Apple ھەققىدىكى سىز بىلمەيدىغان 10 كىچىك ئىش
بۈگۈنكى كۈندە، Apple دۇنيادىكى ئەڭ قىززىق نۇقتىنىڭ بىرى بولسىمۇ، ۋەھالەنكى بىر قىسىم كىچىك تەپسىلاتلارنى بىلمەيدىغانلار، ھەتتا ئاڭلاپمۇ باقمىغانلار خېلى كۆپ. بۈگۈن كۆپچىلىككە Apple ھەققىدىكى 10 كىچىك ئىش ھەققىدە ئازراق سۆزلەپ بېرەي.
1. ئالمىنىڭ كۆرۈش تور پەردىسى ئېكرانىنى ئەمىلىيەتتە SAMSUNG ياساپ بېرىدۇ.
2. ئالما كومپيۇتېرىغا يېقىن ئولتۇرۇپ تاماكا چەكسىڭىز، كومپيۇتېرنىڭ سېتىۋېلىشتىن كېيىنكى ئاسراش مۇلازىمىتى ئەمەلدىن قالىدۇ.
3. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى Apple خىزمەتچىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 80000 دىن ئاشىدۇ.
4. ئالمىنىڭ باش شىتابىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق مائاشى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 125000 ئامېرىكا دوللىرى.
5. 2012-يىلىدا، ئالما ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 340000 دانە iPhone ساتقان.
6. ئالما شىركىتىنىڭ ھېسابىغا ھەر مىنۇتتا كىرىدىغان پۇل 3 مىليون ئامېرىكا دوللىرى.
7. ئالمىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى بىرلىكتە قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بارلىق پايچېكىنى 800 ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋەتكەن، شۇ پايچەكلەر ھازىر بولغان بولسا 35 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يارايتى.
8. Siri غا دېگەن ھەر بىر جۈملە گېپىڭىز ھەممىسى ئالما شىركىتىنىڭ مۇلازىمېتىرىغا يوللىنىپ ئانالىز قىلىنىدۇ ۋە ساقلىنىدۇ.
9. ئالمىنىڭ ھازىر نەق پۇلى ئامېرىكا مالىيەسىنىڭكىدىن كۆپ
10. ئالمىنىڭ iPhone سىنىڭ سېتىلىش مىقدارى مىكروسوفتنىڭ ھەرقانداق بىر مەھسۇلاتىنىڭكىدىن كۆپ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، خەۋەر
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,831 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: s-apple.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Siri غا ئاۋاز بەرگەن ئايال
- كېيىنكى يازما > ياپونىيە ھەققىدىكى 15 كىچىك ئىش
- ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- «چوشقا-قوي»نىڭ سىرى
- توخۇ پاچىقىدىنمۇ تەملىك كېسەكمىدۇ؟ ھىندىستانلىق ئەر كۈنىگە ئۈچ كىلو خام كېسەك يەيدىكەن
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
- ئامېرىكا ھۆكىمىتىنىڭ تاقىلىپ قېلىشى قانداق ئىش؟
iphoneنىڭ باھاسى ھەرقانداق ئىلىكتىرون ماركىسى بىلەن سېلىشتۇرسىڭىزبازار باھاسى ھەممىدىن تۇراقلىق ئەمما سېتىۋالاي دىگەندە يانچۇقتىكى پۇل…….
جوبىس ئەينى چاغدا مۇدىريەتتىكىلەرنىڭ تىل بىرىكتۈرۋېلشى سەۋەبىدىن ،ئۆزى مىڭ بىر جاپادا قۇرغان ئالمىدىن ھەيدەلگەن، ھەمدە يېڭى بىر شىركەت NEXTنى قۇرۇپ چىققان
پىكسار نى قۇرغاندەك ئىسىمدە باغۇ؟ ( مەنغۇ ئۇنۇتقاق بوپ قالدىم ئەمدى )
مەنمۇ ئاشتاراق كۆگەن ، جوبىسنىڭ دىيىشىچە مىكروسوفىت ئالمىنى بەك بۇزەك قىپتۇمىش، جوبىس ئۆزى باش بۇلۇپ ياساپ چىققان Macintoshسېستىمىسى، يەنە ھازىرقى Macسېستىمىسى ئىلان قىلىنىپ ئۇزاققا قالمايلا ، مىكروسكوپ كۆزنەك سېستىمىسىنى ئىلان قىپتۇ ، ئەينى چاغدا كۆزنەك ئالمىنىڭ سېستىمىسىغا ئاجايىپ ئوخشايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن جوبىس گەيتىسكە تېلفۇن قىلىپ ۋۇ يۈزى قېلىن كۈچۈرمىچى دىگەندەك گەپلەر بىلەن خېلى تىللايدۇ ، مەيلى كۈچۈرسۇن كۈچۈرمىسۇن، كىيىنچە ئالما ئۆزىنىڭ سېستىمىسى توغرۇلۇق خېلى كۆپ پاتنىت ئىلتىماس قىلىۋېلىپ ئۆز مەھسۇلاتنى قانۇن بۇيىچە قوغداش جەھەتتە خېلى كۈچەيدۇ،شۇنىڭ بىلەن كۆزنەك سېستىما بىلەن ئالمىنىڭ پەرقى بارغانسىرى چوڭيىپ كىتىدۇ ، ھەي ئالما …
جوبىس نىڭ كىنوسىنى كۆرۈڭلار، بىر تەۋسىيە، مۇشۇ يىل ئىشلەندى، سۈزۈك نۇسخىسى ئىلان قىلىنىپ بولدى، مۇشۇ ئالما شىركىتى توغرىسدىكى خېلى جىق ئىشلارنى بىلگىلى بولىدىكەن!!
