ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىشلىتەلىشى ھازىرغا كەلگەندە ئانچە يېڭىلىق بولماي قالدى، بىراق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ قالتىس پايدىلىنالايسىز؟ Zano كىچىك تىپتىكى بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، ئۇنى ئوبدان كۆزەتسەك ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ The DWARFs كىچىك تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. Zano نىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى ھەجىمى كىچىك ۋە قول ئىشارىتى ئارقىلىق كونترول قىلالايسىز. ئۇنىڭغا دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك بولغان ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى قوللىنىلغان، ئىشلەتكۈچى قول ئىشارىتى ئارقىلىق ئۇچۇش يۆلىنىش سۈرئەت قاتارلىقلارنى كونترول قىلالايدۇ.Zano نىڭ GPS سىستېمىسى ئاپتوماتىك ھالدا سۈرەتكە ئېلىش ئارىلىقىنى تەڭشەپ ئىشلەتكۈچىنى ئەگىشىپ يۈرۈپ سىنغا ئالالايدۇ ۋە رەسىمگە تارتالايدۇ. Zano بىلەن ئىشلەتكۈچىنىڭ ئارىلىقى يىراق بولۇپ قالسا ياكى توكى ئاز قالسا ئاپتوماتىك ھالدا ئىشلەتكۈچىگە بىلدۈرەلەيدۇ.Zano غا بەش مىليون پېكسىللىق كامېرا سەپلەنگەن بولۇپ 720 پېكسىللىق ئېنىقلىقتىكى سىنغا ئالالايدۇ.
بۇ ئۈسكىنىنى Kickstarter ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سىناق پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ 30 كۈنلۈك سىناپ ئىشلىتىش ھەققى 19.5 دوللار قىلىپ بېكىتكەن، بىر كۈن ئىچىدە 102 دوللار توپلىيالىغان . بۇ ئۈسكىنىنى 2015 يىلى 6 ئايلاردا بازارغا سېلىشنى پىلانلىغان.
قېنى ئەمسە كۆپچىلىك بۇ ئۈسكۈنە بازارغا سېلىنغاندا ئاجايىپ غارايىپ سىنلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ تورخۇمار كۇلۇبىغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭلارھە…..
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: تېخنىكا، يېڭىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 21,581 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 01-ئاينىڭ 15-كۈنى
- يازما مەنزىلى: zano-camera.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- كېيىنكى يازما > ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- 3D لىك پرويېكسىيە تېخنىكىسىنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟ سۇ ئىشلىتىدىكەن سۇ!!!!!
- مارىيو مەستانىسى بولا، مۇشۇنچىلىك بولا
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- ئەردوغان ھولوگرافلىق پرويېكسىيە تېخنىكىسى ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلىدى
- ئەينى يىللاردىكى كارتون فىلىملەرنىڭ قانداق ئىشلەنگەنلىكىنى بىلەمسىز؟
- iPhone نىڭ ئۆزىدىكى ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ تېز سۈرئەتتە تارماق نومۇر بۇراش ئۇسۇلى
- 67 گە كىرگەن بوۋاي پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئۆز قولى بىلەن «مىكرو كەنت» ياساپ چىقىپتۇ
قاچانلىققا بىزلەرمۇ ئېلىپ ئوينامىز
بولدىغان گەپ!!!!!!!!!
ما كارامەتنى كۇرۇڭ ،. مۇشۇنداق بىر ئۇچقۇنى ئىشلەتسەك ئاسمانغا چىقىرىپ قۇيۇپ ماخابىتىمىز ئۇيدە بامۇ يۇق ، نىم قىلىۋاتدۇ ،دادىچۇ دەپ قاراپ كەتسەك ، ئىۋۇ دادىسى قىرىنىڭ نىم با بىزنىڭ ئۇينىڭ ئالدىدا دەپ قۇغلاشلىرىدىن قۇتۇلاتۇقتە
كۆپ ئادەملەر ئۇنىڭدا ئۆزنىلا رەسىمگەتاتمايدۇ ،ماۋۇ سىننى ئاجايىپ سىلىق ئىشلەپتۇ…..
توردا سىتۋاتدىغۇ ،بەك جىق بوپ كەتتى ھەرخىل ماركىلىقلىرى ..رەسىمنىمۇ دەششەت سۈزۈك تاتىپ قويدىكە ..
مەبىتىنىڭ دەرىزىسىگە چىقىرىپ خەت ئالاقە،يا تەلەتىنى كۆرەشكە بوغىدەك ئوقەتكەن،ئامما ماز يەلىرى كۆپ بولىدۇ ئىلغار بوسا
توكى نەچچە سائەت يىتىدىغاندۇ بۇ ئۇچقۇنىڭ؟ مەنمۇ بىرنى 480 كويغا ئالغان، ئەمما ماندا تۆت پىرقىرغۇچلۇق ئەمەس، تىك ئۇچار ئايروپىلان نۇسخىسى ئىدى، دەسلەپتە بىر توك قاچىلىسام 20 مىنۇت ئەتىراپىدا ئۇچتى، كىيىن 10 مىنۇتمۇ يەتمەس بوپقالدى، يېقىلغۇ يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن قونۇشقا ئۈلگۈرمەي سۇغا چۈپكەتتى، توك يولىدىن مەسىلە چىققان چىراي، ھازىر توپا بېسىپ ياتىدۇ.
توكى بىرە سائەتتىن ئارتۇق يىتىدىغان ئۇچقۇ بوسا تەۋەسيە قىپ قويساڭلا بوپتىكەن.
ئەمسە ماي يىقىلغۇلۇقنى ئىلىڭ، ئۇ تىخمۇ پەيزى.. ھەقىقى پۇخادىن چىققىلى بۇلدۇ
ئەڭ كۆپ بولغاندا 30 مېنۇت يېتىدۇ ، بىر سائەت يېتىدىغىنى يوق ، تېخى چىقمىدى ، يادرو ئېنىرگىيىسى ئىشلەتسە باشقا گەپ….
مەنمۇ ماي يېقىلغۇ قىلدىغاننى ئالاي دىگەن، ئەمما مايەدە ماي قاچىلاش پونكىتلىرى قۇتا ياكى كىچىك تۇڭلارغا ماي بەرمەيدۇ، يەنە چوڭراق تۇڭغا ماي ئالاي دىسىڭىزمۇ بىر تالاي ئىسپاتلارنى تەلەپ قىپ بېشىڭىزنى ئوچاق قىلىۋىتىدۇ، يەنە كېلىپ مېنىڭ موھىت ئاسىراش ئېڭىم دەششەت يۇقىرى دەڭە ، شۇڭا بىر ئىككى سائەت ئۇچالىسا توكتا ئۇچىدىغاننىلا ئالاي دىگەن.
مېنىڭچە بۇنىڭ باتارىيىسىنى ئۆزگەرتىپ ياسىسا قانداق بولاركىن مەن دېمەكچى بۇنىڭ باتارىيىسى تېلېفۇننىڭكىگە ئوخشاپ كىتىدىكەن تېلىفۇن رېمونتخانىسىغا كىرىپ ئۆزگەرتىپ ياسىسا قانداق بولا ؟
كۇچمە توكدان ئىلۋىلىپ ئىشلەتسە بوغدەك.