iPhone بىزگە زادى نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟
1. تىم كۇك (ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، CEO ) جۇڭگوغا كەلگەندىن كىيىن، جۇڭگولۇقلارنىڭ iPhone ئىشلىتىش ئەھۋالىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ، يەرئاستى پويىزغا چىقىپتۇ، قارىسا ۋاگوندىكى يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك iPhone ئويناۋاتقان ئىكەن، تىم كۇك بۇنى كۆرۈپ كۆڭلىدە ناھايىتى خۇرسەن بوپتۇ. ئۇ iPhone دا كىنو كۆرۈۋاتقان بىر كىچىك قىزچاقتىن سوراپتۇ: «سىزنىڭچە بۇ يانفون قانداقراقكەن؟» قىزچان كۈلۈمسىرىگىنىچە مۇنداق دەپتۇ: «بىر دەم تۇرۇپ تۇرۇڭ ھە، يانفونۇمنىڭ توكى قالمىغانىدى، مەن باتارىيىسىنى ئالماشتۇرۇۋالاي…» بۇ گەپنى ئاڭلىغان كۇك ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قاپتۇ، كۆزىنى يوغان ئېچىپ قارىسا، قىزچاقنىڭ قولىدىكى iPhone تېخى قوش كارتا قوللايدىكەن!
2. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئالما شىركىتىنىڭ CEO سى تىم كۇك جۇڭگودىكى بۇ قېتىملىق بازار تەكشۈرۈشتىن بەكمۇ رازى بولۇپتىمىش، چۈنكى ئۇ كوچىدا كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قولىدا iPhone بارلىقىنى كۆرۈپتۇ، ئۇنىڭ ئارىسدا iPhone5، iPhone4، iPhone3 لەر ۋە ھەتتا iPhone6 ئىشلىتىۋاتقانلارمۇ باركەن، 3 دىيۇملۇق ، 4 دىيۇملۇق ، 5 دىيۇملۇق دەمسىز ياكى تاق ئىكرانلىق، قوش ئىكرانلىق دەمسىز، قاتلىنىدىغان، تۈز ، سېيرىلىدىغان شەكىللىك دەمسىز، كۇنۇپكىلىق iPhone ھەتتا باتارىيە سالغىلى بولىدىغانلىرىدىن قوش كارتا قوللايدىغانلىرىغىچە ھەرقانداق iPhone نى تاپقىلى بولىدىكەن!
بۇنى كۆرگەن تىم كۇك ئېغىر خۇرسىنىپ مۇنداق دەيدىكەن: «ئالما يانفونى جۇڭگودا ھەقىقەتەن شانلىق تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپتۇ! …»
3. iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى:
1. iPhone بىلەن تېلفون ئۇرغاندا، كۆرسەتكۈچ بارماقنى ئىگىلىۋىلىش كىرەك، بولمىسا يانفوننىڭ ئارقىسىدىكى «LOGO» توسۇلۇپ قالىدۇ.
2. ئولتۇرغان چېغىڭىزدا iPhone نى يانچۇقىڭىزدىن چىقىرىۋىلىڭ، ئاندىن تەبئىي ھالدا ئۇنى ئۈستەل يۈزىدىكى باشقىلارنىڭ كۆزىگە ئاسان چېلىقىدىغان يەرگە قويۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
3. ئىسىڭىزدە بولسۇن، كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان دوستلىرىغا ھەرگىزمۇ بىۋاستە ھالدا مەن iPhone سېتىۋالدىم دىمەڭ، سىز ئۇنى مىكروبىلوگىڭىزغا تەكلىپ قىلىڭ، چۈنكى مىكروبىلوگ يوللىسىڭىز ئاستىغا مۇنداق يېزىلىدۇ: «iPhone تېرمىنالىدىن يېزىلغان ئۇچۇر»
4.كۆڭلىڭىز تارتمىغان سورۇندىن قۇتۇلماقچى بولسىڭىز، «iPhone نىڭ توكى تۈگەپ كەتتى، ئۆيگە بىرىپ، تېزدىن توك قاچىلىمىسام بولمايدۇ » دەڭ.
4. باشقىلار iPhone ىڭىزنى ماختىغاندا، سەل-پەل رازى بولمىغان قىياپەتتە مۇنداق دەپ قويسىڭىز بولىدۇ: «نەدىكىنى، ئىكرانى بەك كىچىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە توكى ئۇزۇن يەتمەيدىكەن!»
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: iPhone، يانفون
- يازمــا مەنبەســى: نۇر تورى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 17,717 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 18-كۈنى
- يازما مەنزىلى: iphone-humor.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
- كېيىنكى يازما > سامسۇڭ Tizen قاتارلىق سىستېمىلار Android قا ھۇجۇم باشلىدى
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
بىلىپ-بىلمەي دىۋاندا ئولتۇرۇپ قاپتىمەن .
باشقىلار نىڭ دىۋاننى بەكمۇ تالىشىدىغانلىقىنى بايقىغانىدىم، بۈگۈن ماڭا نىسىپ بوپتۇ.
پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا بولسام بولارمۇ-بولماسمۇ؟
ھاھاھا!!!
iPhone بىلەن تېلفون ئۇرغاندا، كۆرسەتكۈچ بارماقنى ئىگىلىۋىلىش كىرەك، بولمىسا يانفوننىڭ ئارقىسىدىكى «LOGO» توسۇلۇپ قالىدۇ.
