بىلگەيتېس: يەرگە 100 دوللار چۈشۈپ قالسا ئەلۋەتتە تېرىۋالىمەن
80-يىللارنىڭ باللىرى ھەممىسى مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن: ناۋادا يەرگە 1000 دوللار پۇل چۈشۈپ قالسا، ئەگەر بۇ پۇلنى تېرىشكە 4 سكونتتىن ئارتۇق ۋاقىت كەتسە بىلگەيتېس پۇلغا قارىماي كېتىۋېرىدىكەن. بۇ پاراڭ قارىماققا بىلگەيتېسنىڭ پۇلىنىڭ ناھايىتى كۆپلىگىنى، كىشىگە بىلگەيتېس 4 سكونت ئىچىدە 1000 دوللاردىن ئوشۇق پۇل تاپىدىغانلىقىنى، شۇڭا پۇلغا قاراپمۇ قويمايدىغانلىقىنى ئىشارە قىلىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ.
يېقىندا بۇ تارقىلىپ يۈرگىلى ئۇزۇن بولغان پاراڭنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابى چىقتى. بىلگەيتېس يېقىندا Reddit تور بېكىتىنىڭ «نېمىلا سورىسىڭىز بولىدۇ» دېگەن پائالىيىتىدە، «ئەلۋەتتە تېرىۋالىمەن!» دەپ جاۋاپ بەردى. بىلگەيتېستىن سوئال سوراش پۇرسىتى كەلگەندە، تورداشلارمۇ بوش كەلمەي ھەرخىل غەلىتە سوئاللارنى ياغدۇرىۋەتتى.
تورداشلار بۇ سوئالنى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن پەرقلىق قىلىپ، يەرگە 100 دوللار چۈشۈپ قالسا قانداق قىلىسىز دەپ سورىدى. بىلگەيتىس سوئاللارغا مەخسۇس بىر سىن ئىشلەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدا دەل شۇ سوئالنىڭ جاۋابىمۇ بار ئىدى. ئۇ جاۋابەن «100 دوللارنىڭ خېلى كۆپ پۇل ئىكەنلىگىنى ھېس قىلغان چېغىمدىلا، مەندە پۇلغا نىسبەتەن قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە بىر قاراش شەكىللىنىپ بولغان» دېدى.
بىلگەيتېسمۇ قاچا يۇيۇپ تاماق ئېتىدۇ
بىلگەيتېس بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە يەنە خېلى كۆپ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىدى. مەسىلەن، ئۇنىڭ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان تاختا كومپيۇتېرى Surface 2 Pro ئىكەن. ھەپتە ئاخىرى قىزىنىڭ ئات مىنگىنىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىكەن، ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنى Windows تىكى كونا تىپتىكى قارت ئويۇنلىرى بولۇپ، XBox تىكى ئويۇنلارنى ئوغلىغا ئويناشقا بېرىپتۇ.
بىراق تورداشلارنى ئەڭ ئەجەپلەندۈرگىنى بولسا، بىلگەيتېس يەنە ئۆزى تاماق ئېتىدىكەن، ھەر كۈنى ئاكتىپ ھالدا قاچىلارنى يۇيىدىكەن، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ قاچا يۇيۇش تېخنىكىسىنى قالتىس دەپ قارايدىكەن.
باشقىلارنىڭ ئۆزىنى خارۋاردىن چېكىنگەن دېيىشىنى ياقتۇرمايدۇ
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، بىلگەيتىسنىڭ بايلىققا تولغان تۇرمۇشى ئىنتايىن قالتىس بىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ خارۋاردىن چېكىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن كەچۈرمىشلىرىمۇ كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىكى قىززىق نۇقتىلارنىڭ بىرى. ئەمما بىلگەيتىس قارىماققا بۇ پاراڭلارنى ئانچە ياقتۇرمايدىغاندەك قىلىدۇ.
