كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ ماھارەت ] دېگەن خەتكۈشكە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
يېپيېڭى يازمىلار:
باش بەت ئالدىنقى بەت 12345(جەمئىي 5 بەت)
گەرچە سىن دىكى بۇ ھىندىستانلىق مۇلازىم ئاددىيلا بىر ئىشنى ئورۇندىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق ئۇ كۆزنى چىمچىقلىتىپ بولغۇچىلا ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى تاماملاپ بولغان، بۇ قايسى دەرىجىدىكى ئىش ئۈنىمى بولۇپ كەتكىنى ئەمدى؟!
ئارىمىزدا « كارب دېڭىز قاراقچىلىرى » ناملىق بۇ فىلىمنى كۆرۈپ باقمىغانلار يوق دېيەرلىكقۇ دەيمەن. مەزكۇر فىلىمنىڭ 4-بۆلۈمى «كارب دېڭىز قاراقچىلىرى: ناتونۇش دولقۇن»مۇ ھازىر دەل پۈتۈن دۇنيادىكى كىنو خانىلاردا بەس-بەستە قويۇلىۋاتىدۇ. مەزكۇر فىلىم توغرىلىق گەپ بولسا، يەنە بىر نەرسە تىلغا ئېلىنماي قالمايدۇ. ئۇ بولسىمۇ «كارب دېڭىز قاراقچىلىرى» فىلىمىنىڭ ئاساسى مۇزىكىسى: He’s a Pirate
ئىلگىرى تورخۇماردا ئېلان قىلىنغان « ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ iPhone دا ئورۇنلىشىدا: ئاي يۈزۈڭنى كۆرمىدىم » ناملىق سىن يادىڭىزدا بارمۇ؟ ئەلۋەتتە، تەڭداشسىز iPhone نىڭ قۇدرىتىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ. تۆۋەندىكىسىمۇ مەلۇم بىر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ iPhone دىكى Gyro Air Drums ناملىق مەۋھۇم چاتما دۇمباق يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئورۇندىغان ماھارىتى…
كوچىدا ماھارەت كۆرسىتىۋاتقان ماۋۇ ئاداشنى پۇتبول سەنئەتكارى دېسەك ئارتۇق كەتمىگۈدەك! ئاۋۇ رونالدىنخو، يەنە ئاۋۇ كىمۇ بىرسى جىق گەپ قىلمىسىمۇ بولغۇدەك! بارسالىقلار دەيدۇ: ماۋۇ كىم بولاپ كەتتى ئەمدى؟!
بېكلەر توغرىسىدا گەپ بولۇنسىلا، مالدىنى، نېستا قاتارلىقلار كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، تارىختا ۋاراتارنى قۇتقۇزۇپ قالغان، «ئىككىنچى ۋاراتار» ئاتالغان ئارقا بېكلەر ئاز ئەمەس، تۆۋەندە بىر يۈرۈش دەرىجىدىن تاشقىرى بېكلەرنىڭ ماھارىتىنى كۆرۈپ باقايلى…
70 ياشلىق بوۋاي ئەسلىدە ئۈچ نومۇرلۇق توپچىكەن ئەمەسمۇ؟! NBA دىكىلەر بەس-بەس بىلەن بوۋاينىڭ بۇ كەسىپكە ئېلىپ كەلگەن بېسىمىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئاغرىنىۋېتىپتۇدەك! دەرۋەقە، ھەقىقى ئۇستاملار ئەسلىدە خەلق ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ئىكەن، ئەلمىساقتىكى ۋاسكېتبول مەستانىسى ۋە ماھىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ بوۋايغا قايىللىقىمنى بىلدۈرمەي ئامالسىزمەن!
