سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
يۇقارقى سۈرەتتىكى قايسى يانفون بىلەمسىز؟ ئوتتۇرىدىكى كۇنۇپكىسىغا قارىمىسا iPhone 6 مىكىن دەپ قالىدىغان بۇ يانفون دەل Galaxy S6 دۇر. ئىشقىلىپ Samsung بىلەن Apple ئىككەيلەننىڭ نەرسىلىرى بارغانسىرى ئوخشىشىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئېلان قىلىنغان يەنە بىر يانفون بولسا Galaxy S6 Edge . قارىماققا خېلى پەچەتتەك تۇرىدۇ.
سەرانىڭ سۇلياۋلىرى بىلەن خوشلىشىپ ئاخىرى مېتال قاپ ئىشلىتىپتۇ، قولغا ئالغاندىكى تۇيغۇ مانداق بولىدىكەن.
ئەڭ يارقىن نۇقتا S6 Edge نىڭ ئەگمە ئېكرانىكەن.
يان تەرەپتىكى ئېكراندا ئەڭ ئاساسلىق تېلىفون ئۇرۇش/قوبۇللاش ئىشلىرىنى قىلغىلى بولىدىكەن، سولخايلار ئەنسىرىمىسىمۇ بولغۇدەك، ئوڭ سولغا خالىغانچە يۆتكىگىلى بولىدىكەن.
توك تېجەيدىغان ھالىتىمۇ خېلى بولىدىكەن.
ئېكران ئاچىدىغان يەرلىرىمۇ ئۆزگىرەپتۇ، ئىلگىرى سىرىپ ئاچىدىكەنتۇق، ھازىر ئالمىنىڭكىدەك بارماق ئىزىدا ئاچىدىغان بوپتۇ.
ئەمما SAMSUNG نىڭ باتارىيەسى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ناچار، ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 2550 mAh لىق باتارىيەسى بۇرۇنقى S5 چىلىكمۇ ئەمەس، يېرىم كۈندە بىر توك قاچىلايدىغان ئىشمۇ نېمە؟!
بۇ ئىككى يانفون 4-ئاينىڭ 10-كۈنى پۈتكۈل دۇنيادا تەڭلا بازارغا سېلىنىدىكەن، Galaxy S6 ۋە S6 Edge نىڭ باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4900 ۋە 5900 يۈەن خەلق پۇلى بولىدىكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Galaxy، Samsung، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 29,370 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 03-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: galaxy-s6-edge.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- كېيىنكى يازما > ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ دەھشەت چىققان ئېلانى – Add Power to You Life
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- NOKIA نىڭ Android يۈرۈشلۈك يانفونلىرى (NOKIA X/X+/XL) ئېلان قىلىندى
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
- سامسۇڭ Tizen قاتارلىق سىستېمىلار Android قا ھۇجۇم باشلىدى
بوپقالامدۇ نېمە
ۋوي ئاپتور كۆرۈنمەيدىغۇ؟
ئۆتكەن يىلى ئابومجــــــــــــــــــــون دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسىنى يېزىپ «جان»لىق سالاھىيىتىنى ساقلاپ قالغانىدى. بۇ يىل ھېچ گەپ يوققۇ
ھا ھا ھې ھې ھۇ ھۇ ، ئۇماقلىقىنى ما مايماقنىڭ ……
ئەسلىرىدە بوغانلىقىمغا ۋەھشەت خۇشالمەن……
شۇندا قىپ ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە شاھانە يازمىدىن بىرنى يازاي دەپ تۇتۇش قىپ قاپتىكەنمە ، يا يازما پۈتمەي ، شۇندا قىپ قوي يىلى بۇلاپ كىتىپتا … بالامغا دادا دەپ تىل چىققان كۈنى يوللايمەنغۇ تازا …
باكەنلا ھە ئابومجوئوئوئوئوئون ئالمىنى ئازراق دورىغان چىراي
بار دۇر باردۇر !
