نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يېــڭــى ئىــشــلار > يازما مەزمۇنى

روبوت(ماشىنا ئادەم)

روبوت بىر خىل ئەقلى ئىقتىدارلىق ئېلېكتىرو-مىخانىكىلىق ماشىنا. ئۇ كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى ياكى ئېلېكتىرونلۇق توك يولىنىڭ كونتروللىقىدا مەشغۇلات قىلىدۇ.

روبوتنىڭ ئادەم شەكىللىك(ماشىنا ئادەم)لىرىمۇ، تۆت چاقلىق ماشىنا شەكلىدىكىلىرىمۇ، ئۇچالايدىغانلىرىمۇ، ئۆمۈلەيدىغانلىرىمۇ، سۇدا ئۈزەلەيدىغان، ھاۋادا ئۇچالايدىغانلىرىمۇ بار. ئۇ ھەربىي ساھە، ماشىنىسازلىق، كۆڭۈل ئېچىش، داۋالاش، قۇتقۇزۇش، تۇرمۇش قاتارلىق ھەر خىل ساھەلەردە ئىشلىتىلىدۇ.

robot

روبوت ئاتالغۇسى ھەققىدە

ئۇيغۇرچىدە روبوت(ئىنگىلىزچە Robot) ئاتالغۇسى بۇرۇن خەنزۇچىغا ئاساسەن ماشىنا ئادەم(机器人) دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ئەمما ماشىنا ئادەم روبوتلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ئىنگىلىزچىدا humanoid ياكىandroid دەپ ئاتىلىدۇ. روبوت ئاتالغۇسى ئىككى پۇتلۇق، تۆت پۇتلۇق، چاقلىق، قاناتلىق ياكى ھەرقانداق شەكىلدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ماشىنا ئادەم ئاتالغۇسى پەقەت قول، پۇت، باش، گەۋدىدىن تۈزۈلگەن ئادەم شەكىللىك روبوتنىلا كۆرسىتىدۇ. ئاتالغۇلارنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەنا ئۇقۇمىنىڭ ئارلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بۇنى ئايرىپ ئاتاش كېرەك. شۇڭا ئەسلى ئىنگىلىزچە ۋە باشقا تىللاردا ئورتاق قوللىنىلىۋاتقان روبوت ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق.

ماشىنا ئادەم

ماشىنا ئادەم- ئادەم شەكىللىك روبوتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئادەملەرگە ئوخشاش ئىككى پۇتى، ئىككى قولى ۋە بېشى بولىدۇ. ئاڭلاش، سۆزلەش، ئادەملەرنىڭ ھەركىتىنى تەقلىد قىلىش، ئۆگۈنۈش ئىقتىدارى بولىدۇ.
ماشىنا ئادەملەر يەنىلا تەتقىقات، تەرەققىيات باسقۇچىدا بولۇپ ئادەملەرنىڭ خىزمىتىنىڭ ئورنىنى ئېلىشىغا يەنە مەلۇم ۋاقىت بار. ئەمما ئۇ كەلگۈسىدە ئەسلى ئادەملەر قىلىدىغان خەتەرلىك خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدۇ.

خوندا شىركىتىنىڭ Asimo ناملىق ماشىنا ئادىمى

ھەربىي روبوتلار

ھەربىي ساھە روبوتلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان، ۋە روبوتلار مەلۇم كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن ساھە ھىساپلىنىدۇ. جەڭ مەيدانىنىڭ خەتەرلىكلىكى ئادەملەرنىڭ ئورنىغا روبوت ئىشلىتىشنى ياكى جەڭچىلەرگە ياردەمچى روبوتلارنى سەپلەش ئىھتىياجىنى تۇغدۇرىدۇ.

ھازىر ھەربىي ساھەدىكى روبوتلار ئاساسەن رازۋىتكا، مىنا تازىلاش، ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان(UAV)لارمۇ بىر خىل روبوت بولۇپ ئۇنىڭ ئاپتوماتىك ئۇچۇش، يىراقتىن كونترول قىلىش ئىقتىدارى بولىدۇ. ئۇ رازۋىتكا، ھاۋا ھۇجۇمى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلدۇ. ئۇ ھاۋادا ئۇزۇن مۇددەت ئۇچۇش، راداردىن ساقلىنىش قاتارلىق ئالاھىيدىلىكلەرگە ئىگە.

