دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ماشىنا – يىگىتلەرنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ چوڭ ئارمانلىرىنىڭ بىرى
ئىلگىرى توردا مۇنداق بىر گەپ كۆرگەن. «ئوغۇلبالىنى بەك مۇرەككەپ ئويلىۋالماڭ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا لازىملىقى پەقەت بىر كۆڭلىكىدەك قىز بىلەن ماشىنا.» ئاۋال قىزبالا دېگەن بۇ ئۇقۇمنى چىقىرىۋېتىپ تۇرساق، ماشىنا ئەلۋەتتە ھەر بىر ئوغۇلبالىنىڭ ئارمىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن بىرگە دۇنيادىكى ئەڭ تېز ماشىنىلارنى كۆرۈپ باقايلى، شارائىت بولسا ھەيدىگىلى نېسىپ بولۇپمۇ قالار…
1. Koenigsegg Agera R
ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى: 439.35 كىلومېتىر/سائەت؛ 0 ~ 100 كىلومېتىر/سائەتكە چىقىش ۋاقتى: 3 سكونت.
2. Bugatti Veyron Super Sport
ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى: 431.072 كىلومېتىر/سائەت؛ 0 ~ 100 كىلومېتىر/سائەتكە چىقىش ۋاقتى: 2.6 سكونت.
3. SSC Ultimate Aero TT
ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى: 411.72 كىلومېتىر/سائەت؛ 0 ~ 100 كىلومېتىر/سائەتكە چىقىش ۋاقتى: 2.8 سكونت.
4. Bugatti Veyron
ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى: 407 كىلومېتىر/سائەت؛ 0 ~ 100 كىلومېتىر/سائەتكە چىقىش ۋاقتى: 2.5 سكونت.
5. Koenigsegg CCXR Edition
ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى: 402.33 كىلومېتىر/سائەت؛ 0 ~ 100 كىلومېتىر/سائەتكە چىقىش ۋاقتى: 3.1 سكونت.
6. Ferrari FXX
ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى: 391 كىلومېتىر/سائەت؛ 0 ~ 100 كىلومېتىر/سائەتكە چىقىش ۋاقتى: 2.8 سكونت.
7. Koenigsegg CCR
ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى: 387.85 كىلومېتىر/سائەت؛ 0 ~ 100 كىلومېتىر/سائەتكە چىقىش ۋاقتى: 3.2 سكونت.
8. McLaren F1
ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى: 386 كىلومېتىر/سائەت؛ 0 ~ 100 كىلومېتىر/سائەتكە چىقىش ۋاقتى: 3.2 سكونت.
9. Pagani Huayra
ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى: 370 كىلومېتىر/سائەت؛ 0 ~ 100 كىلومېتىر/سائەتكە چىقىش ۋاقتى: 3.3 سكونت.
10. Gumpert Apollo Sport
ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى: 360 كىلومېتىر/سائەت؛ 0 ~ 100 كىلومېتىر/سائەتكە چىقىش ۋاقتى: 3 سكونت.
11. Rapier Superlight Coupe
ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى: 357.27 كىلومېتىر/سائەت؛ 0 ~ 100 كىلومېتىر/سائەتكە چىقىش ۋاقتى: 3.2 سكونت.
12. Aston Martin One-77
ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى: 354.067 كىلومېتىر/سائەت؛ 0 ~ 100 كىلومېتىر/سائەتكە چىقىش ۋاقتى: 3.7 سكونت.
13. Pagani Zonda S 7.3
ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى: 354 كىلومېتىر/سائەت؛ 0 ~ 100 كىلومېتىر/سائەتكە چىقىش ۋاقتى: 3.7 سكونت.
14. Lamborghini Aventador LP700-4
ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى: 350 كىلومېتىر/سائەت؛ 0 ~ 100 كىلومېتىر/سائەتكە چىقىش ۋاقتى: 2.9 سكونت.
