ئەردوغان ھولوگرافلىق پرويېكسىيە تېخنىكىسى ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلىدى
ناۋادا كۆپچىلىك پلانېتلار ئارا ئۇرۇش يۈرۈشلۈك فىلىملىرىنى كۆرگەن بولسا، بۇ خىل تەسۋىر چۈشۈرۈش تېخنىكىسىنى چوقۇم يادىغا ئېلىشى مۇمكىن. ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا 1:1 نىسبەتتە سىن ئارقىلىق شەخسنىڭ تەسۋىرىنى سىزگە چۈشۈرۈپ بېرىدۇ، خۇددى شۇ كىشى نەقمەيداندا باردەكلا. ئېنىقكى، ھازىر بۇ تېخنىكا فانتازىيەلىك كىنولاردىن ھالقىپ چىقىپ تۇرمۇشىمىزغىچە سىڭىپ كىرىپ بولدى. يېقىندا تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان دەل مۇشۇ تېخنىكا ئارقىلىق نەقمەيدانغا كېلەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا بىر مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى.
سىندىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پۈتكۈل مەيدان ئەھۋالى ئىنتايىن ھەيۋەت چىققان. تەخمىنەن ئۈچ مېتىر كېلىدىغان ئەردوغان تۇيۇقسىز سەھنىدىكى ئۈسكۈنىدە پەيدا بولدى ھەمدە تۈركىيە غەربى قىسىمدىكى شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن سىياسى يىغىنغا مۇۋاپىقىيەتلىك قاتناشتى، مەيداندا چاۋاكلار ئۈزۈلمىدى.
ئەلۋەتتە، بۇ لېكسىيە بۇ تېخنىكىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئوتتۇرىغا چىقىشى ئەمەس. ئېسىمدە قېلىشىچە، ئالدىنقى يىللىق CCTV چاغانلىق كېچىلىكتىمۇ مۇشۇنداق تەسۋىر چۈشۈرۈش تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەندەك يادىمدا. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، بۇنداق تېخنىكىلارنىڭ بارا-بارا ئىستېمالچىلار ئارىسىدا ئومۇملىشىشى، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرىشى مۇمكىن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تېخنىكا، يېڭىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 22,046 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 29-كۈنى
- يازما مەنزىلى: erdogan-hologram.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > قىزىقارلىق دۇنيا جېنىس رېكورتلىرى
- كېيىنكى يازما > مىكروسوفتقا قايتىپ كەلگەن بىلگەيتىس بىر كۈن ھەپىلىشىپ Win8.1 نى قاچىلىيالماپتۇ
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- 3D لىك پرويېكسىيە تېخنىكىسىنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟ سۇ ئىشلىتىدىكەن سۇ!!!!!
- مارىيو مەستانىسى بولا، مۇشۇنچىلىك بولا
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- ئەينى يىللاردىكى كارتون فىلىملەرنىڭ قانداق ئىشلەنگەنلىكىنى بىلەمسىز؟
- iPhone نىڭ ئۆزىدىكى ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ تېز سۈرئەتتە تارماق نومۇر بۇراش ئۇسۇلى
- 67 گە كىرگەن بوۋاي پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئۆز قولى بىلەن «مىكرو كەنت» ياساپ چىقىپتۇ
نىمداق ھەيۋەت ئالامەكىنغۇ
ئالامەت ئېكەنغۇ
پەچەتقۇ…
دىمەك بۇندىن كىيىن يىغىنغا قاتنىشىقا ئامال بولماي ،ياكى يىغىن مەيدانىغا چىقسا خەتەر ھېس قىلسا ،غايىپ ئوقتىن بىرپاي يەپ سالماي دىگەن زوۇڭتۇڭلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى بولۇپتۇ..سۈريەنىڭ زۇڭتىڭى بەشىر ئاساد ئىشلەتسە ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەن. بىر بۇلۇڭدا دەيدىغاننى دەپ ئاندىن چوڭ ئادەم جىق سورۇنندا شالاققدە قۇيۇپ بەرسە يىغىن مەيدانىدا ئىش چىقسىمۇ ئۆزى ساق قالىدۇ…بولسا بۇنى بىۋاستە تارقتىش شەكىلدە ياساپ چقىشمۇ مۇمكىن. ئۆزى مۇكۇپ تۇرۇپ سايىىسنى يىغىن زالىغا ئەۋەتىپ ،نەق مەيدان ئاۋازىنى زوڭتۇڭغا يەتكۈزسە بەلكىم بۇ سايە تېخنىكىسى ئارقىلىق مۇخپىرنىڭ سۇئالىغا نەق مەيدان جاۋاپ بىرىشىنمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ.
