نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر

ساتىراشخانا ھەقىقەتەن بىر سىرلىق مەۋجۇدات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، قايچىنىڭ مۇنداقلا ئىككى تاراسلىشى سىزنىڭ كەلگۈسى نەچچە ئايلىق قىياپىتىڭىز، مۇنداقچە ئېيتقاندا سەتلىكىڭىزنى بەلگىلىۋېتىدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ قىزلار بىلەن بولغان ئۇچرىشىش، يۈز تۇرانە ئىمتىھان دېگەندەك ئىشلاردىمۇ ئاشۇ بىر نەچچە قايچىنىڭ ئەگەشمە ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمايسىز. يىغلاپ بولۇپ يەنە ئۇلاپ يىغلايسىز…

1. ساتىراش چاچنى ياساپ بولغاندىن كېيىن سىزنى ئەسلىدىكى سەت ھالىتىڭىزدىن يەنە بىر خىل سەت ھالەتكە ئۆزگەرتىپ قويالايدۇ

2. ھەر قېتىم ساتىراشخانىغا كىرگەندە ساتىراشلارنىڭ ھازىرلار سەھنىگە چىقىش ئالدىدا تۇرغان ئارتېستلاردەك تۇرىدىغانلىقىنى بايقايسىز

3. چاچ ياسىتىشتىن بۇرۇن چاچ پاسوننى ئالماشتۇرۇشنى ئويلايمىز، ياسىتىپ بوپ چىرايىمىزنى ئالماشتۇرۇشنى ئويلايمىز

4. ساتىراشنىڭ نەزىرىدىكى بىر سانتىمېتىر

5. چېچىمنى ياسىغان ئاشۇ ساتىراشنىڭ چېچىنى بىر ياساپ قويغۇم كېلىدۇ، بۇ ئارزۇيۇم ھازىرغىچە پەسەيگىنى يوق

6. ھەر قېتىملىق چاچ ياسىتىش بىر دو تىكىشقا ئوخشايدۇ، ئەپسۇس، مەن ئەزەلدىن يېڭىپ باقمىدىم

7. بەلكىم ئاشۇ يىلى ئۆزىنى چاغلىمايدىغان بىر ساتىراشقا ئۇچرىمىغان بولسام، بۇ چاغقا ئاللىبۇرۇن توي قىلىپ بولغان بولاتتىم

8. مەن ساتىراشنىڭ نەزىرىدە بىر قارىغۇ، ساتىراش مېنىڭ نەزىرىمدە بىر گاس

9. جاپا تارتىپ يېرىم يىل قويغان چاچ، بىر قايچا بىلەن ئازاتلىقنىڭ ئالدىدىكى چاغقا بېرىپ قالىدۇ

10. چاچنى ياساپ بولغاندىن كېيىن ساتىراش قاندىغىراق؟ دەپ سورىدى، 5 سكونت سۈكۈتتە تۇرىۋەتكەندىن كېيىن، سىزنىڭ خۇشاللىقىڭىز مېنىڭ ئەڭ زور بەختىم دەپ جاۋاپ بەردىم

11. قىسقىراق ياساپ قويسىڭىز؟ ماقۇل، «قىسقىراق» ياساپ قوياي

12. يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلار چاچنى ياساپ بولۇپ كۆزەينەكنى تاقاپ ئەينەككە قارىغاندىن كېيىنكى ئۇ ئازاپنى چۈشىنىدىغانلار بەك ئاز

13. ماڭا لازىمى ئەنجىلىنا جۇلىتى، ئەمما ساتىراشنىڭ قولىدىن لىيۇخۇلەن چىقتى

14. ئاساسلىق مۇلازىمەت ساتىراشخانىنىڭ ئېتىبار كارتىسىنى تارقىتىش، چاچ ياساش پەقەت قوشۇمچە كەسىپ

15. ھەر قېتىم غەيرىتىمنى يىغىپ ساتىراشخانىغا كىرىمەن، كۈلۈپ تۇرۇپ كىرىپ يىغلاپ تۇرۇپ يېنىپ چىقىمەن

ئاخىرىدا…ساتىراشخانىدىن چىققىلى نەچچە كۈن بولدى، ئۆيدىن تالاغا چىقالمايۋاتىمەن، يوقلاپ كېلىدىغانلار يوقمۇ؟ ئاچ قالدىم