General Atomics شىركىتى ئىشلەپچىقارغان بوز بۈركۈت ناملىق ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان

مىنا تازىلىغۇچى روبوت

مىنا تازىلاش ئەڭ خەتەرلىك خىزمەتلەرنىڭ بىرسى. ھازىر بىر قىسىم مىنا تازىلاش مەشغۇلاتلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن مىنا تازىلىغۇچى روبوتلار چىقىۋاتىدۇ. مىنا تازىلىغۇچى روبوتنى يىراقتىن كونترول قىلىپ مىنانى كۆزىتىشكە، روبوت بىلەن چۇۋۇشقا، يۆتكەشكە بولىدۇ. ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتمەيدۇ.

مىنا تازىلىغۇچى روبوت

جەڭچى روبوت

جەڭچى روبوتلار يىراقتىن كونترول قىلىنىپ ياكى ئۆزى ئاپتوماتىك ھالدا دۈشمەننى پەرقلەندۈرۈپ ھۇجۇم قىلىدىغان، ئېغىر- يىنىك قۇراللار بىلەن قۇراللانغان روبوتنى كۆرسىتىدۇ. گەرچە خەلقئارادا ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان جەڭچى روبوتلارنى جەڭدە ئىشلىتىش، ئىشلەتمەسلىك توغرىسىدا ھەر خىل تالاش تارتىشلار بولسىمۇ ئەمما بەزى دۆلەتلەر قىسمەن ھالەتتە ئىشلىتىۋاتىدۇ.

جەڭچى روبوت

جەڭدە ئىشلىتىلىدىغان ياردەمچى روبوتلار

جەڭ مەيدانىدىكى بىر پىيادە ئەسكەرنىڭ يۈك-تاقى ئادەتتە 30 كىلوگىرامدىن 50 كىلوگىرامغىچە كىلىدۇ. بۇنداق ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش جەڭچىلەرنى چارچىتىۋىتىدۇ. شۇنداقلا ئەمەلى جەڭ قىلىش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. تەتقىقاتچىلار جەڭچىلەرنى «كۈچلەندۈرىدىغان» بىر خىل قۇرۇلما(روبوت) ياسىغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلمىلار ئادەمنىڭ ھەركىتىگە ماسلىشىپ ئادەمنىڭ كۈچىنى تىجەيدۇ.

بۇ خىل روبوتلار ھەربىي ساھەدە ئىشلىتىلىپلا قالماي زاۋۇتلاردا ئىشچىلارنىڭ ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرىشىگە، داۋالاشتا بەدىنى ئاجىز نورمال ماڭالمايدىغان كىشىلەرنىڭ مېڭىشىغا ياردەم بىرىشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

بەدەنگە كۈچ قوشىدىغان «تاشقى ئۇستىخان(exoskeleton)» روبوت

ھەربىي ساھەدە يەنە ماشىنا ماڭالمايدىغان خەتەرلىك شارائىتلاردا يۈك-تاق، تەمىنات بۇيۇملىرىنى توشۇش ئۈچۈن ئالاھىيدە شارائىتلاردا ماڭالايدىغان روبوتلارمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

بوستون دىنامىكا شىركىتى تەتقىق قىلىپ چىققان تۆت پۇتلۇق توشۇغۇچى روبوت bigdog

ئۆزى ھەيدىلىدىغان ماشىنا

شوپۇرسىز ماشىنىلارمۇ روبوتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئادەم ھەيدىمىگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ يول ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ قاتناش ۋەقەسى پەيدا قىلماي مەنزىلگە ئاپتوماتىك يىتىپ بارالايدۇ. Volvo،Toyota، Honda، Nissan شىركەتلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ياساۋاتقان ئۆزى ھەيدىلىدىغان ماشىنىلىرى بولۇپ، ئۇلار قىسمەن يول شارائىتلرىدا ئۆزى ئاپتوماتىك ماڭالايدۇ ياكى ماشىنا توختۇتۇش مەيدانلىرىغا ئۆزى كىرىپ چىقالايدۇ. شۇپۇرسىز ماشىنىلارنىڭ ئەڭ ۋەكىل خاراكتىرلىكى گۇگۇل شىركىتى تەتقىق قىلىۋاتقان ماشىنا بولۇپ ئۇ ئادەتتىكى شەھەر رايۇنلىرىدىمۇ ئۆزى ئاپتوماتىك ماڭالايدۇ.

