نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > رەقەملىك دۇنيا > يازما مەزمۇنى

سىز كۆرۈۋاتقان iOS 7 تېخى پۈتمىگەن بىر چالا مەھسۇلات | iOS 7 يوقاتقان شۇ نەرسىلەر ھەققىدە بىر قىسىم كۆز قاراشلار

ئالما شىركىتى يېقىندا iOS 7 Beta نى چۈشۈرۈشكە تەمىنلىگەندىن كېيىن، ئەسلىدە پروگرامما ئاچقۇچىلار بولمىغان بىزلەرمۇ قىززىقىپ سىناپ ئۈلگۈردۇق. ئالدىنقى يازمىدا ئۆزۈمنىڭ iOS 7 دىن خېلىلا رازى ئىكەنلىگىمنى، بەزى نەرسىلەرگە كۆنۈشكە ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن ئىدىم. بۈگۈن، رازى بولمىغان ياكى ئۆكۈنگەن جايلىرىم ھەققىدە ئازراق توختىلىشنى لايىق تاپتىم.

ios7

سىز كۆرۈۋاتقان iOS 7 تېخى پۈتمىگەن بىر چالا مەھسۇلات

شۇنداق. ھازىر iOS 7 نىڭ ياخشى ياكى يامانلىقى ھەققىدە بىرەر ئېنىق ھۆكۈم چىقىرىش بالدۇرلۇق قىلىدۇ. شۇنداقلا، بۇنداق ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ ئۆزىمۇ ئادەتتە تولا ھاللاردا شۇ ھۆكۈم چىقارغۇچىنىڭ سۇبىيكتېپ كۆز-قاراشلىرىغا تويۇنۇپ كەتكەن بولىدۇ. شۇڭا مەنمۇ نەچچە كۈن سىناق ئىشلىتىش جەريانىدا پەقەت iOS 7 نى خېلى ياقتۇرغانلىقىمنى ئازراق تەكىتلەپ ئۆتتۈم، بىراق ھەرگىزمۇ iOS 7 ياخشىكەن، فەچەتكەن دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ يۈرمىدىم. چۈنكى بۇ ھەر كىشىنىڭ ئۆزىگە باغلىق.

iOS 7 نى ياقتۇرغانلار كۆپ بولغانغا ئوخشاش، ياقتۇرمىغانلارمۇ خېلىلا كۆپ. مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشىچە، ھەر قېتىم يېڭى iOS ئېلان قىلىنغاندا ياقتۇرمايدىغانلار يەنىلا كۆپ چىقاتتى، بىراق بارا-بارا ئىشلىتىش جەريانىدا بۇ ئاۋازلارمۇ تۆۋەنلەپ ماڭاتتى. بۇ قېتىم iOS 7 دىكى ئۆزگىرىش ئالدىنقى نەشىرلىرىگە سېلىشتۇرغاندا بەكلا زور بولغاچ، كۆپچىلىكنىڭ تالاش-تارتىشىنى قوزغىشىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. لېكىن بۇ يەردە شۇنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇ، iOS ھازىرغا قەدەر ئەڭ ياخشى يانفون مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ios

iOS 7 يوقاتقان شۇ نەرسىلەر ھەققىدە بىر قىسىم كۆز قاراشلار

iOS 7 نىڭ كۆرۈنمە يۈزى پۈتۈنلەي قايتىدىن لايىھەلەنگەن، ھەتتا، بىر قىسىم كۆپ ئىشلىتىدىغان مەشغۇلات ئۇسۇللىرىمۇ پۈتۈنلەي قايتىدىن لايىھەلىنىپ، يېڭىچە ئىقتىدارلار قوشۇلۇپ، كىشىگە قالتىس تۇيغۇ بېرىدىكەن. ئەمما، شەخسەن ئۆزۈم ياقتۇرمىغان ياكى ئەپسۇسلانغان بىر قىسىم جايلار يەنىلا يوق ئەمەس. بەلكىم ئولتۇرغانلار ئارىسىدىمۇ مەندەك ھېسسىياتتا بولغانلار بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندە بۇ ھەقتە بىر ئاز توختىلاي.

