نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما مەزمۇنى

ئامراق يانفونىڭىزنىڭ توكى تېز تۈگەمدۇ ؟ بۇندىن كېيىن ستولبا تۈۋىدە ئولتۇرۇپ تېلىفۇن ئويناڭ!

ھازىر كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھېچقايسىمىز يانفوندىن ئايرىلالمايمىز. مەيلى زۆرۈر بولسۇن ياكى بولمىسۇن. مەيلى ئوچۇق بولسۇن ياكى قەرز بوپ كەتسۇن يەنىلا يېنىمىزدىن ئايرىشنى خالىمايمىز. ھەتتا بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ ئاشكارلىشىچە، بىز كۈندە تەخمىنەن 150 قېتىم مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا تېلىفونىمىزنى قولىمىزغا ئالىدىكەنمىز(قارايدىكەنمىز).

1

لېكىن شۇنداق بىر قاملاشمىغان ئەمەلىيەت بىزنى تەتۈر قىينىماقتا. تېخنىكا سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ بىزنىڭ يانفونغا تايىنىش دەرىجىمىز تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئەكسىچە بولسا يانفوننىڭ توك سەرپىياتى ئېشىپ، بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقالمايدىغان بولۇپ قالدى. شۇڭا بىزلەر يېنىمىزدىن زەرەتلىگۈچنى ئايرىمايدىغان، نەدە توك مەنبەسىنى بايقىساق شۇ يەردە ئازراق بولسىمۇ تېلىفونىمىزغا توك قاچىلىۋالىدىغان خۇي چىقىرىۋالدۇق. بۇمۇ يامان ئىش ئەمەس ئەلۋەتتە. ئەتراپىمىزغا زەڭ سېلىپ قارايدىغان بولساق ئۆزىمىزنىڭ لىققىدە ئېلىكترو ماگنىت مەيدانى ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى بايقايمىز. كوچا كوچىدىكى ئۆمۈچۈكنىڭ تورىدەك توك سىملار، ئائىلە ئېلىكتر سايمانلىرى ۋە ھەتتا لامپا چىراقلارمۇ مانا مۇشۇ مەيداننى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇنداقتا مۇشۇ ئىلىكتىروماگنىت مەيدانىنى تېلىفونىمىزغا توك قاچىلايدىغان مەنبە قىلىشقا بولارمۇ؟

ZB19

يېقىندا بىر نەپەر گىرمانىيەلىك ئېنژىنىر/ فوتوگراف/لايىھىلىگۈچى مانا مۇشۇ خىل ئىشلىتىلىشچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى لايىھەنى تۈزۈپ چىقتى. ئۇ بوشلۇقتىكى ئېلېكترماگنىت مەيدانىنى توك مەنبەسى قىلىدۇ. ئۈسكىنىگە يەنە ئېلېكتر ماگنىت مەيدانى بايقىغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يېتەرلىك ئېلېكتر كۈچى بايقالسىلا LED چىراغ لاپىلداپ بەلگە بېرىدۇ. مەيلى ئۆيىڭىزدىكى كىچىككىنە ئۈسكىنىلەر بولسۇن. مەيلى باشقىلارنىڭ يانفون، كومپيۇتېرى بولسۇن ۋە ھەتتا كوچىدىكى سىتولبا ئاستىدا تۇرۇپمۇ تېلىفۇنىڭىزغا توك قاچىلىيالايسىز.

CQWK

ئېلېكتر كۈچىنىڭ دەرىجىسىگە ئاساسەن سىز بىر كۈندە ئاساسەن بىر باتارېيىگە لىق توك قاچىلىيالايسىز. لېكىن بۇ زەرەتلىگۈچ پەقەتلا جىددى پەيتلەردىكى قوشۇمچە تاللاش بولالايدۇ. ئەگەر سىز ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ يانفونىڭىزنى ھەر ۋاقىت توك لىق ھالەتتە ساقلايمەن دېسىڭىز، بەلكىم يەنە بىر مەزگىل ساقلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن بۇ بىر كىچىك لايىھەنىڭ ئۇتۇق قازىنىشى بۇ خىل ئىمكانىيەتنىڭ بار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. دېمەك يېقىن كەلگۈسىدە بۇ خىل كەشپىيات بىزنىڭ ئېشىندى ئېلېكتر كۈچىدىن پايدىلىنىشىمىزغا زور ياردەم قىلالىشى تامامەن مۇمكىن.

