نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

ستىۋ جوبز قانداق قىلىپ كىشىلەرنىڭ ئىشتىھاسىنى كونترول قىلالىغان؟

يېقىندىن بۇيان تورلارنى يەنە iPhone 5 نىڭ خەۋەرلىرى قاپلاشقا باشلىدى. تەخمىنەن نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا پەقەت 6 ھەپتە ئۆمرى قالدى دەپ قارالغان ستىۋ جوبزمۇ، iPad 2 نى تارقىتىش مۇراسىمىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، ئىلگىرى ئۆسەك خەۋەرلەرنى بىردەك ئىنكار قىلىپ تاشلىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئۆزىنىڭ شىركىتى تەرىپىدىن قوغلانغان، 90-يىللىرى قايتىپ كېلىپ، قىسغىنە 10 يىلدا شىركىتىنىڭ بازار قىممىتىنى 1500 ھەسسە ھەسسىلىۋەتكەن بۇ قاقۋاش CEO، ھەقىقەتەن بىر كىچىك تىپتىكى ھېكايە يېزىشقا ياخشى تېما بولالايدۇ.

1997-يىلى، جوبز ئۆزى بىر قوللۇق قۇرۇپ چىققان ئالما شىركىتىگە قايتىپ كەلدى، ئەمما بۇ چاغدا شىركەت ئاللىقاچان ئىقتىسادى كىرزىسكە دۇچ كېلىپ يار لېۋىگە بېرىپ قالغان ئىدى. بۇ چاغدا ئۇ مىۋە ئۇيۇتمىسى شەكلىدىكى كومپيۇتېر(iMac) ۋە مۇز پارچىسىغا ئوخشايدىغان بىر خىل مۇزىكا قويغۇچ(ipod) ئارقىلىق شىركەتنى قۇتقۇزماقچى بولدى ھەمدە نەچچە مىليون دوللار سەرپ قىلىنغان ThinkDifferent ئېلانىنىڭ لايىھىسىگە قاتناشتى. 2000-يىلىدىن بۇيانقى 10 يىل مابەينىدە، كىشىلەر ئاللىقاچان ھەر يىلىنىڭ ئىككىنچى ھەپتىسىنى جوبزغا – MacWorld يىغىنىغا تاشلاپ بېرىشكە ئادەتلىنىپ كەتتى، بۇ «يېڭىلىق ياراتقۇچى سىرلىق شەخس» ھەمىشە كىشىلەرنىڭ ئالدىغا ئادەمنىڭ خىيالىغىمۇ كەپ باقمىغان ئۆزگىچە مەھسۇلاتلارنى تاشلايتى.

بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ سودا قاتلىمىدىكى مۇۋەپپىقىيىتىنى يەنە ماختاپ يۈرۈش ھاجەتسىز، مۇھىمى، جوبز پەقەت بۇ شىركەتنى قايتا قۇرۇپ چىقىپلا قالماي، يەنە مۇشۇ ساھە ۋە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. ئەزەلدىن كەسپىي سودا خاراكتېرلىك ژۇرناللارنى ئوقۇمايدىغان ئىستىمالچىلارمۇ، ئۇنىڭ لايىھىلىگەن مەھسۇلاتلىرىغا ۋە ئالمىنىڭ ئۆزگىچە تىجارەت ئۇسۇلىغا مەپتۇن بولۇپ قالدى. جوبز ئۆزىمۇ باشقىلارغا پەخرلىنىپ تۇرۇپ، «iPod دۇنيادىكى نەچچە مىليون ئادەمنىڭ مۇزىكىغا بولغان قىزغىنلىقىنى قايتىدىن بىر يۇقىرى پەللىگە ئەچىقتى، بىز بۇنىڭدىن پەخرلىنىمىز» دەيدىغان بولدى.

مۇكەممەللىككە يېقىنلاشقان بۇ مەھسۇلاتلارغا نىسبەتەن، iTunes نىڭ بارلىققا كېلىشى تېخىمۇ گەۋدىلىك بىر ئىسلاھات بولدى. بۇ باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى، ئالما شىركىتىنىڭ باشقىلارغا بولغان قىززىقتۇرۇش كۈچىنىڭ ھەرگىزمۇ پەقەت مەھسۇلات لايىھەسىدىلا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، بۇ «سۇپا دەرىجىلىك مەھسۇلات» كەينىدىن iPhone ۋە iPad نىڭ بارلىققا كېلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. جوبزمۇ شىركەتنىڭ نامىنى «ئالما كومپيۇتېر شىركىتى» دېگەن نامدىن «ئالما شىركىتى» دېگەن نامغا ئالماشتۇردى.

