SAMSUNG كىرئالغۇسىنىڭ ئۆزگىچە ئېلانى، بۇلارنىڭ يانفون ئېلانلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ سەتەڭ چىقىپتىمۇ نېمە؟!
SAMSUNG نىڭ يانفون ئېلانلىرىدا ھەمىشە iPhone ياكى iPhone ئىشلەتكۈچىلىرىنى تېرىكتۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، كىشىگە بەرگەن تەسىرىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس، ئەمما شۇنى ئېتىراپ قىلىشىڭىز كېرەككى، ئۇلارنىڭ كىرئالغۇ ئېلانى ھەقىقەتەن قالتىس چىققان دېيىشكە بولىدۇ، مەزمۇنى ئىنتايىن ئۆزگىچە!
بىز كۆرىدىغان كۆپىنچە كىرئالغۇ ئېلانلىرى، ھەتتا دىيارىمىزدا ئىشلىنىۋاتقان كىرئالغۇ ئېلانلىرىدىن تارتىپ، خوتۇن ياكى ئاپا ياكى بالا قاتارلىق پېرسوناژلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ئەمما Samsung نىڭ بۇ قېتىملىق تەسەۋۋۇرى ئۆزگىچە بولۇپ، پەقەت بىر ئېيىقنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ، كۆرۈرمەنلەرنى كىرئالغۇغا نىسبەتەن باشقىچە بىر خىل كۆز قاراشقا ئىگە قىلماقچى بولغان، يېڭىچە تۇيغۇ بېرىش بىلەن بىرگە يەنە كىشىگە قالدۇرغان تەسىرى چوڭقۇر.
ناۋادا SAMSUNG نىڭ يانفون ئېلانلىرىمۇ كەچكىچە باشقىلارنى چىشلەپ تارتماي، مۇشۇنىڭدەك ئىجادىيەتكە تويۇنغان بولسا، ئىشىنىمەنكى سېتىلىش مىقدارى تېخىمۇ يۇقىرى بىر بالداققا كۆتۈرۈلىشى مۇمكىن.
SAMSUNG نىڭ يېڭى كىرئالغۇ ئېلانى:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Samsung، ئىجادىيەت، ئېلان، تەسەۋۋۇر، قالتىس، قىزىقارلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,108 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 01-ئاينىڭ 24-كۈنى
- يازما مەنزىلى: samsung-ecobubble-bear.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تەتىلى بار تورداشلار زېرىكتىڭلارما؟ بىللە كىنو كۆرىمىز – 2012-يىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى بېلەت كىرىمىلىق دۇنياۋى 10 كىنو
- كېيىنكى يازما > [سادىغان كىتەي] باۋگۇڭدىن دېلو چىقماس، يوۋكۇدىن كىنو – مەن كىنونى مۇنداق كۆرىمەن!
- 2016-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
ۋوي دىۋان !!!
راس دىۋان ، پىشايۋەن ، كىگىزلەرنىڭ ھەممىسى بۈگۈن سىزگە مەنسۇپ بوپتۇ !
دىۋان بەك پەيزە ھە ..ئولتۇرۇپ باققان ئادەم بىلىدۇ.
زادى بۈگەن يېڭى تىما چىقىدىغىنىنى پەرەز قىلغان ! دىۋان دىگەندە بىزمۇ ئولتۇرۇپ باقىنى
قىيىن ئىش يوق ئالەمدە ، توختىماي شۇۋاشىن قىلغان ئادەمگە
يا ئاللا تىلىۋىزوردا بىرىدىغان ئىلان دىگننى ماندا ئىشلەسى بىز مۇ قانال يۆتكىمەي ئولتۇرۇپ تازا كۆسەك بوممامدا دېيمە.
