نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
تاماكا چېكىشنىڭ بەدەنگە زىيانلىق ئىكەنلىگىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، كۆپ قىسىم تاماكا چەككۈچىلەرمۇ ئىلگىرى تاماكا تاشلاشقا ئۇرۇنۇپ باققان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ناھايىتى ئاز سانلىق كىشىلەرلا ئوڭۇشلۇق تاشلىيالايدۇ. ئامېرىكىدا بىر خىل ستاتسىكا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 80% تاماكا چەككۈچى تاماكا تاشلاشنى ئويلىغان، ئەمما ئەمما نىكوتىننىڭ ئورنىغا باشقا نەرسىنى ئالماشتۇرۇپ داۋالاش ئۇسۇلى قوللانمىغاندا، پەقەت 3 ~ 5% كىشى مۇۋاپىقىيەت قازانغان. ئۇنداقتا تاماكا تاشلاش نېمىشقا شۇنچە تەس؟ بۇ ئەلۋەتتە پىسخىكا، جەمئىيەت ئامىللىرىدىن باشقا ئاساسلىقى نىكوتىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى نىكوتىن زەھەرگە ئوخشاش، ئادەمنى خۇمار قىلىدىغان نەرسە. ئۇنداقتا نېمىشقا نىكوتىن كىشىنى خۇمار قىلىدۇ؟
ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ بىر قىسمىدا تارتۇقلاش مەركىزى دەيدىغان بىر جاي بولىدۇ. ھايات قېلىش، كۆپىيىش دېگەندەك بىر قىسىم مۇھىم تۇرمۇش ھادىسىلىرى، مەسىلەن، سۇ ئېچىش، تاماق يېيىش، جۈپلىشىش دېگەندەك پائالىيەتلەر يۈز بەرگەندە، تارتۇقلاش مەركىزى بىر خىل دوپامىنلىق ماددا قويۇپ بېرىپ، ئادەم بەدىنىنى بىر خىل راھەت ھېس قىلدۇرىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى بۇ خىل پائالىيەتلەر بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئەمما، تاماكا چەككەندە، زەھەر چەككەندە، گەرچە بۇلار ئادەم بەدىنىگە پايدىسىز بولسىمۇ، ئەمما تارتۇقلاش مەركىزى يەنىلا كۆپ مىقداردا دوپامىنلىق ماددا قويۇپ بېرىدۇ. مەسىلەن تاماكا چەككەندە، بىرىنچى قېتىم تاماكىنى شوراپ بىر قانچە سكونتتىن كېيىن نىكوتىن قان ئارقىلىق چوڭ مېڭىگە يېتىپ بېرىپ، تارتۇقلاش مەركىزىگە كىرىدۇ ھەمدە ئۇنى غىدىقلاپ كۆپ مىقداردا دوپامىنلىق ماددىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە سەۋەپچى بولىدۇ، بۇ جەريانلار ئىنتايىن تېز يۈز بېرىدۇ شۇنداقلا ئاسانلا كىشىنى خۇمار قىلىدۇ. ناۋادا بىر ئۆسمۈر بالا پەقەت تۆت تال تاماكا چەكسىلا، ئۆمۈرلۈك تاماكا خۇمارىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. يەنى، نىكوتىن چوڭ مېڭىدىكى تارتۇقلاش مەركىزىنى تۇتقۇن قىلىپ كىشىگە تاماكا چەكسە پايدىلىقتەك خاتا تۇيغۇنى بېرىدۇ.
تاماكىنىڭ باش قىسمىدا كۆپ قىسىم راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ بارلىقىنى دېمەي تۇرايلى، نىكوتىننىڭ ئۆزى ئەسلىدىنلا بىر خىل زەھەرلىك ماددا. تۆت تال تاماكا ئۆز ئىچىگە بارلىق نىكوتىن ناۋادا تولۇق سۈمۈرۈلسە، بىر ئادەمنى پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈپ قويالايدۇ(ياخشى يېرى، تاماك چەككەندە بۇ نىكوتىنلار تولۇق سۈمۈرۈلمەيدۇ). شۇڭا تاماكا چېكىش ناۋادا خۇمارغا ئايلانغان چاغدا، تاماكا چېكىشتىكى مەقسەت كۆڭۈلنى خۇش قىلىش ئەمەس، بەلكى بىئارام بولۇشنى بېسىقتۇرۇشقا ئايلىنىدۇ.
