iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
سانسىزلىغان غۇلغۇلا ۋە تەققەززالىق ئىچىدە ئالما شىركىتى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاخىرى ئۆزىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد يانفون مەھسۇلاتى iPhone 6 ۋە يوغىنىدىنمۇ يوغان ئېكرانلىق iPhone 6 Plus نى ئېلان قىلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئالما شىركىتى بۇدا مەخپىيەتلىكى ئىنتايىن چىڭ تۇتۇلغان سىرلىق مەھسۇلاتى – Apple Watch نىمۇ ئېلان قىلدى. جوبس دەۋرىدىن كېيىنكى ئالما شىركىتىنىڭ تۇنجى يېڭى مەھسۇلاتى بولغان بۇ ئالما سائىتى زادى بۇ كەسىپكە يەنە بىر ئىنقىلاب ئېلىپ كېلەمدۇ يوق؟ بۇنى ئالدىرىماي كۆرۈپ باقايلى.
iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus
بۇدا يېڭى چىقىرىلغان ئىككى دانە iPhone غا ئايرىم ئايرىم ھالدا iPhone 6 ۋە iPhone Plus دەپ نام بېرىلگەن.
5.5 سۇڭلۇق iPhone 6 Plus نىڭ شىياڭگاڭ نۇسخىسى 16GB/32GB/128GB قاتارلىق ئۈچ خىلغا بۆلۈنگەن بولۇپ، باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5057 يۈەن، 5690 يۈەن ۋە 6403 يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەن.
4.7 سۇڭلۇق iPhone 6 نىڭ شىياڭگاڭ نۇسخىىسى 16GB/32GB/128GB قاتارلىق ئۈچ خىلغا بۆلۈنگەن بولۇپ، باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4424 يۈەن، 5057 يۈەن ۋە 5690 يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەن.
iPhone 5S / iPhone 6 / iPhone 6 Plus نىڭ ئېكران رازمېر پەرقى
iPhone 5S / iPhone 6 / iPhone 6 Plus نىڭ يانفون گەۋدىسى نېپىزلىك پەرقى
iPhone 6 Plus چوڭ ئېكرانغا نىسبەتەن ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان
iPhone 6 Plus نىڭ ئېكرانى 5.5 سۇڭ بولغاچقا، بىرلا ۋاقىتتا ئېكرانغا خېلى كۆپ ئۇچۇر مەزمۇنىنى سىغدۇرالايدۇ. شۇڭا iPhone 6 Plus نىڭ چوڭ ئېكرانىغا نىسبەتەن مەخسۇس ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان. مەسىلەن، يەككە قولدا مەشغۇلات قىلىش، پەسكە سىيرىپ توختىتىش دېگەندەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېلخەت ۋە ئۇچۇر يېزىش قاتارلىقلارمۇ iPad كە ئوخشاش تېخىمۇ مول UI كۆرۈنمە يۈزى تەمىنلەنگەن.
A8 تىپلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ – PC ۋە ئويۇن ئويناش ماشىنىسىغا تېخىمۇ يېقىنلاشقان ئويۇن مۇھىتى
iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus ئالمىنىڭ ئەڭ يېڭى 64 بىتلىق A8 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، سۈرئىتى ئالدىنقى ئەۋلادقا قارىغاندا 25% تېزلەشتۈرۈلگەن، يەنى بۇ سۈرئەت تۇنجى ئەۋلاد iPhone نىڭ 50 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
كامېرا جەھەتتىن iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus قا 8 مىليون پىكېسسللىق iSight كامېراسى ئىشلىتىلگەن.
iPhone 6 ھەققىدە ئورگان تەرەپتىن ئىشلەنگەن تەشۋىقات فىلىمى
Apple Watch ئالما سائىتى
بۇ قېتىملىق يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارقىتىدىغان يەنە بىر مەھسۇلات – Apple Watch تۇر.