iOS 7 نىڭ ئېكران قۇلۇپىنى ئېچىش مەشغۇلاتى ۋە كۆرۈنمە يۈزى

893521

iOS 7 نىڭ ئېكران قۇلۇپىنى ئېچىش مەشغۇلاتى بۇرۇنقىدەك، ئېكران ئاستى قىسمىدىكى خەت بار ئورۇننى تۇتۇپ ئوڭغا سىيرىساقلا بولىدىكەن. لېكىن…بۇرۇنقىدەك كۆرۈنەرلىك سىيرىلما بۆلەك ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان، پەقەت خەتلا بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېكراننىڭ ئەڭ ئاستىدا رەسىمدىكىدەك ئۈستىگە قارىتىلغان بىر يۆنىلىش بەلگىسى بار، بۇ بەلگە قارىماققا تۇنجى مەشغۇلات كىشىنى ئېكران قۇلپىسىنى سىيرىش ئۈچۈن، ئاستىدىن ئۈستىگە سىيرىش كېرەكتەك خاتا تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدىكەن.

تېلىفون نومۇر بۇراش كۆرۈنمە يۈزى

20

قارىغۇ چاشقاننىڭ بېشىغا توقماق ئۇرۇپ ئوينىغاندەك بىلىنىدىغان بۇ خىل كۆرۈنمە يۈز ماڭا باشقىچىلا تەسىر بەردى. نومۇرنى ئۆچۈرۈش كۇنۇپكىسىمۇ ئوڭ ئۈستى تەرەپكە يۆتكىۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ ئېنىقلا بىر قولدا مەشغۇلات قىلغاندا، بارماقنىڭ سىيرىلىش ئارىلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، iOS 6 دىكىدەك كەڭرى ۋە ئازادە لايىھەلەنمىگەن. بۇ قارىماققا گەرچە ئومۇمىي جەھەتتىن بەك چوڭ تەسىر كۆرسەتمىسىمۇ، ئەمما ھەقىقەتەن بىر كىچىك يوقىتىش بوپتۇ.

كونترول مەركىزى ۋە قول چىراق

9013385159_4842aa0f79

يېڭىدىن قوشۇلغان كونترول مەركىزى، iOS ئىشلەتكۈچىلەر ئىزچىل Android ئىشلەتكۈچىلەرگە ھەۋەس قىلىدىغان بىر بوشلۇقنى تولدۇرغان دېيىشكە بولىدۇ. WiFi، كۆكچىش قاتارلىقلارنى تېز سۈرئەتتە تاقاپ-ئېچىش، ئىلگىرى iPhone ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىزچىل بېشىنى ئاغرىتىپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە ئىدى. تۈرمىدىن قاچۇرغانلار بولسا Cydia دىن SBSettings دېگەن قىستۇرمىنى قاچىلاش ئارقىلىقلا بۇ ئىقتىدارنى قوشالايتى. iOS 7 دە ئېكراننى ئاستىدىن ئۈستىگە سىيرىساقلا يۇقارقى رەسىمدىكىدەك كونترول مەركىزى چىقىدىكەن. بىراق…

ئاستى قىسىمدىكى قوشۇپ قويۇلغان بۇ تۆت كۇنۇپكىنىڭ زادى نېمىگە بۇنچە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكىنى ئۇقمىدىم. باشقىسىنىمۇ قويۇپ تۇرايلى، ئاۋۇ قول چىراق ئىقتىدارى ھەقىقەتەن ئارتۇقچىدەك بىلىندى(بەلكىم ئالمىدىكىلەر 50 سوملۇق NOKIA دا بار ئىقتىدار بىزدىمۇ بار دېمەكچى بولسا كېرەك؟)، قول چىراققا شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ ئېھتىياجى بارمۇ؟ ئەگەر لازىم بولسا، بۇنداق تۈردىكى ھەقسىز ئەپلەر نۇرغۇن ئىدىغۇ؟ بۇ ئىقتىدار قوشۇلدى دېگەن گەپ، كىشىلەر مەيلى قىزىقىپ بولسۇن، ياكى ھەقىقەتەن لازىم بولسۇن، دائىم مەجبۇرى ئىشلىتىدىغان بىر ئىقتىدار بولۇپ قالىدۇ، ۋەھالەنكى، بۇ ئەسلىدىنلا توك سەرپىياتى يۇقىرى بولغان iPhone نىڭ توكىنى تېخىمۇ تېز خورىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئىشقىلىپ مەن ۋە ئەتراپىمدىكىلەردىن iPhone نى قول چىراق قىلىپ ئىشلەتكەن بىرەرسىنى تۈزۈك ئۇچراتمىدىم.

ۋەزىپە ستونىدىن ئىجرا بولۇۋاتقان ئەپلەرنى سىيرىپ تاقىۋېتىش

Screen-Shot-2013-06-11-at-17.09

بۇرۇن تۈرمىدىن قاچۇرغان ھالەتتە، Cydia دىن AXUO دېگەن قىستۇرمىنى قاچىلاپ مۇشۇنىڭدەك ئىقتىدارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولاتتى. بىراق ئۇ قىستۇرما ھەقلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئىچكى ساقلىغۇچنى بەك ئىگىلەيتى. بۇ ئىقتىدارنى مەن ھەقىقەتەن ياقتۇردۇم. بۇرۇنقىدەك، HOME كۇنۇپكىسىنى ئىككى بېسىپ، ۋەزىپە ستوندىكى كىچىك ئايكونلارنى بېسىپ تۇرۇپ تىترەتكەندىن كېيىن تاقاشقا قارىغاندا، ھازىر كۆپ قولايلىق بولۇپتۇ. يەنىلا بىراق…

مەلۇم بولۇشىچە، iOS 7 دە ھەقىقىي ئارقا سۇپا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ھەرقانداق پروگراممىنى پەسكە چۈشۈرۈپ قويغاندىن كېيىن، خېلى بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. بۇ قارىماققا كىشىگە قولايلىقتەك تۇيۇلىدۇ، ئەمما شۇنچە كۆپ پروگراممىلارنى ئارقا سۇپىغا چۈشۈرۈپ قويغاندا، زادى قانچىلىك ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىگىلەر؟ مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشى، Steve Jobs ئىلگىرى iOS نىڭ ئارقا سۇپىدىكى پروگراممىلارنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىگىلىشىنى ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەپتىن، iOS تا مەيلى قانچىلىك پروگراممىنى تەڭ ئېچىۋالغان تەقدىردىمۇ، تېلىفوننىڭ ئازراقمۇ ئاستىلاپ كەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدى. بەلكىم ئالمىدىكىلەر ھازىر بۇ مەسىلىنىمۇ ئاللىقاچان ھەل قىلغاندۇ، ياكى يېڭى چىقماقچى بولغان iPhone لارنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى ھەقىقەتەن شۇنچە چوڭدۇ، بۇ قارىماققا ئالمىدىكىلەر ئەمدى يۇمشاق دېتالنى تاشلاپ، قاتتىق دېتالدا رىقابەتكە چۈشمەكچى بولغاندەك بىلىندى.

ۋاقىت ئايكونىنىڭ ئۈستىدىكى سائەت ھەرىكەتچان مېڭىپ تۇرىدىكەن

clockupdatestimeinicon

بۇرۇندىن تارتىپ، iOS تىكى كالېندار ئايكونىنىڭ ئۈستىدىكى چېسلا ھەرىكەتچان بولۇپ، شۇ كۈننىڭ چېسلاسىنى ۋە ھەپتىنىڭ قانچىنچى كۈنى ئىكەنلىگى ناھايىتى جانلىق ھالدا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. iOS 7 دە ۋاقىت ئايكونىمۇ بۇ ئىقتىدار قوشۇلغان بولۇپ، ھەرىكەتچان ھالەتتە سائەت ئىستېرىلكىلىرى مېڭىپ تۇرىدىكەن. قارىماققا بۇ ناھايىتى قالتىس بىر ئۆزگەرتىشتەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما شۇ ئېسىمىزدە بولسۇنكى، ئېكراننىڭ ئەڭ ئۈستى ئوتتۇرىدا ئىزچىل كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بىر ۋاقىت رايونى بار، شۇنداق تۇرۇپ بۇ ۋاقىت ئايكونىنى ماڭدۇرۇشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى بولۇپ قالدى؟ بۇ سىستېما بايلىقىنى خورىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسمۇ؟ ئەجىبا چىرايلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن قاتتىق دېتالنى تېخىمۇ ياخشىلىمىسا بولمامدۇ؟

