9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
مەزكۇر ئويۇن 5 پېرسوناژنىڭ نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، گەرچە ئۇلار ئوخشىمىغان دۆلەتتىن كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئوخشاش بىر مەقسەتتە ئىدى، يەنى بىر ياش گېرمان ئارمىيىسى ئەسكىرى بىلەن ئۇنىڭ سۆيگۈنىنى قايتا جەم قىلىش ئىدى. گەرچە ئۇرۇش خەتەرلىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يەنە بىر ئاپشاركىسى بار ئىدى، بۇ ئاپشاركا جەڭگە ياردەملىشىشتىن باشقا يەنە نۇرغۇن سىرلارنى يېشىشكە ئەسقاتاتتى.
ئويۇن كۆرۈنمە يۈز جەھەتتىن بولسۇن، مۇزىكا جەھەتتىن بولسۇن، ۋەقەلىك جەھەتتىن بولسۇن، ئاۋاز بېرىلىش جەھەتتىن بولسۇن، بىر مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان سەنئەت ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ خىلدىكى ئويۇنلارنى ياقتۇرىدىغانلارمۇ، ياقتۇرمايدىغانلارمۇ بولۇشى مۇمكىن. ناۋادا سىز ئىنچىكە، مول سەنئەت ھۈجەيرىسىگە ئىگە بولسىڭىز، قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى سىزنى چوقۇم قىززىقتۇرىۋالىدۇ.
iOS نەشىرى ھەقسىز تارقىتىلىۋاتىدۇ، پۇرسەت غەنىمەت
نۆۋەتتە ئويۇننىڭ خەنچە تىل بولىقىدىكى iOS نەشىرى(ئەسلى باھاسى 30 يۈەن) ھەقسىز تارقىتىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئويۇننى تېخى ئويناپ باقمىغان، ياكى كومپيۇتېر ئالدىغا كېلىپ ئويۇن ئويناش ئىمكانىيىتى بولمىغانلار ئۈچۈن بۇ بەك ياخشى پۇرسەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا غەنىمەت بىلىپ ۋاقتىدا چۈشۈرىۋالغايسىلەر. چۈشۈرۈش ئادرېسى ئەڭ ئاستىدا قالدۇرۇلدى.
ئويۇندىن بىر كۆرۈنۈش
ئويۇننىڭ يەنە بىر ياخشى يېرى شۇكى، پرىستىن يېشىپلا ئويناشقا بولىدۇ. يەنە ئويناۋېتىپ جىددى ئىش چىقىپ قالغاندا شۇ جايدا توختىتىپ قويساق، كېلەر قېتىمدا يەنە شۇ جايدىن ئوينىغىلى بولىدۇ. جەڭگاھتىكى بىر قىسىم توسالغۇلارنى بۇزغىلى بولىدۇ، يەنە بىر قىسىمىنى ئاپشاركىغا بۇيرۇق بېرىپ ئايلىنىپ ئۆتۈپ لازىملىق نەرسىنى ئەكەلدۈرگىلى بولىدۇ. بىرىنچى ئۆتكەلدە ئاساسەن زۆرۈر مەشغۇلاتلارنى ئۆگىنىپ كېتەلەيسىز.
قاچىلاپ ئورنىتىش ئۇسۇلى:
چۈشۈرۈپ پرىستىن يېشىپلا ئويناشقا بولىدۇ.
زۆرۈر بولسا خەنچە ياماقنى چۈشۈرۈپ ئويۇن قاچىلانغان مۇندەرىجە ئىچىگە يېيىپ ئىجرا قىلىۋەتسەك بولىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دە چۈشۈرۈڭ):
قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى | مەنبە: تورخۇمار | خەنچە يامىقى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئويۇن، ئۇرۇش، سەنئەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 53,460 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 04-ئاينىڭ 03-كۈنى
- يازما مەنزىلى: valiant-hearts-the-great-war.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > قاتىل ئەقىدىسى – ئىنقىلاب
- كېيىنكى يازما > بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
قېنى چۈشۈرۈپ بىر ئويناپ باقاي
تەتلىدە قىلىدىغان ئىشمۇ يوق بىكار يۈرەتتىم
خىلى ياخشى ئويۇندەك قىلدۇ. ئويۇننىڭ ئانچە مۇنچە خەنچە ئىسمىنى قىستۇرۇپ قويدىغان ئىشكەن
بوغىدەكمۇ قىلىدۇ بۇ ئويۇن ، ئاۋال ئويناپ باقمايلىمۇ
ئاپلا ن دىگەن ھەرپنى بېسىپ بولغۇچە يوللىنىپ كىتىپ قالدى ئەيىپكە بۇيرىمايسىزلە
ماۋۇ ئويۇنمۇ خېلى بوپ قالىدىكەن،مەنمۇ چۈشۈرۈپ ئويناپ باقاي قېنى
زىرىكىپ ..ئولتۇرغانتىن رەھمەت ھە
ئويۇننىڭ خەنچە ياكى ئېنگىلىزچە ئىسىمى نىمە شۇنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز
勇敢的心:世界大战 خەنچە ئىسىمى
ئويۇننىڭ ئېنگىلىزچە ئىسمى بەتنىڭ ئادرىسىدا بار.