ۋەششى قاتىل گەپ بوپتۇ.
ھەقىقەتەن ياخشى يانفۇن كەن بۇ …. بۇ يانفۇننى ئىشلەتكەندىن بېرى باشقا يانفۇنلار قەتتى ياقماس بوپ قالدى ..
تۇۋا ئۇخلىماي نىمە قىلۋاتقاندۇ بۇلا ،
ئاخشام ئالىپتا كۆرگەن ئىدىم بۇتىمىنى
تازىمۇ قوتا تېلفۇن بۇ
(مەزكۇر يازما چىشلەنگەن ئالما 6 دە يېزىلدى)
رەسىمى ئوخشتۇپ قويۇپتا ھە
ئالامەت
تەددي ئاداش، 3-ئىقتىدارنى تورخۇمارغا قاچان قوشىسىلە؟
ئاز قالدى
تورخۇمارغا رەسىمنى قانداق يوللايدۇ، مەنمۇ بىر يوللاي دېگەنتىم دوسلار!
تورخۇمارنىڭ يازغان ئىنكاسىلا كۆك رەڭ، بىزنىڭ ھەممىمىزنىڭ ئوخشاش قارا رەڭ!!!
قاتتىق ناھەقچىلىك بوپتۇ. مىنىڭ يازغان ئىنكاسىمنى يىشىل رەڭلىك قىلىپ قويۇڭ بولامدۇ؟
ماۋۇ ئىنكاسقا مازكەندىن 10-15نى بىسۋىتەي قانداق؟
چۈنكى ئۇ دىگەن باشلىق…
قانداق قىلغۇسى كەلسە شۇنداق قىلىدۇ. پۇقرانىڭ ئۇنداق ھوقوقى يوق
ھازىرقى جەمئيەتتىمۇ شۇنداق…قوللايدىغانلار سازكەننى بىسىۋىتىڭلار
توكى ئۇزۇن يەتمەيدىكەن.. ماۋۇ ھەققەت . ئالمىدىكلەر تىلغۇننى قاتىل ياساپ ئەمما مايغا كەلگەندە ئىسلاھ قىلالمىدى . ئىچكىردىكى تىلغۇن ماي ياسايدىغان زاۋۇتلارغا ھۆددە بەرگەن بولسا پەچەت ياسىۋىتەتتى .
بىر چاغدا بىر ساۋاقدىشىمنىڭ كيۇ كيۇسى ‹ئايفۇن ئونلاين›دەپ تۇرىدىكەنتۇق،‹ئايفۇن ئالدىڭمۇ›دەپ سورىسام ‹ھە ›دەيدۇ،‹ۋاھ،نەچچىگە ئالدىڭ؟›دېسەم ‹بەشيۈزگە›دەيدۇ
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بارماق تونۇتۇش سىستىمىسدا بارمىقىنى تونۇتقاندا بارماقنىڭ ئىزى ئۇدۇل مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىغا يوللىنارمىش…يەنە تىخى مەخپى تىڭشىغۇچمۇ سەپلەپ قويۇقلۇقمىىش!
تۈرمىدىن قاچۇرغان تىلغۇننىڭ ئالمىنىڭ ئاق رەڭ ھالتىدىن باشقا رەڭگە قەنداق ئۆزگەرىتكىلى بولۇدۇ بىلدىغانلار بولسا دەپ بەرگەن بولساڭلار
www.xjmac.com مۇشۇ توربەتتە ھەممىسى باركەن كۆرۈپ بىقىڭ
بىر چاغدا پارتىدىشىم يېڭىدىن iphone5 سېتىۋالغان قىزدىن سورىدى:
– تېلېفونىڭ رەسىمگە سۈزۈك تارتىدىغاندۇ – ھە؟
– ۋاي، ھەئە، شۇنداق ئۆچتە مەن، باشقا تېلېفونغا ئالماشتۇرىۋەتسەم بوپتىكەن.
– نېمىشقا؟ تەنە گەپ قىلىۋاتامسەن، بۇنىڭدىن بۇرۇنقىلىرى سۈزۈك تارتقان يەردە بۇنىمۇ قاتىلمىكىن دەپتىمەن تېخى… (ئۇ بىچارە تېخى ئۇ ساۋاقدېشىمىزنى iphoneنى يامانلاۋاتامدىكىن، دەپ ئويلاپتىكەن)
– ھە، شۇ، بەك ئېنىق.. يۈزۈمدىكى سەپكۈن يۇ، دانىخورەك ھەممىنى ئوپئوچۇق كۆرسىتىدۇ
ئەمما بولدىغان تىلغۇنكەن ھەي باللا مەن مۇشۇ ئالما تىلغۇن تۇتقاننىڭ ياغى باشقا تىلغۇننى تۇتۇش ئويدا بوپ باقمىدىم ….توكى بولسا بىر يەتسە بولدى ھامنى كەشتە توك بار يەرگە بارمىز ئەمەسمۇ ؟؟؟؟
ئالما تىلفۇننى زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇغانتىم ئاق رەڭلىك ھالەتتىن ئۇزگەرتەلمىدىم قانداق قىلسام ئۇزگىرەيدۇ ياردەم قىلساڭلا