نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > رەقەملىك دۇنيا > يازما مەزمۇنى

iPhone چىقىشتىن بۇرۇن، جوبز قانداق قىلىپ يان تېلېفون ياساش خىيالىغا كەپ قالغان؟

iPhone ياسىلىپ چىقىشتىن بۇرۇن، جوبز قانداق قىلىپ يانفون ياساش خىيالىغا كەپ قالغان؟ ھەمدە تۇنجى ئەۋلاد iPhone نىڭ ياسىلىپ چىقىش جەريانىدا قانداق جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن؟ ئەمەلىيەتتە بۇ سوئاللار Steve Jobs نىڭ تەرجىمھالى ناملىق كىتابتا بار. تۆۋەندە شۇ مەزمۇنلاردىن بىر قىسىم خۇلاسە خاراكتېرىدە بايان كۆرۈپ ئۆتەيلى.

jobs-iphone

2005-يىللىرى، iPod(ئالما شىركىتىنىڭ بازارلىق ناخشا قويۇش مەھسۇلاتى) دەھشەت بازار تاپقان مەزگىللەر، Steve زادى قانداق رىقابەتچىنىڭ iPod ئىگىلىگەن بۇ چوڭ بازارنى تارتىپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلايدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ كاللىسىغا يان تېلېفون كېلىدۇ: ئاۋال شۇنىسى ئېنىقكى، يانفون ھەر بىر ئادەمدە چوقۇم بار، ئۇنىڭدىن باشقا كىشىلەر يانفونغا مۇزىكا قويغۇچ سەپلەش ئارقىلىق iPod بىلەن رىقابەتلىشىشى مۇمكىن ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا يانفوندا يەنە نۇرغۇنلىغان مول ئىقتىدارلار تەمىنلەنگەن: مەسىلەن كامېرا. شۇنىڭ بىلەن Jobs مۇ Apple نىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان يان تېلېفونىنى ياساشنى قارار قىلىدۇ. شۇڭا يىغىپ ئېيتقاندا، iPhone نىڭ ياسىلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق مەقسەت iPod نىڭ بازىرىنىڭ باشقا شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان يانفون مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق قولدىن چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت، ئۇنىڭدىن باشقا ھەر بىر ئادەمنىڭ يانفونغا ئېھتىياجى بولغاچقا، بۇ بىر غايەت زور بازار ئىدى.

ئەلۋەتتە، iPhone نىڭ ياسىلىپ چىقىش جەريانىدىكى بىر قىسىم قىزىقارلىق ئىشلارمۇ كىشىنىڭ قىززىقىشىنى قوزغايدۇ:

1. ئەڭ دەسلىۋىدە، جوبز Motorola بىلەن ھەمكارلاشماقچى بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ RAZR يانفونىغا iPod نىڭ ئىقتىدارىنى قوشۇپ، ئىسمىنى ROZR قىلىپ بېكىتمەكچى بولىدۇ. ئەمما Jobs بۇ يانفوننى ئىشلەتكەندىن كېيىن ھوزۇرلۇق ھېس قىلالمايلا قالماستىن، ئىنتايىن نارازى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىقنى توختىتىپ ھەممىنى ئۆزى ياسىماقچى بولىدۇ؛

2. iPhone دىن بۇرۇن، iPad ئاللىقاچان مەخپىي ھالدا پلانلىنىپ ياسىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئەسلى پلاندا تاختا كومپيۇتېرغا multi-touch(كۆپ نۇقتىلىق سەزمە ئېكران تېخنكىسى) ئىقتىدارىنى قوشماقچى بولىدۇ. ئەمما Jobs كېيىن بۇ ئىقتىدارنى iPhone غا ئاۋال ئىشلەتسە بىر قەدەر مۇۋاپىق بولىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن iPad پلانى ۋاقتىنچە توختىتىلىپ، پۈتكۈل كۈچ iPhone غا قارىتىلىدۇ. ئۇلار ئاۋال مەخپىي ھالدا FingerWorks شىركىتىنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ بارلىق پاتنېتىغا ئىگە بولىدۇ ھەمدە بۇ تېخنىكىلارنى iPhone غا ئورۇنلاشتۇرۇپ چىقىدۇ.

3. iPhone نى ئېچىش جەريانى Apple دىكى ئىككى ئەترەتكە ئۆز-ئارا رىقابەت شەكلىدە تەقسىم قىلىنغان بولۇپ، بىر گۇرۇپپا ئاۋال ئىلگىرىكى iPod نى يانفونغا ئايلاندۇرۇپ، بۇرمىلىما كۇنۇپكا ئارقىلىق كونترول قىلماقچى بولىدۇ. بۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، تىزىملىكلەرنى تاللاش ۋە مۇزىكا ئىقتىدارى ئىنتايىن قولايلىق ئىدى، ئەمما قانداق قىلىپ خەت كىرگۈزۈش چوڭ بىر مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەر تاختا كومپيۇتېردىكى تېخنىكا multi-touch ئارقىلىق يانفوندا مەشغۇلات قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىدۇ. ئالدىنقى تۈر P1، كېيىنكىسى P2 دەپ ئاتىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا P2 غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 2007-يىلىدىكى بىرىنچى ئەۋلاد iPhone ئېلان قىلىنىدۇ.