ھولوگرافلىق پرويېكسىيە تېخنىكىسنى ئۆزەمچە چىن سايە تېخنىكىس دەپ ئاتاپ يۈرۈپتىمە چاتاق چىقماس ھە .
ماۋۇ تىخنىكا دەھشەتكەنغۇ
ئىلىم-پەن غايەت تەرەققىي قىلىپ كىتىپتۇ جۇمۇ
مېنىڭچە بۇ تېخنىكىنىڭ ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاقكەن
بۇنى 3د لىق پىرويىكسىيە دىسە بولغىدەك
مابولىدىغان ئىشكەن ئۆيدىن چىقمايلا لىكسىيە سۆزلىسە بوغىدەك
بۇنىڭدىن باشقا سىلەر ئاڭلىمىغان ، كۆرمىگەن تېخنىكىلار جىق تېخى….
دىمەك سىز كۆرۈپ، ئاڭلاپ بوپسىزدە … مەسىلەن قايسى تېخنىكىدۇ ئۇ بىز ئاڭلاپ ھەم كۆرۈپ باقمىغان…؟!
مەسىلەن بىر ئىككىنى دىسىڭىز كۆرۈپ باقمايلىمۇ تىخنىكىلارنىڭ نەدىن نەگىچە بولىۋاتقانلىقىنى
بۇتېخنىكىنى خەنچە ياكى ئىنگىلىزچە نىمدەپ ئاتايمىز؟
ۋېل شىمىس باش رول ئالغان مەن ، ماشىنا ئادەم ناملىق كىنودىكى تېخنىكا شۇ ئوخشىمامدۇ ؟!
كىيىنچە QQ دىگەندەك گۇيلاردا قارشى تەرەپ بىلەن مۇشۇنداق پاراڭلىشىپ كەتسەك …
چچ دىگەن نىمە
مەن ايفوندا اچالمىدىمغۇ????
بۇتېخنىكىنى خەنچە ياكى ئىنگىلىزچە نىمدەپ ئاتايمىز؟?
بۇمۇ بىر يېڭىلىق ئىكەن. ئاددى ھەم يېقىشلىق كۆرۈنىدىكەن.
پەدتە چىقمىدى قانداق كۈرىمەن ياردەم قىلساڭلا
بۇ خىل تېخنىكىنى خەنزۇچە 全息投影 دەيدىكەن
بولىدىكەن،، ئومۇملاشسا قارشى ئېلىنغىدەك
虚拟成像技术 مۇ دەيدىغۇ دەيمەن…
دەسلەپ تورلاردا ئۇ – بۇ تېخنىكىلىرىنى كۆرۈپ قويمىغان بولسام تېلېۋىزوردا ئىشلەتكىنىنى كۆرۈپ ئېغىزىمنى ئېچىپ قالاتتىمىكەن دەيمەن… بولۇپمۇ ھېلىقى كىمدۇر بىرى دېڭلىجۈن بىلەن ناخشا ئېيتقاندا…
سىياسىي ئەربەبلارمۇ ئاز – تولا بۇنداق تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ قويسا سۆيۈملۈك تۇيۇلۇپ كېتەمدۇ نېمە