15. Mercedes-Benz McLaren SLR Stirling Moss
ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى: 350 كىلومېتىر/سائەت؛ 0 ~ 100 كىلومېتىر/سائەتكە چىقىش ۋاقتى: 3.5 سكونت.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئاپتوموبېل، سۈرئەت، ماشىنا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 25,847 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 06-كۈنى
- يازما مەنزىلى: male-cars-dreams.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەر ئۈچۈن، ئەمدى بولكىنى ئاز يەڭ
- كېيىنكى يازما > غەرىبكە ساياھەت ھەققىدىكى سىز ئوقۇمىغان بىر قانچە پارچە خەت
- گېرماننىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرى مۇنداق ۋەھشەتكەن!
- BMW ئاجايىپ سەتەڭ يېڭى تىپلىق ماشىنىدىن بىرنى چىقىرىپتۇ، سارغۇچ يېشىل رەڭلىككەن
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- BMW شىركىتىنىڭ ئالداش بايرىمىدا قىلغان چاقچىقى، كەلمىگەن تەلەيدە ……
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- دۇنيادىكى ئەڭ تېز كىشىلەر! تېزلىكىدىن ئادەمگىمۇ ئوخشىمىغايدىغان ئادەملەر….
- ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز ئاقىۋەت سىز بىلەنلا تۈگمەيدۇ
- شوپۇرسىز ماشىنىنىڭ كەلگۈسى زادى قانداق؟
- مېرسېدېس GLA نىڭ ياپوندا ئىشلىگەن ئېلانى، مارىيو ئۆزى بىۋاستە باش رولغا چىقىپتۇ
ماشىنىغا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيمەن جۇمۇ مەن ،
ئەمما ئەڭ ئاستىدىكى قارا رەڭلىكى كۆزۇمنىڭ يىغىنى يەپكەتتى ،
350 ، 400 گە چىقىرىپ نەدە ھەيدەيدۇ بۇ ماشىنىلانى ؟ ئارتۇقچە جۇمۇ مۇنچىۋالا تىزلىك ، بىزنىڭ ژۇتلادا جوتوڭ قالاپ تۇرىدۇ ، قاسى ماشىنا 80دىن ئېشىپ كىتىدە ، بىر تۇتىۋېلىپ پاكەن قۇيىۋاساق دەپ …
速度与激情نىڭ باش رولچىسى Paul William Walker رەمەتلىكمۇ ئې بىر كۈنى مۇشتا چاپقۇر ماشىنا ھەيدەپ دەرەخكە كاللا قۇيۇپتىدەك …
بەلكىم گېرمانىيەدە ھەيدىسە كېرەك، ئاڭلىشىمچە گېرمانىيەدە ماشىنا سۈرئىتىگە چەكلىمە قويۇلمايدىكەن.
يەنە بىر غەلىتە قانۇنى بولسا 24 سائەتنىڭ قانداق ۋاقتىدا ماشىنا ھەيدىسىڭىز چوڭ چىراقنى يېقىپ مېڭىشىڭىز تەلەپ قىلىنىدىكەن.
بۇمۇ بىر تەرەققىيات ھەم تېخنىكا ، بەلىكم بۇنىڭدىن كېيىن بۇنىڭدىنمۇ كېىيىن ئاۋۇ سانلارنىڭ قىممىتى ئۆرلىشىممۇ مۇمكىن . خۇددى ئېلىكتىرۇن تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغانغا ئوخشاش . ئىنسانلار كەشىپ قىلغان تېخنىكىسى مانا مۇشۇلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ بەزىدە . قايسى بىر كىتاپتا بىر سانتا يۇملاق ھەجىمدىكى مېتالغا 10000 دىن يېقىن تۆشۇك ئاچالايدۇ دەپ كۆرگەن ئىدىم .
مەن يەنىلا شۇ bugattiغا كۆيىمەن جۇمۇ!!