4. iPhone غا ئەڭ دەسلەپتە سۇلياۋ ماتېرىيالدىن ياسالغان ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ، ئەمما Jobs نىڭ نەزىرىدە بۇ تېخى ئۆلچەمدىن يىراق ئىدى، ئۇ ئىنتايىن ئاقسا بىر يانفون ياساپ چىقماقچى بولىدۇ ۋە سۇلياۋنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ سۈپەتلىك ۋە فەچەت ماتېرىيال ئىشلىتىش كېرەك دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەڭ ئاخىرىدا ئەينەك ئىشلىتىشنى قارار قىلىدۇ. Jobs ئاكتىپ ھالدا شۇ ۋاقىتتىكى داڭلىق كارخانا Coning Glass نى ئىزدەپ بارىدۇ ۋە Apple نىڭ ئەينەككە بولغان تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. Apple نىڭ تەلىۋى بەك يۇقىرى بولغاچ، Corning نىڭ CEO سى Weeks زاكاس قىلىنغان ماتېرىياللارنى ۋاقتىدا تاپشۇرالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ قالىدۇ. Jobs ئۇلارنى شىيلاپ ۋە مەدەت بېرىپ يۈرۈپ قايىل قىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا Corning شىركىتى 6 ئاي ۋاقىت ئىچىدىلا ۋەزىپىنى تاماملاپ چىقىدۇ.

5. Jobs نىڭ لايىھە گۇرۇپپىسىغا بولغان تەلىۋى ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ، بەزى چاغلاردا ھەتتا لايىھەلىنىپ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان لايىھەلەرمۇ بىكار قىلىنىپ باشتىن باشلاپ لايىھەلىنىشكە بۇيرۇلىدۇ. Jobs نىڭ iPhone نىڭ تەپسىلاتىغا بولغان تەلىۋى تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەش دەرىجىسىگە بارىدۇ. سىتيۋ.جوبزنىڭ تەرجىمھالى ناملىق كىتابتا مۇنداق بىر بايان بار: Jobs بىر كېچە ئۇخلىمايدۇ ۋە ئەتىسى سەھەردە Jony Ive قاتارلىقلارنى چاقىرىپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇ لايىھەلەر ئىنتايىن قوپال ۋە يىرىك، ئازراقمۇ سەنئەت تۇيغۇسى يوق ئىكەنلىگىنى ئېيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن Ive ۋە قول ئاستىدىكىلەر بارلىق لايىھەنى بىكار قىلىپ باشتىن باشلاپ ئىش باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە نەچچە ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بىرىنچى ئەۋلاد iPhone نىڭ ئەڭ ئاخىرقى لايىھەسىگە ئېرىشىدۇ. بۇ لايىھە ئۈچۈن، ئەڭ ئاخىرىدا توك يولى قۇرۇلمىسى، ئانتېننا قۇرۇلمىسى ۋە باتارىيە ئورنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلەتتى. بىر خىزمەتچى بۇ توغرىسىدا ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر باشقا شىركەت بولسا بەلكىم بىۋاستىلا ئىلگىرىكى لايىھەنى ئېلان قىلىشى مۇمكىن ئىدى، ئەمما Apple ئوخشىمايدۇ، بىز Reset كۇنۇپكىسىنى بېسىۋېتىپ، ھەممىنى قايتىدىن ياساپ چىقتۇق.



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 10 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. نۆل ۋە بىر 2012.06.26 , 19:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    …دىۋانما بۇ؟!

  2. نۆل ۋە بىر 2012.06.26 , 19:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇنداق قىلىپ رەزىللىككە تولغان بۇ دۇنيا ئايغون بىلەن تىېخىمۇ سەرخىللەشتى…

    • خىيال 2012.06.27 , 15:03

      شۇنداق قىلىپ گۈزەل بۇ دۇنيانى مۇشۇ تىپتىكى ئېلېكترونلۇق نەرسىلەرنىڭ ئىجاد قىلىنىشى بىلەن ھىس قىلالمايدىغان بولۇپ قالدۇق… :grin:

  3. يىگانە 2012.06.26 , 19:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ كۈنلەردە شاھلىق ماڭىلا قالدىغۇ ، دىۋاندا ئۈزەملا ئولتۇرۇۋىرەي :mrgreen: :grin:

    • نۆل ۋە بىر 2012.06.26 , 19:27

      :grin: :mrgreen: مۇشۇ كۈنلەردە ئېشلار تازا ئويلىغاندەك بولمايۋاتىدىغۇ تاڭ!؟

  4. يىگانە 2012.06.26 , 19:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي مىنى قايسىڭلا ئىتتىرىۋەتتىڭلا ما دىۋاندىن؟؟؟ :arrow: :mad: :mrgreen:

    • نۆل ۋە بىر 2012.06.26 , 19:28

      4mتورنى ئېشلىتىۋەرمەي 8mنىمۇ ئېشلىتىپ باقىلى مانداق :lol: :idea:

  5. ياسىنجان 2012.06.26 , 19:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ماقالىنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى تەمىنلىسەڭلا

  6. سېھرىگەر 2012.06.26 , 21:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ماقالە ئىنتايىن ياخشى يېزىلىپتۇ ، مەنمۇ مۇشۇنداق ماقالىلەرگە بەك ئامراق .

  7. شەيتان 2012.06.27 , 16:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي دىۋانچىلار ! :mrgreen: نىمانچە تالىشىسىلەر دىۋاننى … دەيمەن …. پەگاھ تا ياكى بۇسۇغا تۈۋىدە ئولتۇرساڭلامۇ …. مەززىلىك ، تىتىغۇدەك ئىنكاس قالدۇرمامسىلە ياكى ماقالىگە (تېمىگە) مۇناسىۋەتلىك ، دەيمەندە…………. :grin: ياكى دىۋاندا ئولتۇرۋالساڭلا …تورخۇمار ئەپەندىم تارتۇقلامدۇ يە ….. ھى ھى ھى … :lol: :lol: :lol:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif