iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
تورخۇماردا iPhone ھەققىدىكى تېمىلارنى كۆرۈپ پىشىپ كەتتىڭلار، ھەقىچان iPhone ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلار بولسا ھەممىڭلار ئۇدۇل مۇشۇ يەرگە يۈگىرەيسىلەرغۇ دەيمەن؟ ئۇنداقتا بۇ يىل چىقىدىغان iPhone 7 ھەققىدە قانداق ئۇچۇرلار باردۇ؟ تورخۇمارنىڭ بۇ ھەقتە خەۋىرى بارمىدۇ؟ دېگەندەك سوئاللارغا تورخۇمار مەخپىي يوللار بىلەن قولغا چۈشۈرگەن تۆۋەندىكى ۋىدېئو ئارقىلىق جاۋاپ بېرەلەيمەن دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە…
ئۆھۈ ئۆھۈ! ئاقسالىق قىلىش ۋاقتى توشتى، تۆۋەندە پوغا چۈشىمىز.
چاقچاقمۇ قىلىشتۇق. ئەمىلىيەتتە بۈگۈن كۆپچىلىككە ئېلىپ كەلگىنىم، ھەر يىلى مۇشتاق ۋاقلاردا چىقىدىغان، تورداشلار ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ لايىھەلەپ چىقىدىغان ئاتالمىش «يېڭى» ئەۋلاد ئايفوننىڭ ئۇقۇم مودېللىرىنىڭ بىرى، بۇنىڭغا iPhone 7 دەپ ئىسىم قويۇپتۇ. ئەمما مېنىڭ پەرىزىمچە يەنە iPhone 6S ياكى 6C دېگەندەك بىرمىلەرنى چىقىرامدىكىن دەيمەن.
سىلەرچە قانداقراق؟ ھېلىقى سايە چۈشۈرىدىغان نۇسخىسىدىدەك ئاقسا چىقماپتۇ ھە
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: iPhone، ۋىدېئو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 78,760 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 05-ئاينىڭ 22-كۈنى
- يازما مەنزىلى: iphone-7-concept-videos.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- كېيىنكى يازما >
- بوئېن 737 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ قۇراشتۇرۇلۇش جەريانى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- كاللىنى ئارام ئالدۇرىدىغان بىر يۈرۈش تېزلەتمە ساياھەت مەنزىرىلىرى | دۇبەي/شاڭخەي/پارىژ/نورۋېگىيە
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
بۇنداق ۋىدىئولارنى كۆرۈپ «ھە» لا دەپ قويىدىغان بولدۇم …
كونا قائىدە بويىچە بولغاندا كىيىنكى ئەۋلادقا 12 مىليون پىكسىللىك كامېرا سەپلەپ ئاندىن كىچىك – كىچىك ئىقتىداردىن 1-2 نى قوشۇپلا iPhone 6S دەپ چىقىدۇ ، ئاندىن سېتىپ بولالمىغان 4.7 سۇڭلۇق تىلفۇنلىرىنىڭ قېپىنى رەڭلىك قىلىپ 6C دەپ ئىسىم قويۇپلا ئاتالمىش «ئەرزان باھا » دا ساتىدۇ …
مانا دىۋاندا ئولتۇردۇم…
ئۈستۈمدىكىسى تورخۇمارنىڭ ئىچكى ئادىمى بولغاچقا ،دىۋاندا ئولتۇرغىنى ھېساب قىلىنمايدۇ
شۇنداق ، يېڭى يازما ئېلان قىلىنىشتىن 3 مىنۇت بۇرۇن تىلفۇنۇمغا سېستىمىدىن ئاپتۇماتىك قىسقا ئۇچۇر كېلىدۇ …
ھېي ۋاي ……ھېجەپ چاغلاتى ئاشۇ ، كىچە كىچىلەپ دىۋان ساقلايدىغان ، ئاخىرى چىدىماي تەدبىركارغا ئارقا ئىشىك قىغان ، ئامدان ئەدەمدە بۇ ، تەدبىركارنى ئىزدەپ vipبۇلىۋېلىڭلا ، تىما يوللاپلا ئۇچۇر قىلىدۇ ، ئىشەنچلىك
ئىككى يىل بۇرۇن دىۋاننى قاندا تالىشىش توغرىسىدا خېلى ئىزدىنىپ باققان : (ئاشكارلىۋىتەي )
1.تۇرخۇمارغا يېزىلغان نەچچە يۈز تال تىمىنىڭ يوللانغان ۋاقتىنى سىتاتسىتكا قىپ چىققان ، ھەپتىنىڭ قانچىنجى كۈنى ، سائەت نەچچىلەردە تىما يوللاشقا ئامراق ياكى ۋاقتى بار دىگەننى .
2.ۋىروس بىلەن بۇ ئەدەمنىڭ مىكرو بىلوگىنى كۈندە نەچچە يوقلايتىم ، سىناغا ئەزا بۇلۇپ ، مەلۇم كىشىنى ئالاھىدە ئەدەم تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ قويسا ، مىكرو بىلوگقا بىر نەسە يوللىشى بىلەنلا ئۇچۇر كىلەتتى ، قىززىق يىرى بۇ ئەدەم يېڭى تىما يوللاپلا ، مىكرو بىلوگقا ھەمبەھىر قىپ قۇياتتى ، شۇنىڭ بىلەن مەن سەكرەپلا دىۋانغا چىقىۋالاتتىم
3.مەخسۇس بىر توربەت بۇلىدىغان ، توربەت ئادرىسىنى كىرگۈزۈپ ، ئىلخەت ۋە يانفۇن ئۇچۇرىنى قالدۇرۇپ قويسا ، يېڭى تىما يوللىشى بىلەنلا ئۇچۇر كىلىدىغان ، بۇمۇ خېلى بۇلىتى ، پۇللۇق لىكىن .