ھە راس ما ئابدۇكىرىمكامنىڭ ئىنىرگىيە دىگەن پوش پوش دىمەي كىلىدۇ دىگەن ئىلانىغا بەك ئامراق مەن
يېڭىلىق بار
ئازراق چۈشۈندۇرۇپ قۇياي ، شۇۋاشىن دەپ خەنچە ئارلاش يېزىپتۇ دەپ تىللاپ تويغۇزۇپ قويماڭلا ، ئازراق قاپىيە ئويناپ قويدۇم
مەن ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ شۇ ئېلانىدىن ئازراق Bug نى ھېس قىلىپ قالدىم ( قۇسۇر تاپتى دىمەسسىلەر )
ئابدۇكېرىم ئابلىز ھېلىقى ئاداشقا قاراپ جىم تۇ پاشا دەپ ئارقىسىدىن بىرنى ئۇرىدۇ، ھېلىقى ئاداش ئابدۇكېرىم ئابلىز قاراپ تۇرغان تەرەپكە ئۇچۇپ كېتىدۇ، لېكىن ئابدۇكېرىم ئابلىز ئۇ ئاداش ئۇچۇپ كەتكەن تەرەپكە قارىماي ماۋۇ يان تەرىپىگە قاراپ قۇربانجان دەپ چاقىرىدۇ، دىمەكچى بولغىنىمنى چۈشەنگەنسىلەر ، بۇ خۇددى بىرسى يەنە بىرسىنىڭ قېشىغا كېلىپ ئوڭ قۇلىقىغا گەپ قىلسا سول تەرەپكە قارىغاندەكلا تۇيۇلدى … ئېلان ناھايىتى ياخشى چىققان ئېلان ، لېكىن ئەشۇ بىر كىچىككىنە ئىشقا دىققەت قىلماي قاپتۇ، باشقا ئېلانلىرىنى خېلى ياقتۇرىمەن، مەسىلەن توپنى تېپىپ بېرىدىغان، يەنە ئاچكۆز قوغدىغۇچىسى …. دىگەندەك ….
___
يۇقارقىسى مەن بايقىغان ئازراقلا سەۋەنلىك ، يەنە بىر دىسەم مېنى قەستەن قۇسۇر تاپتى دىمەسلىكىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن !
ئابومجان، زىيادە ھاياجانلىنىشتىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە كۇلۇبىمىز ئىگە بولمايدۇ. ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى!
راس بىر شىڭگىل ھاياجانلىنىپ كىتىپ بىر مۇنچە جۆيلۈپ ساپتىمە ، سەل خىجىل بوپ قالدىم
ئەسكەرتكىنىڭزگە رەخمەت ۋىروسجان ، ئاقىۋىتىگە ئۆزەم ئىگە
.تورخۇمارغا تېمىنى قانداق يوللايدۇ….؟؟ بىزلە بىرە تېما چىقىرامامدۇق؟؟
پات يىقىندا سىرتتىن ئەسەر يوللاش ئىقتىدارى ئىچىلىۋېتىلىدۇ.
ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم ۋىروس قارىم !!!!!!!! مۇشۇ يەردىلا دەۋىتەي پىكىرىمنى ……
سىلەرمۇ قۇتيار تورىغا ئوخشاش تىلىفوندا چىقسا ئۆلچەملىك نۇسخىسى ، كومپىيۇتىر نۇسخىسى دەپ چىقىدىغان قىلساڭلار ، تىلىفوندا چىققانلار قانداق چىققۇسى كەلسە شۇنداق چىقسا ……… قايسى كۈنى بىر سىن تىلىفونۇمدا ئىچىلغان ، سەل پەل چىقىپلا چىقماس بولدى ، ھىلىقى كورىيىلىكنىڭ يىڭى ناخشىسىنىڭمۇ ئاۋازى بار سۈرىتى يوق ، مۇشۇنداق چاغلاردا كومپىيۇتىر نۇسخىسى ئەسقاتارمىكىن دەپ قالدىم .
ئەلۋەتتە …… بۇ مىنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم ، تەدبىركار بىلەن ئويلىشىپ باقارسىلەر پىكىرىمنى …..
ئابومجان بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىمۇ نىمە …؟! ساپساقلا بالىتتى مانا … تېخى قايسى كۈنى مۇشۇ تورخۇماردا تاققا-تۇققۇ ئويناپ يۈرەتتى… ئوڭشىلىپ قالار ….
———————
ئەممازە ئېلان بولسا ماشتا بولسا ، بىزمۇ ماۋۇ قۇرۇق گەپلا چىقىدىغان ئۇيغۇرچە تىلىۋېزىيە فىلىملىرىنى كۆرۈۋېتىپ قاچان ئېلان باشلار دەپ 5 كۆزىمىز بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرار بولغۇيتۇق ….