گۇگۇل شىركىتىنىڭ ئۆزى ھەيدىلىدىغان ماشىنىسى

سانائەت روبوتلىرى

سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان روبوتلار پۈتۈن دۇنيادىكى روبوتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدۇ. بولۇپما ماشىناسازلىق، ياسىمىچىلىق، ئېلېكتىرون سانائىتى ساھەسىدە كۆپراق ئىشلىتىلىدۇ. سانائەت ماشىنا ئادەملىرى ئىنچىگە مەشغۇلاتلارنى خاتاسىز، تىز سۈرئەتتە ئېلىپ بارالايدۇ. كەپشەرلەش، كىسىش، سىرلاش قاتارلىق خەتەرلىك مەشغۇلاتلارنى قىلىدۇ.

ماشىنا زاۋۇتىدا ئىشلىتىلىۋاتقان سانائەت روبوتلىرى

زاۋۇتلاردا يەنە ئېغىر بۇيۇملارنى كۆتۈرۈش، يۆتكەش، ئوراش قاچىلاش قاتارلىق ساھەلەردىمۇ روبوتلار كەڭ ئىشلىتىلىدۇ.

ئالەم بوشلۇقى روبوتلىرى

ئالەم بوشلۇقى ساھەسىدىمۇ روبوتلارنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. ئادەتتە ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا قىلىدىغان ھەركىتى، ياشاش شارائىتى(ئوكسىگىن، تارتىش كۈچى، بېسىم يوق) قاتارلىق پائالىيىتى كۆپ چەكلىمىلىككە ئۇچرايدۇ. ئادەمنى ئالەم بوشلۇقى ياكى باشقا پىلانىتلارغا چىقارغاندىن كىيىن ئۇنى چوقۇم قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك. ئەمما روبوتلار بۇنداق چەكلىمىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. بوشلۇق روبوتلىرى ئالەم بوشلۇقىدا بوشلۇق ئۈسكۈنىلىرىنى رىمونىت قىلىش، ئاستىرونومىيەلىك، گىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېىپ بېرىش قاتارلىق مەشغۇلاتلار بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ.

NASA 2004 يىلى مارسقا قۇيۇپ بەرگەن جاسارەت ناملىق تەكشۈرگۈچى روبوت، قۇياش ئىنىرگىيەسى بىلەن ھەركەتلىنىدۇ

NASA 2011- يىلى مارسقا قۇيۇپ بەرگەن ھەۋەسكار ناملىق تەكشۈرگۈچى روبوت، يادرو ئىنىرگىيەسى بىلەن ھەركەتلىنىدۇ

ئۆي روبوتلىرى

ئائىلە، ئىشخانا، باغۋاران ئىشلىرىنى قىلىشقا ماسلاشتۇرۇلغان روبوتلارنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەننەرخىنىڭ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ روبوتلار ئائىلە، ئىشخانىلارغىمۇ كىرىشكە باشلىدى. ئائىلىدە روبوتلار تازىلىق قىلىش، ئائىلە بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىش، تاماق ئېتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلالايدۇ. ئىشخانىلاردا تازىلىق قىلىش، نازارەت قىلىش، ماتېرىيال يەتكۈزۈش، قىسقا ئارلىقتا قاتناش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىيەلەيدۇ.

iRobot شىركىتىنىڭ چاڭ-تۇزان سۈمۈرگۈچى روبوتى

ئائىلىدە كۆزىتىشكە ئىشلىتىلىدىغان روبوت Wowee Rovio

خوندا شىركىتىنىڭ ئىشخانىلاردا قاتناشقا ئىشلىتىلىدىغان UNI-CUB ناملىق روبوتى

روبوتنىڭ مائارىپ ساھەسىدە قوللىنىلىشى

مائارىپ ساھەسىدە روبوت ئوقۇغۇچىلارغا مىخانىكا، ئېلېكتىرون، يۇمشاق دېتال، ئەقلىي ئىقتىدار، سىنزور تېخنىكىلىرىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى ئىجادىيەت ئىشلىرىدا قوللىنىلىدۇ.

مائارپ ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان روبوتلارنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغانلىرىمۇ بار بولۇپ ئاساسەن مىخانىكىلىق بۆلەكلەرنى قۇراشتۇرۇش، كۆرۈنۈشچان پىروگرامما تىلىدا(VPL-Visual Programming Language) پىروگرامما لايىھەلەشنى ئاساس قىلىدۇ.

lego شىركىتىنىڭ قۇراشتۇرما شەكىللىك روبوتى mindstorms

ئالى مائارىپقا قارىتىلغان روبوت مەھسۇلاتلىرىنىڭ پىروگراممىسىنى لايىھەلەشكە كەسپى پىروگرامما تىللىرى ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە پىروگرامما ئىجرا بولىدىغان مەخسۇس توك يولى تاختىلىرى بولىدۇ. مىخانىكىلىق بۆلەكلەرنى ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزى ياسايدۇ ياكى تەييار بۆلەكلەردىن پايدىلىنىپ قوراشتۇرىدۇ. ئۇ ئەمەلى قوللىنىشچان روبوتقا تېخىمۇ يېقىنلاشقان بولىدۇ.

