«چوشقا-قوي»نىڭ سىرى
يېقىندىن بۇيان تور ۋە ئۈندىداردا تارقىلىپ يۈرگەن قويغا ئوخشاش يۇڭلۇق چوشقا سۈرەتلىرى ۋە شۇنىڭغا ئەگەشكەن قانداقتۇر قوي گۆشى دەپ سېتىلىدىغان ھارام گۆشلەرنىڭ بازارغا كىرگەنلىكى، بۇنىڭدىن ھەممەيلەننىڭ ھەزەر ئەيلىشى كېرەكلىكى ئۈستىدىكى خەۋەرلەر دېققىتىمنى تارتتى. تۈنۈگۈن بۇ گەپنىڭ يالغان ئىكەنلىكى ھەققىدىكى يەنە بىر يازمىنى كۆردۈم ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغانلىقىنى ئاڭلىدىم. بۈگۈن ئالدىراشچىلىقتىن ۋاقىت چىقىرىپ بۇ خىل «قوي سۈرەتلىك چوشقا» دىن ئىبارەت غەلىتە مەخلۇقنىڭ سىرى ئۈستىدە ئازراق چۈشەنچە بېرەي دېدىم ۋە مۇناسىۋەتلىك بىر ئېنگىلىزچە خەۋەرنى سۇنۇش ئارقىلىق بۇ ئىشنىڭ سىرىنى كۆپچىلىككە بىلدۈرىمەن.
ئالدى بىلەن 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەنگىلىيە «كۈندىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك ماقالىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرايلى:
http://www.dailymail.co.uk/news/article-1266440/The-sheep-pig-pulling-wool-everybodys-eyes-.html
لەپ قاراشقا يۇڭلۇق چاپان كەيگەندەك كۆرۈنىدىغان بۇ مەخلۇقنى قوي دەپ قالغانلارنى كەچۈرۈشكە بولىدۇ. ئەمما سىنچىلاپ قارىسىڭىز بۇ ئاز ئۇچرايدىغان سورتتا چوشقىنىڭ بۇرنى ۋە پۇتى بارلىقىنى بايقايسىز. قارىماققا غەلىتە تۇيۇلغان بىلەن، بۇ ئەمەلىيەتتە ئەنگىلىيە ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئىلىپ كېلىنگەن ئۈچ تۇياق «ماڭگالىتزا قوي-چوشقا» لىرىنىڭ بىرىدۇر.
ھايۋانلار تۈرلىرىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پروگراممىسىنىڭ ياردىمى بىلەن، ئېسىكىس (لوندوننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر ناھىيە) «تروپىك قاناتلىرى» ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى خادىملار بۇ سورتنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاۋىستىرىيە ۋە ۋېنگىرىيەدىن كىلىپ چىققان «ماڭگالىتزا» ئەنگىلىيەدە 40 يىللار بۇرۇن يوقىلىپ كەتكەن يەرلىك سورت «لىنكولىن بۈدرە يۇڭلۇق» چوشقىسىغا ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
«دەسلەپ قارىغاندا، كىشىلەر ئۇلارنى قويكەن دەپ ئويلاپ قالىدۇ» دەيدۇ – «تروپىك قاناتلىرى» ھايۋاناتلار باغچىسى تەربىيە پائالىيىتى تەشكىللىگۈچىسى دېنىس كوكىس:
«كىشىلەر ئەتراپقا سەپسېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن بۇرۇنلىرى ۋە يۈزىنى كۆرمىگىچە خاتا ئويلاپ قالىدۇ».
«ئۇلارنىڭ يۇڭى بۇ چوشقىلارنى ناھايىتى چېدامچان قىلىدۇ ۋە ئۇلار كەلگەن ئاۋىستىرىيە ۋە ۋېنگىرىيەنىڭ سوغۇق قېىشىغا ماسلىشىشىغا يارەم بېرىدۇ»
«ياز كۈنلىرى بولسا ئۇلارنى كۈن نۇرىدىن كۆيۈپ كېتىشتىن ساقلايدۇ»
ئەينى ۋاقىتلاردا «قوي-چوشقا»لارنى كۆرۈش لىنكولىندا ئادەتتىكى بىر كۆرۈنۈش بولۇپ، ئۇلار يىلدا بىر پوپايكا توقۇش ئۈچۈن قىرقىلاتتى، ئەمما 1972-يىلى ئۇلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتى.