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئابدۇخېلىل 2015.02.12 , 14:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۈگۈن مەن ئولتۇرۇپتىمەندە….:mrgreen:

  2. Forever 2015.02.12 , 14:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياساتماي دىسە تېخى ، ياسىتاي دىسە تېخى ، ئامال يوق …
    بەزىدە مەن ئۈچۈن ساتىراچنىڭ ئورۇندىقىغا چىقىش خۇددى جازا مەيدانىدىكى دارنىڭ ئالدىغا چىققاندەكلا ئىش …
    قايسى كۈنىمۇ چېچىمنى ياساتقىلى قوشنا ساتىراچنىڭكىگە كىرگەن ، ۋاي ئۇستام ئىككى چىكەم بىلەن كەينىدىن ئازراقلا ئېلىۋەتسىڭىز بولىدۇ دىسەم ماقۇل دەۋاتاتتى بىردەمدە قارىسام چىچىم كىمجوڭئىننىڭ چىچىدەك تۇرمامدۇ …تىللاي دىسەم تېخى ، شۇنىڭ بىلەن 15 كوينى كۈلۈپ تۇرۇپ تەڭلەپ ئاستا چىكىتىۋالدىم …
    ئاخىرىدا ساتىراچ ئۇستاملارغا يۈرەك سۆزۈم ….
    ………………
    …………….
    ………….
    ………
    سىز خۇش بولسىڭىزلا مەيلى … :oops:

  3. ۋاپاسىز 2015.02.12 , 14:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ساپلا مىنىڭ قىسمەتلىرىمكەنغۇ:mrgreen:

  4. ئالمىچى 2015.02.12 , 14:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنغۇ بىر كىرىپ ساتىراچنىڭ ئۇرۇندىغىدا ئۇلتاسام تا چىچىمنى ياساپ بۇلغىچە ئۇخلايمەنكەن . ياساپ بۇلۇپ ئەينەككە قارسام ياراسسا بۇپتۇ دەپ يارمىسا چۇشۇرۋەت دەپلە قۇتىلىمەن :lol::lol::lol::lol:

  5. rock 2015.02.12 , 15:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چىراي جايىدا بولسا قانداقلا چاچ بولسۇن يارىشىۋېرىدىكەن قاراڭلا باللا.

    • rock 2015.02.15 , 15:24

      راس گەپ قىپ قويسام مازكەننى ئەجەب ئايىماي بېسىپسىلە باللا.

  6. يولۇچى 2015.02.12 , 15:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چېچىمنى ياسىتىپ كىرسەملا ما تېمىنىڭ ئۇچرىغىنىنى. چاچنىڭ ئالدىنى كۆرگىلى بولغان بىلەن كەينىنى بىلگىلى بولمىغاندىكىن، قاراپراق ئەينەك تۇتقۇزۇپراق ياساتماق كېرەككەن. چېچىمنىڭ ئالدى شۇنداق پەيزى، قىسقا، روھلۇق، ئەمما كەينى….. چاچ يوق يەدىن شاپپىدە چاچ پەيدا بوغاندەكلا قىقۇيۇپتۇ. چاپىنىمنىڭ بۆكى بارتى، بېشىمنى چۈمكەپ ئۆيگە ئاران كىرىۋالدىم، قاندا قىلىدىغان ئىشكىنتاڭ. ياش باللارنىڭ دېيىشىچە بۇ دەششەت ئېسىل پاسونمىش.

  7. ~قاراقچى 2015.02.12 , 16:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بۈگەن كەچتە ياسىتامەن دەپتىم ، ئالدىرمايراق ئويلىشىپ ، يامان يەگە كىرسەم بوغىدەك :mrgreen::mrgreen:بىكا …..بوپ قامماي

  8. ~قاراقچى 2015.02.12 , 16:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلارنىڭ ئاھۇ زارىغا مەنمۇ قوشۇلىمەن ، مەنمۇ يىراقنى كۆرەممەيتتىم

  9. yawaxboy 2015.02.12 , 19:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دۇنيادا ئامال يوق ئىشنڭ بىرسى مۇشۇ شۇ….

