Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟

Flappy Bird دېگەن ئىسىمنى كۆرۈپ ھەممىڭلارنىڭ كاللىسىدا نېمە دېمەكچى بولغۇنۇم ئايان بولدىغۇ دەيمەن. شۇنداق، دەل شۇ Flappy Bird مېنى ۋە ماڭا ئوڭشاش نۇرغۇن كىشىلەرنى قانداقتۇر بىر جىمجىتچىلىقتا بىشىنى كۆتۈرمەي ئوخشاش بىر مەنزىرىنى زېرىكمەستىن تەكرارلايدىغان قىلدى. ئەمما بىر ھەپتە ئويناپ 45- ئۆتكەلدىن ئۆتەلمەي ئۇنىڭياقى يانفۇنغا قارغۇدەكمۇ ۋاقىت بولمىدى.

flappy

Flappy Bird نىڭ App Storeدىن چۈشۈرۋېتىلىشى ئۇنى تور دۇنياسىدا قايتا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ھەممەيلەن ئۆزى بىلگىنىچە قىياس قىلىشتى. بەزىلەر نەشىر ھوقوقىغا چىتىلىپ قاپتۇ دىسە بەزىلەر ئاپتور بىردىنلا ئۆزگەرگەن تۇرمۇش رېتىمىغا كۆنەلمەپتۇدېگۈدەك… ئىشقىپ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر بىز يەنىلا ئويناشنى داۋاملاشتۇرىۋەردۇق. ئەمما بەزى قان مەستانىلەر ھەتتا تىۋىتتىردا مەزكۇر ئويۇن ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىسە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدىغانلىقى ھەققىدە تەھتىد ساپتۇمىش.

ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق سېھىرلىك ئويۇن؟

Flappy Bird ھەققىدە ئاڭلاپ باقمىغانلار بەلكىم يۇقۇردىكى بايانلارنى كۆرۈپ مەزكۇر ئويۇنغا قىزىقىپ قالغان بولىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنچە دەبدەبىلىك ئويۇنمۇ ئەمەس. ھەتتا سىغىمى 1 مىگابايتقىمۇ بارمايدۇ. ئاددى بولغان كۆرۈنمە يۈزى ۋە ئويناش قائىدىسى بار. بىردىنبىر سەۋەب دىسە قىيىنلىق دەرىجىسى بىراز يۇقىرى خالاس(خېلىلام يۇقۇرىغۇ دەيمەن ھە).

ئويۇن ئەڭ بۇرۇن بۇلتۇر بۇلتۇر 5- ئايدا ئېلان قىلىنغان. دەسلەپتە ھېچكىم پىسەنت قىلمىغان بۇ ئويۇن بارا-بارا قىززىپ يىڭى يىلدىن بېرى پارتلاش خاراكتىرلىك قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. ھەتتا ئويۇن لايىھىلىگۈچى ئۆزىمۇ مەزكۇر ئويۇننى پەقەت چارچىغاندا بىرنەچچە مىنۇت ئويناپ يىنىكلەپ قېلىشنى ئارزۇ قىلغان. ئويۇن پروگراممىسىنى تۈزۈشكىمۇ پەقەت ئىككى ئۈچ كۈنلا ۋاقىت سەرپ قىلغان. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن مۇشۇ كىچىك يانفون ئويۇنى بۇ ياشنى داڭلىق شەخىسكە ئايلاندۇرۇپ قويدى.

ئەلۋەتتە ئويۇننىڭ مۇۋاپىقىيىتى ئۇنىڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىشى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. يەنە بىر ئېنتايىن مۇھىم نەتىجە شۇكى مەزكۇر ئويۇن، ئويۇن ئىگىسىگە كۈندە 50 مىڭ دوللارلىق ئېلان كىرىمى ئىلىپ كىلەلەيدۇ. ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ، لايىھىلىگۈچى ئاخىرى مەزكۇر ئويۇننى App Store دىن چۈشۈرۈۋەتتى ۋە قايتا چىقارمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ بەلكىم نۇرغۇن مەستانىلەرگە نىسبەتەن قۇلاققا خۇش ياقمايدىغان خەۋەر بولىشى مۇمكىن.