[ كەسمە سۈرەتلەر ]

ھازىر بۇ ئۈسكىنە تۆۋەندىكى بىر-قانچە تۈرلۈك ئېلىكتىر ماگىنىت مەيدانىنى يىغىپ توپلىيالايدۇ.

  1. ئادەتتىكى ئېلىكتىر مەيدانى :  100Hz دىن كىچىك بولغان.
  2. يۇقىرى چاستوتىلىق ئىلىكتىر مەيدانى : مەسىلەن سىمسىز ئېلىكتىر دولقۇنى [~100MHz]، يانفۇن سېگىنالىGSM [900/1800MHz].
  3. كۆك چىش ۋە سىمسىز تور [2,4GHz].


ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئېلتەبېر 2013.02.12 , 15:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان:grin:

  2. ئۇيغۇربەگ 2013.02.12 , 15:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پىرىنسىپ جەھەتتىن باشقىلارنىڭ تېلىفونىدىكى توكلارنىمۇ سۈمۈرۈۋالغىلى بولىدىكەن. نېمە توك يەتمەيدۇ دەيمەن يېقىندىن ياقى…

    • ئەركە 2013.02.12 , 21:44

      توكنى ئوغرىغا بىرىپتىمىزدە بىگىم …

  3. شامال 2013.02.12 , 16:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋانغا مەنمۇ قىستىلاي…ھى ھى…

  4. پەنجىر 2013.02.12 , 16:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دېمەك ، توك ئوغىرلاشكەنغۇ ، قانۇنسىزلىق!:mrgreen:

  5. موللاخۇن 2013.02.12 , 16:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىشقىلىپ ياخشىكە سىنىپتا ئولتۇرۇپ توك قاچلايدىكەنمىز:mrgreen:

  6. ئېلىجان 2013.02.12 , 16:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ تېخنىكا تىزرەك ئومۇملاشسا بوپتىكەن، ئىلگىرى ناخشا ئاڭلاپ تورغا چىقاتتىم، ھازىر جۈرئەت قىلالمايمەن، بىچارە تېلفۇنۇمنى ئاۋايلاپ سۆزلەشسەم كەچ بولغىچە ئاران يېتىدىغان بولۇپ قالدى… :sad:

  7. جاھانكەزدى 2013.02.12 , 18:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى ئۇچۇركەن.

  8. قارا ھەرە 2013.02.12 , 22:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بولىدىغان تېخنىكىكەن، ماۋۇ يانغۇنۇمنىمۇ بىكار قالسىلا كومپىيۇتېرغا چېتىپ زەرەتلەيمە، بولسا تېزراق بازارغا سېلىنسا، يانچۇقتىن ئالماي توك قاچىلاپ كەتسەك..:mrgreen:

  9. قارا ھەرە 2013.02.12 , 22:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۆزگەرمەپتىيا:?:

  10. تاماشىبىن 2013.02.13 , 01:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خام خىيال قىلماڭلار بولدى. ئۇ لايىھە مۇۋاپىقىيەت قازانسا يانفوندىن باشقىغا ئەلۋەتتە ئىشلەيدۇ. ئەڭ بولمىغاندا شۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ توك ئوغۇرلىغۇچ ئۈسكۈنىلەر چوقۇم مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇ چاغدا ئىنسانلارنى توك ئوغۇرلاشتىن توسۇپمۇ قالغىلى بولمايدۇ. دۇنيادىكى ئاز بىر قىسىم ئىنسانلارلا تاغ-ئورمانلاردا ياشايدىغان تۇرسا، قالغىنىنىڭ ھەممىسى توك ئىسلىتىدىغان تۇرسا، ئاخىرىدىكى زىيانلارنى ھېس قىلىپ بولغانسىلەر….:mrgreen: بۇنى يەر شارىغا تەۋە دۆلەت ياكى ئورگانلار ھەرگىز ئاشكارا چىقارمايدۇ.

