يېڭى يىلدىكى يەنە بىر خۇشخەۋەر: Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقماقچى!
كومپيۇتېر ساھەسى ئۈچۈن ئۆتكەن يىلىدىكى ئەڭ چوڭ خۇشخەۋەرنىڭ بىرى – ئۇيغۇرچە Windows 8 نىڭ تارقىتىلىشىدىن بۆلەك نەرسە ئەمەس. ئەلۋەتتە، بۇ يىلنىڭ بېشىدىمۇ خۇشخەۋەرلەر ئۈزۈلمەي كېلىۋاتىدۇ. مىكروسوفتنىڭ تەرەپنىڭ Office بلوگىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، office 2013 گە ئۇيغۇرچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 خىل يېڭى تىل بولىقى قوشۇلغان!
Office 2013 جەمئىي 100 دىن ئارتۇق تىلنى قوللايدىغان بولۇپ، بۇدا ئۇيغۇرچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنە 13 خىل تىل بولىقى قوشۇلغان. مىكروسوفت بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرچە Windows ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ يەرلىكلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ئالىم-ئەھەت ئەپەندىممۇ بۈگۈن يانفون قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق بۇ ئۇچۇرنى دەلىللىدى. ھالبۇكى، بۇ مىكروسوفتنىڭ، شۇنداقلا ئۇيغۇرسوفتنىڭ يېڭى يىلدا ئۇيغۇرلارغا بەرگەن تۇنجى سوۋغىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خەۋەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىدە يەنە، Office 2013 نىڭ ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارىدىمۇ زور بۆسۈشنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئەگەر پەرىزىم خاتا بولمىسا، Office 2013 تە يەنە ئۇيغۇرچە كوررېكتورلۇق ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. مىكروسوفت قانداق قىلىپ ئۇيغۇرچە سۆزنىڭ ئىملاسىنى بۇنچە توغرا تۈزەپ بېرەلەيدۇ دەمسىز؟ ھاھا! ئەلۋەتتە، بۇ پەرىزىمنىڭ راستقا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
نۆۋەتتە Office 2013 نىڭ رەسمىي نەشىرى ۋە ئۇيغۇر تىل بولىقى قاتارلىقلارنىڭ قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقى، باھاسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە تېخى ئېنىق مەلۇمات يوق. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بەلكىم پات يېقىندا ئاڭلىيالىشىمىز مۇمكىن. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، بۇ يىل بېشىدىكى كاتتا خۇشخەۋەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى ھەقىقىي نەشىردىكى Windows 8 بىلەن ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى ھەقىقى نەشىردىكى Office نى تەڭ ئىشلىتىش، ھەقىقەتەن گۈلى گۈلىگە كەلگەن بىر ئىشتە؟ قېنى ھەممەيلەن تەقەززالىق بىلەن بۇ يېڭى مەھسۇلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى كۈتەيلى.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Microsoft، office، ئۇيغۇرچە، مەھسۇلات، مىكروسوفت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 25,982 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 01-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: office-2013-uyghur-language-version.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > سكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىدىكى كاتتا تۈرمىلەر! بۇنداق تۈرمىدە ياتقان جىنايەتچىلەرنى تورغا چىقىپ CS ئاتىدۇ دەيدۇ!!!
- كېيىنكى يازما > كولا ئىچمەي ئۆمرىڭىز ئۆتەمدۇ؟ | مەن ۋە سىز ئامراق ئەشۇ كاربونلۇق ئىچىملىكلەر ھەققىدە يېڭى گەپلەر
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- HUVr نىڭ لەيلىمە سىيرىلما تاختىسى تەشۋىقات فىلىمى BELIEF
- بىلگەيتېس: يەرگە 100 دوللار چۈشۈپ قالسا ئەلۋەتتە تېرىۋالىمەن
- ئۇيغۇرخەلق چۆچىكىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن مۇزىكىلىق قىسقا كارتون فىلىم(ھۈسەينەم ۋە زەيتۇنخان)
- مىكروسوفتقا قايتىپ كەلگەن بىلگەيتىس بىر كۈن ھەپىلىشىپ Win8.1 نى قاچىلىيالماپتۇ
- نوكىيا ئاندروئىد تۇمانلىرى : Google قوللاشقا ئېرىشىدۇ، مىكروسوفت نەپكە ئېرىشىدۇ
- مىكرو فىلىم – بوۋاق
- [جەۋھەر] ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش ھەققىدىكى ئەڭ تولۇق كەسپىي دەرسلىك(1-7)
- ئالمىنىڭ تىجارەت تاكتىكىسى – iPhone 5C ھەرگىزمۇ ئەرزان باھالىق ئايفون ئەمەس
ئالىم ئەھەت ياشىسۇن، مۇنۇ سافانى بىرەي ئولتاسۇن
ئۇيغۇرلار تېخى يېقىندىلا IT ساھەسىنىڭ يېڭى باھارىنى كۈتىۋالغانىدى،ئەمدى گۈللەر پورەكلەشكە باشلاپتۇ.