زادى نېمە سەۋەب شۇنچە زور كىرىمدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلدى؟

بۇنى مەندىن سورىساڭلار مەنمۇ ئۇقمايمەن. لېكىن ئويۇن تۈزگۈچىنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا مەزكۇر ئويۇننىڭ قايتا قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىشى ئۇنىڭ ئەسلىدىكى جىمجىت تۇرمۇشىنى بىراقلا ئۆزگەرتىۋەتكەن. مۇنداقچە ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇ ئاددى بىر بالىدىن بىراقلا مەشھۇر كىشىگە ئايلىنىپ كۈندە ھەرخىل بىسىم ۋە ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغان. قارىماققا بۇنىڭمۇ ئاساسى باردەك. ئەمما ئامېرىكا تېخنىكا بلوگى Business Insider يەنە بىر خىل مۇھىم سەۋەبنى ئوتتۇرغا قويغان. يەنى مەزكۇر ئويۇن قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىشى بىلەن ئويۇن ئىگىسى ھەر خىل تۈردىكى «ئۆلۈم» تەھدىدىگە ئۇچۇرغان. قىزىق يېرى بۇ پەقەت «ئۆلتۈرۈش» تەھدىدى بولۇپلا قالماي يەنە «ئۆلىۋېلىش» تەھتېدىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. باشتىكىسى ئويۇننىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىۋاسىتە پىسخىكىسىغا ئېغىر زەربە قىلغانلار بولسا كىيىنكىسى ئويۇننىڭ App Store دىن چۈشۈرۋېتىلىشى ۋە قايتا ئېلان قىلىنماسلىق قارارىدىن نارازى بولغانلاردۇر.

مەزكۇر بايانلاردىن سىرت ئۆزۈمنىڭ ئاڭلىشىچە مەزكۇر ئويۇن، بىز ئويناپ چوڭ بولغان موگو بىلەن نەشىر ھوقوقىغا چىتىلىپ قالغان بولۇپ، ھەتتا ئېغىر تۆلەم تۆلىگەن گەپلەرمۇ بار. بۇ پەقەت كوچا پاراڭلىرى بولۇپ ھازىرغىچە ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن بۇ ھەقتە خەۋەر كۆرمىدىم.

بۇ تالانتلىق بالا زادى كىم؟

ئويۇنغا كىرىشىپ قالغان دەسلەپكى چاغلاردىلا بۇ تەلەيلىك كىشىنىڭ كىم ياكى كىملەر ئىكەنلىكىگە قىززىققانتىم. شۇڭا تولۇق بولمىغان كىچىككىنە ماتىرياللارنىمۇ كۆرۈپ قويغان. Flappy Bird نىڭ لايىھىلىگۈچىسى تالانتلىق ياش Dong Nguyen بولۇپ، خۇددىي يۇقۇردا دىيىلگەندەكلا مەزكۇر ئويۇن مۇنداقلا ياسالغان ۋە ئويلىمىغان ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن. ئەمما Dong Nguyen نىڭ بۇندىن باشقا يەنە Super Ball Juggling ۋە Shuriken Block قاتارلىق ئىككى ئويۇنىمۇ بار بولۇپ ئۇلار App Store دا ئايرىم ئايرىم ئالتىنجى ۋە سەككىزىنچىلىكنى ساقلاپ تۇرماقتا. دېمەك بۇمۇ قانداقتۇر غايىپتىن كەلگەن تەلەي بولماستىن ئاپتورنىڭ تالانتىمۇ يۇشۇرۇنغان. بۇ ھەقتە مۇشۇنچىلىك سۆزلەي.

flappy birg

Flappy Bird نى ياخشى ئويناشنىڭ مەخپى رىتسىپى

بەسەيلەمۇ بوش كەلمەپتۇ، Flappy Bird نى دەھشەت ئوينايدىغان ماشىنا ئادەم

1000- ئۆتكەلنى كۆرگەنمۇسىز؟ كۆزىڭىزنى يوغان ئىچىپ قاراڭ



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. داداش 2014.02.23 , 16:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قالتىس ، مەن بىر ئويناپ باقاي

  2. qamcha 2014.02.23 , 16:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئېتىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغانلارغا ئەمدى ئويناپ بېقىش پۇرسىتى يوقما ؟ :arrow:

    • ۋىروس 2014.02.23 , 16:38

      ئەلۋەتتە بار، ئەپ ستوردىن چۈشۈرۈلدى خالاس. تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان ئايفونلار ياكى ئاندرويىدفونلاردا داۋاملىق چۈشۈرۈپ ئوينىيالايسىز.

