تەتىلى بار تورداشلار زېرىكتىڭلارما؟ بىللە كىنو كۆرىمىز – 2012-يىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى بېلەت كىرىمىلىق دۇنياۋى 10 كىنو
2012-يىلى نۇرغۇن نادىر فىلىملەرنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. بۇ فىلىملەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جۇڭگودىمۇ يەرشارى بويىچە بىرلا ۋاقىتتا قويۇلدى ۋە ئاجايىپ يۇقىرى بېلەت كىرىمى ياراتتى. بىر قىسىم كىنولار گەرچە قويۇلمىغان بولسىمۇ، بىراق تەڭداشسىز سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئىچىدە يەنىلا خاتىرجەم ھوزۇرلىنىۋەتتۇق. بۈگۈن ئالدى بىلەن 2012 -يىلى بىلەت كىرىمى جەھەتتە بۇ پىلانىتىمىزدا ئەڭ ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەن فىلىملارغا قاراپ باقايلى. قايسىبىرىنى كۆردۇق، قايسىبىرىنى ئەمدى كۆرۈپ باقساق بولىدۇ؟
1. «قىساسكارلار ئىتتىپاقى»
《复仇者联盟》(Marvel’s The Avengers)
بۇ فىلىم توغرىسىدا ئىلگىرى تورخۇماردا خېلى كۆپ توختالغان. داڭلىق قەھرىمان ئوبرازلىرىدىن تۆمۈر پالۋان، ئامېرىكا كاپىتانى، چاقماق مۇئەككىلى، يېشىل دىۋە قاتارلىق ھوللىيۋود رىۋايەتلىرىدىكى داڭلىق قەھرىمانلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ قىساس ئېلىش يولىغا ئاتلانغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئادەتتە يالغۇز خېلى ئىشلارنى قىلالايدىغان بۇ قەھرىمانلارنىڭ ناۋادا ئىتتىپاقلاشسا قانداق زورىيىدىغانلىقىغا بەكمۇ قىززىقتى. بۇمۇ فىلىمنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىنىڭ سەۋەپلىرىنىڭ بىرى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، فىلىمنىڭ پۈتكۈل بېلەت كىرىمى 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، 1-ئورۇندا ئىكەن.
چۈشۈرۈش: HR-HDTV خەنچە خەتلىك نۇسخىسى (迅雷 دا چۈشۈرۈڭ)
2.«شەپەرەڭ پالۋان3 : زۇلمەتتىكى چەۋەندازنىڭ قەد كۆتۈرۈشى»
《蝙蝠侠前传3:黑暗骑士崛起》(The Dark Knight Rises)
رېژىسور نولەننىڭ باشچىلىقىدىكى بىر كلاسسىك ئەسەرنىڭ خاتىمىسى مۇشۇنداق يېپىلدى. زۇلمەتتىكى چەۋەنداز پۈتۈن شەھەرنىڭ قاغىشىنى ئۆزىگە ئېلىپ، 8 يىل بېكىنىپ ياتقاندىن كېيىن ئاخىرى زۇلمەت ئىچىدە قايتا باش كۆتۈردى. راستىمنى ئېيتسام، مەن بۇ فىلىمنىڭ تىپىك مەستانىسى، شۇڭىمۇ مەزكۇر يازمىنىڭ قىستۇرما رەسىمىگە شەپەرەڭ پالۋاننىڭ رەسىمىنى ئىشلەتتىم. بۇ فىلىم تۇنجى قويۇلغان كۈنى كىنوخانىدا قوراللىق ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەچ، فىلىمنىڭ كېيىنكى كۈنلەردىكى بېلەت كىرىمىگە بولغان تەسىرى خېلى بولدى، بولمىغان بولسا، بەلكىم 1-لىكنى ئېلىشىدە گەپ يوق ئىدى.
چۈشۈرۈش: HR-HDTV خەنچە خەتلىك نۇسخىسى (迅雷 دە چۈشۈرۈڭ)
3.«ئېچىرقىتىش ئويۇنى»
《饥饿游戏》(The Hunger Games)
ئېچىرقىتىش ئويۇنى دىكى ھېكايىلەر شىمالىي ئامېرىكىدىكى بىر مەيدان ئۇرۇشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان، ئامېرىكىنىڭ ئەسلىدىكى خارابىسى ئۈستىدە، خەلق يېڭى بىرماكانىنى قۇرۇپ چىقىدۇ، ئەمما يېڭى ھاكىمىيەت قارار چىقىرىپ: باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى 12 رايوندا ياشاۋاتقان خەلقلەرگە ھەريىلى ئۆسمۈربالىلارنى ئېچىرقىتىش ئويۇنى ناملىق بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا قاتناشتۇرۇش زۇلۇمىنى سالىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئويۇننىڭ قائىدىسى بەكلا ئاددى بولۇپ، ياقارشى تەرەپنى ئۆلتۈرىسەن، ياكى قارشى تەرەپ سىنى ئۆلتۈرىدۇ.
چۈشۈرۈش: HR-HDTV خەنچە خەتلىك نۇسخىسى (迅雷 دە چۈشۈرۈڭ)
4. «007. پەلەك سۇيىقەستىنى بەربات قىلىش»
《007:大破天幕杀机》(Skyfall)
مەزكۇر فىلىم بۈگۈندىن باشلاپ جۇڭگو تەۋەسىدە رەسمىي قويۇلۇشقا باشلىدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ قېتىملىق 007 فىلىمىدە نۆل نۆل يەتتە ئوبرازىغا ئوخشىمايدىغان نۇرغۇن يېڭىلىقلار بار ئىمىش. پېقىرمۇ ئەتىلەردىن كۆرۈپ كېلىشنى ئويلاۋاتىمەن. ئەلۋەتتە، ئالدىرىغانلار DVDScr نۇسخىسىنى كۆرۈپ تۇرساڭلارمۇ بولىدۇ. فىلىمنىڭ ئاساسى ناخشىسىنىڭ ئىجادچىسى ۋە ئورۇنلىغۇچىسى Adele مۇ بۇدا مۇشۇ فىلىم تۈپەيلى ئالتۇن شار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
چۈشۈرۈش: DVDScr خەنچە خەتلىك نۇسخىسى (迅雷 دا چۈشۈرۈڭ)
5.«گۇگۇمدىكى شەھەر: سۈبھى »
《暮光之城:破晓(下)》
(The Twilight Saga: Breaking Dawn Part 2
بۇ فىلىمنىڭ تۇنجى قىسمىنى كۆرگەندە خۇش بولغان، كېيىنكى قىسىملىرىدىن باشلاپ بارغانسىرى تېتىمىغىلى تۇردى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، مەزكۇر قىسىم بۇ كىنونىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۆلىكى بولۇپ، 2012-يىلىدىكى ئەڭ ئەخلەت كىنونىڭ 1-سى بوپتىدىكەن، بىراق بېلەت كىرىمىنىڭ نېمىشقا بۇنچە يۇقىرى بولغانلىقىنى سەۋەبىنى ئۇقمىدىم، بەلكىم ئاخىرقى بۆلىكى بولغاچ شۇنداقتۇ، ياكى بۇ فىلىمنى ياخشى كۆرىدىغانلار ھەقىقەتەن جىقتۇ؟ ئەيتاۋۇر…بۇ كىنو تېخى جۇڭگودا قويۇلمىدى، چۈشۈرۈش ئادرېسىمۇ ھەم يوق.
6.«خوببېتلار1: كۈتۈلمىگەن سەپەر»
《霍比特人1:意外之旅》(The Hobbit: An Unexpected Journey)
ھۆكۈمران ئۈزۈكتىكى باتۇر ۋە قەيسەر خوببېتلار نۇرغۇن جەبرى-جاپالارنى چېكىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ھېكايىدە خۇبىت ئادەملىرىBilbo، Baggins ۋە پېرىخون Gandalf ۋە 13 نەپەر پەتەك مەشرىق تامان سەپەر قىلىپ چوڭ قۇرۇقلۇقنى كېسىپ ئۆتۈپ، ياۋۇز ئەجدىھا بۇلاپ كەتكەن ئەسلىدە پەتەكلەرگە تەۋە بولغان ئەڭگۈشتەرنى ئىزدەش جەريانىدىكى غارايىپ ۋەقەلەر سۆزلەنگەن. مەزكۇر بۆلۈمدە ھۆكۈمران ئۈزۈكتىكى ئاراگوندىن باشقا بارلىق ئاساسى پېرسوناژلار بىر قېتىم كۆرۈنىدىغان بولۇپ، كىشىنىڭ قەلبىنى چوڭقۇر ھاياجانغا سالىدۇ. جۇڭگودا قويۇلۇش ۋاقتى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىنكەن. ئەلۋەتتە، ئالدىرىغانلار ئۈچۈن DVDScr نۇسخىسىمۇ بار.
