نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

سامسۇڭ شىركىتىنىڭ دۇنيانى لەرزىگە سالغۇدەك بىڭسىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان 13 ھەقىقەت

SAMSUNG شىركىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئادەمگە ھەمىشە بىر خىل سىرلىق تۇيغۇ ئېلىپ كېلىىدىغان بولۇپ، بۇ كورىيە شىركىتىنىڭ تىجارەت ئۇسۇلى ئادەتتە ئوخشاش ساھەدىكى باشقا شىركەتلەر بىلەن زور پەرقلىنىدىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ شىركەت پەن تېخنىكا ساھەسىدىكى ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدىكى ھەر خىل ئۆزگىرىشلەر، چېكىنىشتىن كېيىنكى قايتا گۈللىنىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپمۇ، قەتئىي يىقىلماي كەلدى. سامسۇڭ شىركىتىنىڭ كۆلىمىنىڭ زور بولۇشى شۇنداقلا  مەھسۇلات تۈرلىرىنىڭ كەڭ بولۇشى قاتارلىق ئامىللار ئاللىقاچان كارخانىلار تىجارىتىدىكى پەرھىز تۇتۇشقا تېگىشلىك ئامىللارغا بېرىپ تاقالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ شىركەتنىڭ يەنىلا ئۆزلۈكسىز ھالدا توختىماي مۇۋەپپەقىيەت قازىنشى يەنىلا جاھاننى لەرزىگە سالىدۇ.

samsung

ئۆتكەن 10 يىل جەريانىدا، پۈتكۈل يەر شارى بويىچە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان شىركەت ئادەتتە ئالما شىركىتىگە مەنسۇپ بولۇپ، بۇ شىركەت پەن تېخنىكا ساھەسىدە ئىنقىلاپ خاراكتېرلىك ئىجادىيلىقلارنى بارلىققا كەلتۈردى شۇنداقلا مۇشۇ ساھەدە ئەڭ ئاز بولغان مەھسۇلات تۈرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقىلا كۈچ سەرپ قىلدى.
لېكىن ئالما شىركىتىنىڭ كورىيىدىكى رىقابەتچىسى بولغان سامسۇڭ شىركىتى يەنە ئۆز ئالدىغا ئوخشىمىغان بىر خىل يول تۇتقان بولۇپ، بۇ شىركەت ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزلۈكسىز نۇسخىلاش  يولى ئارقىلىق، يەنە تېخىمۇ كۆپلىگەن ساھەلەردىكى ئېلىكتىرون ئۈسكۈنىلىرى ھەم دېتاللارنى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان.
ئۆتكەن 10 يىل جەريانىدا، غايەت زور تىپتىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى چەكلىمىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئىقتىسادىي كىرىزىس تۈپەيلى ئاممىباپ ئېلىكتىرون مەھسۇلاتلىرى (GE) كەسپى مۈشكۈللۈككە ئۇچراپ، يېڭى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىمۇ ھەم كەينىگە چېكىنگەن ئىدى.
ئەكسىچە سامسۇڭ شىركىتىگە  نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇ شىركەتنىڭ كۆلىمى زورىيىپ، ئىگىلىكى گۈللەندى شۇنداقلا ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشقا قاراپ ماڭدى. بۇ شىركەت ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدە، نۇرغۇنلىغان ئاسمەنپەلەك بىنالارنى قۇرۇپ چىقتى، زور تىپتكى كېمە پاراخوتلارنى ياساپ چىقالىدى شۇنداقلا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون، تېلىۋىزور ھەم توڭلاتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىمۇ توختىماي مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ كەلدى.
يېقىندا < سودا ھەپتىلىك ژۇرنىلى> سامسۇڭ شىركىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بولۇپ، BusinessInsiderتور بېكىتىمۇ ھەم بۇ شىركەتنىڭ كىشىلەرگە .ئۇنچە تونۇشلۇق بولمىغان 13 خىل سىرىنى تىزىپ چىقتى، دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن.
132308320_11n

سامسۇڭ شىركىتى ئەڭ دەسلىپىدە 1938-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ گۇرۇھنىڭ چېتىلىدىغان كەسپى ساھەسى بولسا 80 خىل ئوخشىمىغان تۈرلەرگە يېتىدۇ.

