نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يېــڭــى ئىــشــلار > يازما مەزمۇنى

شوپۇرسىز ماشىنىنىڭ كەلگۈسى زادى قانداق؟

Google شىركىتى ئامىرېكىنىڭ كالفورنىيە شىتاتىدا تۆت يىلدىن بۇيان تەتقىقاتىنىڭ مىۋىسى بولغان يېڭى شوپۇرسىز ماشىنىسىنى جامائەتچىلىككە نامايەن قىلدى،بۇ ماشىنا تەتقىقاتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا بۇلۇپ ئۇنى مۇكەممەللەشتۇرۇشكە يەنە ۋاقىت كېتىدىكەن، شۇنداق بولسىمۇ بۇ قېتىمقى جامائەتچىلىك بىلەن يۈش كۆرۈشكەن شوپۇرسىز ماشىنا بولسا ئىجادىيلىققا تولغان يېڭى بىر مەھسۇلات دىسەك بۇلىدۇ.

Driverless-cars

ماشىنىنىڭ ئىخچام بۇلىشىقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن گوگول ماشىنىنىڭ كەينى ئورۇندىن، ئارقا زاپاس ساندۇق، ياڭراتقۇ قاتارلىقلاردىن ۋازكەچكەن، ماشىنىنى يول يۈرۈشكە ۋە يول يۈرۈشتىن توختاتماقچى بولسىڭىز پەقەت ئاددىي بولغان مەشغۇلات كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز، يول يۈرىشىگە بولسا مەخسۇس بىر ئادەمنىڭ مەشغۇلات قىلىشى ھاجەتسىز رول، تۇرمۇزلاش كىلاپانى، ماي بىرىش قاتارلىق زاپچاسلارنى شوپۇرسىز ماشىنىدا كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇنداقتا بىز ماشىنىنى قانداق تۇرمۇزلايمىز؟ دىيىشىڭىز مۇمكىن، گوگول سىززور ۋە يۇمشاق دىتالارنى بۇ زاپچاسلارنى ئورنىغا سەپلىگەن،ئەلۋەتتە سىز ماشىنىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ، شوپۇرسىز ماشىنىنىڭ يۇمشاق دېتال سېستىمىسى لېكساسنىڭ SUV ماشىنىسىغا، تويوتانىڭ پۇرېس ماشىنىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇزاق يىللاردىن بۇيان سىناقتىن ئۆتكەن بىخەتەر سېستىما، بۇ سېستىما بەش يىلدىن بۇيان يۇقۇرى سۈئەتلىك يولدا ۋە شەھەر يوللىرىدا سىناق قىلىنغان،گوگۇلنىڭ شوپۇرسىز ماشىنىسىنىڭ ئەڭ چوڭ بۆشۈش بولسا ئاپتوماتىك يول ئەھۋالىنى ئىگەللەپ ئانالىز قىلىش بۇلۇپ قاتناش قىستاڭ يول بۆلەكلىرىدە سىزنى راۋان بولغان يول بۆلىكىگە باشلايدۇ، يول ئەھۋالىنى بولسا ماشىنغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تېلكامىرا، سېنزورلۇق رادار، لازىرنۇر، ماشىنىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا تايىنىپ ئىگەللەيدۇ، شوپۇرسىز ماشىنىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى سۈرئىتى 40كىلومىتىر ھەر سائەت بۇلۇپ بۇ سۈرئەت ھازىرقى ماشىنىلارغا سېلىشتۇرغاندا يۇقۇرى بولمىسىمۇ كەلگۈسىدە ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگۈسى.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئوقۇغىن 2014.06.02 , 14:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەتە ئۆگۈن پىراۋا ئالماي ماشىنا ھەيدەپ كەتكۈدەكمىزدە :mrgreen:

  2. قارا 2014.06.02 , 14:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇندا گەپ بولمىغاي 4 چاقى با ئا نەسىنىڭ