  10. ئىسيانكار 2015.02.12 , 21:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ نەچچە چۈشۈرۋېتىشنى ئويلايمەن لىكىن چۈشۈرۋەتسە تېخىمۇ ئازاب ، شۇڭا ئازابقا چىداپ ياشاپ كەلدىم

  11. X_man 2015.02.12 , 22:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ما چاچنى ياسىتاي دەيمەن يەنە ئاشۇ ساتىراچخانىنىڭ ئالدىغا بېرپ ئەگىلنىپ ئۆتۈپ كىتىمەن ،ئاخىرى چاچ ئۈسۈپ ئامال بولمىغاندا ……☹

  12. چاقماق 2015.02.12 , 23:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن توي قىلىشتىن بۇرۇن ساتىراچخانىغا كىرىپلا چېچىمنى ياساتمىغاندەك بىلدۇرمەيلا ياسىتىشنى بۇيرىتىم.
    ئەمدىلىكتەكىرىپلا مۇشۇ چېچىم چۇشۇپ كىتىۋاتىدۇ دەپ 1-2 يىل بوپ قالدى چۈشۈرۈپلا يەڭگىلەپ قالغاندەك چىقىپ كىتىمە…….
    مۇشۇ چېچى چۇشۈپ كىتىۋاقانلا مەندەك 1-2 ئاي داۋاملاشسا كۈنۈپ قالىدىكەن .
    ئەمدە چېچىمنى ئۆسۈپ قالسا قايسى پاسۇندا ياسىتامەندەپ ئويلاپ- ئويلاپ چېچېم يانا چۈشۇپ كىتىۋاتىدۇ دىسە…

  13. ئابدۇبەگ 2015.02.13 , 00:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالامەت…

  14. alisher 2015.02.15 , 14:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەردائىم چېچىمنى ياسىتىپ بولۇپ كۆزئەينەمنى تاقىغىنىمدا ،ساتىراچخانىنى تۈزلىۋەتكۈم كېلىدۇ .ساتىراچ ئۇستامنىڭ قوللىرىنى سۇندۇرۇپ ئاشۇ .ئەمدى دادمغا دەيمە …ئاشۇ بۇرۇنقى گال ئۇستىرىدا چۈشۈرۈپ قويۇڭ چېچىمنى دەپ .

  15. پۇسات 2015.02.16 , 01:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۆزىنىڭ چېچىنى ئۆزىنى ياسىغىلى بولغان بولسا كۆڭۈلدىكىدەك ياسىغىلى بولامدىكىن تاڭ!
    مەن يېززامدىكى ساتراچ بالىنىڭ يېنىغا چىقىپلا ماسلاشتۇرۇپ ياساپ قۇيۇڭلا دىسەم كۆڭەلدىكىدەك ياسايدۇ ، چىراي شەكلىگە قاراپلا قانداق چاۋ پاسۇنى ماس كىلدىغاننى بىلىۋالىدۇ ، ئۆزۈممۇ رازى بولۇپ قالىمەن ، ئۈچۈممچىدە چاچ ياساتسام زادى كۆڭەلدىكىدەك چىقمايدۇ ، ئامال يوق ، چاچنى ئالماشتۇرۋالغىلى كىسىپ بولسا ئۇلىغىنى بولمايدىكەن ، كىيىم ، ئاياغ ياراشمىسا باشقىنى ئالساق بولىدىكەن لىكىن مۇشۇ چاچ بەك مۇھىم ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ساتىراچ ئۇستاملا يا بىر بولسا خەقنىڭ بېشىنى سىيلاۋېرىپ ئادىشىپ قالغان ، يا بولمىسا بىز خىرىدارلار مەقسىتىمىزنى ئىنىق دىيەلمىگەن ، ئىشقىلىپ ساتىراچ بىلەن خىرىدار ئوتتۇرسىدا بىر كىلىشكىلى بولمايدىغان بىر ئىش با :razz:

  16. ئادىل 2015.02.18 , 20:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ساقال ئىلىشنىڭ گىپى يوقمۇ؟
    ما بىزنىڭ يۇرتتا ساقال ئىلىپ چاچنى يۇغانغا 20 يۈئەنگە چىقتى دىسە.

  17. chaqmaq 2015.02.19 , 20:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنغۇ ھەر دائىم ساقىلىمنى ئۆزەم ئالىمەن ساتىراشخانىغا چاچ ئۈسۈپ بولمىغاندا بارمىسام بارغۇم كەلمەيدىغان بۇلۇپ قالدى :mrgreen:

    تورخۇماردا مېنىڭ زاپىرىم پەيدا بوپتۇ ئاۋۇ ئۈستىدىكى چاقماق مەن ئەمەس جۇمۇ :mrgreen:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量