تورداشلارنىڭ ئۇنىڭدىن سورىغان ئالىي مائارىپنىڭ ئۇنىڭ مۇۋاپىقىيىتىگە بولغان تەسىرى ھەققىدىكى سوئالىغا، بىلگەيتىس ئاتايىتەن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق جاۋاپ بەردى: مەن ئۈچ يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇدۇم، قاتناشقان دەرسلىرىم ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈشكە تامامەن يېتىدۇ، شۇڭا مەن لاياقەتسىز مەكتەپتىن ھەيدەلگەن ئوقۇغۇچى ئەمەس، پەقەت دېپلوم ئالمىغان يېرىم بار.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: BillGates، پۇل، مىكروسوفت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,285 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 03-ئاينىڭ 18-كۈنى
- يازما مەنزىلى: bill-gates-answer.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مىكروسوفتقا قايتىپ كەلگەن بىلگەيتىس بىر كۈن ھەپىلىشىپ Win8.1 نى قاچىلىيالماپتۇ
- كېيىنكى يازما > بېشىدا ياڭاق چېقىپ دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان پاكىستانلىق يىگىت [V]
- پۇل خەجلەپمۇ ھۆرمەت تاپالمايدىغان 12 ئىش
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- بولدى مېنى توسىماڭلار، خەير-خوش كۆپچىلىك، مەن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگىلى ماڭدىم!
- ﺋﯩﻨﺎﯞﻩﺕ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﻧﻜﺎ ﮪﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﺗﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﺮﻻﺭ
- بىت تەڭگىسى (Bitcoin) دىگەن نېمە؟ قانداق ئىشلىتىمىز ؟
- ئامېرىكىدىكى پۇل كۆيدۈرۈش ماشىنىسى – ھوللىۋود كىنولىرى | داڭلىق كىنولار ئارقىسىدىكى غايەت زور كاپىتال ھەققىدە
- ئۇيغۇرچە Windows 8 سېتىۋالالمىغانلارغا يەنە بىر پۇرسەت – ھەقىقى نەشىردىكى 8 Win يەنىلا 250 سوم (سانى چەكلىك)
- پۇل تېپىش بىرگەپ،خەجلەشمۇ بىرگەپ | تېخنىكا دۇنياسىدىكى مىليادىرلار پۇلنى قانداق خەجلەيدۇ؟
- يېڭى يىلدىكى يەنە بىر خۇشخەۋەر: Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقماقچى!
- مىكروسوفت شېركىتىنىڭ يوقلىمىسى، دۇنياۋى چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئاجايىپ تەدبىرلىرنىمۇ ئاڭلاپ باققۇلۇق
ما تىما ھازىر يوقتى تىخى……
شۇنى دەيمە!
دىۋانچىلار يوقۇ بۈگۈن
مەن بولساممۇ تېرىۋالاتتىم . 100نىڭ كەينىدىكى دوللار دىگەن گەپ ئىكەن ئەمەسما
بىلگايتىسدەك پۇلۇم بولسا ئاندا قىلىمەن ، مانداق قىلىمەن دىگەنلەرنىڭمۇ شۇنداق پۇلى بولغاندا ئەمىلىيەتتە پۇلنىڭ ئۇنچە مۇھىم ئەمەسلىىنى ھېس قىلىدۇ …
تۆۋەندە ستېۋجوبىزنىڭ كىسەل كارۋىتىدا يېتىپ دىگەن سۆزلىرىنى يوللاپ قوياي تورداشلارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن …
دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ باش دېرىكتورى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىلگىرى سودا دۇنياسىدا زور ئۇتۇقلىرىمغا تايىنىپ ھەيۋە بىلەن ياشىغانىدىم، ھاياتىم مۇۋەپپىقىيەت بىلەن تولغانىدى. ئەمما خىزمەتتىن باشقا قىزىقىشلىرىم بەك ئاز بولۇپ، كېيىن ھاياتىم نۇرغۇنلىغان ئارتۇقچە نەرسىلەر بىلەن تولۇپ كەتتى.
شۇ دەم مەن كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ ئۆزۈمنىڭ ئۆتكەن ھاياتى ھەققىدە ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدىم. ھازىر شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىمكى، ئىلگىرى مەن چەكسىز پەخىرلىنىدىغان بايلىقىم ۋە جەمئىيەتتىكى نام-ئابرويۇم، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئۆلۈم ئالدىدا ئەھمىيىتىنى يوقىتىپ ھېچنىمىگە ئەرزىمەس نەرسە بولۇپ قاپتۇ.
كېچىلىرى ئۆزۈمدىن قايتا-قايتا «ئەگەر ھاياتلىقىمدىكى بارلىقىم ئۆلۈم ئارقىلىق باھالىنىپ قىممىتىنى يوقاتسا، ئۇنداقتا مەن ھازىر نېمىگە ئەڭ موھتاج؟ بايلىق ۋە نام ئابرويمۇ ماڭا بېرەلمىگىنى زادى قانداق نەرسە؟ بايلىق ۋە نام-ئابرويۇممۇ ماڭا بېرەلمىگەن شۇ نەرسە زادى مەۋجۇتمۇ؟»
قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ھەرخىل مىتال تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى چىقارغان سۇس يېشىل رەڭ ۋە چىر-چىر ئاۋازلىرى ئىچىدە ئەزرائىلنىڭ ماڭا بارغانچە يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتىمەن.