چۈشۈرۈش: DVDScr خەنچە خەتلىك نۇسخىسى (迅雷 دە چۈشۈرۈڭ)
7.«خىسلەتلىك ئۆمۈچۈك پالۋان»
《超凡蜘蛛侠》(The Amazing Spider-Man)
مەزكۇر قىسىمنىڭ ۋەقەلىكى ئالدىنقىسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، لېكىن تېخنىكا جەھەتتىن نۇرغۇن يېڭىلىقلار بار، نېمىلا دېمىگەن بىلەن ئەينى چاغدىكى كومپيۇتېر تېخنىكىسى ھازىرقى بىلەن پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ قىسىمدا، ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ تېخىمۇ يۇمۇرىستىك ۋە گەدەنكەش خاراكتېرى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىلگەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، مەزكۇر قىسىممۇ ئۈچ بۆلۈم ئىشلىنىدىكەن.
چۈشۈرۈش: HR-HDTV خەنچە خەتلىك نۇسخىسى (迅雷 دا چۈشۈرۈڭ)
8. «قەيسەرلىك قىسسىسى»
《勇敢传说》(Brave)
قەيسەرلىك قىسسىسى ھەققىدە ئىلگىرى تورخۇمارلار كۇلۇبىدىمۇ تەپسىلىي توختالغان ئىدۇق. بۇ قېتىم مەزكۇر فىلىممۇ قايسى بىر تۈردە ئالتۇن شار مۇكاپاتى ئالدى. ھەقىقەتەن ئېسىل كارتون دېيىشكە بولىدۇ.
چۈشۈرۈش: HR-HDTV خەنچە خەتلىك نۇسخىسى (迅雷 دا چۈشۈرۈڭ)
9.«تەددي»
《泰迪熊》(Ted)
ھەرقانداق بىر كىشى ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا بىر يېقىن ھەمراھىنىڭ بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىشىدۇ. يوھان بەكمۇ بەختلىك، چۈنكى ئۇنىڭ گەپ قىلالايدىغان، قىلىقلىرى بەكمۇ شوخ بىر ئېيىقچاق قورچىقى بار، ئۇلاربىر-بىرىگە ھەمراھ بولۇپ بالىلىق دەۋرىنى شادلىق ئىلكىدە ئۆتكۈزىدۇ…
ئەمما ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تەد يوھاننىڭ مۇستەقىل تۇرمۇشى ئۈچۈن بىر باش ئاغرىقى بولۇپ قالىدۇ، قىزدوست ۋە چىن دوستتىن قايسىنى تاللاش كېرەك؟
چۈشۈرۈش: HR-HDTV خەنچە خەتلىك نۇسخىسى (迅雷 دا چۈشۈرۈڭ)
10. «ماداغاسقار-3 : ياۋروپادىكى قاچقۇنلار»
《马达加斯加3》(Madagascar 3: Europe’s Most Wanted)
ئۇلار نەچچە يىللار مۇقەددەم ئامېرىكىدىكى ھايۋاناتلار باغچىسىنى كىچىك كۆرۈپ قېچىپ كەتكەن ئىدى، مانا ئەمدى ئامېرىكىغا قايتىشنى ئويلىشىپ قالدى. بىرتوپ يۇمۇرىستىك ھايۋاناتلارنىڭ ياۋروپادىكى ئۆزىنىڭ تۇرقىدىنمۇ بەتەر قىزىقارلىق كەچۈرمىشلىرى سىزنى ئىختىيارسىز كۈلدۈرۈپ تاشلايدۇ…
چۈشۈرۈش: HR-HDTV خەنچە خەتلىك نۇسخىسى (迅雷 دا چۈشۈرۈڭ)
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: چۈشۈرۈش، فىلىم، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 25,021 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 01-ئاينىڭ 21-كۈنى
- يازما مەنزىلى: 2012-highest-grossing-top10-movie.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بىر كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەك يەنە بىر مىكرو تىياتىر- نىكاھنىڭ تەمى
- كېيىنكى يازما > SAMSUNG كىرئالغۇسىنىڭ ئۆزگىچە ئېلانى، بۇلارنىڭ يانفون ئېلانلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ سەتەڭ چىقىپتىمۇ نېمە؟!
