مىكروسوفتقا قايتىپ كەلگەن بىلگەيتىس بىر كۈن ھەپىلىشىپ Win8.1 نى قاچىلىيالماپتۇ
بۇ تەخمىنەن 10 كۈنلەرنىڭ ئالدىدا بولغان ئىش. بىلگەيتىس مىكروسوفتنىڭ يېڭى «تېخنىكا مەسلىھەتچىسى» سۈپىتىدە ئىشقا چۈشكەن بولۇپ، ئىشقا چۈشكەن 1-كۈنىلا جاپادا قالدى. مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان بۇياق سىستېمىسىنى Windows 8.1 گە كۆتۈرۈش ئۈچۈن خېلى ھەپىلەشكەن بولسىمۇ بىراق ھېچقانداق نەتىجىسى بولمىدى.
گەيتىس قاچىلاشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىلا مىققا ئۈسۈۋالدى، خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، گەيتىس قاچىلاش جەريانىدا توختىماي سەكرەپ چىقىدىغان بىر خاتالىق رامكىسىغا يولۇققان ھەمدە كومپيۇتېرنى قوزغىتىشنى تەلەپ قىلغان.
پۈتۈن چۈشلۈك تاماق ۋاقتىنى سەرپ قىلىپمۇ مەسىلە ھەل بولمىغاندىن كېيىن، گەيتىس مىكروسوفتنىڭ يېڭى CEO سى Satya Nadella نى ياردەملىشىشكە چاقىرغان. ئەمما ئاخىرىدا ھەر ئىككىيلەن ئوخشاشلا مەغلۇب بولغان.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئىككىيلەن ئالدىراش چاغدا ئىچكى ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددى ئىكەن. بىر مىكروسوفت ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، بىلگەيتىس ئادەتتە ئىنتايىن سوغۇققان ھەم تەمكىن ئادەم ئىكەن، ئۇنىڭ جىددىيلىشىشى ۋە ئاغزىدىن چىققان گەپلەر شۇ كۈنى شىركەتتىكى ھەممەيلەننى تەرلىتىۋېتىپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئامال بولماي، يەنىلا Windows 7 نى داۋاملىق ئىشلىتىشكە مەجبۇر بوپتۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: CEO، Microsoft، windows8، سىستېما
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 19,989 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 02-ئاينىڭ 20-كۈنى
- يازما مەنزىلى: win8-billgates.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئەردوغان ھولوگرافلىق پرويېكسىيە تېخنىكىسى ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلىدى
- كېيىنكى يازما > بىلگەيتېس: يەرگە 100 دوللار چۈشۈپ قالسا ئەلۋەتتە تېرىۋالىمەن
- نوكىيا ئاندروئىد تۇمانلىرى : Google قوللاشقا ئېرىشىدۇ، مىكروسوفت نەپكە ئېرىشىدۇ
- سامسۇڭ Tizen قاتارلىق سىستېمىلار Android قا ھۇجۇم باشلىدى
- Microsoft شىركىتى Nokia نىڭ يان تېلېفون كەسپىنى سېتىۋالدى
- مىكروسوفت CEO سى سېتۋى بالمېرنىڭ 57 يىللىق ھاياتىغا نەزەر
- كىم تارتقان Windows 8 نىڭ ئېلانلىرىدۇ بۇ؟ دەرھال مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىڭلار!
- نوكىيا ۋە Lumia يانفونلىرى | NOKIA قايتىپ كەلدى
- يېڭى يىلدىكى يەنە بىر خۇشخەۋەر: Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقماقچى!
- Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي تارقىتىلدى | ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش
- Windows 8 رەسمىي ھەقىقىي نەشىرى كەسپىي نەشىرى(سېتىۋالغاندىلا چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيسىز)
- IE 10 رەسمىي نەشىرى – Windows 7 دە ئىشلەيدىغان Internet Explorer 10 تور كۆرگۈسى ئېلان قىلىندى
قارىغاندا، گەيتىس قارى تازا قايناپتۇ دە …
ئالدىنقى يازمىدا wp نىڭ گىپى بۇلۇنغان ، ھەم توردىمۇ مىكروسوفىتنىڭ ئورگان بېتىدە يېڭى سىستىمغا ئۇيغۇرچە يېزىق قېتىش توغرىسىدا پىكىر بىرىلىپ بىلەت تاشلانغان ، مەنمۇ ئىرىنمەي دىگەندەك تاشلاپ كىلىۋاتقان ، يېقىندا مىكروسوفىت بۇ توغرىسىدا خەت قايتۇرۇپتۇ ، ئىچىم سەل ئاچچىق بوپ قالدى
جاۋاپ خېتى مانا ، ئاساسلىق مەزمۇنى ، خاپممىساڭلا ، ھازىرچە قېتىشقا ئامالسىزمىز ، لىكىن كىيىنچە ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن دىگەندەك گەپنى قىپتۇ :
Thank you for your suggestions – it’s always great to see such passionate Windows Phone users. Windows Phone currently supports 50 languages, and while we care deeply about all our customers, please understand that we can’t support every language. If and when we do, we will be sure to let you know.