بىر دەۋر سەنئىتىنىڭ ۋەكىلى – Michael Jackson گەرچە مىليونلىغان مەستانىلىرى بىلەن قىيمىغان ھالدا خوشلاشقان بولسىمۇ، يەنىلا ھېلىھەم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى MJ مەستانىلىرى خىلمۇ-خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشىنى، ھۆرمىتىنى ئىپادىلەپ كېلىۋاتىدۇ. توردىمۇ ھەر كۈنى Michael Jackson نىڭ تولغىما ئۇسۇلى نى دوراپ ئىشلەنگەن video لار يوللىنىپ تۇرىدۇ، تۆۋەندىكىسى پارىژدىكى بىر نەچچە يىگىتنىڭ …..
周星驰 گۇمپا پۇتبولى (功夫足球) فىلىمىنى ئىشلەپ جۇڭگو پۇتبول ىنى دۇنياغا تونۇتقاندىن بېرى، چەتئەللىكلەر جايىدا ئولتۇرالماي قالدى، ھەتتا ئېلىمىزگە تۈركۈملەپ « پۇتبول جاسۇسلىرى »نىمۇ مەخسۇس ئەۋەتتى، ئاقىۋەت…
ۋاسكېتبول ئوينىمىغىلى ئۇزۇن يىللار بولۇپ كېتىپتۇ، بىراق ھەر قېتىملىق NBA، CBA مۇسابىقىلىرىنى قالدۇرماي كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن ۋە ۋاسكېتبول غىمۇ خېلى ئىشقىم بار. ئىلگىرى تېلىۋېزوردا NBA چولپانلىرى نىڭ ۋاسكېتبولنى سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ئوينىغان بىر يۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈپ تولىمۇ ھوزۇرلانغان ئىدىم، بۈگۈن تور ئارىلاۋېتىپ ئارىمىزدىمۇ ۋاسكېتبولنى شۇنچىلىك نەپس ئوينىتالايدىغان بالىلارنىڭ بارلىقىغا قاراپ …..
بىليارت ئويناشنى مۇتلەق كۆپ قىسىم ساندىكى ئوغۇللار بىلىدۇ ۋە ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ ئوينايدۇ، ھەتتا بىر قىسىم قىزلارمۇ بىليارت قا ئىنتايىن قىزىقىدۇ. تۆۋەندىكىسى چەتئەللىك تورداشلارنىڭ بىليارت ئويناش ماھارەت تاللانمىلىرى بولۇپ، بىر قىسىم تېخنىكىلار ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ. ناۋادا مۇشۇ سەۋىيە بىلەن بىليارت ئوينىيالىسىڭىز، ئۇ ھالدا ياندىكى بۇرادەرلىرىڭىزنى ھەيران قالدۇرۇپلا قالماي، بەلكى …..
مەن ئادەتتە ياپونىيەنىڭ كارتون فىلىملىرىنى خېلى كۆرۈپ قويىمەن. Naruto دېگەندەك كارتونلارنى كۆرۈۋاتقىلىمۇ ئاز-كەم 5 يىل بوپتۇ، ئىلگىرى توردىن مۇشۇ فىلىمگە ئاۋاز بەرگەن ئارتېستلارنىڭ نەقمەيدان ماھارىتىنى كۆرۈپ بىر ھوزۇرلانغان ئىدىم. بىراق مەن كۆرگەن ئۇ سىندا ھەر بىر پېرسوناژ ئۈچۈن، ئايرىم ئاۋاز ئارتېستلىرى سەپلەنگەن ئىدى. بۈگۈنكى بۇ سىندىكى قىزچاق بولسا، …..
پۇتبول – كۆپچىلىك ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرى. ھەر قېتىملىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسى بولسا، پۈتكۈل دۇنيا بويىچە كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر مۇسابىقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمىغان توپچىلارمۇ نۇرغۇن بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندىكىسى تور ئارىلاپ ئۇچرىتىپ قالغان سىن بولۇپ، پۇتبولنى بىزنىڭ تىلىمىز بويىچە «چېقىۋېتىدىغان» …..
يېڭى تىما يوللىسا بۇلاتتى