ئالە شەرىڭنى،قوش تىللىق بولمىسىمۇ كومپىيۇتېر ئىشلەتكىلى بولىدىغان بوپ قاپتۇ ئەمەسمۇ؟
ھاھاھا… ئاخىرى ئاشكارىلىنىپتۇ-دە…
بۇ ئىشلاردىن مەن بۇنىڭدىن يېرىم يىللار ئىلگىرى تولۇق خەۋەردار ئىدىم، ھەمدە بۇ ئىشتا مېنىڭمۇ… ئەمما مەخپىيەتلىك پىرىنسىپى بولغاچقا، ئىزچىل دېمىمنى ئىچىمگە يۈتۈپ، جىمجىت ساقلاۋاتىمەن. بەزى ئۇچۇرلارنى يەنىلا بىراقلا ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ، يەنىلا ئورگان تەرەپنىڭ تولۇق ئاشكارىلىشىغا ساقلىماي بولمايدۇ….
خۇدا ئاسان قىلسۇن، قالتىس ياخشى ئىشلار بولۇۋاتىدۇ، بەك خۇش بولۇۋاتىمەن، پۇرسەتنى قەدىرلەيلى، جاپاكەش ئۇستازلارغا مىڭلاپ رەھمەت….
ماۋۇ خۇشخەۋەرلەرنىڭ كاتتىلىقىنى! مەن ئۇقۇش پۈتتۈرسەم ماڭا ئىش قالمامدۇ نېمە؟ ھاھا!
ئېسىل ! ئېسىل ! كاتتا خەۋەرلەر ئۈزۈلمىگەي…
ئاپلا بۇ بولماپتۇ ، راستىنلا بولماپتۇ دەۋەتتى بىرەيلەن
ئىنكاس يازمىغىلى ئۇزۇن بولاپتىكەن، ما خەۋەرنىڭ ئىسىللىقىدا بىر نەرسە يازماي چىقىپ كېتىشكە كۆڭلۈم ئۇنىمىدى.
مىنىڭچىمۇ بەك ياخشى ئىش بولۇپتۇ . شۇ باھانىدا ئوبدانراق ئۈگىنىۋالدىغان بوپتۇق .
مانا خوش خەۋەر دىگەن ، يىلنىڭ ئاخىرىغىچە خوش خەۋەر ئۈزۈلمىگەي!!!
نىمە دەيمەن ، ئۇف … قالتىس ھاياجانلاندىم . تۇنجى تويۇمدىمۇ بۇنداق ھاياجانلانمىغان ئىدىم . گۇدلاكقا دەپ بىرىپ خوشال قىلىۋىتەي دىسەم كۆرۈپ بوپتۇ ، بىرەر رومكا ئويناپ قوياي دىسەم تاشلىۋەتكەن ئىدىم . ئىشقىلىپ بۇ بەكلا كاتتا خوشخەۋەركەن . ما ياندا توختىماي كوتولداۋاتقان قازاققا دەپ بەرسەم ئىچى ئېچىشىپ جىمىپ قالارمۇ يا …
ھە راس ما ئىنكاسنى ئايفوندا يازمىدىم ، خۇدا ھەققى …
ئەقلى بار قازاق بولسا ئىچى تارلىق قىلماي خوش بولسا بولىدۇ .
قازاقلارنىڭ خېلى كۆپلىرى ئۇيغۇرچىنى خېلى ئوبدان بىلىدۇ .
يېزىقىمىزدىنمۇ راۋان پايدىلىنالايدىغانلىرى كۆپ ،،
شۇنداقلىرى ئۇيغۇرچە ئوفىس نى ئىشلەتسە خەنچە … دىگەندەكلەرنى ئىشلەتكەندىن ياخشى دە .. بىلسە .
ئايفونۇمنى ئويلاپ كۆڭلۈم بۇزۇلۋاتىدۇ . كونىلار راس دەپتىكەن 《ئايفونسىز ياش ، تام تۈۋىدىكى تاش 》دىگەن گەپنى . تۆت ئەستى ئەمەسمۇ . سېستىمىسى تېخى ئالتە دە نول بىر ئىدى .
ساقمۇ يا پىنھان ئۈكەم ؟ قۇناغۇننىڭ مەينەت ئاچچىقسۈينى ئازراق ئىچ . ھەجەپ يوغان نەسەڭنى ئويلاپ قاپسە. ئايفون دېگەن نىمۇ؟
ھېي ھېي…ياخشى خەۋەر،ياخشى خەۋەر.ئۇيغۇرچە ھەقسىز ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دېتالىغۇ بوپ بوپتىكەن،ئىشلىتىپمۇ ئۈلگۈرگەنىدىم.بىراق تاللاش كۆپ بولسا تېخىمۇ ياخشىدە.