بىر ئاي بوپتۇ ئالدىراشچىلىقتا تورخۇمارغا چىقمىغىلى ، بۈگۈن قارىسام سۈۋەرەكخورلار پەيدا بوپ قاپتۇ ،سىلە بىلەن گەرچە دۈشمەن بولساقمۇ لىكىن ياخشى كۆرىدىغان ماشىنىمىز ئوخشاشكەن
ھاياتنى قەدىرلەپ تىز ماڭىدىغان ماشىنىلاردىن يىراق تۇرايلى،
ھىسيات ۋە تىزلىك يۇرۇشلۇك كىنولىرىنىڭ باش قەھرىمانىمۇ شۇنداق تىز ماڭىدىغان ماشىندا جىنىدىن ئايرىلدى ئەمەسمۇ ، ئۇنداق ماشىنىلارغا پەقەت مۇنداقلا قاراپ قۇيۇشقا بولىدۇ، ھەيدەشكە قەتئىي بولمايدۇ.
توغرا تەرجىمە قىلايلى ئۇنى….‹‹سۈرئەت ۋە شىجائەت››
كۆيەپ قالدىمBugatti Veyron
سىرتىدىن قارىسىمۇ كارامەتكەن، ھەيدەپ باقسا قانداق بولدىكىن بۇنداق ماشىنىلارنى
دەششەت شاش ماشىنىلار ، ھەممىسى ئۇ دۇنياغا ئەڭ تېز ئاپىرىدىغان ماشىنىلار-دە ئەمما!
مەنمۇ ياختۇرۇپ قالدىم
12, 14 مۇشۇ ئىككى ماشىنا خېلى پەچەت كۆرۈندىغۇ كۆزۈمگە
ماندا ئەدەم ئالالايدىغانراق ماشىنىنى گاڭگو قىممامسىلە؟ ئۆلەپ كەتسەكمۇ ئې ماشىنلىنىڭ بىژ پاي چاقىنى ئالاممايمىز بىز مەۋەدە بەسەيلىكتە
«ئوغۇلبالىنى بەك مۇرەككەپ ئويلىۋالماڭ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا لازىملىقى پەقەت بىر كۆڭلىكىدەك قىز بىلەن ماشىنا.» ما گەپ بولىدىكەن.
مۇشۇ ماشىنىنى ئىشلەپ چىقارغان شىركەتلەر مەخسۇس مۇشۇماشىنىلار ماڭىدىغان يولنىمۇ قوشۇپ ياسىسا بولغۇدەك… بولمىسا نىم قىلىدۇ ئۇ ماشىنىنى ئېلىپ…. يا بىرەرنى ئېلىپ كېيىنكى ئەۋلاتلارغا ئاسار ئەتىقە قىلىپ ساقلاپ قويدىغەن گەپمىكىن.
تورخۇمار. ئۇچقۇرماشىن18نى. تورخۇماردا قاچان ئېلان قىلسىلە.
مەن توردىن. 10 قېتى چۈشىرىپ. قەتتى قوزغىتالمىدىم
بىزنىڭ مۇىەللىم دەيتى ىۇغۇلبالىنىڭ ىككىلا ىۇيۇنچىقى بار بىرى قۇرال يەنە بىرى ماشىنا
«ئوغۇلبالىنى بەك مۇرەككەپ ئويلىۋالماڭ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا لازىملىقى پەقەت بىر كۆڭلىكىدەك قىز بىلەن ماشىنا.» ماشىنا ئىلىشقا يەنە بىر باھانە قوشۇلدى مانا!
逗 游 نى قاچىلسا ڭلا 18 نڭ شۇ ئۇزى قاچىلاپ بېردۇ ئاغىنىلە
ۋاي ۋۇي بۇلا مەن كۇندە ھەيدەپ ئوينايدىغان ماشنىلاكەنىغۇ،،،،،نەدە ئوينايمەن بىلەمسىلە
يانفۇنۇمدا
ئەمما ئا Bugatti Veyron كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىكەن، ھەممىدىن شۇنىڭغا ئىچىم كۆيدى، بىرنى ئالاي دەپ ئويلىغان، پىراۋاممۇ چىقىپ بولدى، ئۆيدىكىلەرمۇ ماشىنا ئالساڭ مەيلى دېگەن، لېكىن بىر يىرى سەل بىرقانداراق
ھەي ئۇ ماشىننى ئاممايلا قۇيۇڭ ، ھەممە يىرى بۇلىدۇ ، لىكىن كاساپەت ماينى يامان سەت يەپ قۇيىدۇ… مەن ئېلىپ نەچچە ئاي ھەيدەپ ماي پۇلىغا چىقىش قىلامماي ئۆيگە تاشلاپ قويدۇم ، ئىنىم كۈزدە ئانچە مۇنچە كىۋەز تۇشىدى بۇنىڭدا … ئەگەر بەك ھەيدۈگىڭىز بوسا سىزگە ئەزانلا ئۆتكۈزۋەتمەيمۇ … زاپاس چاقىنى قۇشۇپ بىرىمە ، ئۇرۇندۇن قاپلىرىنى يېڭى ئالماشتۇرغان خىرۇم دەڭا خىرۇم ، ئۆزىمىز باققان كالىنىڭ تىرىسى ئىدى … قىزىقسىڭىز كارىدورغا چىقىپ قىسقا ئۇچۇر قىلىڭ ، باھاسىنى دىيىشىلى ، خۇماداشلاغا شاپاق نەقى بىرىشتىن يانمايمە
ماۋۇ ماشىنلارنىڭ خىلى كۆپىنى ھەيدەپ بىقپتىمە ،سىلەرنىڭمۇ ھەيدىگىڭلار بولسا 真实赛车3ئويناڭلار
ئابومجان ساتماقچى بولغان ماشىناڭلىدا گاز بامۇ يا شۇنداق بولسا مەنلا ئالاي
ۋوي سىز خېلى قىزىقىپ قاپسىز ، سىزگە بەرسەممۇ بۇلىدۇ … بەزى تەپسىلاتىدىن خەۋەردار قىپ قۇياي ، ئالغىڭىز بوسا ئۆھۆ دەسىز …
كۆرگۈنىڭلىدىك ماشىنا ئىككى كىشلىك ، لىكىن ئىچى خېلى ئازادە،مىنىڭكى قارا ئەمەس، كۈمۈش رەڭ ئىدى ، ئەگەر قارىنى ئالىتىم يا يىشىل ئەمەسكەن دەپ قاسىڭىز ياغاچچى ئاغىنەمگە دەپ سىرلىتىپ بەسەممۇ بۇلىدۇ…
100كىلومىتىرغا چىقىش تىزلىكى 2.5سىكونىت، جوتۇڭ پوتۇڭلا سىزنى قوغلايمە دەپ ئەسكى داسلىرىنى قوزغۇتۇپ بولغىچە كۆزدىن غايىپ بۇلسىز دىگەن گەپ
ماتور تىپى 8.0T W16، ئاغاندىن بىرى ماتورغا كۇلۇچ تەككۈزۈپ باقمىغان،كەينى چاقىغا ناسوستا بىر قېتىم يەل بىرىپ باققان شۇ …
ئوق ئارلىقى 2710mm، ماشىنىدا بىر جۈپ قانات كەم شۇ ، بوممىسا 400دە ماڭسىڭىزمۇ شۇنداق سىلىق ،ئاقاچمايدۇ ، ئارىپۇلاندا ماڭغاندەكلا …
ئەڭ يۇقىرى ئات كۈچى 1200،كۆگەنسىز ماتورنىڭ شاشلىقىنى ، غۇلجىنىڭ ئارغىماقلىرىدەكلا چاپىدۇ بۇ …
ئەمدى سۇئالىڭىزغا جاۋاپ بەسەم ، بۇنىڭغا گاز قويغىلى بوممايدۇ،مايدا ماڭىدىغان گەپ ، ئەگەر قىممەت چاغلىسىڭىز قېتىپ بەرگەن زاپاس چاقنى ساتسىڭىزلا بۇلىدۇ ، نەچچە ئونمىڭغا ئالىدۇ ، شۇنىڭغا ماي قۇژۇپ ھەيدەپ تۇمامسىز دەيمە ، قىزىقسىڭىز ئۇچۇر قىلىڭ كارىدوردا
ئادەمنى بەكلا كۈلدۈردۈڭلا باللا.. گەپنى ئالامەت قىلىپ قۇيىدىكەنسىلە…
ئاللا نىسىپ قىلسا ھەيدەپ باقامەن
ئۆمرىمىزدە بىر ھەيدەپ بىقىشقا ئەرزىيدۇ. لىكىن راسلا قورقۇپ كىتىدىكەنسىز. Lamborghini مەن پەقەت بىرلا قىتىم ھەيدەپ باقتىم. خەنزۇ ئاداشنىڭ ماشىنىسى ئىدى. لىكىن بەكلا ئىسىل بولىدىكەن. سۇرئەت ئۆزگەرتىشىنى دىمەيلا قويايلى. لىكىن ھەرگىز ئىتتىك ھەيدىمەڭ. بىرەر ئىش بولۇپ قالسا دوزاخقا كىرىدىغان گەپ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تورخۇمار تورىنىڭ rss بېتى ئېچىلمايدىغان بولۇپ قاپتۇ . شۇنى تەڭشەپ قويساڭلار .
مۇشۇ تورخۇمارغا بەزىدە ئاتايىن ئىنكاس ئوقۇغىلىمۇ كىرىمە جۇما…. ئالامەت قىزىق گەپ قىلىدۇ مۇشۇ باللا….
تور خۇماردا يېقىندن بۇيان ۋىرۇس پەيدا بولدىمۇ قانداق؟!
ھەر قېتىمئېچىلىپ ئىككى مۇنۇت بولمىغۇچە خۇددى بەت يۈزىدە پۈتۈن ئېكرانلىق بىر سۈزۈك بەت باردەك مائۇس ئىزچىل ھالدا بېسىلىدىغان بارماقنىڭ شەكلىدە تۇرىۋالىدۇ. بېسىپلا سالسا غەيرى بەتلەرگە ئۇلىنىدۇ. مەن تېخى توخۇمارنىڭ كارامىتى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. ئەمما چىققان بەتلەر زادىلا ئېچىشقا تېگىشلىك بەت ئەمەس.شۇڭا بىرەر مەسىلە بارمىكىن دەيمەن.
باشقا بەتلەر ئۇنداق ئەھۋال يوق.
توركۆرگە چىروم
راسلا ژۇقۇملىنىپ قاغان چىراي، تۈنۈگۈننىڭ ئالدىنقى كۈنىسى 24 سائەت تور خۇمارغا چىگىلى بولمىدى، 502 ….. دىگەندەك بىر ئۇچۇر كۆرنىپ تۇرۋېلىپ يامان جىلە قىلىۋەتتى دىسە. ئازىراق ۋاكسىنىلاپ قويساق بوغىدەك.
ئۇف… ئاخىر ئېچىلدى …! ھەنىم بولسا سالامەتكەن. … شۈكرى…
‹‹سۈرئەت ۋە شىجائەت››
قايماقتەكلا تەرجىمە بوپتۇ ماۋۇ. ماشتا جايىغا چۈشكەن تەرجىمىلەرنى ئىشلىتىپ، تېما چىقىرىپ قوياڭلىچۇ، ئاز تولا تەشۋىقات بولۇپ قالىدۇ.
مەن يەنىلا ئۆتكەن يىلى ئالغان شىيەندەي يۆدوڭ ماشىنامنى ھەيدەپ تۇراي ،تىنىچ ھالەتتىن 100 كىلومىتىرغا يىتىش ئۈچۈن 13 سىكۇنىت كىتىدۇ . ماڭا مۇشۇمۇ تىز بىلىندىكەن .
ئوغالۋالىنىڭ قانتى ماشىنا ،