بىر كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەك يەنە بىر مىكرو تىياتىر- نىكاھنىڭ تەمى
يىقىندا كارۋان تىياتىر كۇلۇبى تەرىپىدىن ئورۇنلىنىپ، كەڭ كۆرۈرمەنلەر ھوزورىغا سۇنۇلغان جۈرئەت ۋايىت رىجىسسورلىقىدىكى مىكرو تىياتىر «نىكاھنىڭ تەمى» نى ھەممىمىز نەق مەيداندىن ۋە ياكى تور ۋاستىسى ئارقىلىق بىر قۇر كۆرۈدۇققۇ دەيمەن. جۇغۇراپىيىلىك ئورۇن سەۋەبىدىن مەزكۇر كىچىلىكنى نەق مەيداندىن كۆرۈلمىگەنلىكىمگە راستىمنى ئېيتسام مۇشۇ مىكرو تىياتىرنى توردا كۆرگەندىن كېيىن ئۆكۈندۈم ھەمدە ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزىنىڭ نادىر ئەسەرلىرى بىلەن بىزگە كۈلگە ئاتا قىلىپ كىلىۋاتقان ياش رىجىسسور جۈرئەت ۋايىتقا يەنە بىر قېتىم قول قويدۇم.
ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن تۇرمۇشتىكى ئاددى ئەمما تاقەتسىز كىرىزىسنى، ياق توغىرىسىنى ئېيتقاندا مەدەنىيىتىمىزگە باشباشتاقلىق بىلەن جەڭ ئېلان قىلىۋاتقان خىرىسنى، ئەڭ يىقىن ۋە ئەڭ بىۋاستە ئىپادىلەپ ئۇتۇق قازانغان مەزكۇر تىياتىردىن، ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىنىڭ يىڭى بىر كەلگۈسىنى كۆرگەندەك بولدۇق. گەرچە بىر قىسىم كىچىك سەۋەنلىكلەردىن مۇستەسنا بولالمىغان بولسىمۇ، ئومومى جەھەتتىن يەنىلا يۇقىرى باھا بېرىشكە ئەرزىيدۇ.
ئېسىمدە قىلىشىچە بۇلتۇرمۇ ئوخشاشلا جەمىئەتتىكى ئەڭ يارقىن بىر مەسىلىنى چۆردەپ ئوينالغان «ئەتتىرگۈلدەك ھايات» نامىدىكى مىكرو تىياتىر مېنى ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىغا زەڭ سېلىشقا ئۈندىگەن ئىدى. شۇ ۋاقلاردا رىيىم قان (ئابرۇرېھىم راخمان) قاتارلىق بىر قىسىم ئاكتىيورلار ۋە رىجىسسور جۈرئەت ۋايىتنىڭ ئىتوتلىرى تازا دەۋىر سۈرىۋاتقان ئىدى. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ خاس ئۇسلۇبى ماڭا تولىمۇ ياقاتتى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن بۇلار مەن تولىمۇ زېرىكىشلىك دەپ ھېس قىلىدىغان (قىسقىسى چۈشەنمەيدىغان) تىياتىر سەنئىتىنى بىزگە تېخىمۇ يېقىشلىق رەۋىستە سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ ئۇتۇق قازاندى. مەن بۇ يەردە جۈرئەت ۋايىت ۋە كارۋان تىياتىر كۇلۇبىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ ئۇتىقىنى تەبىرىكلەش بىلەن بىرگە، كەڭ تورداشلارنى ئامال بار ھەقىقى نەشىردىكى پىلاستىنكىنى ئېلىپ كۆرۈشىنى، ئۇلارنىڭ بۇندىن كىيىنكى پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ قوللاپ بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
مىكرو تىياتىر: «نىكاھنىڭ تەمى»
قوشۇمچە مىكرو تىياتىر : «ئەتتىرگۈلدەك ھايات»
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئېتوت، تۇرمۇش، تىياتىر، مىكرو، نىكاھ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,692 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 01-ئاينىڭ 18-كۈنى
- يازما مەنزىلى: micro-tiyater-nikahning-temi.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مەھمۇد قەشقەرى بىلەن مەن شەخسەن تونۇش ئەمەس، لېكىن بىلىشىمچە ئۇ بىر ئۇلۇغ شائېر…
- كېيىنكى يازما > تەتىلى بار تورداشلار زېرىكتىڭلارما؟ بىللە كىنو كۆرىمىز – 2012-يىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى بېلەت كىرىمىلىق دۇنياۋى 10 كىنو
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- 3 مىنۇتتا 2014-يىلى كۈز پەسلىدە قويۇلىدىغان ئامېرىكا تىياتىرلىرىغا بىر نەزەر
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
دىۋان
دىۋان قەلەندەرلىرى…
ئەقلى تىلفۇندا تىياتىرنى كۆرەلمىدىم
پىشايۋاندىمۇ كۆرپىگە پۇتنى سۇنۇپ ، ياستۇقنى قىرلاپ ئولتۇرۇپ كۆرىمەن تازا !