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
ھەممىسىنىڭ كۆرۈپ بولۇپتىمەن جۇمۇ…
مەن ئۈچكۈن بولدى نېمىشقىدۇ «ئۈچ ئەخمەق»نىلا كۆرگۇم كېلىدۇ
مەنمۇ نەچچە قېتىم كۆدۈم بوممىسا ، يەنە شۇنداق كۆگۈم كىلىدا شۇ كىنونى ، A for apple B for ball . مۇشۇ گەپنى ئاڭلىساملا سەت كۈلۈپ كىتىمەن دىسە
كۆرۇپ بولغانكەنمەن بەك سەت پەيزە ھە!!!!!
تورخۇمار … بەك ئېسىل توربەت جۇما ..كىم قۇرغان تورخۇمارنى؟؟؟؟ .ئىسىل جۇما ..
تورخۇماردىكى يازمىچى باللار بەك ئەستايىدىل ، مەسلەن مۇنچى جىق ياخشى كىنولارنى بىزگە تەۋسىيە قىپتۇ ، تەۋسىيە قىلىپلا قالماي توردىن چۈشۈرۈش ئادرىسىنىمۇ بىرىپتۇ ، ھاردىم تالدىم دىمەي ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئىتىۋاتىدۇ ، ئەگەر باشلىق بۇلۇپ قاغان بوسام بۇنداق ئەستايىدىل ، زىرەك ،باللانى چۇقۇم تالىشىپ تۇرۇپ ئىشلىتەتتىم ، يا جىق پۇل تېپىپ تورخۇمارنى سېتىۋالىدىغان ئىشمىكى
«ماداغاسقار مۇشۇنىڭدىن پەيزىسى يوق جۇمۇ
ماداغاسقار مۇشۇنىڭدىن پەيزىسى يوق جۇمۇ
ماداغاسقار مۇشۇنىڭدىن پەيزىسى يوق جۇمۇ
قىساسكارلار ئىتىپاقى،ئۆمۈچۈك پالۋان،قەيسەرلىك قىسسىسى، ماداغاسقار-3 نى كۆرۈپتىمەن. ئېچىرقىتىش ئويۇنى نىڭ داڭقىنى خېلى ئاڭلىدىم، لېكىن كۆرۈشكە ئىمكان بولمىدى
ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ كىنوسىنى پات-پات كۆرەپ توراتتىم
چۈشۈرگىلى بولمىدىغۇ !؟
تاز كاللاڭلىنى ئوتالدۇرۇپ چىڭ چىڭ بىسىڭلا موللاخۇن كونۇپكىنى.. مىنىڭ شۇندا نورمال چۇشۇۋاتىدۇ..
مەن يۇقىرىدىكى « قىساسكارلار بىرلەشمىسى» ، « ئېچىرقىتىش ئويۇنى » ، « خىسلەتلىك ئۆمۈچۈك پالۋان » ، « ماداغاسقار 3 » مۇشۇ تۆتنى كۆرۈپ بوپتىمەن .
باشقىسىنى ھەممىنى بولمىسىمۇ بەزىسىنى توردا ئۇچرىتىپ كۆرۈپ چىقىشنى نىيەت قىلىپ تۇراتتىم .
مەسىلەن : ئاۋۇ كارتون ، شەپەرەڭ پالۋان ، خۇبىتلار ، 007 ، قاتارلىقلار پىلانىمدا باتتى . ئەمدى كۆرۈپ چىقامەن .
خوبىتلارغا ئىشتىياق بىلەن ساقلاپ تۇردۇم !
تەددىي بۇ كىچىك ئېيىقنى كۆرىدىغانلار ساغلاملىق نۇمۇرىغا قاراپ كۆرۈڭلار ، كىچىكلەر كۆرمىسۇن !
ئىنكاسلار دۆۋلىنىپ كىتىپتۇ مەنلا كىيبن قاپتىمەن ھەيييييي .كەچتە يىتىپ بىر كۆرمىسەم.
تامغىلىقمىدۇ؟يۇقىرى ئىنىقلىقتۇ ھە؟
ئاۋۇ تەدىي دىگەن كىنونى ئەڭ ياخشىسى 18 ياشتىن تۆۋەنلەر كۆرمەڭلار.
《泰迪熊》(Ted)
بۇنىڭدىن باشقىسىنى كۆرۇپ بولۇپتىمەن.