ئۇزۇن بوپتىكەن كومپىيۇتېردا ئويۇن ئوينىمىغىلى بىر ئوينىۋېتەيچۇ
مانا ئوينايدىغان ئويۇن چىقتى ئاخىرى!
قۇيۇق ياپون كارتونلىرنىڭ ئۇسلۇبىدا ئىكەن، ياپونىيە ئىشلىگەن ئويۇنمۇ قانداق.
ھېلىقى ئەسكى-تۈسكى تېرىدىغان ئويۇنغا ئوخشايدىكەن-دە!
ياخشىكەن
ھەممەيلەنگە بىردىن مازكەن كەتتى….
دەسلەپكى سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا سىلىدەك مازدىن ئاز دېگەندىمۇ بەشى بار.
ۋەقەلىكى خېلى ياخشىكەن …. مەنمۇ چۈشۈرۈپ ئويناپ باقاي
ماكۈنى Xbox360 غا قاچىلاپ قوياپتىم ،Gta5 نى تۈگۈتۈپ بولوپ ئويناي دەپ تاشلاپ قويغان ، ھىچ تۈگىماۋاتىدۇ، تىخىمۇ بەك قىززىپ كەتتى دىسە ، ما Gta5 نى بەك پىچەت ئىشلەپ قويۇپتۇ ، PC نەشىرى تىزراق چىقسا سىلەرمۇ بىر ئويناپ باقاسىلەر … (ئويۇن ھەۋەسكارلىرىنىڭ يۈرىكىدىن ئوت چىقارغان چىراي ئىپادىسى)
Gta5 نى تولۇق تۈگەتتىڭىزمۇ؟ئۇنداقتا ئويۇننىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان تەسىراتىڭىزنى سۆزلەپ باقسىڭىز؟ھەممەيلەن بىر ئورتاقلاشساق.
مەنمۇئونياۋاتىمەن GTA5 33.4% يەرگە كەلگەندە ۋەزىپەيوق يۈرىيمەن لاغايلاپ
يول كۆسەتمەملا
قايسى كۈنى 2 سائەت ئويناپ باققانتىم ، خېلى پەيزى چىقىپتۇ ،
كاساپەت ئويۇننىڭ ئېلان قىلىنىشىغا يەنە 10 كۈن باركەن …
=========================================
ئىنكاسنىڭ تەھرىرلەنگەن قىسمى :
ۋوي بۇ تېما 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنىنىڭ تېمىسىكەنغۇ ؟
يېڭى تېما ئوخشايدۇ دەپ ئىنكاس يېزىپ كېتىپتىمەن ….
بولسا ئاشۇ ھەقتە بىر تېما يوللاپ تورخۇمارغا يوللىغان بولسىڭىز!
بىزدەك ئويناش،ياكى ئوينىماسلىقنى مەسلىھەت قىلىۋاتقانلارنىڭ ئىرادىسى چىڭىپ قالسا ئەجەپ ئەمەستى
ۋاي ئالامەت ياخشى ئويۇنكەن بۇ، تورخۇماردا كۆرگەچكە بىر سىناپ باقاي دەپ كەچرەك چۈشۈرۈپتىكەنمەن ئويۇنغا قىززىقىپ كېتىپ بىر ئاخشام ئۇخلىماي چىقتىم.. مۇشۇندا ياخشى ئويۇنلار بولسا داۋاملىق تەۋسىيە قىلىپ تۇرۇڭلا..
ھەقىقەتەن بولىدىغان ئويۇنكەن. مەن ھەممنى تۈگىتىپ بولدۇم.