ھەييييي … ئاشۇ مىكرو تىياتىردىكىدەك ، ئۆزەمنىڭ شۇ « يەنە بىر تەرىپىم » نى تۇتۇۋالالىسام . خەپ ، قانداق قىلىمەنكىن قېنى !!!
ئويدىكىلەگە قۇيۇپ بەرسەم ھەممىسى يىغلاپ كەتتى
تەسىرلىككەن ، ياخشى ئىشلىنىپتۇ.
بەك ياخشى چىقىپتۇ ، تەربىيە ئەھمىيىتى بەك چوڭكەن ،
خەپ خۇتۇن ئىېپ قاسام دەششەت كۈينىۋەتمىسەم ،
ئاللاھ دىلىمنى يۇرۇق قىلغاي ، تۇغۇلمىغان تاينى ئۆلتۈرۈپ قويماي بىكا
خېلىلا تەسىرلىك ئىشلەپقوياپتۇ جۇما بولۇپمۇ سەھنىدە ئولتۇرغان بەك يىغلىشىپ كەتتى دەيمانا،
كارۋاننى karavan دەپ يېزىپتا
شۇنى دەيمەن، ئېنگىلىزچە يازدىمىكىن دېسە ئېنگىلىزچە Caravan دەيتتى.
يازغۇچى جۈرەت ۋايىت ياشاپ كىتىڭ..جەمىيىتمزدىكى ھەكىكى ئىشلارنى تەسۋىرلەپسڭز …ئشلارنى مۇككەدەس كىتاپتىن ئۆگۈنۈش كېرەك.. بۇ گەپ ھەكىكەتەن جايىدا ئىشلىتىلىپتۇ….ئاللاھ ھەممىمزنڭ دىلىنى يۇرۇتكاي.
سەھنىدە ئولتۇرۇپ كۆرگەندەك بولدۇم دىسە
بۇ سەۋىرچانلىقنى مۇقەددەس كىتابلاردىن ئۆگەندىم ، مۇقەددەس كىتاپلىرىمىزنى تاشلاپ قويغاچقا بىزنىڭ بۆگۈنكى بۇ پاجىئە كىلىپ چىقىۋاتىدۇ …..بۇ سۆزلەر بەك توغرا ئېيتىلىپتۇ ، ھەم ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن يەتكۈزۈلۈپتۇ …..
شۇنداق ، بۇ گەپ ھەقىقەتەن دەل جايىدا ئېيتىلىپتۇ . ..
بەك ياخشى ئىشلەپتۇ!
ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىمىز تىخىمۇ گۈللەنسۇن….
ياخشى ئېتوت. قاچانمۇ ناخشا مۇزىكىدىن ئاتلارىمىز؟
بۇنى كۆرۈپ گەرچە تۇرمۇشۇمدا 3- شەخس بولمىسىمۇ ئايالىم بىلەن تېخى ئەتىگەندە نىمە ئۈچۈن تاكاللىشىپ قالغىنىمنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندەك بولدۇم…
بىر كۆرۇشكە ئەرزىيدىكە
نىكاھنىڭ تەمى دىگەن بۇ ئېتوت، راستىنلا جەمىيەتتىكى بۇلىۋاتقان ئىشلارنى مەنبە قىلىپتۇ. ئىتقادسىزلىق ،دىنسىزلىق ئادەمنى تېخىمۇ خاراپلاشتۇرىدۇ. بىز يەنىلا مۇقەددەس كىتاۋىمىزغا مۇراجات قىلايلى.
باھادىرنىڭ ئايالى تەسۋىرلىگەن پېرسۇناژ تېپىلغۇسىز ئايالكەن.
تۇرمۇشتا مۇشۇندا ياخشى ئىدقات-مۇھابىتى ياخشى ئاياللېرىمىزمۇ بار
بەك ياخشى چىقىپتۇ بۇ مىكرو تىياتىر
مەنىلىك ھايات !
ياخشى ئىشلىنىپتۇ بەكمۇ مەنىلىك ئىكەن
ھەلىقى جانابى كۈلكە پادىشاھىنىڭ ئىتوتلىرىدىن مىڭ ئەۋزەلكەن جۇمۇ !!
3 ئېغىز گەپ ‹ناھاتى ياخشى چىقىپتۇ› خو
ما ۋۇ 百度输入法بىلەن ۇيغۇرچە خەت يازغىلى بولىدكەن غۇ ۇ
تەسىرلىك ئىشلىنىپتۇ
يېڭى توي قىلغاندا ناۋاتتەك كېيىچە بۇزلۇپ قالغان لازىدەك بولمىز
مەنىلىك ھايات قايغۇلۇق ھايات ياخشى تىياتىر
ياخشى