  3. qamcha 2014.02.23 , 16:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمسە ماڭا ئويناپ بېقىش پۇرسىتى يوق ئىكەن . مەندىكى تۈرمىدىن قاچمىغان ھەم تۈرمىدىن قاچۇرۇشنى خالىمىغان ئايفون ئىدى . :mrgreen:

  4. كۈسەن 2014.02.23 , 16:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن راسمى تېلفۇنۇمنى چىقىپ تاشلىغىدەكمە بۇ ئۇيۇننى ئوينىسام ئاۋۇ سىننى كۇرۇپلا شۇنداق ئىچىم سىقىلىپ كەتتى :sad:

  5. Forever 2014.02.23 , 17:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھازىرچە 35 تىن ئاشالماپتىمەن …

    • ھايات 2014.03.05 , 19:25

      مەن ئىككىگىمۇ چىقالمىدىم…چاڭپوجىڭ بەك ئېغىر مەندە، قەتتى يەنە ئوينىغىم كەممىدى…سەت جىلە بولۇپچۇ

  6. ئالمىچى 2014.02.23 , 18:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئۇيۇننى ئۇيناپ باقمىغانلار تىلىفۇن بازىرغا بىرىپ كۇنا بۇرۇنقى ئىچىلىپ يىپىلدىغان تىلفۇنلارنىڭ ئايرىپىلان ئۇيۇننى ئۇيناڭلار بۇنىڭدىم مىڭ ھەسسە ئاسان :mrgreen:

  7. ئابومجان 2014.02.23 , 19:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    45 دەيدىيا ما ئەدەم … مەن موما ئىكەنمە ئۇندا بوسا … تېلفۇننى چېقىشقا كۈزۈم قىيماي ، ئاچچىقتا ئۈچۈرۈپلا تاشلايمە ، ئاچچىق بېسىلغاندا قايتا قاچىلاپ ئويناپ قۇيىمە ، مۇشۇ ئۇياننى ئويناپ نەچچە سائەتكىچە مىجەزىمنىڭ چۇس بوپقالدىغانلىقىنى بايقىدىم …
    تەرسا ،ئوڭاي ئاچچىقلىنىدىغانلىغا پەقەت ماس كەممەيدىكەن، تەپسە تەۋرىمەس ، تاشتىن ئېغىر كىشىلەرگە بەك ماس كىلدىكەن بۇ ساراڭ قۇش

    • ھايات 2014.03.05 , 19:26

      جىڭ…ئەكىلىگە قولىڭىزنى بىژ كۆرۈشىپ قويلى

  8. تۇنجەر 2014.02.23 , 20:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئەڭ ياخشىسى ئوينىمايلا قۇياي…

  9. Forever 2014.02.23 , 20:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۇ 999 قا چىققىنى راستمىدۇ يا كىرىشتۈرگەن نەرسىمىدۇ ؟

  10. مەنسۇر 2014.02.23 , 22:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەندەكلا مىجەزى با ئاداشكەن، تېلفۇنىنى چېقىۋەتكىنىنى كۆرۈپ شۇ تېلفۇننى ئۆزەم چاققاندەك بولدۇم دىسە، ما ئويۇن ماڭا چوتلا ماس كەلمىگىدەك. بۇنى ئابومقارى دىگەندەك بېسىپ ئولتۇرالايدىغانلار ئوينىساڭلار بولغۇدەك.

  11. جەڭچى 2014.02.24 , 01:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۆڭلۈمدكى گەپنى قىپسىلە مەنسۇر ،، تلفۇننى شۇندا چاقسا راسلا پۇخادىن چىقىپ قالدىكەن كىشى .. (CHAOS) ما ئۇيۇن خىلى بوپ قالدىكەن ..

  12. halid 2014.02.24 , 13:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇئۇيۇن ئالمائەپ بازىرىدىن چۈشكىنى بىلەن ۋىندوۋىسفون ئەپ بازىرىداھېلىھەم با

  13. گۈلۈم 2014.02.24 , 14:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    笨鸟学飞 دەپ كىرگۈزسە تىپىلىدۇ، تۈرمىدىن قاچمىغان ئالما يانغۇنىغىمۇ چۈشۈرگىلى بۇلىدۇ.
    金山手机助手 دىن چۈشۈرۈڭ

  14. Mr . E 2014.02.24 , 15:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئاران 11 گە چىقالىغان، لېكىن خېلى بوپقالدى ئوينىمىغىلى… :sad:

  15. Eva 2014.02.24 , 16:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋااااا چۈشۈرۋالدىم رەھمەت ھەجەپ پەيزى :wink::wink::wink:

  16. خىيال 2014.02.24 , 19:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەچچە سائەت ئويناپ ئاران 62 گە چىقتىم…

    • ___قوزام 2014.02.25 , 17:02

      يەر شارى بەك خەتەرلىك ، نېپتونغا تېز قايتىپ كېتىڭ …:!:

  17. YawaxBoy 2014.02.24 , 21:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئاران 20 دىن ئۆتىتىم :evil:

  18. ئابلىكىم 2014.02.25 , 20:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى مەنمۇ قىزىقىپ قىلىپ بىر نەچچە سائەت ئوينىغان،
    بۈگۈن ئويناپ 31گە ئاران چىقتىم دەيمە !
    ئاۋۇ 999 غا چىقىدىغان چوقۇم ھەجۋى قىلىنغان فىلىم !

