iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
iPhone 6 نىڭ مودىلى دەپ ئىسىم قويۇلغان بىر يانفون مودىلى يېقىندا تورغا ئاشكارىلىنىپ تارقىلىپ يۈردى. بۇ مودېلدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، iPhone 6 نىڭ ئېكرانى تېخىمۇ يوغىناپ 4.7 ديۇمغا بارىدىغان ئوخشايدۇ، يانفون گەۋدىسىنىڭ قېلىنلىقى بولسا پەقەت 6 مىللىمېتىر كېلىدىكەن.
4.7 ديۇملۇق iPhone 6 بەلكىم بۇ يىل كۈز پەسلىدە ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، تېخىمۇ چوڭ 5.5 ديۇملۇق iPhone مۇ بار بولۇپ، بىراق نۆۋەتتە ئېكران ۋە باتارىيە مەنبەسى تۈپەيلى، تېخى بازارغا سېلىنىشىغا بىر مەزگىل بار ئىكەن.
تۆۋندە تورداش ئاشكارىلانغان iPhone 6 نىڭ مودىلىنى كۆرۈپ باقايلى. PS: ئۈستىدىكى رەسىم توردىن كەلتۈرۈلگەن، ئاستىدىكى مودېل بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
ئىلگىرى تارقالغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، iPhone6 نىڭ گەۋدىسى تېخىمۇ نېپىزلىتىلگەن، تېخىمۇ تېز A8 تىپلىك CPU ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىنكەن.
4.7 ديۇملۇق iPhone 6 مودىلى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: iPhone، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 23,368 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 05-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: iphone-6-appearance-prototype.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- كېيىنكى يازما > iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا بۇ تېلىفۇننىمۇ بىر مەزگىل بەك سەتكەن دەپ تىللايمىز ،
كىيىن بازارغا سېلىنغاندا ئايفون 6 دىن بىرنى ئالسام بولاتتى دەپ شۆلگەيلىرىمىزنى ئېقىتىپ يۈرۈشىمىز …
بوپ قالىدىكەن
بىر قارىماققا Huawei نىڭ 800 يۈەنلىك تېلېفۇنلىرىغا ئوخشاپ قالامدۇ نېمە
بولىدىكەن
ھىڭ ……نىمە گەپ بو ؟ زاماننىڭ بەك ئالدىدا مېڭىۋاغان ئوخشايمە مەن ، ئالتىنچى ئالمىنى ئىشلىتىۋاتقىلى خېلى بولدىيا مەڭا ، ئۈچ تور قوللايدا ، قوش كارتىلىق ، زاپاس باتارىيىسىدىن ئىككىسى با تەخە
خۇماداشلا دىيىشىۋاتقان ئالما ، مەن ئىشلىتىۋاتقان مۇشۇ ئالما شۇ ھە ؟ مۇشۇ شۇدۇ
سىلنىڭ ئىلىتىۋاتقانلىقى كورلىنىڭ نەشپۈتى ئوخشايدا …
ما بىز دىيشىۋاتقىنى ئەمەركامنىڭ ئالمىسى …
زادى مۇشۇ ئالمىنىڭ ئورگان بىكىتىىدىن مۇشۇ شۇ دەپ ئېلان قىلمىغۇچە قايسىنىڭ ھەقىقى ئالما ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلىپ بولغىلى بولمايدىكەن ئادەم .،.،ئىشقىلىپ يېرىم يىلدىن بېرى بېرە يۈز خىل ئايپون 6نىڭ رەسىمىنى كۆرەپ بولغاندىمە .،.،
خوبىس دەۋىرىدە ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئالدىن ئاشكارلىنىشى قىيىنتى، شۇڭا دائىم كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرالايتتى. كۇكنىڭ زامانىسى كېلىپ يىڭىلىق ھېس قىلمايدىغان بولدۇق. ئالدىنقى ئەۋلات ئايفۇنمۇ ئالدىن پۈتۈنلەي ئاشكارلىنىپ كەتكەن . بۇ قېتىممۇ ئاساسەن ئاشكارلىنىپ بولدى. ئەمدى كۈتىدىغىنىمىز پەقەت سەپلىمە ئۇچۇرى خالاس.
ئايفۇنچىلارغا تەۋسىيەم بولسا ئايفۇن 5ئەس تىن جىقاراق ئېلىۋېلىڭلار، قاتتىق دېتال جەھەتتە ئالاھېدە پەرىقى بولمىسا 5ئەس بىر مەزگىل ئۆزلەپ كېتىشى مۈمكىن.
«خوبىس » مۇ يا « جوبىز » مۇ ؟ ئەركىلەتمە ئىسمىمىدۇيا ؟!