خۇددى يۇمۇر ئوقوغاندەكلا بەك كۇلگۇم كىپكەتى
ۋاي ۋاي ، ماۋۇ ئىشنى گەيتىس قارىم ھىلىمۇ سەۋىرچان جۇما… مەنمۇ win8غا تازا كۆنەلمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى win7باغۇ كومپىيۇتىرىمدا..
توۋا دەڭلا باللا … چوقۇم بىكارچىلارنىڭ تاپقان قېپى بۇ ، ئۆزى ياسىغان سېستىمىنى ئۆزى قاچىلىيالمىدى دىسە ئەقىلگە سىغامدۇ بۇ ؟
بۇ پەقەت چەتئەلدىكى تەدبىراخۇنغا ئوخشاش بىلوگچى باللا قىززىق بوسۇن دەپ ئويناپ قويغان يۇمۇر ، راسقا ئېلىشۋاممىغايلا … يېڭى سىستىمىنى قاچىلاشنىڭ تەسلىكىنى مەسخىرە قىپ دىگەن گىپى بۇ …
مېنىڭچە راس ئىش بۇ چۈنكى كۆزنەك 7دىن كېيىن بېلگەيتىس سېستىما ياساش دېگەندەك ئىشلارغا قاتناشمىغان
مەنمۇ قاتناشمىغان بىلگەيتىس مەندىن دۆتمۇ ئەمسە
win7 بىلەن win8 قاچىلىنىش كۆرۈنمەيۈزى ئوخشاش، كىشىلەرنىڭ كۆنەلمەيۋاتقان يىرى باشلاش نىڭ يوقبولغىنى.
Win8 شۇندا ياخشغۇ ،لىكىن ماۋۇ ئىنىق يالغان گەپ
بېل گايتىسنىڭ ئۆزىنىڭ بىر پىروگراممېر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار
بىر پىروگراممىر بولغان كىشى بىر تەييار سېستىمىنى قاچىلىيالمىدى دېسە، يەنە كېلىپ سېستىما پۈتۈنلەي شۇلارنىڭ تىلىدا تۇرسا، ياردەم ھۆججەتلىرى دىگەندەكلەر تۇلۇق شۇلارنىڭ تىلىدا بار تۇرسا، قىلالمىدى دېسە كىم ئىشىنىدۇ؟ ئويلاپ كۆرۈڭلار كۆپچىلىك، ھاڭۋاقتىلىقنى بوشراق قىلىڭلار
ئۆزىنىڭ نەرسىسىنى ئۆزى ئىشلىتەلمىسە بىز قانداق ئىشلىتىمىز ؟
يۇمۇرمۇ يا؟
شۇنداق يۇز تاپقان بۇ مىكروسوفىتنىڭ قۇرغۇچىسى بېل گايتېس قانداق بوپ قاچىلىيالمىغاندۇ ؟ زادى قايسى خاتالىق بولغىيتى ئۇ ؟ دوستلار بولسا شۇنىمۇ بىر قالدۇرساڭلار ؟
بىلەت تاشلاپ ھىرىپ قالغانتىم ، چىرايلىق گەپلە بىلەن رەت قىلۋىتىپتۇدە
ما ئىشنى
مەنمۇ بۇرۇن ئاسانلا قاچىلىغان بۇدا پەقەت قاچىلىيالمىدىم
يەنىلا ۋىندوس 7 ياخشى ئوخشايدۇ. مەن ھازىر 8.1 ئىشلىتىۋاتىمەن. لىكىن ۋىندوس 7 ئىشلەتكەن ۋاقىتلىرىمنى ئەسلىمەي تۇرالمايمەن.
ھې ھې ، بىر شىركەتنى قۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىشلىتەلمەي
سىستىمىنى بارماق دېسكا ياكى ئوپتىك دىسكىغا ئويغاندا مەسىلە كۆرۈلگەن گەپ بۇ بىلگايتىسكامدىكى.
نوكىيادا ياڭاق چاقىدۇ دىگەن گەپكە ئەمدى ئىشەندىم.
http://v.youku.com/v_show/id_XNTAzODIyMzI4.html
بۇ يەردە ئەسلى خەۋەر باركەن، راست گەپكەن بۇ .
http://macdailynews.com/2014/02/05/bill-gates-spends-entire-first-day-back-in-office-trying-to-install-windows-8-1/
توۋا
ماۋۇ ئوغرىنىڭ گىپىدەك قىلامدۇ قانداق
بەرى ساختا خەۋەر
سىسىتىمىنى ياسىغان شىركەت چىقىرىشتىن بۇرۇن تەكشۈرىدۇ
توۋا خۇدايىم
مۇشۇنداق خەۋەرنىمۇ تەستىقلاپ توۋا