مەن ئەزەلدىن با ، پەقەتلا يوقتەك قىياپەتكە كىرىۋالدىم ، لىكىن بەزەڭلار يوق تۇرۇپ باردەك قىياپەتكە كىرىۋالماڭلا —ئابومجان مۇئەللىم
S6 Edge مىنىڭ نىشانىم.ئالما ئىشىنى قىلسۇن
تورخۇماردىكى نۇرنىجات ئايفون ئىشلەتمەسلىككە ، مەن سامسۇڭ ئىشلەتمەسلىككە قەسەم قىلىشقانتۇق …
ئالما سامسۇڭلار بىربىرىدىن پەچەت چىقىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە مەن نىمىشقا نوكىيا ئېلىپ يۈرىدىغاندىمەن
ئەقىليفۇنلارنىڭ تەرەققىياتى ھازىرقى دەۋىردە مېتال قاپ ، باتارېيە بىر گەۋدە بۇلۇش ، ساقلىغۇچ ئۆزەكى چوڭ بۇلۇش ھەم بىر گەۋدە بۇلۇش ،دۇنياۋى بىر شىركەتنىڭ لاھيەسى يەنە بىر دۇنياۋى بىر شىركەتنىڭ لاھيەسى بىلەن ئۇرتاق بولۇشى مىنى ئالمىنىڭ قۇرغۇچىسىغا تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى .
تېخىچە قوتا خۇاۋېيدا مەن .ھېچ قۇتۇلغىلى بوممىدىغۇ .!
مازكەن بۇ تېلفۇن يەرگە بىرلا چۇشتىمۇ بولدى بۇ تېلفۇندىن سۆز ئاشقىلى بولمايدۇ ئاۋۇ يان تەرەپتىكى ئىكرانلىرىنىڭ ۋەتۋەرىكى چىكەتكۇدەك يەنىلا ئالما 5s نى ئىشلىتىۋېرەي
ۋاھ ئەمدى ئالمىچىلار SAMSUNG غا دۇم چۇشدىغان بوپتۇدە…
SAMSUNG نىڭ باتارىيىسى ئاچاركەن .
بۇ گۇيلا ئىستىمالچىلارنى كۆلدۇرلۇتۇپ ئۆينايدىكەن . ھەر بىر قىتىم يىڭى بىر يانفۇننى ياساپ چىققاندا بىر ئازلام ئۆزگەرتىش كىرگزۇپ قۇيۇپلام بازارغا سېلىۋېرىدىكەن . ئالما شىركىتى ئەمىلىيەتتە 2 يىلدا ئارن بىر يىڭى يانفۇننى ئۆتتۇرىغا چىقىرىدىكەن . سامسۇڭمۇ يىلدا بىر يانفۇن ئىشلەپ چىقارغاندەك قىلغان بىلەن ۋاي دەپ كەتكۇدەك يىڭىلىقلارمۇ يۆق . ئەمىلىيەتتە بۇ گۇيلارنىڭ قۇلىدا بار بولغان تىخنىكا يىڭىلىقلىرى خىلىلام كۆپ لىكىن بازارغا سالغاندا قەستەن بەزەن بىر تېخنىكىلىرىنى قىسىۋېلىپ كۇزۇر سۇپىتىدە كىيىنكى قىتىملىق يانفۇنلارغا قالدۇرۇپ قۇيۇپ ئۇيۇن ئۆينايدىكەن .
شىركەتلەر ئۆتتۇرىسىدىكى سۆدا جېڭى مۇشۇنداق بولسا كىرەك لىكىن زىيان ئىستىمالچىلارغا بۇلىدىغان گەپكەن . شىركەتلەر ئۆتتۇرىسىدىكى رىقابەت ھازىرقىدىمۇ بەكەرەك كەسكىنلىشىپ كەتسىغۇ باسۇرۇپ قۆيغان ئىسىل تېخنىكىلىرىنى مانا دەپلام ئۆتتۇرىغا تۇكىتى بۇ گۇيلا
گۈرۈچ4كە زادى مېھرىم چۈشۈپ قاپتىكەن مۇشۇنى ئىشلەتكەچ تۇراي
گۈرۈچ4كە زادى مېھرىم چۈشۈپ قاپتىكەن مۇشۇنى ئىشلەتكەچ تۇراي