ئاداشوي،سىلىنىڭ مايېرى سەل ياقمىدى،ئوڭشىمىساڭلا يەنە بىرىنى ئىشلىتىمە جۇمۇ دەپ چوڭچىلىق قىلىدىغان كۈنلىرىمىزمۇ كەپ قالغان چېغى
ماۋۇ مىجەزىمنىڭ ئوساللىقىنى
بۇ راستىنلا كاتتا خۇشخەۋەر ئىكەن. مىكرو سوفىتتەك مۇشۇنداق چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق شىركەت ،بىزنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىمىز ئۈچۈن ئەجەپ كۈچەۋاتىدۇ -دىسە!يەنە بۇ ئىشلارغا ئۈن-تىنسىز ئەجىر سىڭدۈرۋاتقان قېرىنداشلارغا چۇڭقۇر سالام يوللايمەن.
مەن WP7 دە يازدىم ما ئىنكاسنى خۇدايا توۋا ئەجەپ خۇش بولدۇم دىسە ئۇيغۇرچە خەت يازالىغىنىمدىن.
خوشخەۋەر Mac نىڭ ئويغۇرچىسى چىقىدىغانغا ئاز قالدى ( چاقچاق )
بۇ مەن بۈگۈن ئاڭلىغان ئەڭ چوڭ خوشخەۋەر بولدى . بۇ ئىشلارغا ئۈن-تىنسىز ئەجىر سىڭدۈرۋاتقان قېرىنداشلارغا شۇنداقلا تەدبىركارغا چۇڭقۇر سالام يوللايمەن.
كاتتا خۇش خەۋەركەن.مۇبارەك بولسۇن…
ئاللا ئاللا… بۇندا ياخشى خەۋەرگە ئېنكاس يازماي چىكىتەلمىدىم ، شۇ جاپەش ئۇستازلارنىڭ قوللىرىدىن گۈللەر ئۈنسۇن!… =:wink:
ئەجەبمۇ بىر ئېسىل خۇشخەۋەر بوپتۇيا بۇ !! بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ئەزىمەتلەرگە تەشەككۈر!!
ئۇيغۇرچە windows8 قا ئەگىشىپ ئۇيغۇرچە Office مۇ كەپتۇ. ئاندىن يەنە يانفۇن ھەۋەسكارلىرىغا Windows Phone 8 نىڭ ئانا تىلىمىزدىكىسى چىقسا …. ۋاھ …! خۇشجەۋەرلەر ئۈزۈلمىگۈدەك جۇمۇ !
ۋاقتى كەلسە ھەقلىقكەن ، بىكارغا بېرىدىغىنى يوقمىدۇ دەپ ئولتۇرماي 信用卡غا بولسىمۇ سېتىۋېلىپ ئىشلىتىشەرمىز ھە!
مەن قاچىلاپ،نۇرمال ئىشلىتەلمىدىم.يا مېھرىمنى ئۈزەلمەي ھېجىراندا قالدىم..
بۈگۈن 8نى سېتىۋالدىم، بۇمۇ چىقسا بەك ياخشى ئىش بولغۇدەك، رەھمەت ئەزمەتلەر!
ئىسىل ئىشتىن بىرسى بوپتۇ مانا !
Windows Media Centerنىڭ مەندە ئىتىبار نۇمىرى بار ئىدى بۇ ئۇزى زادى قانداق دىتال نىمە رولى بار چۇۇرۇپ قاچىلاش ئۇسۇلىنى كورستپ قويساڭلار…..مەن بىر يىراق قىشلاقتىكى دېھقان …سىلەردەك بىلىملىك كىشىلەر بۇ يەردە يوق ب .جاۋابىڭلارنى كۇتۇمەن تور خۇمار ئەپەندى…………………………..
بۇ Windows تىكى Media Player نىڭ ئالىي دەرىجىلىك نۇسخىسى دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ. Windows 8 نىڭ كەسپىي نۇسخىسىدا بۇ قورال يوق، ئايرىم قوشىمەن دېسىڭىز پۇل تۆلەيسىز، شۇنداقلا Windows 8 نىڭ كەسپىي نۇسخىسىدىن باشقا نەشىرىگە قاچىلىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئاۋال Windows 8 نىڭ كەسپىي نۇسخىسىدىن بىرنى سېتىۋېلىڭ.
مەندە Ofiice 2013نىڭ قاچىلاش بولىقى ۋە قاچىلاش نومىرى بار،ھەمدە ياندۇرۇش قورالى بار،لازىملارغا تەمىنلەپ بېرىمەن،6ئاي ھەقسىز ئىشلىتەلەيسىز،پەقەت 6ئاي توشقىلى قوپقاندا يەنە بىر قېتىم يورىتىۋەتسىڭىز بولىدۇ،Microsoftنىڭ ھەقلىق نەشىردىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇلازىمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالايسىز.
جوڭگو ھۈكىمىتىمىزنىڭ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش سىياسىتى بۇيىچە بارلىق چىقىمنى ھۈكىمەت تەرەپ ئۈستىگە ئىلىپ، پۇخراغا ھەقسىز تارقىتىشى كېرەك.
باشقا كەسپى دىتاللارمۇ ھۈكىمەت تەرەپتىن چىقىم قىلىنىپ خەنزوچە ھەقسىز تارقىتىلغان.