ھازىر شۇنى چۈشەندىمكى، ئادەمنىڭ ھاياتىدا پەقەت يېتەرلىك بايلىقى بولسا، ئاندىن بايلىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشالايدىكەن، بايلىق بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان نەرسە چوقۇم ئادەم ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە، بەلكىم ھېسسىيات بولىشى، سەنئەت بولىشى ۋە ياكى بالىلىق ۋاقىتلىرىدىكى غايىلىرى بولىشى مۇمكىن.
تىنىم تاپماي بايلىق توپلاش پەقەت ئادەمنى تويماس قىلىپ، ھاياتىنى مەنىسىز قىلىپ قويىدىكەن، ئادەمنى خۇددى مەندەك بىر بىنورمال مەخلۇققا ئايلاندۇرۇپ قويىدىكەن.
پەرۋەردىگار ئادەم يۈرىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان مۇھەببەتنى ھېس قىلىشىمىز ئۈچۈن ئىنسانلارنى ياراتقان ۋاقىتتا بىزگە يېتەرلىك سەزگۈ ئەزالىرىنى ئاتا قىلغان، پەرۋەردىگار بۇ سەزگۈ ئەزالارنى ھەرگىزمۇ ئىنسانلارنى بايلىق ئېلىپ كېلىدىغان خىيالىي تۇيغۇلاردىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئاتا قىلمىغان.
مەن پۈتۈن ھاياتىمدا تىرىشىپ-تىرمىشىپ يىغقان بايلىق ۋە تىكلىگەن نام ئابرويۇمنى ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كېتەلمەيمەن، ئېلىپ كېتەلەيدىغىنىمنى پەقەت ئەسلىمىگە ئايلانغان ساپ ھاياجان شۇنداقلا ماددىي بايلىق بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان مۇھەببەت ۋە ھېسسىيات، ئۇلارنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ شۇنداقلا بۇ نەرسىلەر يوقاپمۇ كەتمەيدۇ، مانا بۇلار ئادەم ھاياتىدىكى ھەقىقىي بايلىق.
خاتىمە: دۇنيا تېخنىكا ساھەسىنى زىلزىلىگە سالغان مەشھۇر شەخس سىتىۋىن جوبىز ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇ بىزگە بىزنىڭ چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىپ ئويلىنىپ كۆرۈشكە تېگىشلىك ۋەسىيەتنامە قالدۇرۇپ كەتتى. بەلكىم ھەربىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپىقىيەت، بايلىق، نام-ئابروي، مەرتىۋىگە بولغان مۇئامىلىسى، كۆز قارىشى ۋە ئىنتىلىشى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، ھەممىمىزنىڭ بىر ئورتاق كۆز-قارىشىمىز بار، ئۇ دەل بەخت ۋە خوشاللىققا ئىنتىلىشتۇر. ئۆز غايىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلار شۇنى ئۇنۇتماسلىقى كېرەك، ئەتراپىڭىزدىكى سىزنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرىڭىز، ئاتا-ئانىڭىز، سۆيگىنىڭىز، بالىلىرىڭىز، قېرىنداشلىرىڭىز، دوست-بۇرادەرلىرىڭىز سىزنىڭ قوللىشىڭىزغا ۋە كۆڭۈل بۆلىشىڭىزگە بەك موھتاج.
ئىنسان ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كېتەلەيدىغىنى پەقەتلا ئۇنىڭ قىلغان ئەمىلى!
پەقەت مۇشۇ بىر نەرسىلا ئېلىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلغان قىلىنغان. قالغىنىنىڭ ھەممىسى بىكار…!
مىنىڭچە جوبىز ھېسقىلىپ يىتەلمىگەن،ھاياتىدىكى بىردىن-بىر كەم نەرسە، (ئىمان ۋە ئەمەل)،. بۇ ئىككىسى يوق ئادەمنىڭ ھاياتى مەنىسىز،بىر نەرسە كەمدەك،ئىزتىراپ ئىچىدە ئۆتىدۇ.
ئاخىرىدا ھاياتىنى قورقۇنىچ بىلەن ئاياغلاشتۇرىدۇ،بەلكى قورقۇنچ باشلىندۇ.