ئەركەكجان ما دىۋاندا سىلىمۇ بى ئولتۇرۇپ باقسىلا ، شۇ ۋاقتا كۆرىلا كارامەتنى
ھە شۇ تورخۇمارغا ئامراقلىقىمىزدىن ئاندە مۇندە سۆزلەپ قالىدىكەنمىز .
ئىنكاسلارنى جىق جىق يازساق ، ما مۆلدۈلەپ توغان ئىلانلانى بى ئۇنتۇپ قامماي چىكىپ بەسەك ، تورخۇمارغا يازما يازىدىغان قەلەمكەشلەرنىڭمۇ ھادىغۇ چىقىدىغاندۇ دەپ ئويلايمە .
ئېلان دىگەن مۇشۇنداق بولسا
دىيارىمىزدا مۇشۇنداق ئىلانلار قاچان ئىشلىنە . بار بولسىمۇ لىكىن تايىنى يوق لاۋزا ئىلانلارنى ماڭدامدا بىر بەرگەن . بۇ ئىلانمۇ خىلى تەبئىي چىققان دىيىشكە بولىدۇ …
مەن نورمال كۆرەلمىدىم ماۋۇ ئېسىل ئېلاننى
بۇنى سامسۇڭنىڭ ئېكرانىدىن باشقىسىدا چىقمايدۇ دەيدۇ…..دەرھال سامسۇڭنىڭ ئېكرانىدىن بىرنى سېتىۋېلىڭ ……
بىز دىگەن سامسۇڭ مارلىكىلىق ئىكران ئىشلىتىمىز سىزمۇ دەرھال سېتىۋېلىڭ
مەن بۇ كۇلۇب تىكىلەر نى. ئنتايىن بلىملىك. كېشېىلەر دەپ ئويلايمەن بىر ئىشقائاۋارە قىلسام. مىنىڭ. ipad. تىم نى قانداق قىلسام. ئۇيغۇر تور بەت لەر دىكى. كىنو.( flax)لار نى كۇرەلەيمەن. بىر ياردەم قىلغان بولساڭلا.
www.pasiban.com پاسىبان كۇلۇبىغا كىرىپ ئىزدەڭ، بۇنىڭغا ئاشۇ يەردە جاۋاپ بېرىلىپ بولغان ئىدى . ئىزدىسىڭىز تاپالايسىز .
بۇ چەتئەللىكلەرنىڭ نەزەر دايىرسى بەكلا كەڭ كىلىدكەن..ئەلۋەتتە شارايىتمۇ تەييا بۇ گۇيلادا…(كاللا ئۇچۇق)
سىزگە دىسەم دوستۇم ئۇلاردا بار كاللا بىزدىمۇ بار، لېكىن بىزدە پەقەتلا تېخنىكا كەم …
Forever .مىنىڭ شارايىت دىگىنىم شۇ ئەمەسمۇ…….
تېخنىكىمۇ كەم ئەمەس، بىزگە ئوخشاش بالىلار شىنجاڭدا ساماندەك، ھېلىغۇ ئېيىق كىيمىنى سېلىپتۇ، ھەتتا لەھەڭ ئۆزىنىڭ يالغان چىشىنى چىقىرىپ ئىستاكانغا سالىدىغان كۆرۈنۈشلەرنىمۇ ياساپ بېرەلەيمەن… بىزدە كەمى نېمە دېسىڭىز شۇنىڭغا چۇشلۇق مەبلەغ چىقىرالايدىغان ئادەم كەم، يەنە كېلىپ شۇنچە مەبلەغنى سېلىپ ئىشلىگەن ئېلاننى كۆرۈپ، چۈشىنەلەيدىغان ئادەم كەم، يەنە نېمە كەم دېمەمسىز، شۇ ئېلان ھەققىگە چۇشلۇق ئىقتىساد يارىتىدىغان بازار كەم…. كەم نەرسە جىق، ماڭىمۇ دەھشەت تېخنىكىلارنى راھەت ھەم تېز ئىشلەيدىغان نەچچە ئون مىڭ يۈەن پۇل كەم، ھەم ماڭا پۇل بېرىپ تۇرىدىغان ئادەم كەم، ئۇ ئادەمنى تاپتۇقمۇ دەيلى، شۇ پۇلنى تېپىپ بولىدىغانغا يەنە ماڭا پۇل چىقىرىپ ئېلان، كىنو ئىشلىتىدىغان خېرىدار كەم… ئۇ خېرىدارغا نېمە كەم؟ گەپنى يەنە باشتىن باشلايمىز…