  3. Forever 2014.06.02 , 15:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەزكۇر يازمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن دەرھال يادىمغا كەلگىنى بولسا 3 يىل مۇقەددەم تورخۇماردا ئېلان قىلىنغان « GPS قا ھەددىدىن زىيادە ئۇنچە بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ، بولمىسا ئاقىۋىتى مۇشۇنداق بولىدۇ… » ناملىق سەرلەۋھىيلىك ماقالە يادىمغا كەلدى …
    كۆرۈش ئادرېسى :
    do-not-believe-in-gps.html
    ==================================
    ئەلۋەتتە پەن – تېخنىكىنىڭ كۈنسىرى ئالغا بېسىشىنى شۇنداقلا تۇرمۇشىمىزغا قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز ، لېكىن ھازىرقىدەك تېخنىكا پىشىپ يىتىلمىگەن بىر ۋاقىتتا ماشىنىنىڭ رولنى ئاشۇ نەچچە تال قاتتىق ، يۇمشاق دىتاللارغا تۇتقۇزۇپ قويۇشتىن ئارتۇق ئەخمەقلىك بولمىسا كېرەك …
    يەنە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قائىدە – قانۇنلار رەسمىي ئېلان قىلىنمىدىغۇ دەيمەن ، مەسىلەن ماشىنا ئاپتۇماتىك ھەيدەش ھالىتىدە ھادىسىگە يولۇقسا مەسئۇلىيەتكە كىم ئىگە ، ماشىنىنى ياسىغان شىركەتمۇ ياكى ماشىنىنى شۇنداق ھەيدەشكە بۇيرىغان ئادەممۇ …دىگەندەك …

  4. carbo0n 2014.06.02 , 16:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن يەنىلا دەك تېخننىكىنىڭ كېلىشىنى بەكرەك ئۈمۈد قىلمەن

  5. پادىچى001 2014.06.02 , 17:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ماشىنا پۇتۇنلەي مۇستەقىل ھالدا مەشخۇلات قىلالماس؟ ئۇنىمۇ يىراقتىن كونتىرول قىلا ،ماتىرياللاردىن كۆرشۇمچە ئامرىكىدا بۇنداق ماشىنىلارغا پىراۋا تارقىتىلۋىتىپتۇ .لىكىن بۇنىڭ شەرتى بەك قاتتىقمىش . :mad::shock:

    • تۇنجەر 2014.06.03 , 16:42

      ياڭپاشقا بىرنى ئۇرۇپلا تاپتۇقمۇ قانداق بۇ گەپنى…

  6. ئابدۇبەگ 2014.06.02 , 18:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يامان ئۇماقكەن:idea:

  7. ئېھسان 2014.06.02 , 19:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    6 ئايدىن ئاشتى كېنىشكە ئېلىپ بۇلامماي ئاۋارە :???::???: باللا بوۋما ھەيدىسەم بۇلامۇ ياكى ياۋا ئات ماركىلىقنىمۇ :lol::lol::lol::lol::lol:

  8. مەنسۇر 2014.06.02 , 20:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇلار ئىشنى ئاددىيلاشتۇرىمىز دەپ مۇرەككەپلەشتۈرۋىتىپتۇ. ئەمەلىيەتتە ماۋۇ ئاپتىموبىلىغا ھەم قولدا ھەم ئاپتوماتىك ھەيدەيدىغان (ئايروپىلاندەك) تېخنىكا قوللانغان بولسا تېخىمۇ قولايلىق ھەم بېخەتەر بولغان بولاتتى.
    مەسىلەن: ماۋۇ ئاپتىموبىلنىڭ ئىچىگە شوپۇرنى كۈزتىدىغان سىنزور ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسا، شوپۇر ئۆزى ھەيدەپ كېتىۋىتىپ كېچە ياكى كۈندۈزدە ئۇخلاپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە ياكى يول ئەھۋالىنى خاتا پەرەز قىلىپ تار يول بۆلىكى ۋە ئىگىز-پەس يوللاردا يۈرۈپ قالسا، ئالدىدىكى توسالغۇنى كۆرەلمەي قالغاندا ۋە باشقا جىددىي ئەھۋاللاردا ئىۋۇ ئۈستدىكى رادار بىكا تۇماي چۆگىلەپ تۇغاندىكىن دەرھال ئاپتىوماتىك ھالەتتكە ئۆتۈپ شوپۇرنىڭ ۋە ماشىنا ئىچىدىكى ئادەمنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان قىلىپ لاھىيەلىگەن بولسا تېخىمۇ ئالقىشقا ئېرىشكەن بولاتتى. شەھەر ئىچىدە ئاپتىموبىل توختاتقاندا ئاپتىموبىل كۆپ ئورۇندا ئاپتىموبىلنى نەچچە قېتىم ئالدى-كەينىگە ياندۇرۇپ يۈرۈپ توختشىمىزغا ياكى قوزغىشىمىزغا توغرا كېلىپ قالىدۇ. ماۋۇ سىناق فىلىمدا پەقەت يول يۈرۈش، ئايلىنىش، يانداپ ئۆتۈش، توختاش دىگەندەكلەرنى سىناق قىلغان ئوخشايدۇ.
    ھازىرقىدە ۋەزىيەتتە قاتناش ساقچىسى توسسا توختاپ ئۆتەمۇ ياكى يانداپ ئۆتۈپ كېتەمۇ؟

  9. ئىسيانكار 2014.06.03 , 00:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىشنى قىلىپ خەتەر …..