تىمىدىنمۇ بەكرەك ئۈستىدىكى دوستۇمنىڭ نادىر ئىنكاسىدىن كۆڭلۈم يورۇپ قالدى.
ئەمەلىيەتتە بىر پۇلى يوق ياكى ئوتتۇرا قاتلامدىكى بىرسى جوبىز دىگەن سۆزلەرنى دىگەن بولسا ئۇ بىزگە ئانچە تەسىر قىلماسلىقى مۆمكىن.ئەمما جوبىز دەك كاتتا بىر پۇلدارنىڭ،ئادەم ھاياتىدا پۇلنىڭ ئانچە مۇھىم ئەمەسلىكىنى دىيىشى ئادەمدە باشقىچە ئىبرەت تۇيغۇسى شەكىلكلەندۈرىدىكەن. جوبىس گەپ سۈزلىرى خىلى مەنىلىك ئادەم،(ئەقىللىق دەي دىسەم ياراتقۇچىسىنى تونۇمۇغان ئادەم ئەقىللىق ھىساپلانمايدۇ) نۇرغۇن ئادەم ھاياتىدا بۇ مەسىلىنى ئويلاپ بولامماسلىقى مۆمكىن، مۇشۇنداق ئىبرەتلىك گەپلىرى بولسا يوللاپ قويارسىلە،ئاخىرىدا…
ھەدىس:مىيىت(ئۆلگۈچى) گە ئۈچ نەرسە ئەگىشىدۇ،ئۇنىڭ ئەھلى بالا چاقىسى،ئۇنىڭ توپلىغان مال دۇنياسى،ئۇنىڭ ئەمەلى(ھاياتى دۇنيادا قىلغان ياخشى يامان ئىشلىرى)،ئىككىسى قايتىپ كىلىدۇ، ئۇنىڭ ئەھلى ۋە مىلى،بىرسى قىپقالىدۇ.
مەنمۇ قانچىلىك جىق پۇلۇم بولۇپ ناۋادا يەرگە يەرگە بىر تىيىن پۇلۇم چۈشۈپ كەتسىمۇ تېرىۋالىمەن .چۈنكى ئادەم نېمىنى خارلىسا ھامان بىر كۈنى شۇنىڭدىن خارلىنىدۇ .
جوبېس يۈرەكنى تىترەتكىدەك،كۆزلەرى ياشلىغۇدەك گەپ قىپتۇ. بۇنداق پاراڭلارنى ئادەتتە بىزدەك ئاددىي ، نامسىز ئادەملەرنىڭ ئاغزىدىن چىقسا ھېچكىم دىققەت قىلمايدۇ، داڭلىقلار دېسە دۇنيا ئاڭلايدۇ. شەخسەن مەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، ئىدارەم يوق، ئۆيدە ئولتۇرۇپ لايىھىلەش بىلەن شۇغۇللىنىمەن، ئايلىق كىرىمىم بەش مىڭ يۈەنگە بارمايدۇ. مېنىڭ بېشىمدىمۇ ئەڭ ئاددىي مىسال بولغان ئۆي ئېلىش غېمى بار.كەسپىمنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرىمەن،بالىلىقتىكى غايىلىرىمنى ئويلاپ، تىرىكچىلىك بېسىمىدا يۈرۈپ نۇرغۇن پىلانلىغان گۈزەل غايىلىرىمنىڭ تاشلىنىپ قېلىۋاتقىنىنى ئويلاپ خۇرسىنىمەن. گاھىدا يەتتە سەككىز يۈز مىڭ پۇل تېپىپ ئۆي ئېلىش دېگەنلەر بىر چۈشتەكلا بىلىنىدۇ.تۇرۇپلا ئادەم كېتىدىغان جېنىغا يەتمىش پىڭپاڭ ئۆينى دەپ بىر ئۆمۈر قەرزدار بولۇپ ئۆتۈشنى كاللامدىن ئۆتكۈزەلمەيمەن.شۈكرى دەيمەن،تىرىشىمەن،كۈنلەر شۇنداق ئۆتىدۇ…بىراق ھازىرچە ئۆي ئېلىش ئويۇمنىڭ يوقلۇقىنى،بىرەر يۈز مىڭنىڭ ھەقداسى بولسام ئۆزەم ياخشى كۆرگەن ،يەنى بالىلىقىمدىكى غايىلىرىمنى، يەنى جوبېس دەپ ئۆتكەن بايلىق بىلەن مۇناسىۋىتى يوق گۈزەل ئىشلىرىمنى قىلىشنى ئۆزۈملا بىلىمەن. شۇنداق قىلغان تەقدىردىمۇ خىوتۇن بالامنى تالادا قويماي ،ئىسسىق ئۆيدە مېھىر مۇھەببەتلىك بېقىپ كېتەلەيدىغىنىمغا ئىشىنىمەن،ئەلۋەتتە.بىراق بۇ خىيالنى يېقىنلىرىمنىڭ ھېچقايسىسى كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەسلىكى مۇمكىن.ھەممىمىزدە مۇھەببەت كەم…