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم .خىيال .. بۇ پىكىرىڭىز ئاقىلانە پىكىر بولدى…..بىز شۇ(10قەۋەتلىك بىنا سالايدىگەنتىم.شۇ پۇل يوخ ) دەپلا ئولتۇرۇشنى بىلىمىز…
شۇڭا نەزەر دائىرىمىزنى تېخىمۇ كەڭ قېلىپ، مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق خىيال قىلساق، جاھاندىكى نۇرغۇن ئىشلارنى سورىماي تۇرۇپ ھەم بىر ئېغىز زۇۋان سۈرمەي تۇرۇپمۇ چۈشەنگىلى بولىدۇ. ئاستا ئاستا كىلىدىغان ئىش. جەريان كېرەك. ئومۇمەن كۆپ ساندىكى خەلقىمىز يانفۇندا قىسقا ئۇچۇر يېزىشنى ئۆگەنگىلى تېخى نەچچە يىل بولمىدى، ھازىرمۇ يەنە مىلىيوندىن ئاشىدىغان خەلقىمىز قىسقا ئۇچۇر يېزىشنىمۇ بىلمەي ئولتۇرىدۇ قاراڭغۇ ئۆيدە. زاماننىڭ ئالدىدا ماڭدۇق دەۋەلىمىز بىزمۇ، بۇمۇ بىر قۇرۇق گەپ! زاماننىڭ ئالدىنى چۈشۈنۈپ ماڭدۇق دېسەك توغرا بولىدۇ… Forever بۇرادەر بۇ سۆزلەرنى سىزگە قارىتىپ دېمىدىم جۇمۇ، تەنقىد ئەمەس، مەن بىر يېزىپ قويسام نۇرغۇنلىغان دوستلىرىمىز كۆرۈپ پايدىلانسا ئەجەپ ئەمەس… بولدى ئەمدى گەپ قىلماي. يەنە گەپ قىلسام تورخۇمار جىق گەپ قىلىدىغان بالىكەن بۇ دەپ IP رىمنى چەكلەپ قويمىسۇن يەنە…
بۇ كىرئالغۇىڭمۇ ئىشتىھاسى خېلى بارمۇ نېمە ئۆزى كىچىك بولغانغا
خىيال دىگەندەك بىز دەۋىرنىڭ ئالدىنى كۆرۈپ ماڭدۇق.نۇرغۇن كىشىلىرىمىز دەۋىرنىڭ بېشىنى كۆرۈشكىمۇ ئۈلگۈرگىنى يوق.
ماۋۇ خىيال دىگەن بالىنىڭ گېپى ھېلىقى بىر خەنزۇ رېژسورنى ئەسلىتىپ قويدى. ئەگەر مەندە 100مىلىيون بولسا ئاۋاتارنى ئىشلىيەلەيتىم ئۇ ئادەتتىكى ئىش دەپ. ئاندىن ئۇنىڭغا كەلگەن جاۋاب ئاندىن قىززىق……….
بىزنىڭ چۈشىنىش ئەقلىمىز چەتئەللىكلەردىن تۆۋەن تۇرمايدۇ. ئۆزىڭىز بىرە نەرسە قىلالماي باشقىلارنى بوش چۈشۈرۈڭ.سىزدە ئىنسانى پەزىلەت كەم ئىكەن.
ئۆيگە كېلىپ كۆرۈپ باقامسىز نېمىلەرنى قىلغانلىقىمنى؟ ئىنسانىي پەزىلەتمىش، ئىنسانىي پەزىلەتنى بەك كۆپ قىلىۋەتكەچكە نەچچە يىلدىن بىكارغا ئىشلەپ، يەنە تېخى خەققە يامان بولۇپ، قىلىۋاتقان كەسپىمىزنىڭ قەدرىنى قىلىدىغان ئادەمنى تاپالماي يۈردۇق. قولىڭىزدىن كەلگەندىكىن مائۇسنى ئۇ يەر بۇ يەرگە مىدىرىتىپ قويسىڭىزلا پۈتىدىغان ئىش تۇرسا، ماۋۇ ئېلانغا يەنە 1 مېنۇت قوشۇپ ئىشلىۋەتمەمسىز قانداق دېدىم…. ئۇچراپ تۇرىمىز بۇنداق گەپلەرگە…. ئىقتىسادنى چىقىرىڭە… ياخشى شارائىتنى يارىتىڭە… مەھسۇلاتىڭىزنى شۇنچىلىك ئىقتىساد سېلىپ، بازاردا پايدا يارىتىشقا كۆزىڭىز يەتسە بىز تەييار….