مائارىپقا قارىتىلغان روبوت توك يولى تاختىسى Arduino دىن پايدىلىنىپ ياسالغان تانكىسىمان روبوت

روبوتنىڭ داۋالاش ساھەسىدە قوللىنىلىشى

داۋالاش ساھەسىمۇ روبوتلارنىڭ يەنە بىر چوڭ قوللىنىش ساھەسى. مىكرو تىپلىق روبوتلارنى ئادەم بەدىنىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇشقا بولىدۇ. روبوتلار سىستېرالارغا ماسلىشىپ بېمارلارنى كۆتۈرۈپ يۆتكۈشۈپ بېرەلەيدۇ. يەنە روبوتلار ئارقىلىق مۇرەككەپ ئوپراتسىيەلەرنىمۇ تاماملاشقا بولىدۇ.

ئوپراتسىيەدە ئىشلىتىلىدىغان روبوت

داۋالاشتا يەنە پۇت، قولىنىڭ ھەركىتى توسالغۇغا ئۇچرىغان، ئاسان ماڭالمايدىغان كىشلەرنىڭ مېڭىشىغا، ھەركەت قىلىشىغا ياردەم بىرىدىغان روبوتلارمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

خوندا شىركىتىنىڭ مېڭىشقا ياردەم بىرىدىغان روبوتى

پۇت ياكى قولى يوق مېيىپ كىشىلەرگە ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە سۈنئى ئەزالار(روبوت)نى سەپلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى نورمال ھالەتكە ئەكەلگىلى بولىدۇ. روبوت پۇت ئادەمنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، ھەركەت قانۇنىيىتىگە ئاساسەن قەدەم ئېلىشىنى ئاپتۇماتىك مۆلچەرلەپ ئادەمنىڭ ھەركىتىگە ماسلىشىدۇ. روبوت قولنى ئادەمنىڭ نىرۋا ھۈجەيرىلىرىگە ئۇلاش ياكى مىڭە ئېلىكتىر دولقۇنىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئىھتىياجغا ئاساسەن ھەركەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.

روبوت پۇت

ئويۇنچۇق روبوت

روبوتلار يەنە بالىلار ياكى چوڭلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش، ئويۇنچۇق ساھەسىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئويۇنچۇق روبوتلار ئادەمنىڭ گىپىنى چۈشۈنۈپ ئىنكاس قايتۇرالايدۇ. مۇزىكىغا ئۇسۇل ئوينىيالايدۇ. ھەر خىل قىززىقارلىق ھەركەتلەرنى قىلالايدۇ. يەنە بەزىلىرىنىڭ ئۆزلۈگىدىن ئۆگۈنۈش ئىقتىدارى بولۇپ ھەر خىل قېلىقلارنى چىقىرالايدۇ.

سونىي شىركىتىنىڭ ئويۇنچۇق كۈچۈكى aibo

سونىي شىركىتىنىڭ ئۇيۇنچى ماشىنا ئادىمى QRIO

قىسىقى روبوتلار تۇرمۇشىمىزغا كىرىشكە باشلىدى. يېقىن كەلگۈسىدە ئۆيلىرىمىزدە، ئىشخانىلىرىمىزدە بىرەردىن روبوتنىڭ بولىشى نورمال ئىش ھىساپلىنىدۇ.

2014- يىل 5- ئاي

مەنبە: سارۋان بىلوگى



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. alim 2014.07.26 , 13:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بارغانچە فانتازىيەلكىك كىنولادىكى ماشىنا ئادەملەر ئەمىلىيەتتە كۆرىلىۋاتامدۇ نىمە:oops:

    • مايكول 2014.07.26 , 16:05

      شۇ فانتازىيەلىك فىلىملەر كەلگۈسىدىن دېرەك بېرىدۇ..

  2. ~قاراقچى 2014.07.26 , 13:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاھ كۆزۈم ئېچىلىپ قالدى جۇمۇ

  3. بىركۇنى 2014.07.26 , 17:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ روبوت لانى…..ئنسانلاغا ياردەم قىلىشقىىلام ئشلەتسە مۇشۇ جەڭگە ئادەم ئۆلتۇرۇشكە ئشلەتمىسە …..نىمدىگەن ياخشى بولاتتى ..خەي………………….

