڭقۇر ئىزدەنگەن ،كىچىڭ پارچە دىتاللار ئۆزئارا زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ مۇكەممەل بىرلىكنى ھاسل قىلىنغان.2.رول ئېلىش ھەھەتتە ئىزدەنگەن ۋە كونىچە بىزدە ساقلىنىۋاتقان رول ئېلىش ئەندىزسىنى دادىلىق بىلەن بۇزۇپ تاشلانغان.3.ئۆزگىچە تەپەككۇر ھاسل قىلىنىپ ،ئومومىيلىق ئارسىدىن خاسلىق ياراتقان.
بۇنىڭدىنمۇ كۆپ نەتىجە يارتالايدىغانلىقڭلارغا ئىشىنىمەن ھەمدە چوڭقۇرتىلەكداشلىقىمنى بىلدۈرىمەن،رەھمەت.
خا خا خا 5:53 يېرىدىكى خەنچە تەرجىمىسى ئالامەتكەنغۇ‹‹‹‹‹‹
ئۆزەمچە روھىمىز قانچە قۇرۇپ كەتكەنسىرى خەقنىڭ تاقا—تۇقا ئەبگا گەپلىرىگە مۇھتاج بولۇپ روھىمىزغا خۇشاللىقنى خەقتىن تاپىمىز دەپ ئويلاپ قالىمە داۋاملىق
قالتىس
بۇ فىلىمنى بەك ياقتۇردۇم يوللىغىنىڭىزغا بەك رەخمەت
ئاۋاز بەرگەن يەرلىرىمۇ باردەك قىلامدۇ نېمە ؟
قايسىڭلا كۆرك دىتالىنى نورمال ئىشلىتەلىدىڭلار،،،،؟ مەن قاچىلىدىم، بىراق تىزىملىتالمىدىم. يا كىنو كۈرەلمىدىم، دەلىللەش نۇمىرى يانفۇنۇمغا ئەۋەتىلمىدى.
مەنمۇ تىزىملاتمايلا كۆرەۋەدىم ،چۈشۈرۈپ قاچىلىساقلا تاللاپ كۆرەۋەگىلى بولدىكەنغۇ ، ھازىرمۇ نۇرمال ئىشلەۋاتىدۇ…
بۇ فىلىمنى كۆرۈپ بولغىچە نەچچە قېتىم يىقلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدىم دېسە، بىر ئاغىنەم بىر قانچىنى موللاق ئاتتى. دوختۇرغا باردۇق …
4.قىسمى قاچان چىقا بۇنىڭ .؟تىزراق چىقسا بولاتتتى
4-قىسمى 15-چىسلا چىقىپ بوپتىكە، كۆرك دىتالىدا كۆگەن
چىقمىدى ئاۋۇ
ئېلان بىلەن ئۆتكەن ھاياتنىڭ قانچىنجى قىسىمىدۇ بۇ ؟
قېنى ماۋۇنىڭ كېيىنكى قىسىملىرى.كۆرك ئېكرانى قويالمىدىغۇ ئۇنى .