نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

Steve Jobs نىڭ جۇڭگودا مەۋجۇد بولۇپ تۇرالماسلىقىدىكى 6 چوڭ سەۋەپ

بۈگۈن مىكروبلوگ ئارىلاۋېتىپ جوبس ھەققىدە ئىشلەنگەن يېڭى كىنونىڭ تەشۋىقات فىلىمىنى ئۇچرىتىپ قالدىم(ھېلىقىدەك فىلىملەر سەھىپىسىگە يوللاپ قويدۇم). بۇ كىشى ھەققىدە بىر نەرسە يازمىغىلىمۇ ئۇزۇن بوپتۇ، شۇڭا ۋاقىت چىقىرىپ خېلى بۇرۇن كۆرگەن بىر ئۈزۈندىنى تەرجىمە قىلىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم. جۇڭگودا Steve Jobs قا چوقۇنىدىغانلار، ھەۋەس قىلىدىغانلارخېلى كۆپ. كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن ھە دىسە جۇڭگودىن مىليونلىغان جوبس يېتىشتۈرۈپ چىقىمىز دەيدىغان گەپلەر ئۈزۈلمەيدۇ، ئەمما جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ جوبستەك شەخسنى سىغدۇرۇش كۈچى ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس. تۆۋەندە شۇ سەۋەپلەرنى ئاڭلاپ باقىلى.

1. نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا

جوبس 1955-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى سان-فرانسېسكودا تۇغۇلغان. ئۇ چاغلاردا، جوبسنىڭ ئۆز ئانىسى ئەمدىلا 23 ياشقا كىرگەن بولۇپ، تېخى توي قىلمىغان ئىدى. بالىنىڭ دادىسى 23 ياشلىق ئابدۇفەتتار بولسا سۈرىيەلىك كۆچمەن ئىدى. ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى قىسمىدا تۇرمۇش كەچۈرىدىغان قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ تويغا قەتئىيلا قارشى ئىدى. شۇ سەۋەپتىن جوبسنىڭ ئانىسى بالىنى كالېفورنىيەگە بېرىپ تۇغۇشنى ۋە شۇ جايدىن بالىغا مۇناسىپ بىر ئائىلە تېپىشنى قارار قىلىدۇ.

ئەگەر جۇڭگودا بولغان بولسا

نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا بولۇش سۈپىتى بىلەن جوبسنىڭ كەمسىتىلىشى ئېنىق. ھارامدىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ خارلىنىشى ھەققىدىكى بايانلارنى ھەرخىل تېلىۋېزىيە كىنولاردىنمۇ دائىم كۆرۈپ تۇرىمىز، ئەمما ھالقىلىق يېرى شۇكى، بۇ بالىغا نوپۇس بېجەرگىلى بولمايدۇ، نوپۇس بولمىسا مەكتەپكە بەرگىلى بولمايدۇ، مەكتەپتە ئوقۇمىغاندىن چىقىپ قارا ئىش ئىزدەيغان كەپ. تەلىيىڭىز كەلمىسە يەنە بېرىپ كۆمۈر كانغا بېرىپ كان كولايدىغان گەپ، ئاندىن…. ئاندىن ئاخىرى يوق….

2. كەپسىز، نەشە چېكىدۇ، دورا يەيدۇ

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1972-يىلىدىن 1974-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، جوبس LSD دەپ ئاتىلىدىغان مەس قىلىش دورىسىنى يېگەن، جوبس ئۆزىمۇ شۇ چاغلاردا يالغۇز قالغان چاغلاردا دورا يەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا دوستى بىلەن بىرگە نەشە چەككەنلىنىمۇ ئېيتقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نەشە شۇ چاغلاردا بېسىمنى يېنىكلىتىپ تېخىمۇ قالتىس تەپەككۇر قىلىشىغا پايدىسى زور بولغان.

ئەگەر جۇڭگودا بولغان بولسا

نەشە، مەس قىلىش دورىسى دېگەننى دېمەي قويايلى، تولۇقسىز تولۇقتا مەكتەپنىڭ ئوبۇرنىسىغا كىرىپ تاماكا چەكسىمۇ سىنىپ مۇدىرى تۇتۇۋېلىپ ياساپ كېتىپ بارغان، ئۇنى ئاز دەپ ئاتا-ئانىسىنى چاقىرتىۋاتقان، ناچار ئوقۇغۇچى دېگەن قالپاقنى كىيىپ ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا بىر تۈگەشكەن ئىنسان قىياپىتىدە ياشايدىغان گەپ.