    ھەرقانچە سىناق مۇۋاپىقىيەتلىك بولسىمۇ ، ئامرىكىنىڭ يوللىرىدا ھەيدەشكە ماس كېلە . ئەگەر ما خوتەن چوڭ بازادا ھەيدىسە 10 سىكۇتقا يەتمەي ۋەقە چىقىتۇ . چۇنكى يۇمشاق دىتالغا كىرگۈزۈپ بولالمايدىغان نۇرغۇن ئەمەلى ئەھۋاللار بار. مەسىلەن : پىيادىلەرنىڭ قاتناش ۋاستىلىرى يولىنى كىسىپ ئۆتىشى، قىزىل چىراقتا كىچىك بالىلارنىڭ نەرسە كىرەك سېتىش، يول ئىچىگە تىجارەتچىلەرنىڭ كىرىۋېلىشى ، شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە قاتناش ساقچىلىرىدىن قېچىش……… دىگەندەك ئىشلارنى ئۇ شوپۇرسىز ماشىنا ئۆزى ھەل قىلالىغۇدەك ياساپ چىقىڭلار دىسە گوگۇلدىكىلەر ۋاز كىچىدۇ بۇ تەتقىقات تۈرىدىن :grin::grin::grin:

  10. شامال 2014.06.03 , 18:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۆزى ھەيدىلىپ ماڭىدىغان ماۋۇ ماشىنىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ كىچىكىمىزدە كۆرگەن ئامېرىكىنىڭ” چاقماق پالۋان” دېگەن تېلىۋىزىيە تىياتېرىدىكى گەپ قىلالايدىغان, پىكىر قىلالايدىغان قارا رەڭلىك پىكاپ يادىمدىن كەچتى. ئاشۇندا ماشىنىدىن بىرنى ئالسام دەپ خىيال قىلىپ كېتەتتىم…
    ھە راس, نېمىتى ئۇ پىكاپنىڭ ئىسمى ؟

    • Forever 2014.06.03 , 21:04

      ھېلىقى لەمبورگىنغا ئوخشايدىغان قارا ماشىنىمۇ ؟ نۇر بەلگە دەمدۇ ئىشقىلىپ بىر يۇمىلاق نۇر بولىدىغان باش پورسوناژنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرىدىغان ، بۇيرۇق قىلسا بىردەمدىلا ماشىنىغا ئايلىنىدىغان … يادىمدا قالغىنى مۇشۇ ئىكەن ( بەك كىچىك ۋاقتىمدا كۆرگەچ )
      شۇ كىنونىڭ ئىسمىنى بىلىدىغانلار بارمۇ ؟

    • كونسۇل كوچىسى 2014.06.03 , 23:09

      كومپيوتېر ئادەم-ئاۋتو، قاراماي تېلۋىزىيە ئىستانسى تەرجىمە قىغان كىنو..

    • Forever 2014.06.04 , 13:09

      توردىن تاپالمىدىم .

    • ئابلىكىم 2014.06.06 , 09:46

      گېت

  11. مايكول 2014.06.04 , 02:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەنىلا ئۆزى ھەيدىگەنگە يەتمەيدۇدە.. :mrgreen:

  12. qamcha 2014.06.04 , 11:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قانداق ئىلىكتىرونلۇق مېڭىدۇ بۇ

  13. بايۋەتچە 2014.06.04 , 14:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

    • Forever 2014.06.07 , 21:01

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمىتۇللاھى ۋەبەركاتۇ ۋەلھىدايەت ۋەلمەغفىرەت …

  14. ياغاچ قۇلاق 2014.07.03 , 14:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سالامنىڭ ئاخىرىنى قىلىش بىدئەت مەسلەن ھىلىقى ۋەلھىدايەت ۋەلمەغفىرەتنى دىيىش خاتالىق. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. مۇشۇ ئەڭ ياخشى .

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量