1900-يىللارنىڭ باشلىرىدا نۇرغۇنلىغان ئەنگىلىيە لىنكولىن بۈدرە يۇڭلۇق چوشقىلىرى ئاۋىستىرىيە ۋە ۋېنگىرىيىگە سېتىلغان بولۇپ، ئۇلار شۇ جايلاردا ماڭگالىتزا چوشقىسى بىلەن چاڭلاشتۇرۇلغان ۋە لىنكولىنىستا سورتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
ئۈچ يىل ئىلگىرى ئاۋىستىرىيىدە ناھايىتى ياخشى يەرلەشكەن بۇ چاڭلاشما چوشقىلار بىر توپ شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئەنگىلىيەگە ئاز بىر قىسمى ئېلىپ كىلىنىگەن.
ئەمدىلىكتە بۇ چاڭلاشما سورتنىڭ ئەۋلادلىرى نەسلى قۇرۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش پروگراممىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئېسىكىسقا كەلتۈرۈلگەن. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى 1000 فوندېستىرلىڭغا يارايدىغان بولۇپ، ئادەتتىكى چوشقىلاردىن بەش ھەسسە قىممەت. ئۇلار مېۋە يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
……………………………………
شۇنداق، ئۈستىدىكى سۈرەتتە كۆرۈنگىنى ھەرگىزمۇ بىر قوي بولماستىن چوشقا ۋە بۇلار ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان نەسلى قۇرۇش گىردابىدىكى سورت بولغانلىقى ئۈچۈن باھاسىمۇ ناھايىتى قىممەت. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق قىممەت چوشقىلارنىڭ گۆشى بازارغا قوي گۆشى دەپ سېلىنىشىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.
شۇنى ئېنىق بىلىۋىلىشىمىز كېرەككى، بۇ ھەرگىزمۇ قوي بىلەن چوشقا چاڭلاشقانلىقتىن كىلىپ چىققان يېڭى تۈر ئەمەس، بەلكى ئەزەلدىن بار بولغان كەم ئۇچرايدىغان چوشقا سورتىدۇر. بىئولوگىيىلىك نۇقتىدىن ئالغاندا، چوشقا بىلەن قوي بىر-بىرىگە يېقىنمۇ كەلمەيدىغان تۈرلەردىن بولغاچقا ئۇلارنىڭ چاڭلىشىپ ئەۋلاد قالدۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس. بىز بىلىدىغان خىچىر بىر چاڭلاشما ھايۋان بولۇپ، ئۇلار ئات بىلەن ئېشەكنىڭ چاڭلىشىشىدىن مەيدانغا كەلگەن. بۇ ئىككى تۈر گېنتىكىلىق جەھەتتىن ناھايىتى يېقىن بولۇپ، بىرىدە 62 تال، يەنە بىرى دە 64 تال خىروموسوم بار بولغاچقا، خىچىردا 63 تال خىروموسوم بولىدۇ، ئەمما ئەركەك خىچىرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى يوق ياكى ئىنتايىن ئاجىز (ئامېرىكا كالورادو شىتاتىدا بىر ئەركەك خىچىرنى چىشى خىچىر بىلەن جۈپلىشىپ ئەۋلاد قالدۇرغانلىقى DNA ئانالىزى ئارقىلىق ئىسپاتلانغان). چوشقا بىلەن قويغا قارايدىغان بولساق، چوشقىنىڭ جەمئىي 38 تال خىروموسومى بار، قوينىڭ بولسا 54 تال خىروموسومى بار بولۇپ بۇ ناھايىتى چوڭ پەرقتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا چاڭلىشىش ئۈچۈن ئىككى جانلىقنىڭ (ھايۋاننىڭ) تۇخۇم ۋە ئىسپىرما ھۈجەيرىلىرى