iOS 7 نىڭ كۆرۈنمە يۈزى ۋە ئارقا تەگلىكى

9015137576_f5e7961797

iOS 7 نىڭ كۆرۈنمە يۈزى(UI) ۋە ئايكونلىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەك قايتا لايىھەلەنگەن، تېخىمۇ ياپىلاقلاشتۇرۇلغان ۋە مودا تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچلۈك ئەكس ئەتكەن. ئەلۋەتتە، بۇ خىلدىكى ئۇسلۇبنى ياقتۇرىدىغان ۋە قوبۇل قىلالايدىغانلار ئىچىدە ياشلار ۋە يېڭىلىقنى قوغلىشىدىغانلار كۆپ ساندا بولۇشى مۇمكىن. بىراق، نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا iOS نىڭ بۇرۇنقى جامالىنى، قارىماققا تېخىمۇ ھەقىقىي، كۆرگەن كىشىنىڭ سىيلاپ باققۇسى كېلىدىغان، تېخىمۇ ئەينەنلەشتۈرۈلگەن ئۇسلۇبىنى ياقتۇرىشى مۇمكىن. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، iOS بۇ قېتىم پۈتۈنلەي قاسراق تاشلىدى دېيىشكە بولىدۇ.

ئۈچ كۈن سىناق ئىشلىتىش تەسىراتىمغا ئاساسلانغاندا،7 iOS نى چىرايلىق كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ بىرى – تەگرەسىم ئىكەن. iOS 7 ئۆزىدە نۇرغۇن يېڭىدىن لايىھەلەنگەن، ھەرىكەتچان، چىرايلىق تەگرەسىملەرنى تەمىنلىگەن بولۇپ، بۇ رەسىملەرنى ئىشلەتكەندە ھەقىقەتەن كىشىگە تېخىمۇ ئازادە ۋە كۆركەم، راھەت تۇيغۇ بېغىشلايدىكەن. بىراق، ئەسلىدىكى iOS نىڭ ئەينەنلەشتۈرۈلگەن ئۇسلۇبىغا يېقىن لايىھەلەنگەن تەگلىكلەرنى ئىشلەتكەندە، ئالدى ۋە ئارقىدىكى پەرق بىر قەدەر زور بولغاچ، كىشىگە ئۇنچە كۆركەم تەسىر بەرمەيدىكەن، ھېچ بولمىسا ماڭا شۇنداق بىلىندى.

ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم كىچىك تەپسىلاتلار، مەسىلەن، ئالبومدىكى رەسىملەرنى ئۆچۈرگەندە پۇرلىنىپ ئوڭ ئاستىدىكى سېۋەتكە تاشلىۋېتىلىدىغان ئۈنۈملەر دېگەن تەپسىلاتلار iOS 7 دە چىقىرىۋېتىلگەندەك قىلىدۇ. بۇ ئۈنۈمنى مەن بەك ياقتۇراتتىم، كىشىگە تېخىمۇ ھەقىقىي تۇيغۇ بېرەتتى. بەلكىم يېڭىچە ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭمۇ مەلۇم ئارقا كۆرۈنىشى بولسا كېرەك؟

iOS 7 نىڭ ياخشى-يامانلىقى ئۇنىڭ كەلگۈسىگە باغلىق

نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، قاسراق تاشلاپ يېرىپ چىققان iOS 7 تېخى غوزەكتىن ئەمدى چىققان كېپىنەك قۇرتىغا ئوخشاش، رەسمىي نۇسخىسى كېيىنكى ئەۋلاد iPhone بىلەن تەڭ ئېلان قىلىنىدۇ. ئالتە ئاي ئىلگىرى، ئالمىنىڭ CEO سى Tim Cook ئىلگىرى iOS قا مەسئۇل Scott Forstall نى ئىشتىن بوشىتىپ، ئالمىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى Ive ۋە Federighi ئىككىيلەننى بۇ ئىشقا مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىگەن. بۇ ئىككىيلەننىڭ يۇمشاق دېتال لايىھەسى جەھەتتە ئۇنچە كۆپ تەجرىبىسى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارغا بېرىلگەن ۋاقىت پەقەت ئالتە ئاي.

شۇڭا يازمىنىڭ بېشىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، بىز كۆرۈۋاتقان iOS 7 تېخى تولۇق پۈتمىگەن بىر چالا مەھسۇلات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بەلكىم سىز ئۇنىڭ لايىھە جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلىرىدىن ئۈمىدسىزلىنىشىڭىز، ھەتتا زاڭلىق قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما ئېسىڭىزدە بولسۇن، بۇ پەقەت 6 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ چىقىلغان مەھسۇلات، ئۇلارنىڭ بۇنى پىششىقلاپ ۋايىغا يەتكۈزىشىگە يەنە ئۈچ ئاي ۋاقىت بار. ئالما شىركىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم كوزىرى، كېيىنكى جوبز دەۋرىدىكى يېڭى مەھسۇلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، iOS 7 نىڭ مۇۋاپىقىيىتى ياكى مەغلۇبىيىتى پۈتۈنلەي كەلگۈسىگە باغلىق.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئابدۇۋاھاب 2013.06.14 , 18:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەلكىم بۇ سىستىما كيىنىى ئەۋلات ئايفۇنلارغا، گۈلدەك ماسكىلىدۇ.