ماڭا ھەممدىن بەك يارىغىنى 《霍比特人1:意外之旅》(The Hobbit: An Unexpected Journey)
يىڭى ۋەقەلىك، كونا ۋە يىڭى پىرسۇنازلار بار، ھىلىقى سىمىگومۇ چىقىدۇ.
ماداغاسقار3نىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكى ئاق بۈركۈت تورىدا بار
ئاۋۇ 007نىڭ يېڭى كىنوسى بۈگۈن تېخى پۈتۈن دۆلەت بۇيىچە تۇنجى قۇيىدىغان تۇرسا نەدەتۇرۇپ كۆرگەندۇ دەيمەن؟ھەر قاچان ساختا نەشىرى!
گۇگۇمدىكى شەھەرنىڭ 4-قىسمى ئاخىرى تورغا چىقىپ بولدى ،،،ئۆتكەندە تېلىۋېزوردىمۇ بەردى….مەن چۈشۈرۈپمۇ بولدۇم …ۋەششى ئىشلەپتۇ ئاخىرىنى ….كۆرەپ بېقىڭلار
مۇشۇ تورخۇمار مېنى بەك چۇشىنىدۇ جۇمۇ، تازا بىر كىنو كورەي دېگەن كۇنۇم ، كىنولار توشاق بوپ كېتىپتۇ مانا ،
شىنلاڭ مىكرو بلوگىدا بايا 复仇者联盟2 نى 2015-يىلى قويىلىدىكەن دەپ خەۋەرلەر چىقىپ كىتىپتۇ
بۇ راستقۇ دەيمەن
007 نىڭ نورمال چۈشمەمدۇق قانداق ؟ چەكسەم قۇرۇق بەت ئېچىلىپلا قاراپ تۇرىدۇ .
007 نىڭكى PPTV دا باكەن …..
تورخۇماردا چۈشۈرەلمەي ئامال يوق PPTV دا كىنوخانىدىن تارتىۋىلىنغان چاپاق نۇسخىسىنى كۆرۈم
مەن ياختۇرىدىغان كىنولاكەن تۇزۇت قىلمىدىم ئەمسە
چاتاق ھىچقايسى چۇشمىدى
ياتاقتا ئولتۇرۇپ زىرىككەندە كۆرمىسەم!
مەكتەپ پۈتتۈرۈپ تەتىل بىلەن خوشلىشىپ خىزمەت قىلغان ئىككى يىلدىن بېرى، ھەممىنى تاشلاپ قويۇپ، بەھۇزۇر 10 كۈن دەم ئەپ باقمىدىم. ئويلاپ باقسام بەكلا چارچاپتىمەن.
شاپائىتىڭىزگە رەھمەت قېرىندىشم. تەتىل سىزنىڭ تەۋسىيە قىلغان نادىر كىنولار بىلەن، تېخىمۇ رەڭدار ئۆتكۈسى.
ما كىنولار پەقەت چۈشمىدى، ھازىر 1-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 9:50 مىنۇت ئۆتۈپتۇ. مۇشۇ ۋاقىتتىن كىيىن چۈشۈرۈپ بولغان دوستلار بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلار.
ھە راس، جوكىر JOKER دىگەن فىلىمنىڭ يېڭى ئىشلەنگىنىنى پەقەت تاپالمىدىم. مۇشۇ فىلىمنى كۆرگەنلەر بولسا ئادېرىسىنى قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلار.
ئاخشام چۈشمىگەنتى، بۈگۈن چۈشۈرسەم چۈشۋاتىدۇ، توۋا…
مەنمۇ نولەن رېژىسسور قىلغان شەپەرەڭ پالۋان فىلىمىنىڭ تىپىك مەستانىسى، مەن ئۇ كىنوغا مۇناسىۋەتلىك پۈتكۈل خەۋەر، ماقالە – ئوبزورلارنى ئۇقۇپ چىقتىم. ھەقىقەتەن كاتتا كىنو.
كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىگۈدەك كىنولا چىخمىدىمۇ نىممممە ……
كۆرۇشنى باشلىۋەتتىم ئەمىسە
كۆرۇپ قۇيۇشقا ئەرزىگۇدەك كىنولار ئىكەن . رەخمەت .چۇشۇرۇپ كۆرۇپ باقاي .
ئەسسالامۇئەلەيكۇم : بۇيەردىكى كىنولارنىڭ ھېچقايسىسىنى مەن كۇرەپ مۇ باقمىدىم
كورۇپ باق مايمەنمۇ :