Apple Watch نىڭ ئىقتىدارلىرى خېلى مول بولۇپ، Siri نى ئىشلەتكىلى بولىدۇ، قىسقا ئۇچۇر قوبۇل قىلىش/يوللاش، تېلىفون قوبۇل قىلىش/يوللاش، ناخشا ئاڭلاش، iPhone ياكى Apple TV دىكى ناخشىلارنى كونترول قىلىش، خەرىتە، مىكروبلوگ دېگەندەك نۇرغۇن ئىقتىدارلار قوشۇۋېتىلگەن. كېيىن مەھسۇلاتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بەلكىم تېخىمۇ كۆپ قولايلىق ئىقتىدارلار تەمىنلىنىشى مۇقەررەر.
Apple Watch نىڭ چوڭ كىچىكلىكى ئىككى خىل، ئۈچ خىل نۇسقىغا بۆلۈنگەن. يەنى ئادەتتىكى نەشىرى، تەنھەرىكەت نەشىرى، Edition نەشىرى. ھەرقايسى نەشىرلىرىگە ئوخشىمىغان ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن ۋە ئوخشىمايدىغان رەڭلەردىن تەركىب تاپقان. ئەڭ تۆۋەن سېتىلىش باھاسى 349 دوللار بولۇپ، بەلكىم يىل 2015-يىلىنىڭ باشلىرى بازارغا سېلىنىشى مۇمكىن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، iPhone، مەھسۇلات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 26,906 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 09-ئاينىڭ 11-كۈنى
- يازما مەنزىلى: iphone6-and-apple-watch.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- كېيىنكى يازما > iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- HUVr نىڭ لەيلىمە سىيرىلما تاختىسى تەشۋىقات فىلىمى BELIEF
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
- iPhone بىزگە زادى نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟
نەدە ئولتۇردۇم دىۋان ما بۇ
6-ئەۋلاد ئايفۇننى ئالالمىغان بولساممۇ ، ئەمما دىۋاندا ئولتۇرالىدىم . ئايفۇن ئىلىشتىنمۇ نوچى ھوزۇر دە بۇ
6 – ئەۋلاد ئايفوننى ئالالمىغان بولساممۇ ؟؟؟ غوجوم ھازىر ئايفون 6 نى ئالىمەن دىسىلىرىمۇ ئالالمايلا ، تېخى بازارغا سېلىنمىغان نىمىنى … باشقىلار بىر ئاي بولدى ئۆچۈرەت تۇرىۋاتقىلى ، شۇنى ئالىمىز دەپ
ئاپلا ھەجەپ سەت تۇردى يا
ئالمىنىڭ سائىتىگە سەت كۆيدۈم مەن … ھەقىقەتەن قوللىنىشچانلىقى باركەن ، ئەلۋەتتە بۇ سائەت ھازىر خۇددى تۇنجى ئەۋلاد ئايفونغا ئوخشاش ھالەتتە ، كىيىنچە باشقا نۇسخىلىرى ئېلان قىلىنغاندا ھەرخىل فانتازىيە تۈسىنى ئالغان ئىقتىدارلار قوشۇلۇپ تېخىمۇ قوللىنىشچان ، تېخىمۇ ئېسىل بولۇپ كېتىشى ئېنىق …
ئەقلى ئىقتىدارلىق تىلفۇن چىقىپلا ئەنئەنىۋى كونۇپكىلىق تىلفۇننى تارىخقا ئايلاندۇرغاندەك ئالمىنىڭ بۇ سائىتى ئەنئەنىۋى سائەتلەرنىمۇ تارىخىقا ئايلاندۇرىۋىتىشى مۇمكىن …
ئالمىنىڭ سائىتىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن قولىمىزدىكى تېلفون چوقۇم ئايفون بولىشى كېرەكمۇ ؟
پلوس ياخشىدەك قىلامدۇ ھە ھەجىمى چوڭ بولغان بىلەن ئىشلىتىشكە قۇلايلاشتۇرۇلغاندەك قىلىدۇ ھە ياقتۇردۇم
ئېكرانغا كۆك ياقۇتلۇق ئېكران سەپلىنىدىكەن دىۋاتىتى ھەجەپ جىمغۇ . بۇ توغۇرلۇق ھېچ بىر گەپ يوق قارىغاندا بۇ قىتىم ئادەتتىكى ئېكران ئىشلىتىلگەن ئۆخشىمامدۇ ..