  2. بېغەم 2013.06.14 , 18:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۆرىۋېلىشقا بولۇدۇكى كىيىنكى ئەۋلات ئايفوننىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى 2 گېگابايت ئەتراپىدا ، مەنچە تېلفۇندىمۇ يېڭىلىنىش چوڭ بولۇشى مۇمكىن ، مۇشۇنداق بىر چوڭ يېڭىلىىشنى ساقلاپ ئايفون 5 نى ئالمىغان ئىدىم ، بۇدا چۇقۇم ئېلىش كېرەك !

  3. پەخرى 2013.06.14 , 18:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راس دەيدۇ ،بى سىسىتىمىنى مەن يىزىپ كۆرۈپ باقتىم،windows قا ئوخشاپ قاپتۇ،لىكىن بۇرۇنقى كۆرۈنمە يۇزىدىن مەنمۇ زىرىككەن ،ماڭا خىلىلا يىقىپ قالدى.

  4. ئاجايىپ 2013.06.14 , 18:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    «ئەڭ ياخشى يانفون سىستېمىسى» نىڭ ئۆلچىمى نېمە؟ نېمىسىگە iOS ئەڭ ياخشى يانفون سىستېمىسى بولغۇدەك؟ بۇ باھاغا پىكىرىم بار. :mad:

    • ئابدۇخېلىل 2013.06.14 , 20:55

      iOS نى ئەڭ ياخشى سېستىما دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، كەمچلىلك تەرىپىمۇ جىققۇ مەسىلەن كۆپ ۋەزىپە ئىجرا قىلشى ياخشى ئەمەس، كومپىيوتېردا قاچىلغان رەسىمنى تېلفوندا يۇيۇۋەتكىلى بولمايدۇ، تۇرمىدىن قاچۇرمىسىڭىز ئۆزىڭىز خالىغان ئەپلەرنى قاچىليالمايسىز تېخى جىق ئەپلە ھەقلىق، ئەنجۇرنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى كەمچىلىكى بار ئالما بىلەن ئەنجۇردە ئورتاق ساقلانغان بىر چوڭ كەمچىللىك تېلفون ئىتىك ھالەتتە ئالدىن تەڭشەپ قۇيۇلغان قوڭغىراق ( 闹钟 )سايرىمايدۇ، ھەر ئىككى سېستىما تېلفون ئۆچكەن ھامان سېستىما ھەرىكەتتىن توختايدۇ، ئالدىن تەڭشەپ قۇيۇلغان قۇڭغۇراقمۇ سايرىمايدۇ ئەمما سىلە كۆزگە ئىلمىغان نوكىيانىڭ قوللايدۇ ەم تورخۇماردىكى خېلى جىق باللا ئالمىچى باللاغۇ دەيمە ؟ ھەممە ئادەم ئۆزىدە بار كەمچىللكنى كۆرەلمىگىنىدەك ئالمىچى باللامۇ ئالما ئەڭ ياخشى دەپ ماختىنىپ يۈرۈيدۇ…

