تېز كېلىڭلار! ھەممىمىز 360 تور كۆرگۈسىدىن تور يۇمشاق دېتاللىرىنى تەشۋىق قىلىشنى ئۆگىنەيلى…
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا- نيويورك ئىنتېرنىت مەسلىھەتچىلىك شېركىتى Digital Due Diligence (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ DDD دەپ ئېلىنىدۇ) چارشەنبە كۈنىدىكى ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىكروسوفت شېركىتى ئىزچىل تۈردە جۇڭگودىكى ئېنتىرنىت ئابونتلىرىنىڭ IE6 دىن ۋاز كېچىشىنى ئۈمۈد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن رىقابەت ئورنىدا تۇرىۋاتقان يەنە بىر تۈردىكى ھەر خىل IE نەشىرلىرىدىكى تور كۆرگۈچنىڭ بازاردا ئىگىلىگەن ئومۇمىي يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتكەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، چى خۇ بازارغا سالغان 360 بىخەتەر تور كۆرگۈچنىڭ ھازىر جۇڭگو بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %57 كە يەتكەن…
DDD نىڭ قارىشىچە، چى خۇ بىر قاتار نورمال بولمىغان ۋاستىلەر ئارقىلىق ئابونتلارنى 360 تور كۆرگۈچنى ئىشلىتىشكە جەلپ قىلغان، شۇنداقلا قىسقىغىنە ئۈچ يىل ئىچىدە تەرەققىي قىلىپ زورايغان. (ئەسلى تېكىست: York-based Digital Due Diligence (DDD) has evidence which suggests that Qihoo has used some seriously evil tactics to rope in users to its 360 Safe Browser). تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى، چى خۇنىڭ ئاساسلىق كەسپى بىخەتەر يۇمشاق دېتاللارنى ئېچىش. لېكىن، كۆپ ساندىكى يۇمشاق دېتاللار ھەقسىز مەھسۇلات بولۇپ، چى خۇنىڭ بارلىق تىجارەت كىرىمى يول باشچى تور بېكەت hao.360.cn نى ۋە ئېلانلارنى چېكىشتىن كېلىدىكەن. مانا بۇ Citron ئورگىنىنىڭ چى خۇ 360 نى ئەيىپلەشتىكى مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، Citron بۇ خىل كونا ئۇسلۇبتىكى يول باشچى تور بېكەت ئۇزاققا بارالمايدۇ دەپ كۆرسەتكەن. لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن، چى خۇ بۇ جەھەتلەردە يامان ئەمەس بولۇپ، تەجىربىسى مول بولمىغان نۇرغۇن تور ئەھلىنى ئۆزىگە جەلپ قىلالىغان.
360 بىخەتەر تور كۆرگۈچمۇ كەم بولسا بولمايدىغان بىر كۆرگۈچ بولۇپ، ئۇ ئېلان چېكىشكە جەلپ قىلالايدۇ، شۇنداقلا بىخەتەرلىك سۇپىسىدا كەم بولسا بولمايدىغان مەھسۇلات. ئۇ جۇڭگو تور ئەھلىنىڭ تەجىربىسى مول بولماسلىقىدىن پايدىلىنىپ، شەخس مەنپەئىتىگە ھۇجۇم قىلغان، ھەتتا ئۇلار تور كۆرگۈچكە قارىتا تاللاشنى مەجبۇرىي كونتروللىقىغا ئېلىۋالغان. (ئەسلى تېكىست: But its tactics in forcing the 360 browser upon people are unacceptable, and render it something closer to malware or spyware. It looks to be exploiting the country’s not-too-savvy web users, infringing on their privacy, and even hijacking their choice of browsers )
تۆۋەندىكىسى DDD دوكلاتىدىكى ئاساسلىق مەزمۇن:
بۇلتۇر 11- ئايدا، چى خۇ 360 تور كۆرگۈچ مىكروسوفتIE نىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، جۇڭگودىكى زور كۆلەملەشكەن ئېنتىرنىت تور كۆرگۈچىسىگە ئايلانغان. ئۇ ئۈچ يىل ئىچىدە بازار نىسبىتىنىڭ %57 نى قولغا كەلتۈرۇپلا قالماي، بەلكى رىكورت ياراتقان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ھۆكۈمرانلىق ئورنىغىمۇ ئېرىشكەن.