ئامال بار ماۋۇ كەسپنى چۈشىنىدىغان بالىلار بولسا پىكىر ئالماشتۇرايلى ماۋۇ يەردە، سىزدە ئىنسانىي پەزىلەت كەمكەن…. تاراق-تۇرۇق گەپلەردىن پوققا پايدىسى بار بىرە ئۈنۈمگە ئېرىشەلىسەك مانا مەن…
كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ، ئۆزىڭىزنىڭ ياشلىقىنى مۇشۇ ئىشقا بېغىشلاپ، يەنە ئۆز خەلقىڭىزنىڭ قوللىشىغا، رىغبەتلەندۈرىشىگە ئېرىشەلمەي، يەنە كېلىپ سىزدەك بىر قىسىم ئاتالمىش «فەيلاسوف» لارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ بىقىڭ. يەنە شۇ گەپلەرنى دېيىشكە يۈزىڭىز قىزىرامدۇ يوق…
ئارىلاپ ئارىلاپ تورغا چىقىپ، ئانچە مۇنچە ئىنكاس يېزىپ قويسىڭىز، دەۋرنىڭ ئالدىغا بەك ئۆتۈپ كەتكەندەك بىلىنىپ كەتكەن ئوخشايدۇ سىزگە…
چېچىلىپ قالدىن باللار، توغرا چۈشىنىڭلار، ما كەسپنى چۈشىنىدىغانلار بولسا پىكىر ئالماشتۇرايلى… بىلىمىمىز چوڭقۇرلىشىدۇ…
مانا- ھە !ئېلان دىگەن ! قاراڭلا ئاۋۇ ئېيىقلارنىڭ رەتلىك تىزىلىپ قاتار تۇرۇشۇپ كەتكىنىنى!
شۇنداق بىز دە كەم نەرسە ھەقىقەتەن تولا …..
قۇلىدىن نى -نى ئىشلار كىلىدىغان ياشلىرىمىز كۆمۈلۈپ ياتماقتا ……3 سكونت سۈكۈت !
گەپنىڭ قىسقىسى يەنىلا ئىنسانىي پازىلەت ، ئىتپاقلىق ، كەسىپچان روھ ، تەر ، ۋاقىت ، سۈكۈت……
مۇشۇ تور خۇمار بەك ئسل جۇمۇ! سننمۇ كۆرگىلى بولدۇ!
ئەمما ماۋۇ تەخەللۇس ساقلىنىپ تۇرمايدكەن تېلفوندا.ھەر قىتىم قايتا تەخەللۇس قويۇشقا توغرا كىلدىكەن
خىيالى سىزگە بىر گەپنى دەي پەقەت يارامسىز كىشلەرلا ئەتراپىدىن ئاغرىنىدۇ.مەن بىرەر قېتىم ئۇتۇق قازانغانلارنىڭ ئاغزىدىن ئاغرىنغانلىق سەۋەبىدىن ۋايساش سەۋەبىدىن ئۇتۇق قازاندىم دىگەن سۆزىنى ئاڭلاپ باقمىدىم.
مېنىڭ QQ نومۇرۇم: 496190735
تورخۇماردا تولا ئېيتىشمايلى. بەكلا سەۋىيىسىز گەپلەر بولۇپ كەتتى… ئىككىمىز بىر پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقايلى قېنى. سىز بەكلا چۈشەنمەي كەتتىڭىز گەپنى. بىر پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئىنكاسلىرىمنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ قوياي…
توۋەن مۇقامدا مېڭىپ،ئۆزىمىزنى كۆرسەتمەي،ياخشى ITخىزمەتچىلىرىدىن بولايلى.