~~~~~ئىشقىلىپ دىۋاننىڭ غەلۋىسىنى خېلى قىغان مەن ، مۈڭگۈز قۇلاققۇ چىقمايتتى ، لىكىنىزە دىۋاندا ئولتۇرغاننى خېلى كاتتا ئىش دەپ ئويلايتىم ، دىۋان تالاشقاننى تىلاپ كىتىدىغان خۇماداشلامۇ جىقتى خېلى
كىيىنكى كۈنلەردە دىۋاننى تۆر دەيلى دىگەن پىكىرنى ئوتتىرىغا قويغانتىم ئۇمۇ ئارانلا 3 قىتىم ئەمەلىلەشتىمىكى شۇ سەھرالىق دەپ بىرى بولىدىغان ،داۋاملىق چىقىۋالاتتى تۆرگە ھەراس ئابوم ئاداش سىلى نەچچە رەت تۆردە دەۋران سۈردۈڭلا شۇندا قىلىپ
دىدار غەنىيمەت
مەنگە بۇ ئۆمرۈمدە دىۋان نىسىپ بولمىسا كېرەك
دىۋان دىۋان دېيىشسە، خېلى ئۇزۇنغىچە نېمە دەيدىغاندۇ دەپ قالغان. كۈنۈپ قالدىم خەقلەنىڭ تالاشقىنىنى تاماشا قىلىشقا.
ھەممەڭلە كاللا يەيمىز دېسە پاقالچاق يەيلىچۇ دەپسىلەغۇ.. بۇ ئىنكاسلىرىڭلاردا قېلىپ قاپتۇغۇ ئايفون يەتتە ، تەكلىماكاننىڭ بېرىستە….
ئابۇشجانتى … تەخەللۇس، تۈزۈتۈپ ئوقۇۋېتىڭلا ھە،…تور خارنىڭ مېھرىدە ئالدىراپ ئۆتەپ كىتىپ قاپتىمە
دىۋان ھەي دىۋان
مۇشۇ ۋىدىئولارنى ئالما شىركىتى ئۆزى ئىشلەيدۇ دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە
نۇبىيا دەپتۇرسا ئالما دەيسىزغۇ
نۇبىيا ز9 دەپ تۇرىدىغۇ راس. لېكىن ئاۋۇ بىر يېرى يارىدى ماڭا
تورخۇمارنى ھازىر تەدبىركار بىر قوللۇق، شەخسىي، خۇسۇسىي، يالغۇز، يېگانە، تەنھا، غېرىبانە،يەككە، بىر ئۆزى يېڭىلاۋاتامدۇ؟ ئاستىدىكى ئاپتورنىڭ تەرجىمالى چىقىدىغان ئىقتىدارنى تاقىۋەتكىلى نىكەم بوپقالدى.
كىم بىلىدۇ بۇلا يېڭىلىق قىلىمىز دەپ iphone 7abc دەپ چىقىرامدۇ تېخى
بەك قىممەت بۇ ئالما دىگەن گۇي
ما يېڭى چىققىننىڭ باھاسىنى بەك ئەرزان چىقىرامىش دەيدىغان مىشمىش گەپلەر بار… ئەمما مەن ئۇ گەپكە قەتئىي ئىشىنىشقۇ بۇيەردە تۇرسۇن ھېسمۇ قىلمايمەن..نىمۇ ئۇ ئەپۇل ۋوتچ چىقادۇق دەپ … ما قېتىم بىر ئايفۇنچى باللا باتتى قولىغا سائىتىنى تاقىۋاپتۇ !! قانچە پۇل چىقىپتۇ دېسەم 3750 سوم دېدىمۇ ئىشقىپ قىممەت بىرگەپنى قىلدى … نىمۇ ئۇ ئايفۇن 5س تىنمۇ قىممەتكە ئۇ سائىتى
ئۆزگەرتىپ ئىشلىدۇق دەپ ئىنىق تۇرمامدۇ ، ..
پەقەت خوشۇم يوق موشۇ تىلفۇن بىلەن
ھەممىسى قۇرۇق گەپ
ئالما ئەمەس، نۇبىيانىڭ ئىكەن.
يامان ئەمەسكەن , ئىشقىلىپ مەن بىرنى ئالىمەن
ئو .. مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى
بۇلار ئالما 6 نى ئىلان قىلغان ۋاقىتتا ئالما 6 نىڭ ئىكرانىنى ھازىرقى 6ئەس كە ئوئىشاش چىقارغا لىكىن ھازىر ئۆز كۈزىمىز بىلەن كۆرسەك ئۇنداق ئەمەس قىنى ئۇمۇ چىقىپ باقسۇن ئەگەر مۇشۇنداقلا چىقىپ قالدا راستىنلا پىچچەت چىقىدىكەن
مەن يېڭى تور خۇمار، شۇڭا مىنى قوللاپ قوياسىلە
يالغاندىن ئاغزىغا كەلگەننى يوللاۋىرىدىغان ئادەملەر مۇشۇ جەمىيەتتىمۇ مەۋجۈتكەن ھە …؟ بۇ nubia z9 تېلفۇنىغۇ ……
ھەي بۇ ئادەملەرنىزە ……؟!