چى خۇ يەنە 360 بىخەتەر مۇھاپىزەتچى يۇمشاق دېتالى بىلەن نام چىقارغان. ئۇ ئىلگىرى بىر ئەنئەنىۋى يۇمشاق دېتال شېركىتى بولۇپ، لېكىن 2008- يىلى بىخەتەر يۇمشاق دېتال سېتىشتىن ئېلان سېتىشقا يۈزلەنگەن. بۇ شېركەت ھەقسىز مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى بىلەن زور ئابونت ئاساسىنى تىكلىگەن. بىرلا ۋاقىتتا تور ئويۇنلىرى گۇرۇھى، ئېلىكترونلۇق سودا تور بېكىتى، تېلېفۇن دەپتىرى قاتارلىق دائىرىگە كېڭەيگەن. يەنە نۇرغۇن تۈردىكى ھەقسىز دېتال بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ كۆپ كۆزلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان. بولۇپمۇ دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى 360 بىخەتەر تور كۆرگۈچ ئىكەن.
نۆۋەتتە چى خۇنىڭ بارلىق تىجارەت كىرىمى يول باشچى تور بېكەت hao.360.cn نى ۋە ئېلانلارنى چېكىشتىن كېلىدىكەن، چى خۇ مۇشۇ تور بېكەتتىكى ئېلانلارنى سېتىپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا Google نىڭ ئىزدەش ئىقتىدارى بىلەن ھەقلىق تەمىنلەيدۇ. 2011- يىلى ئۈچۈنچى پەسىلدە، چى خۇنىڭ توردىكى ئېلانلاردىن قىلغان كىرىمى 35 مىليون100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يىتىپ، ئوخشاش پەسىلدىكىدىن %227 ئاشقان، سېلىشتۇرمىسى %31 ئاشقان.
رىقابەتچىسى ئاساسىي قاتلام پائالىيىتى، مەكتەپ ئەلچىسى تەكلىپ قىلىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئومۇملاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋاقىتتا، چى خۇ ئاللىقاچان ئۇنىڭ بىخەتەر يۇمشاق دېتال ئېچىش تەرەپلەردىكى ھوقۇق ئۈستۈنلىكىدىن پايدىلىنىپ كۈچلۈك بولغان سېتىش يوللىرىنى بەرپا قىلىپ چىققان، تور ئەھلىنىڭ كومپىيوتىر بىخەتەرلىكىگە قارىتا ئەندىشىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ تور كۆرگۈچىسىنى ئورناتقۇزۇش مەقسىتىگە يەتكەن.
360 بىخەتەر تور كۆرگۈچ قانداق قىلىپ بازاردا بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن؟
1. بەلگىدىكى ئوخشاشلىق
360 بىخەتەر تور كۆرگۈچ بىلەن IE تور كۆرگۈچنىڭ بەلگىسى بەكلا ئوخشايدۇ، پەقەت 360 بىخەتەر تور كۆرگۈچنىڭ بەلگىسى يېشىل رەڭدە.
2. ئۇلىنىشنى ئاچقان ۋاقىتتا بېكىتىۋېتىلگەن تور كۆرگۈچ قىلىپ لاھىيىلەنگەن
ئابونت پاراڭلىشىش قورالىنى چەككەندە ياكى ئىلىكترونلۇق يوللانما ئۇلانغاندىن كېيىن، 360 بىخەتەر يۇمشاق دېتالى بىر دىئالوگ رامكىسىدا ئۆزىنى كۆرسىتىپ، ئابونتنىڭ 360 تور كۆرگۈچنى قاچىلاشنى تەلەپ قىلىدۇ.