ئورتاق خىيالكەن .. بۇگۇنكى چۇش ياكى ئارزۇ ئەتىنىڭ بەرپاچىسىدۇر.. سىز لاھىلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسىڭىز ئۇنداقتا سىزنىڭ ئارزۇلىرىڭىزنى رىياللىققا ئايلاندۇرىشىڭىزدا سىزدە تىىخىمۇ زور ئۇمۇت بار دىگەن گەپ .. چۇنكى سىز بىر لاھىلىگۇچى .. سىز نىمىنى لاھىلەشنى قانداق لاھىلەشنى بىلىسىز … شۇنداقلام ئۆز ھاياتىڭىزنىمۇ قانداق شەكىلدە لاھىلەپ چىقىشنى ئوبدان بىلسىز … مىنىڭچە ىسىزدە ئۇمۇد بار .. سىزدە كەم بۇلىۋاتقان نەرسە يىتەرلىك بولغان ئەڭ يىڭى ئۇچۇر ..
شۇ دېگەنلىرىڭىزگە رەھمەت ،قېرىندىشىم،ئاللاھ سىزنىمۇ تىلىكىڭىزگە يەتكۈزسۇن!
ئۆي چوڭ بولسۇن كىچىك بولسۇن،كونا ياكى يېڭى بولسۇن بەرىبىر، ئەڭ مۇھىمى غەمسىز ۋە مۇھەببەتلىك تۇرمۇش،
سىز يەتتە-سەككىز يۈزمىڭ يۈئەنگە ئۆي سېتىۋېلىپ نىمە قىلىشنى ئويلاۋاتىسىز؟ بىر-ئىككى يۈزمىڭ يۈئەنلىك ئۆي سىزنىڭ ھاجىتىڭىزدىن چىقالماسمۇ؟ ئۆلسىڭىز ئىككى مىتىرلق تۇپا ئۆيگىمۇ پاتىسىز دوستۇم شۇنى ئويلاڭكى ھالالنىڭ ھىسابى ھارامنىڭ جازاسى بار.
ئۆي سېتىۋېلىپ چېكەمگە تاڭمايمەن،ئولتۇرىمەن قاراڭ.
ماڭا قويۇپ بەرسىڭىز سىز دېگەن بىر ئىككى يۈز مىڭ يۈەنلىك ئۆيمۇ ئارتۇقچە ماڭا. بولسا يۇرتۇمغا كېتىپ 7-8 تۈمەنگە ئىككى ئېغىز ئۆي سالساممۇ تۇرمۇشۇم مۇھەببەتلىك ئۆتىدۇ. مەن تۇرۇۋاتقان شەھەردە شۇ يەتتە سەككىز يۈز مىڭ بولمىسا ئۆي كەلمەيدىكەن.
مەقسەتنى چۈشىنىپراق سۆزلەڭ،دوستۇم. چۈشىنەلمىسىڭىز،سۆزلىمەيلا قويۇڭ.
تىمىدىن ئىمكاس نوچى چىقىپتا توغرا ئۆلۈم ھەممىنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ ھەدىس يازغان تورداشقا شۇنداقلا ھەممىڭلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن امىن
مەن بولساممۇ تېرىۋالاتتىم
پۇلنى كىمنىڭمۇ تىرىۋالغىسى كەلمەيدۇ ، مەيلى كانچىلىك پۇل بۇلىشىدىن قەتىنەزەر مەن مۇتىرىۋالاتتىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەنمۇ ماۋۇ تېما ۋە ئىنكاسلاردىن خېلى نەرسىلەرنى تېرىۋالدىم. رەھمەت.
ئەگەر باشقىلارنىڭ يانجۇقىدىن چۈشۈپ قالغان بولسىچۇ؟
مەن پۇلنى تېرىۋالمىغان بۇلاتتىم چۈنكى مىنىڭ يۇرتۇم جۇڭگۇدا!!! يەنە كىلىپ دوللار نەدە چۈشۈپ كاەان بۇنى بېلمەيمەن !!!