ئەمما، تاماكا تاشلىغىلى بولمايدىغان نەرسە ئەمەس. ئەگەر تاماكا تاشلاشتا چىڭ تۇرغاندا، بەدەندىكى ئاتسېتېلخولېن ئاستا-ئاستا تازىلىنىپ يوقايدۇ، بۇ ناھايىتى ئۇزۇن بىر جەريان. تاماكا تاشلاپ 6 ~ 12 ھەپتىدىن كېيىن، بەدەندىكى نىكوتىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك تازىلىنىپ بولىدۇ، ھەمدە قايتا خۇمار تۇتىدىغان ئىشلار بولمايدۇ. خۇمار تۇتىدىغان ئىشلار ئادەتتە تاماكا تاشلاپ 2 ئاي ئىچىدە كۆپ قېتىم يۈز بېرىدۇ، مۇشۇ جەرياندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتكەندىلا ئاندىن تاماكىنى ئوڭۇشلۇق تاشلىغىلى بولىدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: پىسخىكا، تۇرمۇش، داۋالىنىش، ساۋات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 19,230 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 09-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: tamaka-tashlash.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مۇزدەك بىلىملەر: نېمىشقا مائۇسنىڭ كۆرسەتكۈچ سترېلكىسى يانتۇ بولىدۇ؟
- كېيىنكى يازما > ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ئادىمىيىتىڭىز ۋە نەپسىڭىزنى ئاشكارىلاپ قويىدىغان ئاجايىپ قالتىس سىناق
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
بەڭگىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي…
ئىرادىسىزلەر
مېنىڭ ئاغىنەمنى قىز دوستى تاماكا چەكمەيدىكەنسەن ،، پەيزىڭ يوق ، ئايرىلىپ كېتەيلى دەپ ئۇرۇشۇپتىكەن،، شۇ ئاچچىقىغا پايلىماي تازا چېكىدىغان بوپتۇ. مەن ئۇنىڭغا ئۆزىنىمۇ زەھەرلىمەيدىغان قىز دوستىغىمۇ يارايدىغان ئەقىلدىن بىرنى دېسەم سىناق قىپ ئۈنۈمىنى كۆردى… سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ قىز دوستى ئاشۇنداقلار بولسا مازكەننى مائۇس چۇۋۇلۇپ كەتكۈچە بېسىڭلار ئاندىن دەپ بېرەي
ئاشۇنداق تاماماكا چەكمەيدىكەنسەن ،ھاراق ئىچمەيدىكەنسەن پەيزىڭ يوقكەن دىگەن قىزلارنىڭ ئاغزىدىن يەنە بىريەلرىدىن تاماكا بىلەن ھاراق شىشسىنى تىقۋەتسە
مەن كىچىك چېغىمدە بىزنىڭ مەھەللىدىكى دەرەخلەرگە يامىشىپ ئۆسىدىغان سۈتلۈك ئوتنىڭ،قۇرۇپ قالغان پىلىكى،ئىچىگە دەرەخنىڭ قۇرۇق خازىڭىنى ئۇۋاپ سېلىپ،چىكەتتىم…بۇنىڭ ھوزۇرىنى، چەت ئەللىك كۆك سوڭەك سولەتكلەر ھەرگىز ھىس قىلالمەيدۇ… ھالا بۈگەنگە كەگەندە… ھىچنىمە چەكمىدىم …ھىچنىمە ئىچمىدىم(ھاراق تاماكا دىمەكچى- سۇ پۇ ئىچىمەن،دەرىت -ھەسىرەت چىكىمەن ئانچە مۇنچى)
دەمەك ئىرۇۋادە،بولسە تاشلەيدى
ھەسرەتتىن ئانچە-مۇنچە چەككەندىن بۆلەك بىرنىمە چەكمەيمەن
مۇشۇ تاماكا چېكىپ قېشىمغا كېلىپ گەپ قىلغان ئادەمگە : مەكىلە ئاداش گېپىم بار ، ۋاي قولۇمدىكى چەيدودىن قورقما ، مەكىلە ھاراملىق ، سەن بىلەن كەلگۈسى توغۇرلۇق بىر مۇڭداشقۇم بار …. دىگۈم كېلىدۇ …
مەن 16 يىشىمدىم تارتىپ تاماكا چەككەن ، ماڭغا ئاغىنەم قىززىقتۇرغان بىراق تاماكا تاشلىۋەتكەن بەك تەستە تاشلىدىم دىسەم ماز پاراڭ بولۇپ قالىدۇ. شۇ چەككۈم كەلگەندە بەدەن چىنىقتۇردۇم بەك ئاسان تاشلىدىم ، تاشلىغىلى 5 يىل بولدى . شۇنىڭ باناسىدا بەدەن چىنىقتۇرۇشقا خۇمار بولۇپ قالدىم بىرەر كۈن چىنىقتۇرمىسام ئىچىم پۇشىدۇ،