    • تورخۇمار 2013.07.12 , 21:57

      iOS نىڭ كۆپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى ياخشى ئەمەس دېگەن قاراشقا قوشۇلمايمەن، ئەكسىچە ئىنتايىن ياخشى. iOS تا 10 نەچچە تال ئەپنى تەڭ ئېچىپ قويسىڭىزمۇ تېلىفوندا ئاستىلاش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ، چۈنكى iOS سىستېما بايلىقىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، تېلىفوننىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە، Android تا بۇنداق ئەھۋال يوق، ئىچكى ساقلىغۇچ 2GB بولسىمۇ جىقراق ئەپنى ئېچىپ قويسىڭىز سىستېما كۆرۈنەرلىك ئېغىرلايدۇ. چۈنكى بۇ ئەپلەر ھەممىسى ئارقا سەپتە داۋاملىق ئىجرا بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ توغرىسىدا ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان «نېمىشقا Android سىستېمىلىق ئۈسكۈنىلەر iOS قارىغاندا راۋان ئەمەس» دېگەندەك بىر تېمىدا توختالغان، ئىزدەپ بېقىڭ. iOS نى تۈرمىدىن قاچۇرمىسا خالىغان ئەپلەرنى قاچىلىيالمايسىز، يەنە تېخى جىق ئەپلەر ھەقلىق دەپسىز. بۇ iOS نىڭ ياخشى سىستېما ئەمەسلىكى ياكى كەمچىلىكى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن مىسالمۇ؟ ئۇنداقتا ھەممە نەرسە بىكارلىق بولغان سىستېما ياخشى، ھەقلىق بولغان سىستېما ياخشى ئەمەس دېگەن يەكۈن چىقامدۇ؟ پىكرىڭىزنىڭ لوگىكىسىدا مەسىلە بار. iOS مۇكەممەل سىستېما ئەمەس، كەمچىلىكلىرى كۆپ، ھەددىدىن زىيادە يېپىقلىقى ئۇنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋەتتى، بىراق لايىھەلىنىشى جەھەتتىن ياكى ئىشلىتىشتە قولايلىق جەھەتتىن، ئۇ ھەقىقەتەن ياخشى سىستېما.

  5. پەنجىر 2013.06.14 , 19:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇماردا تېما يولىنىش ۋاقتى بەك ئۇزۇراپ كەتتىمۇ قانداق ،بۇرۇن بىركۈندە مۇقىم ئىككى تېما بارئىدى ، ھازىر يېڭلىنىشى سەل ئاستا بۇپ قالغاندەك ، بۇرۇنقى ناخشا ، كىنو ، ئۇيۇن تۇنۇشتۇرۇشمۇ سەل ئازلىغاندەك ھىس قىلدىم ، تېما يېڭلانغانمىكىن دەپ بىر كۈندە نەچچە قېتىم كىرىپ بۇلىمەن !:eek:

  6. ئۆزخان 2013.06.14 , 19:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھىم، جىق يەرلىرى ئاندىرويد دىن كەلدىمۇ نېمە؟
    ئاددىيسى ئۈستىدىن سىيرىپ بەزى بىر قوراللارنى تىزلىكتە ئىشلىتىش( قولچىراغ، سىمسىز تورنى ئىچىش، ئىتىش )
    ۋەزىپە ستونىدىن ئىجرا بولۇۋاتقان ئەپلەرنى سىيرىپ تاقىۋېتىش بۇ دەل ئاندرويد 4.0 دا قوللانغان ئۇسۇلتى؟

  7. ئىدىقۇت 2013.06.14 , 20:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇنىڭ ياخشى-يامانلىقى كەلگۈسىگە باغلىق ؟؟
    بۇ قانداق لوگىكا ؟
    ئىشقىلىپ مەن 6 دىن بىر ۋاقىتلارغىچە مېھرىمنى ئۈزەلمەيدىغاندەك قىلىمەن، چاتاق يېرى مۇنۇ ئوقەتنى سىنايمەن دەپ تۈرمىگە كىرىۋالدىمدە …

    • خىيال 2013.06.16 , 14:54

      ئوخشاش ھېسىيات:evil:

    • خىيال 2013.06.16 , 14:54

      لېكىن 快用苹果助手 نى ئىشلىتىپ بەزى مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىۋالدىم…:mrgreen:

  8. يۇسۇف1928 2013.06.14 , 21:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ‏مەن چىمۇ راسلا چىرايلق چىقىپتۇ ،
    ‏ئەمما قاتتىق دىتال تەلىپى بەك يۇقىرىكىن . تەگلىك رەسىمگە ئۆزەم نىڭ رەسىم ئامبىرىدىكى رەسىمنى تاللىسام ، ئۆ زى تەمىنلىگەن رەسىمدىكىدەك چىرايلىق چىقمايدىكىن.

  9. ياۋاغاز 2013.06.14 , 23:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    http://www.hezret.com/2102.html مۇنۇ يازمىنى كۆرۈپ بېقىڭلار، سېستىما ئەمدى بۆشۈكتىن چىقتى ، سېستىمىنىڭ ياخشى يامانلىقى ئۇنىڭ كەلگۈسىگە باغلىق ، 6 يىلنىڭ ئىچىدە بىرە قېتىممۇ ئالمىشىپ باقمىغان ئايكوننى ئالماشتۇردى، ئالما بۇ جەھەتتە يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ يېڭى ئايكوننى چىقاردى ، يېڭى چىققان بولغاچقا كىشىلەرنىڭ كۆزىگە سىغماسلىقى مۇمكىن، بىراق بىز ھازىرقىدەك كۆنۈپ قالساق يەنە بۇ سېستىمىدىن ئايرىلالمايمىز……:mrgreen:

  10. ئارسلان 107 2013.06.15 , 00:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنچە بۇ سېستىمىنىڭ ئەپلىرى كۆپ ، لىكىن ئەڭ ياخشى سېستىما ئەمەس . نۇرغۇن قولايسىزلىقلار بار بۇ سېستىمىدا ، ئالما پەقەت بىر قىسىم تەرەپلىرىگىلا يىڭىلىق كىرگۈزۈپتۇ . بىراق نۇرغۇن يەلىرى يەنىلا شۇ پېتى .

  11. ئىز باسار 2013.06.15 , 01:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالما 4كىمۇ بۇ سىستىمىنى يىڭىلىغىلى بولىدىغاندۇ؟

  12. ئەل ئۇمۇت 2013.06.15 , 11:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭمۇ ئالما 4 ئىدى تۇنۇگۇن يىڭىلاپ كۆرۇپ باقتىم سەل ئىغىر بىلىندى باشقا جەھەتتە خىلىلا ياخشى

  13. نەمۇنە 2013.06.15 , 12:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن مەنمۇ تورخۇماردىن كۆرۈپ قىزىقىپ ھاپىلا شاپىلا كۆتۈرۋىتىپ بىكادىن بىكا تۈرمىگە كىرىپ قالدىم دىسە ويلىسام جىلە بۇلىمەن بىر وبدان 6.1.2 لىق سېستىمامنى 6.1.4 قىپ قويدۇم …ھەجەپ بىررررررررر

  14. ئېسيان 2013.06.16 , 11:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    گەرچە مەندە ئايفون بولمىسىمۇ بۇرۇن ئانچە مۇنچە ئىشلىتىپمۇ باققان، بۇ قېتىمنى ئۆزگەرتىلگەن كۆرۈنمە يۈزنى كۆرۈپ ماڭا ئايفون ئاندرويىد يانفونلارغا يېقىنلىشىپ كەتكەندەكلا بىلىندى

  15. قاسىمجان 2013.06.16 , 16:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭا رەڭگى بەك قېنىق بىلىنىپ كەتتى، كەلگۈسى ئۈچ ئايغىچە قانچىلىق ئۆزگىرىدۇ تېخى قاراپ باقىلى. ئۈچ ئايغىچە ئالما بىلەن تەڭ ئاچقۇچىلارمۇ ئەپلىرىنى ios7 گە تەڭشەيدۇ.

  16. ويلىنىش 2013.06.16 , 21:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭچە ئالما شىركىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۆزگەرتىشى ناھايىتى ئاقىلانە تاللاش بولدى دەپ قارايمەن ھازىرقىدەك ھەممە ئادەم يىڭىلىققا ئىنتىلىۋاتقان دەۋىردە 6 يىل بىر خىل ئايكون ئىشلىتىش سىسىتىما مەيلى ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ كىشىلەرنى بىزار قىلىپ قويىشى مۇمكىنسىرتقى شەكلىنى بولسىمۇ ئۆزگەرتىش نۇرغۇ كىشىلەرنى قىززىقتۇرالايدۇ

  17. پەرۋاز 2013.06.17 , 01:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئالما 5 نىڭكىنى يېڭىلىغان ، ھەقىقەتەن ئېغىركەن ، تىلفۇن ئۇرۇدىغاننى باسسام كۆرۈنمە يۈزى سەل-پەل قېتىپ تىترەپ چىقىدۇ .

  18. نۇر0997 2013.06.17 , 11:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    «ئەڭ ياخشى يانفون سىستېمىسى» ?????????

  19. سەزگۈر 2013.06.25 , 17:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈنمەيدىكەن دەيدۇغۇ؟ ئەگەر راستتىنلا شۇنداق بولۇپ قالسا قانداق قىلىمىز؟

  20. مەمەتجان 2013.12.08 , 10:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشـى تىمىكـەن

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量