  11. ئابومجان 2013.02.13 , 01:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي بۇ تېخنىكا دۆلىتىمىزدە ئاقماسمىكى ، نەچچە يىل بۇرۇن خېيلوڭجىياڭدا قۇياش ئىنىرگىيەسى بېجى ئالماقچى دىگەن مىش مىش خەۋەر تورنى خېلى قىزىتقان ، نەچچە كۈن بۇرۇن ئامرىكا نەچچە تىرلىيۇن مەبلەغ سېلىپ پۈتۈن دۆلەتتە ھەقسىز تورنى (wifi)ئۇمۇملاشتۇرۇشنى مەسلىھەتلىشىۋاتقاندا دۆلىتىمىزدىكى بەزى كاتتا باشلار قانداق قىلىپ ئاممى سورۇنلاردىكى ۋايىپجاننى ھەقلىق قىلىش توغرىسىدا ئويلاپ باشلىرى تاش بۇلۇپ قېتىپتۇدەك ، راس گەپ ماۋۇ

  12. سادا425 2013.02.13 , 08:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي قۇرۇق گەپ ھەرگىز ئوموملاشمايدۇ،مەنمۇ يىراق ئارلىققا سىمسىز توك يەتكۈزىدىغان لايىھەنى تۈزۈپ بوغان لىكىن قان چىقاماي،ئوساتماي جاننى ئالىدقغان قورالنىڭ بارلىققا كىلىشىدىن ئەنسىرەپ…………..

  13. Forever 2013.02.13 , 10:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توك ئىدارىسى جاننى تىكىپ تۇرۇپ بولسىمۇ قارشى تۇرار بۇنىڭغا ! :mrgreen:

  14. xilas 2013.02.13 , 15:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارنىڭ رەسىم كۆرۈش ئىقتىدارى بەك سىپتا دىسە ، يىنىك راھەت پاكىزە تۇيغۇ بېرىدۇ ئادەمگە ، شەخسى قارىشىم جۇمۇ :roll:

  15. تەنخا 2013.02.13 , 22:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق، تولۇق ئوتتۇرنىڭ فىزىكا دەرسىلىكىدىكى ‹‹ئىلىكتىر ئىندۇكسىيىسى›› دىگەن دەرسنى ئۇگەنگەن بولغىيتىڭلار :mrgreen:

  16. مېھمان 2013.02.14 , 17:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇچاغلارغا كەلگەندە ،يولدىكى سىتولبىلاردىن قاچلىۋالغان توكنىڭ پۇلىنى كىم تۈلەر ھە؟

    • قارا ھەرە 2013.02.15 , 13:37

      سۆزلىشىش ھەققىگە ھېسابلاپ تۇتۇپ قالامىكى ؟:mrgreen:

  17. ئالما تەملىك ئابلىسىن 2013.02.16 , 20:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ جۇڭگۇدا تور قاچان ھەقسىز بولا دەيمە ، ئاڭلىسام ئۈرۈمچى ب ر ت (يانفوندا قەتئى لاتىنچە ھەرپ باسقىلى بولمىدى، لاتىنچە باسسام ئۇيغۇرچە چىقىۋىلىپ بارىدۇ) سەككىز قەۋەت دىگەن بىكەتتە ھەقسىز سىمسىز تور بار ئىكەن، سىلەرمۇ بەيدۇ دىن ئىزدەپ بىقىڭلار.

  18. باغۋەن 2013.02.21 , 09:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺶ ﮪﻪﻗﻘﯩﮕﻪ ﮪﯧﺴﺎﺑﻼﭖ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﺎﻻﻣﯩﻜﻰ ؟ بۇنى چوقوم قىلىدۇ بۇ خەخ

  19. جىدەل 2013.08.18 , 02:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭچە مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق،قارا ھەرە نىڭ گىپنىى قوللايمە. چۇقۇم WIFI دەك مەخپى نۇمۇرلۇق قىلشى مۇمكىن.:grin:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量