نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > دوستانە ئۇلىنىش
دوستانە ئۇلىنىش
دوستانە ئۇلىنىش

دوستانە ئۇلىنىش قىلغۇچىلار سەمىگە: مەزكۇر بېكەت ئېقىم مىقدارى، PR قىممىتى ياكى باشقا ھەرقانداق سەۋەپ بىلەن قارىغۇلارچە ئۇلىنىش ئالماشتۇرمايدۇ. ناۋادا مەن پايدىلىنىش قىممىتى بار ياكى مۇۋاپىق كۆرگەن تور بېكەتلەرنى بايقىسام، ئاكتىپ ھالدا ئۇلانما قىلىپ قويىمەن، بۇ قارشى تەرەپنىڭ تورخۇمارنى ئۇلانما قىلىش قىلماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

باش بەتتە بارلىق ئۇلانمىلارنى كۆرسىتىشكە بولمىغانلىقى ۋە سانداندىن ئۇچۇر ئىزدەش سۈرئىتىنى ئازايتىش، شۇ ئارقىلىق بېكەتنىڭ تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بارلىق دوستانە ئۇلانمىلار مۇشۇ بەتتە كۆرۈنىدۇ. ھالبۇكى، بۇ بەتتىكى ئۇلانمىلارنىڭ تىزىلىش رەت تەرتىۋىدىمۇ ھېچقانداق ئالاھىدە بەلگىلىمە يوق بولۇپ، بارلىق ئۇلانمىلار ھەر قېتىم ئوخشىمىغان تەرتىپتە ئاپتوماتىك تىزىلىپ چىقىدۇ. شۇڭا بۇ بەت ئۇلانما ئىگىلىرىگە نەزەرىيە جەھەتتىن ھېچقانداق ئېقىم مىقدارى ئېلىپ كېلەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا مۇشۇ ئازغىنە مەنپەئەتنى دەپ ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇشقا ئۇرۇنماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەلۋەتتە، ناۋادا سىز تور بېكىتىڭىزنى ھەقىقەتەن «پايدىلىنىش قىممىتى» بار ھەمدە تورخۇمارلار كۇلۇبى بىلەن دوستانە ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇشقا مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز، E-Mail ئارقىلىق بېكىتىڭىزنى تەۋسىيە قىلسىڭىز بولىدۇ. مەن ھەرقانداق ئېقىم مىقدارى، PR قىممىتى، Alexa دەرىجىسى دېگەنلەر بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايمەن، سىز ئۆزىڭىزنىڭ تور بېكىتىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەم بولسىڭىز، تور بېكىتىڭىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى، بېكەت تۈزۈلىشى رەتلىك ۋە ئازادە، داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان، كۆچۈرمە مەزمۇنلاردىن خالىي بېكەت بولسا تامامەن مەسىلە يوق. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەمەلىي تۇرمۇشتا مەن تونۇيدىغان دوست-بۇرادەرلەر تور بېكەت ئاچقان بولسا، مەن مۇۋاپىق ئۇلانما ئارقىلىق قوللاپ بېرىمەن. بۇنىڭ بېكەت مەزمۇنى ياكى سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، بۇ پەقەت دوستلۇق. ئەلۋەتتە، سىزمۇ تورخۇمارلار كۇلۇبىنى ياقتۇرسىڭىز، بېكىتىڭىزنىڭ مۇۋاپىق يېرىدە ئۇلانما ئارقىلىق قوللاپ بەرسىڭىز، مەنمۇ سىزگە ئالاھىدە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

دوستانە ئۇلىنىشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىدە ئىشلىتىلىشىنى، دوستلۇق ئۈستىگە ئۈستىگە قۇرۇلغان ئۇلىنىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

[ تورخۇماردا تېخىمۇ نادىر يازمىلار بۇ يەردە ]