كۆك ياقۇت ھەر ئىككىلى يانفونغا ئىشلىتىلمەپتۇ، Apple Watch قول سائەتكە ئىشلىتىپتۇ، پىلوسنىڭ 128 سىغىملىق نۇسخىسىغا ئىشلىتلىدۇ دەۋاتقان ئۇ گەپمۇ يالغانكەن، ئەگەر يانغونغا كۆك ياقۇت ئىشلىتىپ قالسا باھاسى ھازىرقىدىن خېلىلا يۇقۇرى بولۇپ كىتەتتى، بىزمۇ قۇبۇل قىلمايمىز… ئالما 6Sكە سەپلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس…
ئايفون 6 نىڭ تەشۋىق فىلىمى ئېچىلمىدى ..
5 كە قارىغاندا يەنە ئادەمنى جەلىپ قىلغۇدەك بىرەر يېڭىلىق قوشۇلمىغان ئوخشىمامدۇ ؟ ئىكران يوغىناپتۇ ، كامىرا سۈزۈكلىشپتۇ ، سەپلىمىسى يۇقىرلاپتۇ . بۇنداق سەپلىمىلەر ھازىر تاغتۇرا مەھسۇلاتلىرىدىمۇ بار . قارىغاندا بۇ يېڭى ئەۋلادمۇ ئىنقىلاب قىلالمىغۇدەك ، پەقەت ئالدىنقىسىغا قارىغاندا ئىلگىرلەپتۇ شۇ .
يېڭى ئەۋلادمۇ ئىنقىلاپ قىلالمىغۇدەك دېگىنىڭىز نېمىسى؟ «مۇ» خېتىنى ئىشلەتسىڭىز، بۇرۇنقىلىرىنىمۇ ئىنقىلاب قىلالمىدى دېگەن گەپ بوپ قالارمىكىن.
بىرتەرەپ قىلغۇچنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلگىنى ئىنقىلاپنىڭ ئۆزى شۇ 64بىتلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سىز ئىشلىتىۋاتقان ئاندىروئىد تېلفونلىرىدا تېخى يوق، ھەر قېتىم ئالما يېڭى تېلفونىغا يېڭىلىق قوشسا باشقا ماركىلارمۇ ئالمىغا ئەگىشىدۇ …
كۆك ياقۇتنى نىمىگە ئىشلىتىدۇ؟
بۇ قىتىملىق مەھسۇلاتتا ئېكراننىڭ چۆڭلىغى5.5 كە كۇتۇرۇلگىنىدىن باشقا مەن قىزىققۇدەك تۇزۇك يىڭىلىق يۆقكەن
iphone 6 بىلەن samsung note 4 نى بىر سېلىشتۇرۇپ باقمامسىلەر باللا قايسىسنىڭ ئىختىدارى ۋە ئىشلىتىشچانلىقى كۇچلۇك .
iOS نى سىلىشتۇرامدۇق android بىلەن؟
يانفۇننىڭ سۇپىتى ، سەپلىمىلرى ۋە ئىشلىتىشچانلىقى شۇنداقلام ھەر قايسىسىنىڭ سېستىمىلىرىنىڭ ئىختىدارى ۋە ئىشلىتىش ئەۋزەللىكى جەھەتتە سېلىشتۇرما قىلىپ باقسىڭىز قانداق .
ios بىلەن android نى سېلىشتۇرۇش بىر ئەخمەقلىق.
قاچان يىڭىلاپ ئىشلەتكىلى بولار؟8گە تەشنا بولدىغۇ كىشى
مەن ئالمىنىڭ ئېكرانسىنىڭ چوڭىيىشىنى ساقلاۋاتقان ئاخىرى چوڭايدى، لىكىن پۇل يوقتە ھەي.. كاساپەت…. پۇل يىغقاچ 6S نىڭ چىقىشىنى ساقلىسام بولغىدەك…
ئاھ ئايفون قاچانمۇ نىسىپ بولا بىزگە ئايفون ئىشلىتىش قولۇمدىكى ئاندىرويىدجاننى تاشلىۋەتكىلى بولمىسا يە
ھە راس جۇڭگۇ پۇلىدا نەچچە پۇل ئىكەن بۇ ھەقاچان قىممەت باشقىلار بۆرىكىنى سېتىپ بولسىمۇ ئالىدۇ بۇنى ماڭا بۆرەك مۇھىم ئايفون ئالمايمەن قانداق
مەن تىرىشىپمۇ بولسا چوقۇم ئالىمەن.