3. ئالىي مەكتەپتىن چېكىنىش

جوبس 17 ياش چېغىدا گۆدەكلىك بىلەن ستەنفوردقا ئوخشاش ئوقۇش ھەققى قىممەت بېركلى ئۇنۋېرسىتېتىنى تاللىۋالغان. ئاتا-ئانىسىنىڭ تېجەپ ئېشىنغان پۇللىرى ئۇنىڭ ئوقۇش ھەققىدە ئاران يەتكەن. بۇ ھەقتە ئۇ كېيىن ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: ئالتە ئايدىن كېيىن مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنىڭ نېمە مەنىسى بارلىقىنى ھېس قىلالمىدىم. مەن ئۆزەمنىڭ نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلمەيمەن، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپنىڭمۇ ماڭا ياردەم قىلىپ بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرەلىشىگە ئىشەنمەيمەن، ئەمما مەن بۇ يەردە ئاتا-ئانامنىڭ تاپقان تەرگىنىنى خەجلەپ بولاي دېدىم. شۇ سەۋەپتىن، مەن ئوقۇشتىن توختاشنى قارار قىلدىم ھەم چوڭ مەسىلە چىقمايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم بار ئىدى. كېيىن ھېس قىلدىمكى، بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى چىقارغان ئەڭ توغرا قارارلىرىمنىڭ بىرى ئىكەن.

ئەگەر جۇڭگودا بولغان بولسا

خىزمەت ئىزدەش؟ 4-دەرىجىدىن ئۆتكەن كېنىشكا بارمۇ؟ كومپيۇتېر كىنىشكەڭ بارمۇ؟ دۆلەت ئىچى ياكى سىرتىدا ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرىڭ بارمۇ؟ يوق؟! ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامەڭغۇ باردۇ؟ ئۇمۇ يوق؟ ماقۇل، يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئاياقلاشتى، قايتىپ خەۋىرىمىزنى كۈت!

4. ماشىنا ئىسكىلاتىدا ئىگىلىك تىكلەش

تولۇقسىزدىكى چاغدا جوبس بىر قېتىملىق ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا ۋاز بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. 19 ياش چېغىدا ئالىي مەكتەپتە بىر مەۋسۇم ئوقۇپلا ئوقۇشتىن چېكىنگەن جوبس، ۋازنىڭ ئائىلىسىدىكى ماشىنا ئىسكىلاتىدا يېتىپ قوپىدۇ ھەم دائىم ۋاز بىلەن بۇ ئىسكىلاتتا ھەر خىل زاپچاسلار بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈيدۇ. ئۇلار بىر توك يولى تاختىسى لايىھەلەپ چىقىدۇ، بۇ توك يولى تاختىسىغا 6502 دانە مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە بىر قىسىم ئېغىزلار ئورنىتىلغان ئىدى، بۇ ئېغىزلار ئارقىلىق كۇنۇپكا تاختىسى قاتارلىقلارنى ئۇلاپ ئىشلەتكىلى بولاتتى، نەچچە ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىتتا، ئۇلار بىر كومپيۇتېر قۇراشتۇرۇپ چىقىدۇ.

قابىل جوبس شۇ چاغدىلا بۇ كومپيۇتېرنىڭ بازار قىممىتىنى مۆلچەرلەپ بولىدۇ. 1976-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى جوبس، ۋاز ھەمدە جوبسنىڭ دوستى ۋېيىن ئۈچەيلەن بىر توختامغا ئىمزا قويۇپ، بىر كومپيۇتېر شىركىتى قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلىدۇ. كەينىدىن، 21 ياشلىق جوبس بىلەن 26 ياشلىق ۋاز ماشىنا ئىسكىلاتىدا ئالما شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.

ئەگەر جۇڭگودا بولغان بولسا

نېمە؟ ماشىنا ئىسكىلاتىدا شىركەت قۇرۇش؟ ھەر قايسى بۆلۈملەر ناھايىتى تېزلا ئىشىكىڭىزنى چېكىدۇ: تىجارەت كىنىشكاڭ قېنى؟ ئىجازەتنامىچۇ؟ شىركەتنىڭ قانۇنى ۋەكىلى كىم؟ ماشىنا ئىسكىلاتى شىركەت ئېچىشنىڭ شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كېلەمدۇ؟ ئوتتىن مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرەيمىز! سۇ سائىتىنى تەكشۈرەيمىز!
بۇ رەسمىيەتنى بېجىرىدۇ، بۇ تامغىنى باستۇرىدۇ. جوبس رەسمىيەت ئۈچۈن چېپىپ يۈرۈپ بىر پۇتى ئۈزۈلۈپ كېتەي دېگەن چاغدا، تۇيۇقسىز بىر ئىش يادىغا كېلىدۇ: توختا، مەن سەل ئارام ئېلىۋالاي، بىز زادى نېمە مەھسۇلات چىقارماقچى بولغۇيتۇق، ھېچ ئېسىمگە كەلمەيدىغۇ؟!

5. تەۋەككۇلچى، بۆسۈپ چىقىش ۋە بۇزغۇنچىلىقنى ياخشى كۆرىدۇ

جوبس بارلىق قائىدە تۈزۈملەرنى بۇزۇشتا نامىغا چىققان ئادەم. ئۇنىڭ ئىدىيەسى ئادەتتىن تاشقىرى ئالدىدا، باشقىلارنى نەچچە كوچا تاشلاپ قويغۇدەك پىكىر قىلىدىغان كىشى. گەرچە بۇ باشقۇرۇش قاتلىمىغا نىسبەتەن بىر خەتەرلىك ئەھۋال بولسىمۇ، ئۇ ھەمىشە ئۇتۇق قازىنىدۇ. Mac بولسا IBM ئېنىقلىما بەرگەن ئۇچۇر دۇنياسىنىڭ بۇزغۇنچىسى، كومپيۇتېرغا يېڭىدىن ئېنىقلىما بەرگەن. iPhone بولسا، پۈتكۈل يانفون دۇنياسىنىڭ بۇزغۇنچىسى، يانفون بازىرىنىڭ ئويۇن قائىدىسىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىپ، بۈگۈنكى كۈندە چوڭ ئېكرانلىق يانفونلارنى مودا قىلىشقا پۈتۈنلەي باشلامچىلىق قىلغان.

ئەگەر جۇڭگودا بولغان بولسا

جۇڭگولۇقلارنىڭ تەپەككۇرىدا، ناۋادا بىرەيلەن بىر ماي قاچىلاش پونكىتى ئاچقان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ يېنىغا ناھايىتى تېزلا سانسىزلىغان ماي قاچىلاش پونكىتى قۇرۇلىدۇ. باشقىلار قانداق مەھسۇلات چىقارسا، ناھايىتى تېزلا دوراپ، ھەتتا ئاشۇرۇپ ساختىسىنى ياساپ چىقىرىمىز.
جوبس ساراڭمۇ سەن؟ ئالدىڭدا شۇنداق ياخشى پۇل تېپىش پۇرسىتى تۇرسا، شۇنى تاپماي، ئاتايىن كىشى ئويلاپ باقمىغان يېڭىچە مەھسۇلات چىقىرىمەن دەپ جاپا چەككىنىڭ نېمىسى؟ جۇڭگودىكى بۇنداق بازار، جوبستەك تالانت ئىگىسىگە بۇنداق ياخشى پۇرسەتلەرنى ھەرگىز بەرمەيدۇ.

6. خەير-ساخاۋەت بىلەن شۇغۇللانماسلىق

جوبس ھايات چېغىدا ئىزچىل ھېچقانداق خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا يېقىن كەلمىگەن. بۇمۇ كىشىلەرنىڭ بىر مەھەل تالاش-تارتىشىغا سەۋەپ بولغان، كىشىلەر ئۇنى پەقەت پۇل تېپىشنى بىلىدىغان، پۇلنىڭ زاكىتىنى ئايرىشنى ئۇقمايدىغان، پىخىسىق سودىگەر دەپ ئاتاشقان.