132308320_21n

سامسۇڭ شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش بۆلۈمى بولسا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ئىمارەت- دۇبەي خەلىفە مۇنارى (Burj Khalifa) نى قۇرۇپ چىققان.

132308320_31n

سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ ئېغىر سانائەت بۆلۈمى (Heavy Industries) كۆلىمى 370 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان يەردە كېمە پاراخوتلارنى ياسايدۇ..

132308320_41n

سامسۇڭ ئېلىكتىرونى (Samsung Electronics) نىڭ پۈتۈن يەر شارى بويىچە 370 مىڭ نەپەر خىزمەتچى خادىمى بار.

132308320_51n

سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ خىزمەتچى خادىملارنىڭ مائاش تەمىناتى ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان مەبلىغى 12 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.

132308320_61n

سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتكۈل كورىيە GDP سىنىڭ %17 نى ئىگەللەيدۇ.

132308320_71n

سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئۆتكەن يىللىق ئېلان چىقىمى تەخمىنەن 4 مىليارد ئامېرىكا  دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، بۇ شىركەت يەنە تىجارەت مەبلىغى ئۈچۈن 5 مىليارد ئامېرىكا  دوللىرىنى ئايرىم ئاجراتقان.

132308320_81n

2011-يىلى سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ساپ تىجارەت كىرىمى 247 مىليارد ئامېرىكا  دوللىرىغا يەتكەن.

132308320_91n

سامسۇڭ ئېلىكىتىرونىنىڭ ئۆتكەن پەسىلدىكى پايدىسى 8 مىليارد 270 مىليون ئامېرىكا  دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ پايدىسى كۆپ قىسىمنى ئىگەللەيدۇ. لېكىن سېلىشتۇرۇپ قارايدىغان بولساق، گوگۇل شىركىتىنىڭ ئۆتكەن پەسىللىك تىجارەت كىرىمى 3 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا  دوللىرى بولغانىدى.

132308320_101n

2012 -يىلى، سامسۇڭ شىركىتى 215 مىليون 800 مىڭ تال ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سېتىپ چىقارغان بولۇپ، بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سېتىش رەت تەرتىپىدە 2-ئورۇن، 3-ئورۇندا تۇرغان ئىككى شىركەت سېتىپ چىقارغان يانفونلارنىڭ مىقدارىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ ھەم كۆپ چىققان.

132308320_111n

سامسۇڭ شىركىتى تەرەپنىڭ تور بېكىتىدە سېتىلىدىغان يانفونلار تۈرى 145 خىلغا يېتىدىغان بولۇپ، لېكىن ئالما شىركىتىنىڭ يانفون مەھسۇلاتى بولسا پەقەتلا 3 خىل، يەنە كېلىپ يانفونىنىڭ رەڭگى پەقەت ئىككى خىل بىلەنلا چەكلىنىدۇ.

132308320_121n

سامسۇڭ شىركىتى بولسا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تېلىۋىزور ياساش شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ تېلىۋىزورلىرىنىڭ بازار ئىگەللەش نىسبىتى بولسا ئۇدا 6 يىل ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.

132308320_131n

ئېيتىشلارغا  قارىغاندا، سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرى ئىلگىرى گېرمانىيىدىكى بىر مېھمانخانىدا سامسۇڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئۇدا ئۈچ كۈن < تەنقىد قىلغان> بولغاچقا، شۇڭا بۇ شىركەت Samsung بولۇپ قالغان ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ شىركەت يەنە بۇ لىدىرنىڭ سۆزلىرىنى بېسىپ چىقىرىپ، شىركەت باشقۇرۇش كىتابى قىلغان ھەم بۇ سۆزلەرنى كۆرسەتكۈچلۈك پىرىنسىپ قاتارىدا كۆرۈپ كەلگەنىكەن.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. غېرىپجان 2013.04.15 , 13:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۈگۈن تېما دىگەن يېغىپ كەتتىغۇ..