ئەمما بۆرىكىمنى سىتىپ ئەمەس جۇمۇ يەنە
ئالما 6 بوپ قۇيدىكەن… ئېكرانى چوڭدىن ئالغان خېلى يارىدى
بىر ئېغىز گەپ : سەتەڭكەن! بىراق ئېكرانىغا باش بارمىقىم يەتمىسە جىلە بوپ قالىتقان ئىشىم بارتى، يەنىلا قولۇمدىكى 4 نى ئىشلىتىۋېرەي.
ﻪﻥ ﺳﺎﻣﺴﯘﯓ ﻧﻮﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻤﻪﻥ… ﺋﯧﻜﺮﺍﻥ ﭼﻮﯕﻠﯘﻗﻰ ﺋﺎﻳﻔﻮﻥ ﭘﻠﯘﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺋﻮﭘﻤﯘﺋﻮﺧﺸﺎﺵ… ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯘﻡ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻐﯘ؟ ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻛﯚﻧﻪﻟﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ، ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﺪﺍ ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﮪﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﻪﻛﻪﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﻛﻮﻧﯘﭘﻜﺎ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ…
ﺳ
مەن سامسۇڭ نوت ئىككى ئىشلىتىمەن… ئېكران چوڭلۇقى ئايفون پلۇس بىلەن
ئوپمۇئوخشاش… مېنىڭ قولۇم ھەممە يەرگە يېتىدىغۇ؟ خەت يېزىشقا كۆنەلمىسىڭىز ، بىر قولدا خەت يېزىش ھالىتىگە ئەكەلسىڭىز، كونۇپكا تاختىسىنى كىچىكلىتىپ بېرىدۇ…
قولۇمغا پاتمامدۇ يا مېنىڭ بارماقلىرىم كالتىمۇ ئىشقىلىپ خەت يېزىشقا تازا كۆنەلمەيدىكەنمەن.9300نى 4 كە ئالماشتۇرۇۋالغان شۇنداق قىلىپ.
بىر زامانلاردا ئالمىنىڭ ئېكرانى قاچانمۇ چوڭىيار دەپ يۈرۈپتىكەنمىز، مانا چوڭايتقاندا يەنىلا قولدىكى كىچىكى ئەپلىك بىلىنىۋاتىدۇ. پۇلۇم جىق بولغان بولسىغۇ ئېلىپ تۇتۇپ باقاتتىم بىرەر ئىككى ئاي.
كەينى كامىرانى بىردەم 13 مىليۇن پىكسىل بىردەم 8 مىليۇن پىكسىل دەيدۇ قايسى گەپ راس زادى ،.،…
مىنىڭ قولۇمدا تىخى ھازىرغىچە ياڭاق چاقىدىغان 100كويلۇق نوكىيا بار
ياڭاق چاقىدىغىنىنىڭ بازىرى بەك ياخشى جۇما ھازىر تىلفۇننىڭ تىلفۇن بولغىنىمۇ ياخشىجۇما توغرىمۇ باللا
پاھ…راسلا ئېسىل ئىشلىنىپتۇ بۇ تېلفۇن…ئالما دېگەن ھامىنى ئالمىدە…نەشپۈت-شاپتۇللاردىن كېيىنراق پىشقىنى بىلەن تەمىنى ھامىنى ئالما تېتىيدۇ…بۇ تېلفۇننى كۆرۈپ بولۇپ ئۆزەمگە شۇنداق ۋەدە بەردىم: بۈگۈندىن باشلاپ يىمەي -ئىچمەي-كىيمەي-خەجلىمەي قاتتىق پۇل يىغىپ…ئالما 8 چىققان چاغدا چوقۇم 4sتىن بىرنى ئالىمەن…