ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەر ئۈچۈن، ئەمدى بولكىنى ئاز يەڭ
بولكا مەيلى سەپەردە بولسۇن، ياكى ئالدىراش، يېمەكلىك قىس ۋاقىتلاردا بولسۇن، ناھايىتى ئوبدان ئەسقاتىدىغان يېمەكلىكنىڭ بىرى. بولۇپمۇ ئەتىگەنلىكى ناشتىغا بولكا ئىستېمال قىلىدىغانلار خېلى كۆپقۇ دەيمەن. ئۇنداقتا تۆۋەندىكى پارچىلارغا قۇلاق سېلىڭ.
ياپونىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرى: ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بولكا تەركىبىدە يۇقىرى دەرىجىدىكى خەتەرلىك ئېلىمېنتلار بولغان بىر خىل يېمەكلىك ئىكەن. سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك:
- 98% جىنايەتچى ئىلگىرى بولكا يەپ باققان ئىكەن.
- ئادەتتە بولكا يەيدىغان بالىلار ئىچىدە، يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ نەتىجىسى ئوتتۇرىچە نەتىجىدىن تۆۋەن تۇرىدىكەن.
- 90% زوراۋان قاتىللىق دېلولىرى، شۇ ئادەم بولكا يەپ 24 سائەت ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىكەن.
- بولكا خۇمار قىلىش تىپىدىكى زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. تەجرىبە قىلىنغۇچىغا بولكا بىلەن سۇ بېرىلگەندىن كېيىن، ئەتىسى ئۇنىڭغا پەقەت سۇلا بەرگەن. تەجرىبىدىن ئىككى كۈندىن كېيىن، تەجرىبە قىلىنغۇچىدا بولكىغا بولغان كۈچلۈك تەقەززالىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان.
- بوۋاققا بولكا يېگۈزگەندىن كېيىن، بوۋاقتا گال قىسمى قاتتىق ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن.
- 18-ئەسىردە، ھەر بىر ئائىلىدە بولكىنى ئۆزى پىشۇرۇپ يەيدىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئارانلا 50 ياش بولغان.
- بولكا يېگەن ئامېرىكىلىقلار ئىچىدە، ئاساسەن ھېچكىمنىڭ بىر مۇھىم تەتقىقات نەتىجىسى يوق ئىكەن.
- تەجرىبە ئوبېكتى قىلىنغان 100 كىشىگە بىر تال بولكا بېرىلىپ بىر ئايدىن كېيىن، بۇ 100 كىشىدىن پەقەت بىرسىلا ھايات قالغان.
خاتىمە:
بۇ گەپلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن يەنە بولكا يېگۈڭىز كېلىۋاتامدۇ؟ ئۆزىمىزنىڭ سىڭىشلىك نانلىرى چوقۇم بولكىدىن قۇۋۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئەمدى ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن بولكىنى ئاز يەڭ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: يېمەكلىك
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,114 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
- يازما مەنزىلى: bread-disadvantages.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > [پارول] غەرپكە ساياھەتنىڭ سىلەر كۆرۈپ باقمىغان قىسىملىرى
- كېيىنكى يازما > دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ماشىنا – يىگىتلەرنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ چوڭ ئارمانلىرىنىڭ بىرى
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- «چوشقا-قوي»نىڭ سىرى
- توخۇ پاچىقىدىنمۇ تەملىك كېسەكمىدۇ؟ ھىندىستانلىق ئەر كۈنىگە ئۈچ كىلو خام كېسەك يەيدىكەن
- سىرلىق كىچىك سېھرىگەرلىك – مەڭگۈ تۈگىمەيدىغان شاكىلات؟ بۇنىڭدىكى مەخپىيەتلىكنى ھېس قىلالىدىڭىزمۇ؟
- يېمەك -ئىچمەك مەسىلىسى كۆز ئالدىمىزغا تاشلانغان تەخىرسىز مەسىلە
- بىر تەرەپتىن ئويۇن ئوينىغاچ بىر تەرەپتىن ھامبۇرگ بولكىسى يېگىلى بولىدىغان قۇرۇلما
- تولا غەۋغا قىلمىسۇن، بولكاڭنىمۇ چانايمەن! يېمەكلىكلەرنىڭ توغرا كەسمە يۈزىنى كۆرۈپ باقىلى
- دۇنيادىكى ئەڭ ئورۇق ئىسكىلىت قىزچاق! ھەقىقىي بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قېلىش دېگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ!
- كولا ئىچمەي ئۆمرىڭىز ئۆتەمدۇ؟ | مەن ۋە سىز ئامراق ئەشۇ كاربونلۇق ئىچىملىكلەر ھەققىدە يېڭى گەپلەر
- دۇنيادىكى ئەڭ قاتىل قول چىراق – توخۇ كاۋىپى يېگۈمىز كەلسە مۇشۇ قول چىراققا قاقلىساقلا بولغۇدەك!