  2. ھۆرقىز 2013.04.15 , 13:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خېلى بىرنىمىلەرنى بىلىپ قالدىم جۇمۇ
    كورىيەنىڭ تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىدا ئالاھىدە كۆرۈنۈشتە كۆرسىتىدىغۇ سامسوڭنىڭ تېلىفۇنلىرىنى

  3. ئەركە 2013.04.15 , 13:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كورىيەنىڭ يەنە نۇرغۇن كىنولىرىدا Apple مەھسۇلاتلىرىنى خېلى ئوبدان ئىشلىتىپ قويىدۇ جۇمۇ ! مەسلەن، شەھەرلىك ئوۋچى دىگەندەك. يەنە PSY مۇ iPhone5 ئىشلىتىدىكەن تېخى.

  4. ئەركە 2013.04.15 , 13:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    لېكىن سامسۇڭنىڭ تىرىشچانلىقىغا زادى قول قويىمەن !

  5. سۇمپىيان 2013.04.15 , 13:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ﺳﺎﻣﺴﯘﯕﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺩﺍ ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ Samsung ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪن دىگەن نىمە دىگەن گەپا؟

    • ئەركە 2013.04.15 , 13:23

      ئۇدا ئۈچ كۈن «تەنقىد قىلغان » بولغاچقا ئىكەنغۇ ئاينا !

    • سۇمپىيان 2013.04.15 , 13:32

      ئۈچ كۈن تەنقىد قىلسا نىمىشكە باشقا نەرسە دىمەي سامسۇڭ دەيدۇ دەيمەن؟

  6. ئەركە 2013.04.15 , 13:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تېما ماۋزۇسىدىكى « بىڭسى » دىگەن گەپنى ئۇيغۇرچە « تالانتى » دەپ ئالساق بولماسمىدى ؟!

  7. سەردارى 2013.04.15 , 13:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن مۇشۇ ئاندىرويىدقا قىزىقماس بوپ قالدىم ئالما بىلەن ۋىندوۋىسفون8 گە خىلى ھەۋىسىم با ھەۋىسىم با

  8. قۇتلۇق مىرزا 2013.04.15 , 13:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ‹‹سامسۇڭ شىركىتى تەرەپنىڭ تور بېكىتىدە سېتىلىدىغان يانفونلار تۈرى 145 خىلغا يېتىدىغان بولۇپ، لېكىن ئالما شىركىتىنىڭ يانفون مەھسۇلاتى بولسا پەقەتلا 3 خىل، يەنە كېلىپ يانفونىنىڭ رەڭگى پەقەت ئىككى خىل بىلەنلا چەكلىنىدۇ.›› سامسۇڭ شىركىتىىڭ ئىستىمالچىلارغا بەرگەن تاللاش پۇرسىتى ھەقەقەتەن كۆپ~ بۇ جەھەتتە ئالما سامسۇڭنىڭ قۇلىغا سۇقويۇپ بىرەلمەيدۇ.

    • خىيال 2013.04.16 , 01:21

      ئالما شۇنىڭ ئۈچۈن ئالما بولۇپ تۇرالىغان، پەقەت 3 خىل لايىھە بىلەن 145 ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپ ئىشلەپچىقىرىلغان يانفۇنلارنى دەسسەپ تۇرىدۇ ئاينا…

    • قۇتلۇق مىرزا 2013.04.17 , 10:46

      ‹‹2012 -يىلى، سامسۇڭ شىركىتى 215 مىليون 800 مىڭ تال ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سېتىپ چىقارغان بولۇپ، بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سېتىش رەت تەرتىپىدە 2-ئورۇن، 3-ئورۇندا تۇرغان ئىككى شىركەت سېتىپ چىقارغان يانفونلارنىڭ مىقدارىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ ھەم كۆپ.›› ئىسپات بىلەن سان سېفىر بىلەن سۆزلەيمىز!!

  9. سەردارى 2013.04.15 , 13:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋانننننننننننننننننننننن قىنى سەن

    • قۇتلۇق مىرزا 2013.04.17 , 10:46

      ‹‹2012 -يىلى، سامسۇڭ شىركىتى 215 مىليون 800 مىڭ تال ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سېتىپ چىقارغان بولۇپ، بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سېتىش رەت تەرتىپىدە 2-ئورۇن، 3-ئورۇندا تۇرغان ئىككى شىركەت سېتىپ چىقارغان يانفونلارنىڭ مىقدارىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ ھەم كۆپ.›› ئىسپات بىلەن سان سېفىر بىلەن سۆزلەيمىز!!!