دەل مۇشۇ جوبز، جۇڭگو سودا بازىرىغا، نېمىنىڭ ئىشلەتكۈچى تەسىرى(用户体验) ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدۇردى دېسەك، ھەرگىزمۇ پو ئاتقان بولمايمىز. مەيلى پروگراممېر ياكى ئىستېمالچى بولسۇن، بىر كېچىدىلا ئالمىنىڭ مۇرت مۇخلىسلىرىغا ئايلىنىپ كەتتى.

ئالمىنىڭ ھەر بىر قېتىملىق «مەخپىيەتلىك ئاشكارىلىنىشى» ئەڭ ئاخىرىدا بېرىپ ئالما ئۈچۈن ھەقسىز مۇناسىۋەت ئورنىتىپ بەردى، بارلىق مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى ئىنتايىن ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇلسىمۇ، يەنە قەستەن پەرۋاسىزلىقمۇ كۆرۈلدى، بۇلار ھەممىسى جوبزنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا قوراللىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئۇ ھەمىشە ھەر بىر ئېغىز گەپ-سۆزىگە ئىنتايىن دىققەت قىلىپ، ئارتۇقچە ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلاتتى. خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتى پروففېسورى داۋىنىڭ ئېيتىشىچە، 2007-يىلى، بىر دانە iPhone ئىسىملىك يانفوننى ئېلان قىلىش ۋە سېتىش ئارىسىدىكى نەچچە ئاي ئىچىدە، ئالماش سىرتقا نىسبەتەن ھېچقانداق ئاشكارا ئۇچۇر ۋە مەلۇمات تەمىنلىمەي، سىرتقى دۇنيانىڭ توختىماي قالايمىقان پەرەز قىلىشىغا سەۋەپ بولغان، شۇ سەۋەپتىن 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ھەقسىز تەشۋىقاتقا ئېرىشكەن.

ئەلۋەتتە، يەنە Pixar نى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ، بۇ جوبز 80-يىللىرى مەبلەغ سېلىپ قويغان شىركەت بولۇپ، تەڭداشسىز تەسەۋۋۇرغا تولغان بۇ خىزمەتخانا كىشىلەرگە نۇرغۇن ئۆزگىچە ھېس تۇيغۇلارنى ئاتا قىلدى. بۇ خىزمەتخانىنىڭ قولىدىن چىققان كارتون فىلىملەر ھەر يىلى ھوللىيۋودنىڭ ئەڭ بازارلىق فىلىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، بۇ شىركەتمۇ كېيىن دىسنېينىڭ تارمىقىغا ئۆتۈپ داۋاملىق ئىقتىسادى قىممەت يارىتىپ كېلىۋاتىدۇ.

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، جوبزنىڭ بەش خىل ساھە، يەنى كىنو، مۇزىكا، پارچە سېتىش، يانفون ۋە كومپيۇتېر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئىزى بار. ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە خىزمەت قىلغان Alankay نىڭ «جوبز باشقىلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى چۈشىدىغان ئادەم» دېگەن سۆزى بۇنىڭغا ياخشى مىسال بولالايدۇ.

جوبزدىن بىرلا ۋاقىتتا يەنە شائىرلاردىكى سۈرنى، مىكجېگ(داڭلىق روك مۇزىكا ئەترىتىنىڭ باش ناخشىچىسى)دىكى كەپسىزلىكنى، داڭلىق سېھرىگەر داۋىي كوپېردىكى ماھارەت كۆرسىتىش تالانتى ۋە مۇكەممەللەزىمگە يېقىنلاشقان تەلۋىلىكنى تاپقىلى بولىدۇ. جوبز بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان كۆپىنچەيلەننىڭ دېيىشىچە، ھەر قېتىملىق مەھسۇلاتنى ئېلان قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ قايتىپ كېلىپ باشتىن ئويلىنىدىكەن، ھەتتا بەزىدە تەتۈرىسىدىن چىقىپمۇ تەپەككۇر قىلىدىكەن. كۆپ قىرلىق ئويلىنىش ئۇسۇلى، جوبزنى ئارخېكتور، ئىنسانشۇناس، ئىنژېنېر، سەنئەتكار، ھەتتا مال ساتقۇچىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ھەر خىل خاراكتېر ۋە ئوي-پىكىرگە ئىگە قىلغان. دەل مۇشۇنداق ئادەتتىن تاشقىرى شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىلگەيتىسمۇ ئۇنىڭدىن تەپتارتىدۇ، گۇگېلنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى لەرري پەجمۇ جوبزغا ئاجايىپ چوقىنىدۇ.