مەن بىلىدىغان كىچىك ئىش،
ئالما مەھسۇلاتى ھەم سىپتا ھەم كۆركەم،
ھەم قىممەت
ئالما يانفۇنى ۋە سېستىمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى سۆزلەنگەن pdf شەكىللىك كىتاپ بارمىدۇ ..
بار، مەن توردىن بىر پ د ئېف كىتاب چۈشۈرۈپ قويغان، 0 دىن باشلاپ ئۆگىتىدىكەن. كۆرۈپ باقاي دېسىڭىز يوللاپ بېرەي. خەت ساندۇقىڭىزنى قالدۇرۇڭ ياكى ماڭا ئېلخەت يوللاڭ:
abdurexit3005@163.com
تەشەككۇر … .. borezade@hotmail.com
ئالمىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ھەقىقەتەن ياخشى بىراق باھاسى بەك قىممەت ئايفوننىڭ ياسىلىش تەنەرخى ئاران 1200ئەتراپىدا ئىكەن.بىراق زاۋۇتتىن چىقىپلا بەش ئالتە مىڭغا چىقىدۇ…
نىم دەيدىغاندۇ . ئىچىدىن 100 كويلۇق تۆمۈ تەسەك چىقامدا ئۇنىڭ . تىخنىكا پۇل ھازىر . قاپاق پۇل ئەمەس باراڭ پۇل دەيمە
يا ئاللا پۇل دېگەننى بىكاغا بەگەندەك توننىلاپ تاپىدىغان خەخكىنا بۇ… سىكونتىغا 3مىليوندىن پۇل تاپقىلى تۇرسا پۇل ياسايدىغان زاۋۇتلارمۇ ئۇلارغا پۇل ياساپ يېتىشتۇرپۇلالمامدۇ نېمە..؟
9-رەسىم 绝命毒师نىڭ رەسىمىگە ئوخشايتىكەن
پۇل دىگەننى شۇنداق تاپىدىكەن . لېكىن قۇرغۇچىسى ھەجەپ بىل گايتىستەك باي ئەمەسقۇ
دىگىنىڭىزمۇ ئۇرۇنلۇق ، لىكىن مىكرو سوفىت خېلى بۇرۇن قۇرۇلغان شىركەت ، شىركەت دارامەتلىرىنى قانداق بۈلۈشىش توغرىسىدا ئون نەچچە يىل بۇرۇنلا ئېنىق توختام تۈزىۋاغان بوغاچقا مىكرو سوفىت گەرچە پۇلنى ئالمىدەك كۆپ تاپمىسىمۇ ، لىكىن ئەينى چاغدىكى شىركەت قۇرغۇچىللرىنىڭ گايتىس دىگەندەكلەرنىڭ يانجۇقىغا كىرىدىغان پۇل كۆپ قىسىمىنى ئىگەللەيدۇ ، شىركەتكە كىيىن قۇشۇلغانلارغا پايدا دارامەتنى جىق بۈلۈپ بەرمەيدۇ ، لىكىن ئالمىنىڭ پايدا دارامەت بۈلۈش سىياسىتى مىكروسوفىتقا ئوخشىمايدۇ ، يۇقىرى مۇئاش بىلەن تالانتلىقلارنى ئۆزىگە تارتىش بىلەن بىرگە ئالمىنىڭ تەمىناتى ئالاھىدە ياخشى ، ئۆزىگە ئەگىشىپ ماڭغان خىزمەتچىلەرنى ھەقىقى رازى قىلىدۇ ، شۇڭا ئالمىدا لوبەنمۇ باي خىزمەتچىمۇ باي ، مىكروسوفىتتا گايتىس بەكراق باي خىزمەتچى بوشراق باي ، بۇمۇ مىكروسوفىتتىكى تالانتلىقلارنىڭ ھە دىسە ئالمىغا ئۆزىنى ئېتىشىدىكى سەۋەپ
بىلمىىگىدەك يېڭى خەۋەر ئەمەسقۇ بۇ، نىمە 10 (چوڭ ئىش )كىن دەپ تىمەن….