كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ ماھارەت ] دېگەن خەتكۈشكە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
يېپيېڭى يازمىلار:
12345كېيىنكى بەت
ئاخىرقى بەت (جەمئىي 5 بەت)
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىنو-فىلىملەردە دۇبەي مۇنارىدىن سەكرەيدىغان كۆرۈنۈشلەر ئەۋج ئېلىپ قالدى. مەسىلەن، تام كروسنىڭ ئىمكانسىز ۋەزىپە 4، يېقىندا چىققان سۈرئەت 7 لەردە ھەممىسىدە بار. ئۇنداقتا مۇشۇ 414 مېتىرلىق ئېگىز مۇناردىن سەكرىسە زادى قانداق ھېسىياتتا بولىدىغاندۇ؟ دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز دۇبەي مەلىكە مۇنارى يېقىندا بىر قىسىم ھەۋەسكارلارنىڭ …..
ئەل ئىچىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ماھارەت لىرىگە قول قويماي بولمايدۇ. بۇنداقلارنىڭ تورغا چىققانلىرىنىغۇ كۆرىمىز، تورغا چىقمىغانلىرىنى قانداق قىلامىز؟ بولسا ئەتراپىڭلاردىكى تالانت ئىگىلىرىنى بايقاپ قويۇڭلار، ھېچ بولمىسا تالانت سەھنىسىگە چىقىپ مۇكاپات ئېلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ئەر پېرىخون دەپ نام ئالغان بۇ سىرلىق يىگىت Zach King نىڭ « سېھرىگەرلىك » ماھارەت لىرى ئىزچىل توردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغاپ كەلدى. ئۇنىڭ Vine ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان 6 سكونتلۇق قىسقا ماھارەتلىرى پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بەزى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ «پاھ!!!!» دېگىنىمىزچە ئاغزىمىزنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالىمىز. بۈگۈن …..
ئالدىنقى ئايدا پاكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن Punjab ياشلار بايرىمىدا نۇرغۇن غەلىتە ئىشلار يۈز بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە Mohammad Rashid دېگەن بالاڭزا بىر مىنۇتتا 155 تال ياڭاقنى چېقىۋېتىپ دۇنيا رېكورت ىنى بۇزغان ئىشمۇ بار، ئەلۋەتتە، ئۇ ھېچقانداق ئۈسكۈنە ئىشلەتمىگەن، پەقەت پىشانىسى بىلەن بۇ ياڭاقلارنىڭ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋەتكەن. ياڭاقلار ئۇزۇن جوزىغا ئىككى رەت قىلىپ …..
چەتئەلنىڭ سىن بېكەتلىرىدە، بولاپمۇ Youtube/Vimeo دېگەن بېكەتلىرىدە كىشىلەر ھەمىشە ئۆزلىرىنىڭ ئاجايىپ-غارايىپ سەرگۈزەشتىلىرىنى سىن ئارقىلىق كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ تۇرىدۇ. تۆۋەندىكىسى بولسا، ئاشۇ كارامەتلەرنىڭ 10 مىنۇتلۇق توپلانمىسى.
چەتئەلدە رونالدو، مېسسىلاردەك يېشىم چىمدا توپ تېپىپ داڭق چىقىرالمىسىمۇ، بىراق ئانچە-مۇنچە كوچىدا پۇتبول ماھارىتى كۆرسىتىپ جېنىنى باقىدىغانلار خېلى كۆپ. تۆۋەندىكى سىندىكى كوچا پۇتبول ى ماھارىتى دەھشەت چىقىپتۇ. توپ دېگەن پۇتتىن ئايرىلمايدىكەن. مادرېد بىلەن بارسانىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگەندىنمۇ بەك خۇماردىن چىقىرىدىكەن. ۋەھشەت ئويناپ قويغان كوچا پۇتبولى
نەچچە ئاي ئالدىدا سىرلىق تىك-تاك پىچاق ھەققىدە تورخۇماردا بىر توختىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. ھالبۇكى، توردا كىشىلەر ئىزچىل بۇ سىنغا گۇمانىي كۆز-قاراشتا بولۇپ كەلدى، ئىككى ئايدىن كېيىن Captain Disillusion بۇ سىننى بىرمۇ-بىرمۇ يېشىپ، ئىچىگە يوشۇرۇنغان ئويۇننى تورداشلارنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بەردى. ھازىر، Tumba تىك-تاك پىچاقچىلىرى ئۆزىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىۋەتكەن بۇ تورداشقا قايتۇرما …..
ئامېرىكا كالېفورنىيەدىكى 23 ياشلىق Michael Olson تۇغۇلۇشىدىنلا پۇت-قولى يوق بىر ئاجىز، ئەمما تېنىدىكى ئاجىزلىق ئۇنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىشىغا قىلچە تەسىر كۆرسەتكىنى يوق، مەسىلەن، 2001-يىلىدىن باشلاپ Michael Olson ئۆزىگە Handi دېگەن ID نى قويۇپ، ئۆزىنىڭ توردىكى كەسپىي ئويۇن ھاياتىنى باشلاپ كەتكەن، ھالبۇكى CS:GO نۆۋەتتە ئۇنىڭ …..
10-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان ئالىي مەكتەپ زەيتۇن توپ مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئوخايو شىتاتى ئۇنۋېرسىتېتى دۇخوۋوي ئوركېسترى ئەزالىرى نەقمەيداندىكى تاماشىبىنلار ئۈچۈن، كىشىنى ھاياجانغا سالغۇدەك بىر مەيدان نومۇر كۆرسەتكەن. نەچچە يۈزلىگەن ئوركېستر ئەزاسى زەيتۇن توپ مەيدانىدا ئالدى-كەينى سەپ تۈزۈپ: خاسىيەتلىك ئادەم، ھۆكۈمران ئۈزۈك، خاررىي پوتېر، دېنوزاۋېر …..
كەنىچى ئېبىنا (Kenichi Ebina) نىڭ ئوينىغان ئامېرىكا تالانتلىقلىرى سەھنىسىدە ئوينىغان مىخانىك ئۇسۇلى نەق مەيداندىكى بارلىق باھالىغۇچى ۋە تاماشىبىنلارنىڭ ئۆرە تۇرۇپ ئالقىشلىشىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە YouTube دا 10 مىلىيون قېتىملىق چېكىلىشنى بۇزۇپ تاشلىدى، ئۇنداقتا بىزلەرمۇ بىر كۆرۈپ باقمامدۇق؟ ياپونىيەلىك Kenichi Ebina نىڭ خاككىر ئىمپىرىيىسى ئۇسۇلى
«قاتىل ئەقىدىسى» فرانسىيەنىڭ داڭلىق ئويۇن شىركىتى UBisoft ئاچقان بىر تۈرلۈك مۇنەۋۋەر ئويۇن، مۇنداقچە ئېيتساق، شۇ بىر ئالىي دەرىجىلىك ئوغرى، تامدىن-تامغا ئۇچۇپ يۈرۈيدۇ، ھەر خىل فانتازىيە . ئويۇندىكى ئەڭ كلاسسىك ھەرىكەت: ئېگىز جايدا تۇرۇپ پەسكە سەكرەش. ئارقىدىن شاراق-شۇرۇق قىلغان ئاۋاز بىلەن بىر دۆۋە ساماننىڭ ئۈستىگە چۈشۈش. ئۇنداقتا رېئاللىقتا بۇ …..
كۆزىڭىزنى ئۇۋلىۋېتىپ ئوبدان قاراڭ، بۇنداق كارامەتلىرىڭىز بولسا، دۇنيانىڭ كۆزى سىزگە تىكىلگىنى تىكىلگەن! قانداق قىلغاندۇ؟ زادى قانداق قىلغاندۇ؟! بوشلۇقتا ئولتۇرۇپ گېزىت ئوقۇيدىغان ئاۋۇ ئاداش زادى كىمۇ؟! قانداق ساختىلىق ئىشلەتكەندۇ؟! ئاخىرىدىكى ئاۋۇ قىزچاقمۇ ئوماقكەن جۇمۇ؟! كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كارامەتلەر
مەنمۇ كۆرەپ باقاي