بىز قانداق ماڭىمىز؟
بىزگە مېڭىشتىنمۇ ئاددىي ۋە تۈپكى ئىش بولمىسا كېرەك. بۇنداق ئاددىي ھەرىكەتنىڭ فىزىكىلىق مېخانىكىسى ئەمەلىيەتتە ئۇنچىلىك ئاددىي ئەمەس. بىز زادى قانداق ماڭالايمىز؟ قايسى كۈچلەر، تەبىئەتنىڭ قايسى قانۇنىيەتلىرى بىزنىڭ مېڭىشىمىزنى مۇمكىن قىلغان؟ يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچىمۇ؟ بەلكىم.
نىيۇتوننىڭ ئاساسلىق قانۇنلىرىنىڭ بىرىدە، ھەرىكەتسىز جىمجىت ھالەتتە تۇرغان جىسىمنى بىر يۆلىنىشتە ھەرىكەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن، شۇ يۆلىنىشتە جىسىمغا كۈچ بېرىش كېرەك دېيىلىدۇ. شۇڭا، جىم تۇرغان ئادەم يەر يۈزىگە پاراللېل ھالدا ھەرىكەت قىلماقچى بولسا، چوقۇم يەر يۈزىگە پاراللېل بىر كۈچ بولۇشى كېرەك. يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى يەر يۈزىگە تىك يۆلىنىشتە، شۇڭا يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى بىزنى ماڭغۇزىدىغان بىۋاسىتە كۈچ ئەمەس.
بىز يەر يۈزىدە جىم تۇرغاندا، يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى تۈپەيلىدىن، ئايىغىمىز بىلەن يەر يۈزىدە سۈركىلىش كۈچى بولىدۇ. بىزنىڭ پاچاق ۋە پۇتتىن تەركىب تاپقان مۆجىزە خاراكتېرلىك قۇرۇلما، مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق يەر يۈزىدە كەينىمىزگە قارىتا بىر كۈچ بېرىپ سۈركىلىش كۈچىنى ۋاسىتە قىلىپ بىزنى ئالدىغا ماڭغۇزىدۇ.
ئەمدى ئويلاپ باقايلى، يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا (ئەلۋەتتە باشقا تاشقى كۈچلەرمۇ يوق بولغاندا) بىز يەر يۈزىدە ماڭالامدۇق؟ ياق، ماڭالمايمىز، چۈنكى يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى بولمىسا بىزنى يەر-يۈزىگە تارتىپ، ئايىغىمىز بىلەن يەر يۈزى ئارىلىقىدا سۈركىلىش كۈچى ھاسىل قىلىدىغان كۈچ بولمايدۇ. يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى بولغان بىلەن سۈركىلىش كۈچى بولمىسىچۇ؟ مۇزنىڭ ئۈستىدە جىم تۇرۇپ، تۇيۇقسىزلا يۈگۈرۈپ باقسىڭىز بۇنى ئازراق چۈشىنىسىز.
يەرشارىنى ئايلىنىپ چۆرگۈلەۋاتقان بوشلۇق پونكىتلىرى ئىچىدىكى ئادەملەر پونكىت ئىچىدە ماڭالمايدۇ، لەيلەپ يۈرۈيدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ ئاجىز ياكى يوقلىقىدىنمۇ؟ ياق، ئۇ يەردە (يەر يۈزىدىن 500 كىلومېتىر ئېگىزلىكتە) يەرشارىنىڭ ئادەمگە بولغان تارتىش كۈچى يەنىلا خېلى كۈچلۈك. ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بۇنداق ئەھۋالدا ئېغىرلىق ھېس قىلماسلىقى، ئۇچار كېمە ياكى بوشلۇق پونكىت كېمىلىرىنىڭ يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى تۈپەيلىدىن چەمبەرسىمان ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىدا. بۇ ئەركىن ھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەركىن ھەرىكەت قىلغان جىسىمنىڭ ئىچىدىكى كىچىك جىسىم (ئېغىرلىقى ئېتىبارسىز) مۇشۇنداق ئېغىرلىق ھېس قىلمايدۇ. مەسىلەن، بىر تۆمۈردىن ياسالغان چوڭ ساندۇق (10 توننا) ئىچىگە بىر ئادەمنى سېلىپ يەر يۈزىدىن 10 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىن تاشلىسا، ساندۇق ئىچىدىكى ئادەم يەر يۈزىگە چۈشكىچە بولغان ۋاقىتتا (45 سېكۇنت) ئېغىرلىق ھېس قىلمايدۇ، ھەم مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىغا ئوخشاش ساندۇقنىڭ ئىچىدە خالىغانچە لەيلەپ يۈرەلەيدۇ.
يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى ۋە سۈركىلىش كۈچىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئەتراپىمىزدا ناھايىتى كۆپ. لېكىن يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى سۈركىلىش كۈچىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئەمەس. ئەڭ ئاددىيسى، قولىڭىزغا قەلەمنى ئېلىپ خەت يازالىشىڭىز، قەلەمنى بارمىقىڭىزدا مىجىپ بېسىم ھاسىل قىلغاندىن كىيىن سۈركىلىش كۈچى ئارقىلىق قەلەم قولىڭىزدا تۇرغانلىقتىن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ۋېلىسىپىتنىڭ تورمۇزىنى يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى بولمىسىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
تەبىئەتتە تۆت چوڭ كۈچ تۈرلىرىنى بار. يۇقىرىقى دەپ ئۆتكەن كۈچلەر (يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى، سۈركىلىش كۈچى، …) قايسى كۈچ تۈرىگە كىرىدۇ؟ بىرسى ئېغىرلىق كۈچىگە، يەنە بىرسى ئېلېكتىر ماگنىتلىق كۈچىگە تەۋە. نېمە ئۈچۈن؟ كەلگۈسىدىكى يازمىلارغا دىققەت قىلىڭ.
كارۋان بىز يازمىسى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، ساۋات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 23,482 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 02-ئاينىڭ 23-كۈنى
- يازما مەنزىلى: how-walking.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 20 پارچە ئاز ئۇچرايدىغان تارىخى سۈرەت
- كېيىنكى يازما > يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
- رېئاللىق ھەمىشە رەھىمسىز كېلىدۇ | كىنو ۋە رېئال تۇرمۇشتىكى پەرق(2)
ئاۋال ئولتۇرۇرىۋالاي ~~ ھە
دىۋا…………ن
XXX: ياق ئەمەس
10 توننا ئېغىرلىقتىكى ساندۇققا ئادەمنى سېلىپ تاشلىغاندىن كېيىنكى ئادەمنىڭ كەلگۈسىگە قىزىقىۋاتىمەن ……
45 سىكىنۇت لەيلىگەندىن كېيىن ، 46 -سىكۇنتنىڭ ئۆزىدە ئاجايىپ بىر مۆجىزە يۈز بېرىدۇ ، ئۇنى ھەر بىر ئەقىلى ئىگىسى ئېنىق بىلىدىغۇ دەيمە ئۆزەمچە :
مەن ھېچنىمىنى چۈشۈنەلمىدىم . ھەقىقەتەن ئېسىل يازما بەلەن يازما
مۇزنىڭ ئۈستىدە جىم تۇرۇپ، تۇيۇقسىزلا يۈگۈرۈپ باقسىڭىز ئالدىڭىزغا دۈم چۇشىسىز
تورخۇماكامغا ۋەزىپە بوپ قالدىمۇ نىمە ،كۈندە قارىسا جۇبىسكامنىڭ سۈرتىلا تىما يوللاۋاتقان ،باشقا تورداشلارمۇ بىر ئىككى تىما جىجاپ قۇيايلى ،
ما نەچچە كۈن چاغاندا چىگۇڭ دېگەننى راۋۇرۇس يىغىپ يوللىغان تېماڭ مۇشۇما؟
يازمىدىمەۋە بولدى
ئاپتورى تورخۇمار دەپ تۇراتتى، خاپوماڭلا ھە.
بىرمۇنچە ئىنكاس يازسام يوللانماپتى ئاچچىقىمدا « يازمىدىماۋە بولدى » دەپ يېزىپ قويسام چىقىپ قاپتۇ ….
بۇ قېتىملىق ئوسكار مۇكاپاتى توغرىلىق بىر نېمە يېزىڭلا باللا
ئەمسە ئىنرىتسىيەچۇ
ئەجەپ ئۇزۇن كۇن بولدى بۇ