مەنغۇ كىچىكىمدە بالىلارنىڭ كەينىگە كىرىپ ھېلىقى چىڭگىلەكنى چىكىپ باققانچە ھازىرغىچە تاماكا دىگەن نەرسىنى ئېغىزىمغا يىقىنمۇ ئەكىلىپ باقمىدىم …
ئۆتكەندە ئاغىنىلەر بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇرايلى دەپ بىر چىلىمخانىغا كىردۇق ، ئۇلارنىڭ چىلىم چېكىشتىكى باھانىلىرىنىڭ قىززىقلىقى … بەلغەم بوشىتىدۇ يەنە بىرنىمە قىلىدۇ ، سالامەتلىككە پايدىلىق دەپ …. ھە دەپ قويۇپ چاي ئىچىپ ئولتۇرسام ماڭا بەك زورلاپ كەتتى ، بىرلا تارتىپ باق دەپ ، ماۋۇ ئەتىرگۈلنىڭ ماۋۇ ئالما تەملىكنىڭ ماۋۇ بىرنىمە تەملىكنىڭ دەپ ….. يېرىم سائەت قارشىلىق كۆرسۈتۈپ ئاخىرى بولالماي بىر تارتىپ قويۇپلا مۇشۇ گۇيلاردىن قۇتۇلاي دەپ بىر تارتقىنىمنى بىلىمەن ، باشلىرىم قىيىپ ، تورۇسى چۆگۈلەپ ، چىممىرلايدۇ يۇلتۇزلار بولۇپ كەتتى ….. ۋاي بولمايدىكىنەۋا بۇ دەپ قويۇپ ئولتۇرىۋالدىم ئەمما دەردىمنى ئۆزۈم بىلىمەن ….ئەمىلىيەتتە ياندىكى ئورۇندا بىرنەچچە قىزلار ئالامەت زوق – شوخ بىلەن چىلىمنىڭ پەيزىدىن ھوزۇرلىنىۋاتاتتى ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا چاندۇرماسلىق ئۈچۈن قانچىلىك تىرىشقانلىقىمنى ماڭا ئوخشاش ئىشنى بىشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققانلار ھېس قىلمىسا ….
ھازىرغۇ ئۇ چىلىمخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ قالسام قاراپمۇ سالمايمەن …
بەڭگىلەرنى بەك تىللاپ كەتمەڭلار، مۇشۇ تەدبىركارمۇ ئالدىنقى قاتاردىكى بەڭگىلەردىن ھېسابلىنىدۇ (خەق ھامان دەۋىتەتتى، ئۇنىڭدىن مەن دەۋىتەي دېدىمغۇ)
مەن مەكتەپتە ئوقىۋاتقاندا دوستلۇرۇمغا ئوخشاش قىزىقىپ بىر ھەپتىدەك چىكىم باقساممۇ خۇمار بولمىغان ، مانا 10 يىلدەك بوپتۇ . ئېغىزىمغىمۇ ئېلىپ باقمىدىم، شۈكرى ! ئىگىمىز ئىنساپ بېرىپتىكەن . ئەگەر كەلگۈسىدە بىرەر قىز بالا تاماكا چەكمەيدىكەنسەن دەپ دوق قىلىپ قالسا مەنمۇ بوش كەلمەي ، مەنمۇ بىلىكىگە ئۇكۇل قىلىپ ئۇرمايدىغان قىزلارغا ئۆچ دەپ كەشىنى توغۇرلاپ قويمىسام …
تاماكا چەكمەيدىكەنسەن ھاراق ئىچمەيدىكەنسەن دىگەن قىزلاردىن رەنجىمەڭلەر،
مال تۇرى بىلەن ئادەم خىلى بىلەن،ئۇلارمۇ شۇ بەڭگىلەرنىڭ خىلى بولغاچقا ئۆزىنىڭ ئەبتى بەشرىسىنى ئاچىدۇ.ئۇلارمۇ خىلىنى تاپسۇن قانداق دىدىم
مەن جوڭخۇ بولمىسا چەكىمەيمەن دەپ تۇرىۋالىمەن ،ئاغىنە بالىنىڭ ئالىدىدا ئۆزىمنى ئوخىشىتىپ
مەن ئىلگىرى ئاغىنە باللارنىڭ كەينىگەكىرىپ ھەپتە چىكىپ بىقىپ ئۆزۈمچە ئىچىم پۇششۇپ تاشلىۋەتكەن.
مەنچە تاماكا تاشلاش ئۈنچە تەس ئەمەس
مۇشۇ بەڭگىلەرنىڭ تاماكىنى تاشلىغۇسى يوق شۇڭا تاشلىمايدۇ.
بەك تىت تىت بولۇپ كەتسەم بىرەر تال تارتىپ قويىمەن …… خۇمار بولۇپمۇ قالمىدىم ئىشقىلىپ بەزىدە بەك تېتىپ كېتىدۇ بەزىدە بىرنى چەكسەم باشنى پېقىرتىۋىتىدىغۇ بۇ تاماكا ……
ۋاھ… بەزەنلە تاماكىنى پۇرقىرىتىپ چېكىپ ئولتۇرۇپ تاماكا چېكىش بەدەنگە زىيانلىق…دەپ تېما يېزىپتىمۇ نېمە ؟
كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام دائىم ماڭا نەسىھەت قىلاتتى…بالام،موللامنىڭ دېگىنىنى قىل،قىلغىنىنى قىلما…دەپ…
تاماكاچەكمىگەن ياخشى
تاماكاتەن سالامەتلىككەزىيانلىق