بىرلىشىپ زېگوتا (ئۇرۇقلانغان تۇخۇم) ھاسىل قىلىشى شەرت. ئۇرۇقلنىش يۈز بېرىشى ئۈچۈن ئىسپىرما ھۈجەيرىسى تۇخۇم ھۈجەيرىسىگە يېتىپ بارغاندا تۇخۇم ھۈجەيرىسى سىرتىدىكى ZP قەۋىتى دەپ ئاتىلىدىغان ھۈجەيرە پوستىدا ئىسپىرمىنىڭ ماس ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرىدىغان بىر مىخانىزىم بار بولۇپ، ئەگەر ئوخشاش تۈرنىڭ ئىسپىرمىسى بولمىسا، تۇخۇم ھۈجەيرىسى بۇ ئىسپىرمىنى ھەرگىز ئىچىگە كىرگۈزمەيدۇ ۋە ئۇرۇقلىنىش يۈز بەرمەيدۇ. چوشقا بىلەن قوينىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىمۇ قەتئىي ئوخشىمايدىغان بولۇپ، قوي كۆشىگۈچى ھايۋانلارغا تەۋە، ئەمما چوشقا بۇ تۈردىكى ھايۋانغا تەۋە ئەمەس. ھەتتا، چوشقا بىلەن قوينىڭ تۆرەلمە يېتىلىش جەريانى ۋە بالياتقۇسى قەتئىي ئوخشىمايدىغان بولۇپ، بىرىنىڭ بالىياتقۇسىدا يەنە بىرىنىڭ ھايات قېلىشى مۇمكىن ئەمەس. خۇلاسىلىسەم، قوي بىلەن چوشقا چېتىشىپ ھاسىل بولغان جانلىق مەۋجۇت ئەمەس.
ھازىرچە بۇنى مۇشۇنداق قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ تۇراي. مۇشۇ ئىشتا گاڭگىراپ ئەنسىرەپ قالغان قېرىنداشلارنىڭ ئىشنىڭ تىگى-تەكتىنى بىلىۋىلىشىىنى ۋە يالغان-ياۋىداق ئەپسانىلەرگە ئىشەنمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن بىلگەجان يازمىسى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: خەۋەر، ھايۋانات، يېمەكلىك
- يازمــا مەنبەســى: ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن بىلگەجان تەرجىمىسى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,534 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 05-ئاينىڭ 22-كۈنى
- يازما مەنزىلى: pig-sheep.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كىم جوڭئۇن كۆرۈشنى خالىمايدىغان چاۋشىيەن ساياھەت خاتىرىلىرى
- كېيىنكى يازما > كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- توخۇ پاچىقىدىنمۇ تەملىك كېسەكمىدۇ؟ ھىندىستانلىق ئەر كۈنىگە ئۈچ كىلو خام كېسەك يەيدىكەن
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- ھايۋاناتلار ھەققىدە سىز ئاڭلاپ باقمىغان قىزىقارلىق 10 ئىش
- يۇمۇرلۇق ھەم ئازراق تەنە تۈسىنى ئالغان ئۆزگىچە كارتون فىلىم – Roadkill Redemption
- ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەر ئۈچۈن، ئەمدى بولكىنى ئاز يەڭ
- ئامېرىكا ھۆكىمىتىنىڭ تاقىلىپ قېلىشى قانداق ئىش؟
ۋاي توۋا ماۋۇ ئىشنى كۆرۈڭ، ئەسلى مۇنداق ئىشكەندە. مەنمۇ ئىلگىرى بۇنداق تۈرنىڭ ئەسلىدىلا بارلىقىنى بىلمىگەچ خاتا چۈشۈنۈپ قاپتىكەنمەن. ئەمدى بېلىۋالدىم..
ئەسلىدە بۇ مۇنداق ئىكەندە ….
بەزى ئادەملەر بۇنى قوي بىلەن چوشقىنىڭ چاڭلاشتۇرغىنى دەپ گەپ تېپىۋاپتىكەن ….