ئەگەر جۇڭگودا بولغان بولسا

پۇل تاپقاندا ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان! مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈشنى ئۇقمايدىغان! ھەر قايسى يەر تەۋرەشلەرگە قانچە ئىئانە قىلدىڭ؟ ئىئانە سوممىسىنى ئاشكارىلىسۇن! شۇنچىلىك پۇلى تۇرۇپ، خەير-ساخاۋەت قىلسا ئۆلەمدۇ؟! جوبسنى IT ساھەسىدىن قوغلاپ چىقىرىش كېرەك!
شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى تاراتقۇلار بەس-بەستە جوبس ھەققىدىكى سەلبى خەۋەرلەرنى ياغدۇرۇپ ئۇنى قاتتىق قامچىلاپ ئۆز خەۋىرىنىڭ چېكىلىشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماي خەۋەر يېزىشقا باشلايدۇ.

مانا بۇلار، جوبستەك تالانت ئىگىسىنىڭ جۇڭگوغا ماس كەلمەسلىكىنىڭ سەۋەپلىرى



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
  • ھالقىلىق ســــۆز:
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 29,798 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 05-ئاينىڭ 18-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: steve-jobs-and-china.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. Forever 2015.05.18 , 15:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    گەرچە سىتىۋ جوبىس ئۆزى بىر قوللۇق ھالدا ئالما شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەزەلدىن بىرەر قۇرمۇ كومپىيۇتېر پىروگرامما كودى يېزىپ باقمىغان بولۇپ، بۇ خىل ئىش پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ھەقىقەتەن كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ.
    ———
    ئالما شىركىتىنىڭ كومپىيۇتېرلىرى ئەزەلدىن ئاق رەڭنى ئاساس قىلغان ھالدا ياساپ كېلىنگەن بولۇپ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بولسا جوبىس ئاق رەڭگە ئەڭ ئۆچ ئىدى.

  2. بىرلان 2015.05.18 , 16:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    جوڭگۇدا مۇشۇ ساپادا بولسا مىڭ يىلدىمۇ چىقمايدۇ

    • نەۋقىران 2015.05.20 , 12:24

      دەھشەتلىك توغرا جاۋاپ . ھە راس بىرلان بۇرادەر psيازمالىرىڭىزنى خىلى كۆردۇم بولسا جانلىقنىڭ رەسىمىنى ئاز ئىشلەتكەن بولسىڭىز مەن بەزى ئەسەرلىرىڭىزنى تاملىرىمغا چاپلاي دىگەن بىر خىل پەيزى بولاتتىكەن

  3. دىيانەت 2015.05.18 , 20:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ جوبىسقا مەخسۇس قىلىپ ئىشلىگەن ۋەقەلىك فىلىم بار كۆرۈپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ !
    بۇ كىنودا جوبىسنىڭ ئەسلىدىكى تارىخى سۆزلەنگەن ! يەنە ئاشكارلانىمىغان تارىخلىرىمۇ بار !
    باشقىلار تەرپىدىن ئۆزقۇرۇپ چىققان شىركىتىدىن ھەيدەلگەنلىكى ۋە قانداق قىلىپ يەنە قايتۇرىۋالغانلىقى مىكروسىفىتنىڭ (بىلگايتىس) ئۆز ئىجىدىيىتىنى ئوغىلىۋالغان چاغدىكى ۋاقتىلىرىمۇ بار ! ئىشقىلىپ بەك ياخشى ئىشلەنگەن ! كۆرۈپ قويۇڭلار !
    چۈشۈرۈش ئادىرىسى : http://www.2tu.cc/Html/GP16282.html

    • دىيانەت 2015.05.18 , 21:26

      يوۋكۇدا ھەقسىزكەن ! http://v.youku.com/v_show/id_XNjIyMjY4MjM2.html

  4. يولۇچى 2015.05.19 , 02:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەكشۈرىمىز دەپ يېزىڭلا ھېي ، تەكشۈرەيمىز دېمەي. كىتاب ئوقۇپ ئويۇڭلا ئىككى تۆت تال. قۇلاققا قاندا ئاڭلانسا شۇ پېتى يازماي،

  5. ئابومجان 2015.05.20 , 11:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالمىنىڭ لوگوسى نىمىشقا بىر چىشلەپ قويغان ئالمىدۇ ؟

    • نەۋقىران 2015.05.20 , 12:21

      بەلكىم ئامرىكىدا ئالما بەك تەمىلىك پىشسا كىرەك پۈتۈن ئالمىنى چىقىرىمەن دەپ ئۆزىنى تۇتالماي چىشلەپ ساغان چىغىۋا :mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:

    • ئابومجان 2015.05.20 , 13:18

      دوستىمىزنىڭ ئايفونىدا چ چ ئاچىمزغۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بەكراق كۆزگە چېلىقسۇن دەپ بوممامدۇ:mrgreen: يىنە بى گەپ ؟ ئابومجان بۇ ئىسىمنى سىلە ئادىدا قويغانمۇ مەنمۇ :lol::mrgreen: تورخۇمارغا تۇنجى چىقىشىم ئۈندىداردا بىر توپتا شۇندا دەپ تۇر ۋېلۋاتىدۇ سىلە ئابومجان شۇمۇدەپ ، ئەمەس دەپ شۇنىڭ بىلەن ئىز قوغلاپ سىلىنى تاپتىمغۇ:idea:

    • ئابومجان 2015.05.20 , 17:06

      ھا ھا ھا …… مىنىڭ بېشىم بار سىلىنىڭ يوقكەنيا ؟ تورخۇمارغا سىلىدىن بۇرۇن كەگىنىمگە ئىشىنىمە ، ئىسىمنى سىلى باشتا قويغانما مەنمۇ دىگەنگە كەسەك ، ئىم … ئاچامغا يېڭى تىل چىققاندا مىنى ئاشتا تولاپتىكەن ، ئۇ چاغدا مەن تېخى ئېغى يوق ئىشتان كىيىپ ئۆملەيتىم … ھې ھې

    • belge 2015.05.20 , 17:48

      بۇ سوئالغا مەن جاۋاب بېرەي ئەبۇمكو…
      جو فامىلىلىك ئەينى چاغدا لوگو نى لايىھەلىتىدىغانغا بىر لايىھە شىركىتىگە بەرگەن ئۇلار پۈتۈن بىر مۇكەممەل ئالمىنى ئالدىغا قويغان لېكىن بۇ جو فامىلىلىككە قەتتى ياقمىغان ھەم ھەققىنى تاپشۇرۇۋېتىپلار قايتىپ ئۆزى ئويلاپ ئاخىرى پۇچۇق قىلىپ چىققان. نۇرغۇن يېقىنلىرى بۇ پۇچۇق ئالما پۈتكۈل شىركەتكە بەخىت-ئامەت ئېلىپ كىلەلمەسلىكنىڭ بەلگىسى (不吉利)بولۇپ قالغۇسى دېگەن. ئەمما جو فامىلىلىك ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرغان.

    • ئابۇشجان 2015.05.22 , 17:55

      ھې ھې… ئەمسە سىلە ئادىدا قويغان ئوخشايسىلە…مەن قويغاندا ئەرلىكىم چىقىپ تۇردىغان يە ئىتىكتى:lol::mrgreen: بى تاققا ئىككى يولۋاس پاتمايدۇ ئەمەسمۇ شۇڭا ئۆزگەرتىىۋتتىم. بىلەمدىمغۇ نۇ تورخۇمار باش سۈرەت ئۆزگەرتىشنى….خېلى مىتوكوشلاپ باقتىم بومسا

    • ئويۇنچى 2015.05.27 , 10:05

      پۇچۇق ئالمىنىڭ مەنىسى: ‹‹دۇنيادا ئىنسانلار ياسىغان نەرسە مۇكەممەل نەرسە ئەمەس، ھەممە نەرسىدە نۇقسان بار›› دىگەن گەپ …

  6. ئابومجان 2015.05.20 , 11:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر خەۋەردە كۆرسەم جوبىسنىڭ ئائىلىسىدىكىلە 20 يىلنىڭ ياقى خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرىغا خېلى كۈچ چىقىرىپتۇدەك ، ھەممىنى نامسىز ئىئانە قىغان دەيدۇ

  7. gepsonsp1 2015.05.22 , 18:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پۇچۇق ئالمىنىڭ مەنىسى بولسا، بىر تېتىپ باقسىڭىزلا بىلىپ قالىسىز دېگەن گەپ

  8. ھاجى 2015.09.12 , 20:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كومپىيۇتېرنى ۋوز شىركەت قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنلا ياساپ بولغانتىم دەمدۇ نېمە؟:mrgreen:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量