  10. خۇشال 2013.04.15 , 15:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دۇبەي خەلىفە مۇنارىنىمۇ مۇشۇ خەخلە قۇرۇپ چىقىپتىكەندە ……………

  11. تاماشىبىن 2013.04.15 , 15:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنىڭ ياپونىيە ئاپتوموبىل شېركەتلىرىگە ئوخشاش ھەربى سانائەت ئۈسكۈنىلەرنى ئىچكى قىسىمدا دۆلەت ئۈچۈن ياسايدىغان كەسىپلىرىمۇ بارمىدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا ۋەيران بولۇش سامسۇڭ ئۈچۈن مەۋجۈد ئەمەس ئىش بولاتتىدە

    • بىلگە 2014.01.08 , 17:47

      بۇ شىركەتنىڭ يەنە سىز دىگەندەك ھەربىي سانائەت ئۈسكۈنىللىرىنى ياسايدىغان تارماق بلۆلۈمىمۇ باركەن، يەنە ئاپتوموبىل ياساش كەسپىمۇ باركەنتۇق، بىراق رىقابەت كۈچلۈك بولغاچقا ئاپتوموبىل ياساش كەسپىنى فىرانسىيەنىڭ رىينو دىگەن شىركىتى بىلەن بىرلىشپ باشقۇرىدىكەن.

  12. ۋاقتىم 2013.04.15 , 15:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سامسۇڭ شىركىتى ئەڭ دەسلىپىدە 1938-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ گۇرۇھنىڭ چېتىلىدىغان كەسپى ساھەسى بولسا 80 خىل ئوخشىمىغان تۈرلەرگە يېتىدۇ.
    بۇ شىركەتكە شۇنچىلىك قايىلمەن، چۈنكى قانداقلا مەسھۇلات ئىشلەپچىقارمىسۇن ھەممىسى ناھايتى ئىشەنچىلىك،پۇختا، كۆركەم… ئەلۋەتتە ئىزچىل شۇنداق ھالىتىنى ساقلاپ قالالىغىنى ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دۇنيانى لەرزىگە سالدى…

  13. بېغەم 2013.04.15 , 18:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ خەق ئاپتوموبىل ياسىمامدىغاندۇ؟؟ بۇلار رىقابەتكە يامان !

  14. ئەركە 2013.04.15 , 20:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ يىقىننىڭ ياقى تورخۇمار «نۇر تورى» غا ئوخشىشىپ قېلىۋاتىدۇ.
    دىمەكچى، نۇر تورىنى كۆرسەك تورخۇمارغا كىرىش ھاجەتسىزدەك بوپقېلىۋاتىدۇ.

    • مەنسۇر 2013.04.15 , 20:55

      ھەجەببىي دېدىڭلا، مۇشۇ كەمدە مەنمۇ بەزىدە شۇنداراق ھېس قىپمۇ قاغان چاغلىرىممۇ ئاز ئەمەس، بۇ دىگەنلىك تورخۇماردىكى ھەممە تېما شۇندا دىگەنلىك ئەمەس، پەقەت بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا.

    • دىلخۇش 2013.04.15 , 22:07

      زادى كىم كىمدىن كۆچۈرۋاتىدۇ ؟ بۇنىڭ بىلەن كارىمىز يوق دەيلى … ؟

    • ئابومجان 2013.04.15 , 22:18

      مىنىڭچىمۇ ئەدەبىي يازمىلارنى مۇنبەرلەردىنلا كۆرۈپ تۈگەتسەك بوپتىكەن ، مانداق تىمىلار جىقلاپ قالسا تورخۇمارنىڭ خاسلىقىغا تەسىر يىتىدىغان ئوخشايدۇ ، يېڭى يېڭى پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى ، ئۇيۇنلار توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ، ئالەمدىكى ئاجايىپ غارايىپلار ، مىنىڭچە ماۋۇلار بەكرەك قىزىقتۇرالايدۇ خۇماداشلارنى

    • خىيال 2013.04.16 , 23:56

      ھېچكىم كۈچۈرمەيدۇ، شۇ ئورتاق ئىشلىتىدۇ :lol:

  15. ئابومجان 2013.04.15 , 22:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر ھۆججەتلىك فىلىمدىن كۆرگەنتىم سامسۇڭنىڭ كورىيەدە ئەپلىشىدىغان تۈرلىرى بەك جىقكەن، ئۆي مۈلۈك، كىيىم كىچىك ، يىمەك ئىچمەك ، سانائەت ، قۇرۇلۇش … ئىشقىلىپ بىز ئويلىيالىغاننىڭ ھەممىسىنى قىلىدىكەن بۇلا ، يامان يىرى كورىيەدە گېزىت ژۇرنال تېلۋىزور مىترو ئاممىۋى قاتناش ، نەگىلا قارىسىڭىز سامسۇڭنىڭ ئىلانىكەن،بەزى كورىيەلىكلەر سامسۇڭدىن پەخىرلەنسە يەنە بەزىلەردە سامسۇڭنىڭ ئىلانىنىڭ تۇلىلىقىدىن بىر خىل سەسكىنىش زىرىكىش ئالامەتلىرى كۈرۈنۈپتۇ ، دىمىسمۇ ھەسەلنى كۈندە يىسە ئەمەن تېتىيدۇ ئەمەسمۇ …

  16. ئابومجان 2013.04.15 , 22:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قۇشۇمچە گەپ قىلسام ، دەسلىپىدە ئارماننىڭ ئىلانىغا خېلى ئامراقتىم ، ھەي توۋا ئارماننىڭ مەھسۇلاتلىرىنى خەلىق خېلى تۇنيىدۇ ، تېلۋىزور ئىلانلىرىنى سەل ئازايتىپ تەننەرخىنى سەل تۆۋەنلەتسە بۇلاتتى، تۇلۇقتا ئۇقۇيدىغان ۋاقىتلاردا بىر قاپ قۇۋۋەت تالقان 13كويتى، ھازىر 25 كويلار ئەتراپىدىكەن ، تېلۋىزور ئىلانلىرى ئۇنداق ئەزانمۇ ئەمەس ، مىللى كارخانىلار مۇشۇ يېڭىچە ئىلاندىن تازا ياخشى پايدىلنالمايۋېتىپتۇ ، مىسالغا ئالساق شۇنچە زور ئارمان گوروھىنىڭ مىكرو بىلوگدا تەشۋىقات قىلغۇدەك نۇمۇرىمۇ يوقكەن ، ئىچكىرىدىكى بەزى شىركەتلەرنىڭ مەخسۇس مىكرو بىلوگنى ماڭدۇرىدىغان گۇرۇپپىسى بۇلدىكەن ، لىكىن مىللى كارخانلار سەل قاراپ قالدى ، ئۆزەمنىڭ كۆز قارشى…

  17. Mr. President 2013.04.15 , 22:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سامساقنىڭ تېلىفونىدىن باشقىسىغا قىزىقمايدىكەنمەن…

  18. ئىلىچىن 2013.04.16 , 00:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راسلا قول قويغۇدەك شىركەتكەن بۇ…. خەلىپە مۇنارىنىمۇ مۇشۇلا ياساپتىكەن دىسە..تېىلفۇنلا ياسامتىكى دىسەم تېخى پاراخۇتمۇ ياسايدىكەن

  19. بانكىر 2013.04.16 , 00:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارنىڭ ئىلگىرىكى ئادەمنى تەقەززا قىلىپ يىڭى تىما چىقىدىغان چاغلىرىنى خۇيما سىغىندىم جۇما:cry:

  20. سېرژانت 2013.04.16 , 12:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇلارنىڭ ھەتتا ئۇن زاۋۇتىمۇ بار.

  21. سەبداش 2013.04.16 , 13:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىمىسىمۇ بۇ شىركەت جوڭگۇدىكى تېڭشۇنگە بەك ئوخشايدۇ دوراپ ياساپ بولسىمۇ پايدىنى بەك ئالىدۇ.:arrow::arrow::arrow::arrow:

  22. yaxa10 2013.04.16 , 23:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ شىركەت نەدە دوراپ ياسايدۇ،ئۆزى ئىجات قىلىپ ياسايدۇ،ئىشلەتكىنى ئاندرويىد سېستىمىسى،دورىغىنى يوققۇ

  23. سىناق 2013.04.19 , 02:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دورىمايدۇ

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量