ئاخىرغا بارغاندا ما كۈچۈك ئىگە چاقىسىز قالدىدە ئۇيۇنى قانداراق چىقىدىكىن دەپ قىزىقىپ قالدىم مەنمۇ قولۇمدىكى ئويۇننى تۇگۈتىۋىتىپ ما ئويۇننى سىناپ باقسام بولغۇدەك
ئويناپ بىقىش كىرەك ۋاقىت چىققاندا
ئەجەپ يېڭى تېما يوللانمايدىغۇ
تورخۇماردا تېما يوللايدىغانلار بەك ئالدىراش بولۇپ كىتىۋاتقان ئوخشايدۇ . مەن تېما يوللاي دېسەم ، تورخۇمارنىڭ تەلىپىگە يەتمەسمىكىن دەيدىكەنمەن.
بالىلارغا ماس كېلىدىغان ئويۇنكەن، ئەمما بىزلەر ئۈچۈن بەرىبىر~ ياخشى ئويۇن بولسا چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىپ ئولتۇرمايمەن.
بولىدىغان ئويۇندەك قىلىدۇ ھازىر چۈشۈرۈشنى باشلىۋەتتىم
ئاسماندىن توختىماي بومبا ياغىدىغان يىرىدىن ئۆتەمماۋاتىمان
ئويناپ تۇگەتتىم بۇ ئويۇننى
بەك ياخشى ئويۇن بۇ ،چوڭقۇرمەنىلىك ئويۇن
قالتىس ئۇيانكە ماۋۇ مەن ئەمدى باشلىدىم ئويناشنى…
ۋىليام ۋالىسنىڭ باش قەھرىمانلىقىدىكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇرۇش ئويۇنىمىكىن دەپتىمە
ئاندىرىت نۇسقىسى يۇقما
بارغۇ
مەن ئويناپ تۈگتۈپ بولدۇم IOS نۇسقىسنى
2-مەيداندىن باشلاپ ھەقلىق بوپقالدىغۇ
خەنچە ياماقتا ۋىروس باكەن .. چۈپ بولغىچە يۇيۋەتتى ..
ما ئويۇننى ئويناپ ھەقىقەتەن ئويۇن ئوينىغاندەك بولدۇم ، PC تىكى ئويۇن بىلەن ئوخشاشكەن ، مەن 4كۈن ئويناپ تۈگەتتىم ، بەك قالتىس ئويۇنكەن ، بولسا مۇشۇنداق ئويۇلارنى كۆپرەك يوللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن
خىلى بولغان چۈشرۈپ قويغىلى ، بۈگۈن ئويناپ باقتىم بوپ قالدىكەن ،. تەسەۋۇر كۈچى تەلەپ قىلدىغان ئويۇنكەن .. ئا كۈچۈك بەك ئوماقكە دەيمە ..ئەگەر ئۇ كۈچۈك بوممىسا قەتئى ئوينىغلى بولمايدىكەن …
پەقەت ئۆتەلمىسەڭلا ما ئادرىسقا چىرىپ كۆرەپ بىقىڭلا ..ھەممە مەيدان چۈشەندۈرلىشى باكەن .
http://gl.ali213.net/html/2014-6/43456_1.html
مەن سەل كىچىكىپ قالدىممۇ نىمە ؟
بۇ ئويۇننى مەن تورخۇماردا كومپىيۇتېر نۇسقىسى تېمىسى چىققاندىلا چۈشۈرۈپ ئوينىغان، ئەپسوس تۈگەپ قالاي دىگەندە چۈشۈرگەن كومپىيۇتېر نۇسقىسادا BUG كۆرۈلۈپ ئۆتەلمەي تاشلاپ قويغان. يانفون نۇسقىسىنىمۇ نەچچە ئاي بۇرۇن كۆرۈپ چۈشۈرۈپ ئويناپ ئاخىرى تۈگەتتىم… ياخشى ئويۇن بۇ!
مەنمۇ بايا ئويناپ تۈگەتتىم .. ئاشپەزنى ئىتۋەتتىغۇ …. ؟؟:cry:
ئايدى مىما كىتىدىكەن قايسىڭلا چۈشۈرۈشنى بىلىسىلەر ياردم قىلىڭلار
ماۋۇ ئۇيۇندىكى مەخپى نۇمۇر ئارقىلىق ئىشىك ئاچىدىغان يەردە قانداق قىلىمىز؟مەخپى نۇمۇر4بولسا 4كىچە پىرقىرىتىپ قۇيۇۋىتەمدۇق ياكى 4قېتىم ئايلاندۇرامدۇق؟
4تە توختىتسىز
بولىدىغان ئويۇن جۇمۇ بۇ، مەنمۇ ئۆتكەن يىلى مۇشۇ تورخۇماردىن چۈشۈرۈپ ئويناپ تۈگەتكەن