كۆزنى چاقنىتىدىغان باھالارنىڭ ئارقىسىدا، جوبز ھېلىھەم كرىمنىي جىلغىسىدىكى ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە شەخس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «بايلىق» ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى PeterElkind ئىلگىرى جوبزنى مۇنداق تەسۋىلىگەن: «ئۇ بۇ دۇنياغا نىسبەتەن ھەمىشە ئىككىلىك سېستىما بويىچە باھا بېرىدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە، مەھسۇلات ئاجايىپ قالتىس بولمايلا قالسا، ئۇنداقتا ئەخلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ قول ئاستىدىكىلەر بولسا، ياكى تالانت ئىگىسى، ياكى ھاڭۋاقتى، مۇمكىن ئەمەس ئىش يوق، پەقەت ئاقمايدىغان ئىش بار.» ئىلگىرى جوبز بىلەن بىرگە خىزمەت قىلغان تەۋەككۈل سېلىنمىچى لۇيىس گەيس ئۆزىنىڭ بۇ «ئاچچىقى يامان تالانت ئىگىسى» نىڭ «خەلقنىڭ رايىغا باقساڭ ياخشى نەرسە ياسىغىلى بولمايدۇ، سەندە چوقۇم بىر زوراۋان كاللا بولۇشى كېرەك» دەيدىغان پىكرىدىن ئىنتايىن ھوزۇرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ گەپ-سۆزلىرىنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچرىغان. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ 2005-يىلى ستەنفورد ئۇنۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتقىدىكى «ئاچ قالغانسىرى دۆتلىشىسەن» دېگەن سۆزىنى ھىكمەتلىك سۆز قىلىپ يېنىدىن ئايرىمايدىغان بولغان. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى يەنە بىر جۈملە سۆزى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ غايىسىگە ئايلانغان: «ئادەمنىڭ ۋاقتى چەكلىك، سىز چۇقۇم ئۆزىڭىزنىڭ نىمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى تېپىپ چىقىشىڭىز كېرەك، خۇددى سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان بىرىنى تاپقاندەك چىن بولسۇن. سىز قىلىدىغان خىزمەت ھاياتىڭىزنىڭ بىر چوڭ بۆلىكى بولۇپ قالىدۇ. ئۆزىڭىز مەمنۇن بولغۇدەك ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى سىز ئۇلۇغ دەپ بىلگەن ئىشنى قىلىش. شۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى سىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىش. ئەگەر ئۇنداق ئىشلارنى تېخى بايقىمىغان بولسىڭىز داۋاملىق ئىزدەڭ، بوشىشىپ قالماڭ. ۋۇجۇدىڭىز بىلەن كىرىشىپ ئىزدىسىڭىز چۇقۇم تاپالايسىز. ئاندىن خۇددى باشقا مۇناسىۋەتلەرگە ئوخشاش، يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بارا-بارا ياخشىلىنىپ كىتىدۇ. شۇڭا بوشاشماي ئىزدەڭ، توختاپ قالماڭ.»

ھەقىقەتەن، ئۇ ئەڭ باشتىلا ئۆزىنىڭ كېيىن «دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان ئادەم» بولۇشىنى ئويلاپ يەتكەن. ئۇ ئەينى چاغدا PEPSI شىركىتىدىكى جون سكولنى ئالما شىركىتىگە تەكلىپ قىلغاندا ئۇنىڭغا: سەن بىر ئۆمۈر تاتلىق سۇ ساتماقچىمۇ ياكى دۇنيانى ئۆزگەرتكۈڭ بارمۇ؟ دىگەن. ئالاھەزەل بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى، بۇ ئەرەپ قان سېستىمىسىغا تەۋە باشقىلار تەرىپىدىن بېقىۋېلىنغان يېتىم بالا، ئالى مەكتەپتە پەقەت بىر مەۋسۇملا ئوقىغان ئوقۇغۇچىنىڭ، نەچچە قېتىملىق كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلۇپ يەنە داۋاملىق بىزگە يېڭىچە مەھسۇلاتلارنى سۇنۇش سۇنالماسلىقى بولۇپ قالدى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، جوبزنىڭ سالامەتلىكى، بازاردىكى ھەر قانداق بىر مودا مەھسۇلاتتىنمۇ مۇھىم بىر ئامىل بولۇپ قالدى.

مەنبە: ئىقتىسادى مۇلاھىزە گېزىتى



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. تور خۇمار 2011.08.13 , 23:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالمىنىڭ قۇرغۇچىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ، سىتوۋ جوبىز ھوللىۋوتچە قەھرىمان. ئۇ ئالما ئىمپىرىيىسىنى قۇردى.