  19. ئۇقۇغۇچى 2014.02.26 , 14:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئۇيۇن بەكلا تىتىقسىزكەن ،قۇڭالتاق ئۇيۇنكەن
    مۇنبەرلەردە بۇنى 反人类 ئويۇن دەپ ئاتاپتىغۇ

  20. قارلىغاچ 2014.02.27 , 02:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن يەنىلا چچ نىڭ ئايرۇپىلان ئىتىش ئۇينىنى ئۇيناي بەك پەيزى:razz::razz:

  21. سودىگەر 2014.03.02 , 11:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسىلام ئەلەيكۇم، ئوينىفۇدەك ياخشى ئويۇنلانى يولاڭلا

  22. ھايات 2014.03.05 , 19:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۇۋ بىر ئەمرىكىلىق ئاكا-ئۇكا مۇشۇ ئويۇننى بەك ئويناپ، ئاكىسىمۇ ئۇكىسىمۇ ئىشقىپ ئارىسىدىكى بىرسى يەنە بىر قىرىندىشىنى ئۆلتۈرۋىتىپتۇ…مەندىن ئىشىپ كەتتى دەپ….ئوينىماڭلا بولدى..بۇ ئويۇننىمۇ ئەپ سىتوردىن ئىلىپ تاشلىۋەتتى :arrow:

  23. 0102 2014.03.08 , 18:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھا ھا ئىسىت سامسۇڭ :twisted:

  24. پالۋان 2014.03.09 , 11:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئاران تەستە 152 گە كەلدىم.

  25. hayatim538 2014.03.10 , 17:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قايسى كۇنى بىر دوستۇمنىڭ تېلفۇندا ئازىراق ئويناپ پەقەت ئوينىيالمىغان ئىدىم ، ئاۋۇ پەستە 1000 مەيدان دەيدۇ ئادەمنىڭ سەل ئوينىغىسىنى كەلتۇرۇپ .

  26. سەييارە 2014.03.11 , 16:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بولدى مەن ئوينمىيلا قۇياي ئەمىسە ، مۇشۇ qq دىكى 天天飞车 , 天天酷跑 ، دىگەن .ۇيۇنلارنى ئويناپ ، qq دىكى دوسلار مەندىن ئېشىپ كەتسە ، ئاچچىغىمدا ئۇلارنى يۇيۇپ ئۇچۇرۋەتكەن ، بۇنىڭدا يا تېلفۇننى چېقىۋەتكىلى بولمىسا

  27. زۇنۇن 2014.03.23 , 03:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن 110 غا چىققان ئويناش خوش ياقمىدى جۇمۇڭلا !:mrgreen:

  28. كوكاكولا 2014.03.23 , 17:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دەششەت قىززىق ئىنكاسلا:mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  29. ئەلى 2014.05.22 , 00:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياۋ مەنلا ئەمەسكەنمەن جۇما ھىلىقى 天天酷跑دىگەن ئۇيۇننى ئۇيناپ دائىملا بۇلسا تۆتىنچى بۇلاپ قالىمەن شۇنىڭ بىلەن جىلەم تۇتۇپ 3-بۇلاي دەپ ئالدىنقى ئاداشنى ئۆچۈرۈپ ئۈچىنىچى بۇلغان ،ھازىر ئۇيلىسام ،،،،:mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  30. سەردار 2015.01.26 , 13:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن 5 كىمۇ چىقالمايلا چۈشۈپ كىتىدىكەنمەن:arrow:

  31. نوچى000 2015.02.15 , 01:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    999 چىققىنى يالغانمىكى مەندە ئۇنىڭ جا نۇسقىسى بار ئۈسسۈپ سالسىمۇ ھچنىمە بولمايدۇ ئاۋۇ 999 چىققىنى ئاشۇ ئوخشايدۇ

باھا بېتى: 1 2
         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量