3. ئابونت تەرەپكە 360 تور كۆرگۈچنىڭ IE تور كۆرگۈچكە قارىغاندا بىخەتەر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن
ھەر قېتىم IE تور كۆرگۈچتە بىخەتەر نۇقسان كۆرۈلگەن ۋاقىتتا، 360 بىخەتەر دېتالىنىڭ ھەممىسى كۆزنەكتە ئۆزىنى كۆرسىتىپ، 360 تور كۆرگۈچنى قوللىنىشنى ئەسكەرتىدۇ. ئەگەر IE تور كۆرگۈچ بىخەتەر نۇقساننى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسا، 360 تور كۆرگۈچ ئابونتقا ئاساسىي كۆرگۈچ قىلىپ ئورنىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
4. باشقا تور كۆرگۈچلەر ئاساسىي كۆرگۈچ قىلىپ ئورنىتىش رەت قىلىنغان
ئابونت باشقا تور كۆرگۈچلەرنى قاچىلىماقچى بولغان ۋاقىتتا، 360 بىخەتەر مۇھاپىزەتچىسى تور كۆرگۈچنى قاچىلاشقا رۇخسەت قىلىدۇ، بىراق كۆزنەكتە ئۆزىنى كۆرسىتىپ ئاساسىي كۆرگۈچ قىلىپ بېكىتىشكە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
5. 360 تور كۆرگۈچ قاچىلانمىغان سېستىمىنىڭ شەكىل چۈشۈرۈش نومۇرى بىر ئاز تۆۋەن
360 بىخەتەر مۇھاپىزەتچى ئابونتى سېستىمىغا شەكىل چۈشۈرگەن ۋاقىتتا، ئەگەر 360 تور كۆرگۈچ قاچىلانمىغان بولسا، ئېرىشىدىغان نومۇرى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ. ئەگەر ئابونت باشقا تىپتىكى ۋىروس تازىلاش دېتالىنى قاچىلاپ تور كۆرگۈچنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىماقچى بولسا، ئۇنداقتا 360 بىخەتەر مۇھاپىزەتچىسى دەرھال رەت قىلىدۇ.
6. يۇمشاق دېتال باغلاش ۋە كومپىيوتىرغا ئالدىن قاچىلاش
360 تور كۆرگۈچ بىلەن 360 بىخەتەر مۇھاپىزەتچىنى باغلاپ قاچىلاشقا بولىدۇ، دىئالوگ رامكىسىنى بىۋاستە ئىتىۋەتكىلى بولمايدۇ، كۆپ ساندىكى ئابونت پەقەت (كىيىنكى قەدەم)نى چىكىدۇ.
7. ئېلىۋېتىش تەس
ئەگەر ئابونت 360 تور كۆرگۈچنى ئېلىۋەتمەكچى بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار ئۈچ خىل تاللاشقا دۈچ كېلىدۇ مەسىلەن: ئەسلىگە كەلتۈرۈش، IE9 غا ئۆزگەرتىش، ياكى بىۋاستە ئېلىۋىتىش. ئەگەر ئابونت IE9 غا ئۆزگەرتىشنى تاللىسا، قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ئايرىم بىر دىئالوگ كۆزنىكى سەكرەپ چىقىدۇ دە، (كېيىنكى قەدەم) نى چەككەندىن كېيىن، 360 تور كۆرگۈچ قايتا قاچىلىنىدۇ، شۇنداقلا ئاساسىي كۆرگۈچكە ئايلىنىدۇ.
8. ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئېنتىرنېت تورىغا ئۇلىنىشى تەس
ئەمەلىي مىسالدا كۆرسىتىلگەندەك، ئابونت 360 تور كۆرگۈچنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئېنتىرنىت تورىغا ئۇلانمايدۇ.
ناۋادا مەلۇم بىرەيلەن 360 تور كۆرگۈسىنىڭ بۇ قىلىقلىرىغا پەقەت چىداپ تۇرالماي ئۇنى كومپيۇتېرىدىن قوغلىماقچى بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئاۋارىچىلىقى ئازايماستىن بەلكى تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر,يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: 360، IE، ئىنتېرنېت، توركۆرگۈ، شىركەت، يۇمشاق دېتال
- يازمــا مەنبەســى: [ مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى ]
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 25,315 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 16-كۈنى
- يازما مەنزىلى: learning-to-promote-the-browser-360.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > NASA دىكىلەر يەر شارىنىڭ ئايرىلىپ قالغىنىغا ئۇزاق بولغان قېرىندىشىنى بايقىغان!!!
- كېيىنكى يازما > تاللا بازىرىدىكى ئاشۇ چىرايلىق ئوراپ قاچىلانغان يېمەكلىك سۇ مېيىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش جەريانى!
- خەير خوش IE تور كۆرگۈسى! مىكروسوفت Internet Explorer ماركىسىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
- سىستېمىڭىزنى ئاجايىپ كۆركەم قىلىپ بېرىدىغان بىر ياخشى قورال – XLaunchpad
- Microsoft شىركىتى Nokia نىڭ يان تېلېفون كەسپىنى سېتىۋالدى
- Adobe Photoshop CC رەسمى نەشىرى(官方简体中文正式原版) ئېلان قىلىندى!