زادى كۆرگەننىڭ ھەممىگە ئىشەنمىگۈلۈك
توۋا مۇشۇنداقمۇ ئش باكەن دىسە
5 مىنۇتنىڭ ئالدىدا كىرسەم يوقتى بۇ تىما بىر يىڭىلسام پەيدا بوپ تىكەن . دىۋاندا ئوتتىراپ بىر سۆزلەپ قوياي دىسەم …. ؟خەخ ئوتتىرۋاپ بوپتۇ…..
بۇ تېمىنى يېزىپ ياخشى قىپسىز ، ھازىر نۇرغۇن كىشلەر يالغان گەپنى «كاسىسىغا ئۇرۇپ»لا تاپىدىغان بولۇپ كەتتى ، ئۆزى ياقتۇرمىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى «يامان»غا چىقىرىۋېتىدۇ ، يەنە تېخى نۇرغۇن «چالا موللام »لار بار تېخى، ئۇلارنىڭ ئىشىنى دەپ كەلسە گەپ تولا . قورسىقىدىكى «ئوماچ»نىڭ تايىنى يوق ، سەپسەتەلارنى تارقىتىشقا ئامراق ، مەن بىر فىزىكا ئوقۇغۇچىسى ، ھەرقانداق ئىش قىلسام ئىلمىي يۇسۇندا تەھلىل قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن ، ھەم مەن ئۆزۇم ئاسترونومىيەگە قىزىقىمەن ، شۇڭا ھازىرقى جەمئىيەتتىكى بەزى پاراڭلارغا كۈلۈپلا قويىمەن خالاس. ئەلۋەتتە ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇمۇشلۇق ئەمەس ، بەزىلىرى شۇ ئاشۇنداق سەپسەتەلەرگە ئىشىنىپ قالىدۇ .
بۇ ئىشتىمۇ ماسونلار خېلى يامان كەپتۇ ھە
ئىنكاسىڭىزغا چۇشەنچە بەرگەن بولسىڭىز مەنمۇ بىلىۋالسام دىگەن ئۈمۈدتە
لىكىن چوشقىنى ئىمىپ چوڭ بولغان قويلار بارمىش ؟ بۇراسمۇ سىلەرچە
مۇشۇ يالغان ئۇچۇر بىلەن پىتنە – ئېغۋا تارقىتىدىغان ئادەملەر زادى قانداق ئادەملەردۇر دەيمەن . جۇڭگونىڭ پالانى ئۆلكۈسىنىڭ پۇستانى ناھايىسىدە مۇشۇنداق چېتىشتۇرىدىكەن دەپ كېتىدىكەن خۇددى راستەكلا تەپسىلىي قىلىپ . توۋا ….
يالغان ئۇچۇر تارقىتىپ خەلقنى بىكاردىن «ھاياجان»غا سالىدىغان نېمىلەرنى بىر يەرگە يىغىپ زادى ….
نىەىلان بولسۇن ئۇ چوشقا ئىكەن ئۇيغۇر ئېلىمىزغا يېقىن يۇلىمىغان ياخشى!!!
يالغان گەپلە بەك جىق جەمئىيەتتە،بەزىدە يالغانلىقىنى بىلسىمۇ گەپلە كۆپەيگەنسىرى ئادەم قايمۇقۇپ قالىدىكەن.
ۋايئاللاھ ئىشەن گىلى بولاما ؟؟؟
ھازىر قوينى جىقراق بىقىپ ئۆزىمىز سۇيۇپ يىگىنىمىز ياخشى ، خەقتە ئىمان بەك سۇسلاپ كەتتى ، باشقا ھايۋاننىڭ گۆشىنى قوي گۆشى دەپ كاۋاپ قىپ ساتىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس ،
ئوخشاش كۆز قاراش.
راسلام كەينىدىن قاراشقا قويغا ئوخشايدىكە بۇجانۋا ،
ھەر نىمىلەرگە مۇلاھېزە قىلىپ ئىشەنسەك بۇلىدىكەندە!!!!
81 ياشلىق: ئابدىغۇپۇر ئەبەيدۇللام. ( 2015 _5- 30_ كۈنى.