مەن ئايفون 5ئېس تېلفۇنۇمنى 8 چىققىچە ئالماشتۇرماي جىم ئىشلىتىپ ئولتۇرمىسام بوممىسا ئېلىۋىردىغان بولسا ئادەم قاقسەنەم بوپقالغۇدەك ياكى مەنمۇ قۇغۇن ماركىلىق يانفۇن ياساپ ساتايمىكى ئالمىغا جەڭ ئېلان قىلىپ
تاۋۇز ماكىلىق قىلىپلا ياساڭلا ، تازا ماس كىلىدۇ بىر بۇرجىكىنى غاجىۋىتىپ چىقارساڭلار
سىرىتقى شەكلى جەھەتتە ئالما 5S تەك جەلىپ قىلىش كۈچى يوقتەكمۇ تۇرامدۇ، مېنى تازا جەلىپ قىلالمىدى، ئەمدى سەپلىمە جەھەتكە كەلسە ئالما 6 نىڭ گېپى چققاندىن بۇيان يامان جىق ئۇچۇرلارنى ئاڭلاپ كەتتىم. ئاۋۇ تېمىنىڭ ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك بولغان بولسا سەپلىمىسى بىلەن كارىم يوق چوقۇم بىرنى ئالاتتىم. شۇڭا يەنىلا بازارغا سالغاندا قولۇمغا ئەپ تۇرۇپ «ئالما ئالتە دىگەن مۇشۇ شۇ » دىگەندىن كىيىن ئېلىش-ئالماسلىق مەسىلىسىنى ئويلاشسام بولىدىغان چىراي. يەنە بىر مەسىلە شۇكى ماۋۇ مەن تۇرۋاتقان رايوندا ئالمىنىڭ يېڭى سورتى پىشىپ بازارغا چىققاندا كونا سورتلارنىڭ باھاسى 1200 ~800 يۈەن ئەتىراپىدا تۆۋەنلەپ مېڭىۋاتىدۇ. باشقا رايونلاردا قانداق بۇنى بىلمىدىم.
مۇزىكىسى بەك ئېچىمنى سىقىۋەتتى…پەقەتلا كۆرگۈچىلىكىم قالمىدى
بازارغا چىققاندا كۆرمىسەك ھەممىسى بىكار
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بوپقالدى. كەچۈرۈڭلار.
مەن تىنىمسىز ھېلىقىدەك رەسىملەرنى يوللاۋاتقان مېھنەتكەش بۇرادەر فورئېۋېرغا رەھمەت ئېيتىشىم كېرەك،رەسىمگە ئىنكاس يازغىلى بولمىغاندىكىن مۇشۇ يەردە رەھمەت دەۋالاي.
راست دەيسىز، مۇشۇ بانادا تەدبىراخوننىمۇ بىر تىللىۋالاي.
رىسىمگە ئىنكاس يازغىلى بولىدىغان قىلىپ تەڭشىمىسەڭ …
پەيزى گەپلە ئىسىمگە كەممىدى.
رەھمەت بۇرادەرلەر ، ھەممىمىزگە كۈلكە ياراشقاي …
ئۇزۇلدۇرمەي ھېلىقىدەك رەسىم يوللاۋاتقان دوستلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن
Forever جەمگاھ سالۇنىنىڭ قۇرغۇچىسى سىز شۇمۇ؟ ئۇسلۇبىڭلا يىقىنلىشىدىغاندەك ھىس قىلىمەن.
شۇنداق ، تورخۇمارغا يوللاپ بولالمىغان رەسىملەرنى شۇ يەرگە يوللاپ دىگەندەك .
بۇ قېتىمقى ئايفون بەك ئاددىي چىقىپتۇ، ئىجادىيلىق يوق دىسەكمۇ بولغىدەك سىرتقى شەكلى يۇمىلاقلاشتۇرۇپ android يانفونلىرىغىلا ئوخشىتىپ قۇيۇپتۇ، android تېلفونلارنىڭ سىرتقى شەكلى ئاددىي بىر تېلفون ، ئايفوننى بولسا بىر سەنئەت بۇيۇمى دەپ قارىساق ئارتۇقلۇق قىلمايتى، ھازىرچۇ؟ سەنئەت ئەمەس بىر ئاددىي android تېلفونىنىڭ ئۆزى بوپتۇ… ئالما كىيىنكى نوكىيا بۇلۇشقا تەييارلىنىۋاتقان ئوخشايدۇ.
مەنمۇ غەلىتە ھىس قىلدىم بۇ ئايفوننىڭ شەكىلىنى
مېنىڭچە بۇ مودېلنى ياسىغان ئەپەندى ئەلا سۈپەتلىك سىپتا ماتېرىياللارنى تازا ئىشلەتمىگەن چىراي…
ھەقىقىي ئايفون6 بۇنداق سەت چىقماس…، ئايفون5 تىن 6 ھەسسە سەت نېمىكەن بۇ.
كارىم يوق بۇلا بىلەن
جۇڭگونىڭ دوراش سەنىتى تەرققى قىلىپ تېخى ياسلمىغان مەسۇلاتلانى دورغلى تۇرپتا ئاينا