- بىر كۇنۇپكا بىلەن تور بېكەتلەردىكى مەزمۇن كۆچۈرگىلى بولماسلىق/مائۇس ئوڭ كۇنۇپكا ئىشلىمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
- زېرىكىشلىك كۈنلەردە مائۇسنىڭ ئىزىنى خاتىرىلەپ قويسىڭىزمۇ خېلى زېرىكىپ قالىسىز
- سامسۇڭ شىركىتىنىڭ دۇنيانى لەرزىگە سالغۇدەك بىڭسىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان 13 ھەقىقەت
- ئالما ئىمپىرىيەسىدىكى سىز بىلمەيدىغان بىر قىسىم ئىشلار
- Adobe CS2 رەسمىي نەشىرى يۈرۈشلۈكلىرى پۈتۈنلەي ھەقسىز | Photoshop/Illustrator/Acrobat/Premiere
- بىر تال قىستۇرما ئارقىلىق 优酷/土豆 نىڭ كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئېلانلىرىنى تەلتۆكۈس كۆزدىن يوقىتىش
دىۋان
مەن دىۋانغا چىقىپ قالدىممۇ نېمە
شۇڭا خوشۇم يوق مۇشۇ 360 نىڭ ھەر قانداق نەرسىسى بىلەن ،
مەن كومپىيۇتىرىمغا ئۇ شىركەتنىڭ ئۇ نەرسىسىنى ، بۇ شىركەتنىڭ ئۇ نەرسىسىنى قاچىلاپ ئىشلىتىمەن، ھەر گىزمۇ بىرلا شىركەتنىڭ نەرسىسىنى ئىشلەتمەيمەن ،
مىسال ؛ غوجىدارغا 金山安全卫士 نى. ۋىروسخورغا 红小伞 نى دىگەندەك. شۇنداق قىلساق ئۇلار بىزنى بىرەر ئىشقا زورلىيالمايدۇ .
تۇلۇق ئېچىلماي قالدى تۇلۇق ئېچىلسا بوپتىكەن ….360مەنچە ياخشى ئەمەستەكلا…
پەقەت خوشۇم چىقمىدى مۇشۇ 360 نىڭ تور كۆرگۈسى بىلەن ، قاچىلاپ بولۇپ يۇيىۋەتمەكچى بولسا كومپىيۇتېرىمنى قاتۇرۇپ ساراڭ قىلىۋىتىدۇ .
ئاھ خۇدا …. بۇ ئۆمۈرۈمدە مېىنىڭ تور كۆرگۈدىن زادى تەلىيىم چىقمايدىغان ئوخشايدۇ
google chrome نى ياكى firefox نى ئىشلىتىڭ، مەن ۋاڭباغا كىرسەممۇ بىرنجى قىلىدىغان ئىشىم google chromeنى قاچىلاش.
360 نىڭ ۋىروسخورورىنى قاچىلسىڭزلا توركۆرگۈچ بىللە چۈشۈدۇ ،
سەل بۇدۇشقاق بۇ ئاداش!
ئەمىليەتتە بىر چاپان خالاس، كۆمپيۇتىردا ie6 بولسا ie6 دىن پەرقى بولمايدۇ. بىراق 360极速 بۇلۇپ قۇيدۇ،极速模式 دا chrome نىڭ ئۈزى،ھەتتا قىستۇرمىسىمۇ تولۇق ئىشلەيدۇ،ie غا ئۆزگەرتىشمۇ ئەپلىك.(ئەجەپ ئېلان بەرگەندەك بوپقالدىمغۇ)
ئۇنى بۇنى قىلىپ يۈرۈپ ئاخىرى IE9 غا كۆچىۋالدۇق،بۇ ھەر ھالدا ياخشىكەن
لۈكچەك دىتال! قەتئى ياقتۇرمايمەن
مىنىڭغۇ 360 نىڭ ھەرقانداق نەرسىسى بىلەن خوشام يوق.
مەن بۇنى ئىشلىتىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى، كۆنۈپلا قاپتىمەن، جىق يەرلىرى قولايلىق بولغاندىكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە زىيان بولسا مىكروسوفىتقا زىيان بولغاندىكىن مەن ئىشلىتىۋېرەي، ماڭا زىيان سالغاندا كۆچەرمەن باشقىسىغا….
360 نىڭ تىگى لۈكچەك ئىدى، شۇ لۈكچەكلىكىنى تولۇق تاشلىمىدى
ما گەپنىڭ جېنى بار… تومۇردىكى قانغا مۇناسىۋەتلىك.
ما گېپىمنى «خاتا» چۈشىنىۋالماڭلا جۇمۇ.. ھەممە دېتاللىرى شۇنداق لۈكچەك.. ئامال يوق، مەن ئىشلىتىپ كۆنۈپ قاپتىمەن.
يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ «تومۇرى» بىر تۇتاش.
360 كۈن يۈزى قىلىنلىق قىلىدىغان يۇمشاق دىتال بۇ
يەنىلا ئوت تۇلكىگە ھىچقايسسى يەتمەيدىكەن ئۇيغۇرچە بىكەتلەرنى كۆرۇش شۇنداق راھەت
بەك قېلىنكەن ھەي، توۋا…
ماقالىدىكى بەزى سۆزلەر سەل توغرا كەلمىگەندەك تۇرامدۇ قانداق؟ «شەكىل چۈشۈرۈش نومۇرى» دېگەن نېمە گەپ ئەمدى؟
بولىدىغان نەرسىلىرى بولىدۇ… تور كۆرگۇگە كەلسەك مەن گوگول تور كۆرگۇسى دەپ 2 3 تور كۆرگۈنى قاچىلاپ … ئۇلانما شەكىلدە كۆپرەك تور بىكەتلەنى فىلىم بىكەتلەرنى كۆرسەم 360 نى … تىزراق ئىچىپ مۇنبەر دىگەنلەرنى كۆرسەم گوگولنىڭكىنى …قەتئىي زورلاش يوق … لىكىن بىخەتەرلىك قاراۋۇلىنىڭ ئىچىدىكى كىچىك ئىقتىدارلا بار…شۇلارنىڭ ئىچىدە ياخشىلىرى بار ..
360 بىلەن سوگو ئىككىسى، ئاقساقاللىق ۋە داپشاقلىق بىلەن ئالدىنقى ئىككى قاتارغا ئۆتۈپتۇ. ناۋادا IEنى پۈتۈنلەي يۇيۋەتسە ئۆزلىرىنىڭمۇ ۋاپات بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قىلىشىپتۇ.
بىزنىڭ ئىدارىدىكى 150 دىن كۆپرەك كومپىيوتېرغا سوگو كىرگۈزگۈچىسى قاچىلاغلىق ئىدى، يىقىندىن بىرى تولا سوگو زىيارەتچىسىنى قاچىلىۋىلىپ، شۇنىڭ بىلەن ھەممىسدىكى سوگو كىرگۈزگۈچىنى يۇيىۋىتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتتىم. ئۇنىڭدىن كۆر بەيدۇنىڭ كىرگۈزگۈچى كۆپ پاكىزە، كۆپ يەگىل ئىكەن. شۇنداق قىلىپ، يانفون ۋە كومپىيۇتېر سۇپىسىدا 360 ۋ سوگوغا مۇناسىۋەتلىك ھىچنىمە قالدۇرماپتىمەن.
كۆك كەپتەر ئەپەندى، ئېيتقىنىڭىز ئورۇنلۇق، شۇڭا مەن گوگىل كىرگۈزگۈچىسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن، ئەزەلدىن ماڭا بىر نەرسىسىنى زورلاپ باقمىدى.
360 نىڭ مەھسۇلاتلىرى ياخشى ھەم قولايلىق . مەنمۇ 360 نىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشىلتىمەن. ئۇنداق قىلسا نىمە بوپتۇ .ھەممە نەرسىسىنى ھەقسىز تەمىنلىگەن تۇرسا ، پۇل ئالغان بولسا ئۇنداق دىمەيتىڭلار ھە ،
360 نىڭ قۇشۇمچە ئىقتىدارى بولىدۇ خېلى…… لىكىن مەن ieدىن باشقىنى پەقەت ئىشلىتىپ باقمىدىم ھازىر 9.0 نى ئىشلىتىۋاتىمەن.
ۋاخاخاخاخا ھەجەپ قىززىق ئىشكىنا
360 نىڭ ۋىروسخورى بولىدۇ.
لىكىن تور كۆرگۈچىسى بىر ئەخلەت.
مەنمۇ ئۇچۇرۋەتتىم 360 تور كۆرگۈچنى ھازىر گوگىل تور كۆرگۈچ ئىشلىتىۋاتىمەن. 360تور كۆرگۈچ راسلام بەك ناچار
Chrome بىلەن IE9 ياكى ئۇنىڭ يۇقىرى نەشرىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى، بىخەتەرلىك غوجىدارى، مۇھاپىزەتچىسى، تېز كۆرگۈ، بىخەتەر كۆرگۈ دېگەندەك ئىسىملارنى كۆرسەملا كۈلگۈم كېلىدۇ.
360 بەك خۇمسا