  2. بۆرەيار 2011.08.13 , 23:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان :neutral:

  3. ئالغا 2011.08.13 , 23:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالدى بىلەن مۇشۇنداق نادىر تىمىنى ھوزۇرىمىزغا سۇنغان تەدبىركارغا رەھمەت ، مەن جوبز نىڭ ئۆزىگە قىزىقىمەن ، ھەرگىزمۇ مەھسۇلاتىغا ئەمەس …

  4. كارۋانىم 2011.08.14 , 00:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەملەردە:shock:

  5. بەگزادە 2011.08.14 , 06:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۆزى خالىغان ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلغىدەك تاللاش پۇرسىتى قانچىلىك ئادەمگە نىسىپ بولا بىزنىڭ دىياردا..بولوپمۇ 90-يىللاردىكىلەرگە….بۇ بىر ئەپسۇسلىنارلىق:sad:

  6. ئەزىز 2011.08.14 , 11:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىزمۇ تىرىشساق قىلالايمىزمۇ ،مۇشۇ ئاداشتەك

  7. ۋىروس 2011.08.14 , 12:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    جوبىزنىڭ مەۋجۇدلۇقى دۇنيادىكى 6 مىليارد كىشىنىڭ قىزىقىشىنى ئۆزگەرتتى .

  8. Forever 2011.08.14 , 13:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    جوبىز ئۈرۈمچىلىك بولۇپ قالغان بولسا 红旗 دا كومپىيۇتىر قوراشتۇرۇپ يۈرەر بولغۇيمىتى :evil:

  9. روھچىن 2011.08.14 , 14:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئادەمنىڭ بەزى گەپلىرى ھەقىقەتەن قايىللىقىمنى قوزغايدۇ.

  10. نەزەرى 2011.08.14 , 18:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يامان ئاداش مۇشۇ.
    ھازىر 150 دۆلەتنىڭ GDP سى appl نىڭ بازار قىمىتىدىن تۆۋەن. ئالما ئامىركا فىدراتسىيە ھۆكۈمىتىدىنمۇ پۇلى كۆپ.

  11. دولقۇن731 2011.08.14 , 20:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    جوبسقا ئالىي ئھترام بلدۈرمەن.

  12. ستىۋ جوبز 2011.08.15 , 11:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمەلىيەتتە مەنمۇ ئالاھىدە ئادەم ئەمەس، پەقەت سىلەرگە قارىغاندا ئىجادىي پىكىر قىلىش خۇمارىم كۈچلۈك.

    • چوڭ دادام 2011.08.15 , 11:30

      山赛، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ستىۋ جوبز، :mrgreen::mrgreen:

  13. مەنگۈنۇر 2011.08.15 , 19:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئادەملەرگە ئامال يوق-دە…قالتىسلىقىغا گەپ كەتميدۇ….كومپىيوتىر دىگەنمۇ نەق شۇ يەردە ئىجات بولغان تۇرسا سېستىما تىللىرىمۇ شۇ خەقنىڭ تۇرسا..بىزنىڭ ئارىمىزدىنمۇ چىقىۋاتىدىغۇ ئەنە قارلۇقلارمۇ….

  14. ئۇنىڭ 2011.08.16 , 09:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :mrgreen:يامان ئاداش جۇمۇ بۇ ،ھىييي

    كاللا دىگەن ئىشلەپ قويىدىكەن ،بىزدىمۇ كارامەت ئىشلەيدۇ ،لىكىن ئىلگىرلەش ئالغا بىسىش جۇرئەت قىلىش پىسخىكىسى كەمچىل نىمە ئامال ،

    سىرىق تال تۇرمۇشقىمۇ كۆنۇپ قالدۇق ،

  15. نۇرلۇق 2011.08.16 , 13:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پەقەت ئادەمدە تەسەۋۋۇر ۋە جۈرئەت بولسىلا ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولىدۇ. جوبىز قىلغان خىيال، تەسەۋۋۇرنى ئارىمىزدىكىلەر قىلسا نەچچىسى ھوشىدىن كېتىدۇ، نەچچسى خىيال قىلغان ئادەمنى ساراڭكەنسەن دەيدۇ، نەچچىسى پەقەت ۋە پەقەت«سەن تاش سانىغۇچە خەق قۇم سانايدۇ»دەپ ئۆزىنىڭ پىسخىل كەمچىلىكىنى ئاشكارىلايدۇ.

    ئەمەلىيەتتە ئىشەنىچ، جۈرئەت، تېخنىكا، مەبلەغ بولىدىكەن، ئارىمىزدا جوبىزدەك تەسەۋۋۇر قىلىدىغانلار ئاز ئەمەس.

    چوقۇم يېتىمىز نىشانغا…:cool:

  16. ئاجايىپ 2011.08.18 , 00:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    جۇڭگودا 90% بايلار ھوقۇقشۇناسلارنىڭ ياردىمىدە كۆتۈرۈلگەن. بىزدە بۇ خىل مۇۋەپپىقىيەتلەرمۇ چوقۇم بىرەر ھوقۇقلۇق كىشى ياكى سىياسەتنىڭ تەسىرى بىلەن روياپقا چىقىشى مۇمكىن. ئەمەل تاجىنىڭ سايىسىدىن چەتنەپ تۇرۇپ بېيىغانلار ساناقلىقلا:shock:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量