ئۆز نانلىرمىزغا نىمە يەتسۇن !
مۇشۇ بىر نېمىگە كېلىدىغان گەپمىدۇ ھە
1،2،3،6،7،8 ھەممىسى قۇرۇق گەپكەن .
8_سى يۇمۇركەنغۇ؟ بىر ئايدا پەقەت بىر تال بولكا بەرسە ئاچلىقتىن ئۆلمەمدۇ ھەر كىشى؟
ئەمدى قورساق ئاچىقاندا ئامال يوق يەمىزدە،تىخى گايدا شۇ بولكىمۇ يوق تىخى
ھازىر خېلى كۆپ مەكتەپلەردە بالىلارغا كۈندە بولكا يېگۈزىدۇ. قايسى بىر تور بىكىتىدە لېزىن قوشولغان بولكا بوي ئۆستۈرىدۇ دەپتىكەن . مۇۋاپىق تەڭشەپ يىيەلىسە پايدىسىمۇ بوپ قالار……
ھەممىسى يۇمۇركەن
پو نان يىگەندىن ھورنان يىگەن ياخشى باللا
8-سى ھەقىقەتەن يۇمۇركەن. بولكا سىنىقى ئۈچۈن 99 ئادەمنى ئۆلتۈرگەندىكىن..
بۇنداق دەپ كەلسە ، يەرشارىدا ياشىماسلىق لازىم .
1- يەرشارىدا ياشىغانلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرى ئەجىلى تۇشقاندا ئۆلۇپ كېتىدىكەن .
2- سۇ ئىچمەسلىك لازىم ، چۇنكى ….
بولكا يېگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى راست شۇنداق يۇقىرمىكەن….. ئۇنداقتا ھازىر بىر قىسىم مەكتەپلەردىكى ناشتىلىقىغا بولكا بېرىلىپ ئوقۇتۇلغان بالىلار چوڭ بولسا چاتاقمۇ نېمە؟
مەن بۇ بولكىغا بەك ئامراق ئىدىم ئەمەسمۇ…..مېنىڭچە بۇ مۇتلەخ بۇلىدىغان ئىش ئەمەس دەپ قارايمەن.ئەگەر بولكا شۇيامان ئىشلارغا سەۋەپچى بولسا، بولكا دۇكانلىرى تاقالسا بۇلىدۇ.
ئۆزىمىزنىڭ سىڭىشلىك نانلىرى چوقۇم بولكىدىن قۇۋۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
…. چوقۇم ….. مۇمكىن. بۇ قانداق گەپ؟ بۇ پىستان چاقىدىغان گەپ بوپتۇ.
ئانام ياققان ،ئاشۇ ناننى
ئاشۇ ناننى سىغىندىم ،
مەن ئىنكاسىغا ‹مازكەن›نى باسقانلارنىڭ ھەممىسى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆلۈپ كېتىدىكەن. لول لول لول
ھە راست، ماۋۇ ئىنكاسقا سازكەننى باسمىغانلارمۇ ئۆلۈپ كېتىدىكەن جۇمۇ
ھەجەپ مەن بولكا يىمىسەممۇ نەتىجەم ئوتتۇرىچە بولاتتىيا:arrow: !؟،،،ھەي…بۇيۇمۇرلارغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى،قىززىق بولسا كۈلەي دىگەن تېخى…. مېنىڭ مۇشۇ گەپلەرنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر يەپپاققۇم كېلىۋاتىدۇ(كىم بىلىدۇ مەنمۇ ئاۋۇ99نىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالامدىم)
ئۇيغۇرلار نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى نان يەپ كېلىۋاتىدۇ، لېكىن ھامىنى ئۆلۈپ قېلىۋاتىدۇ، ئەمدى سىز نان يېيىشكە جۈرئەت قىلالامسىز؟
نان يەپ چوڭ بولغانلاردىن نوبىل مۇكاپاتى ئالىدىغانلار چىقماپتىكەن. ئەمدى سىز نان يىمەڭ
ئىشقا يارىمايدىغانلارنى نانقېپى (نانلا يەيدىغان) دەپ تىللايدىغان ئىش بارغۇ -ھە؟!
يەنە قارشىسىمۇ بار ئىشنى ئوبدان قىلالمىسىمۇ نان يىمەس دەپ تىللاپ قويىمىز
ئىشقىلىپ نان يەپ بىر ئىش چىقمايدىكەن. بولكىلا يەپ بىر ئايدىن كېيىن كېتىدىغان ئىشمۇ يا-ھە!