  4. ئابومجان 2014.07.26 , 18:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھىندىستاننىڭ 机器人之恋دەيدىغان بىر كىنوسى ئىسىمگە كەپ قالدى ، كۆمىگەنلەر بىژ كۈرەڭلا ۋاي…… ھېلىقى ماشىنا ئەدەم باغۇي ، ئۆزىنى ياساپ چىققان كىشىنىڭ قىز دوستىنى ياخشى كۈرەپ قېلىپ ، شۇنىڭ بىلەن ………
    ئىشقىلىپ بىرخىل پەيزى كىنو

  5. پادىچى001 2014.07.26 , 18:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭچە ،ئەقىل ،ۋە تەپەككۇر ئۈستىگە قۇرۇلغان فانتازىيە كەلگۇسىدىن دىرەك بىرىدۇ .

  6. ئىسيانكار 2014.07.26 , 23:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كەلگۈسىمىز نىمىدىن دىرەك بىرە ؟؟؟؟

  7. سەيياھمەن 2014.07.27 , 00:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بلوگنىڭ خاسلىقى سۇسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ.

  8. بۆرەزادە 2014.07.27 , 02:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارنىڭ تىمىلىرى يىڭىلىنىش سۇرئىتى بەك ئاستىلاپ كەتتىغۇ …

    • مەنسۇر 2014.07.27 , 12:52

      جىڭ، تولا كىرىپ كونا تېمىلارنى كۆرۈپ زېركىپ قالىدىكەن كىشى. بۇرۇنقىدەك جەلىپكارلىقى قالمىغىلى تۇردى، بۇنداق كېتىۋەرسە تورخۇمارنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىستىقبالىغا زور تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. تورخۇمارجاننىڭ تو خۇمالار ئۈچۈن ئاز تولا ۋاقىت ئاجىرىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  9. جۇغلان 2014.07.27 , 12:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تىما تاختىسىغا چاپلىغان كىنو قىستۇرما رەسىم قايسى كىنونىڭ ؟ كىنو ئىسمىنى قايسىڭلا بىلىسىلەر ؟

    • مايماق 2014.07.27 , 17:10

      ۋىل سىمىس باش رول ئالغان ‹مەن ، ماشىنا ئادەم › ناملىق كىنو . خەنزۇچە ‹我,机器人›
      ئۇنىڭ يەنە «مەن رىۋايەت»،«قارا كىيىملىكلەر» 《我是传奇》,《黑衣人》قاتارلىق كىنولىرى بار

    • جۇغلان 2014.07.27 , 20:24

      رەھمەت مايماق !^،^

  10. خاككىر 2014.07.27 , 15:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ ماشىنا ئادەملە بىرخىل فەچەت جۇمۇ

  11. ئارسلان107 2014.07.28 , 14:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ ماشىنا ئادەم تېخنىكىسىغا بەك قىزىقىمەن . خۇددى فانتازىيە دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەكلا ~~

  12. موگو 2014.07.31 , 21:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇماكا ھىيىتلىق سوۋغا يۇقمۇ .پارچە پۇل بولمىسىمۇ مەيلى ،لىكىن يىڭراق تىمىدىن بىرەسى بولسا كۇپايە :razz:

  13. سۇمرۇغ 2014.08.01 , 23:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئايدا-يىلدا بىرەتالدىن ئەۋەتىسلە بەك ئالدىراشما قانداق … ! تورخۇمارغا زادى نىم بودى … ؟

  14. جاھانكەزدى 2014.08.02 , 00:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارغا كـىرمىگىلى خېلى ۋاقىت بوپتۇ ، بۈگۈن ئاخشام كىرسەم ئاران ئىككى پارچىلا يىڭى تېما باركەن ، ھەييييييييي ،،،،، تورخۇماركام تويىغا تەييارلىق قىلۋاتمايدىغاندۇ ھە باللا

  15. سادىقجان 2014.08.08 , 10:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تىچلىقتۇ؟:eek:

  16. ھاجى 2014.08.10 , 10:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يېقىندىن بېرى ھەجەپ مۇشۇ ماشىنا ئادەمگە ئائىت خەۋەرلەر ئاۋۇپ قالدىيا؟! قەيەرگىلا قارىسام شۇ…

  17. يۇۋاش 2014.08.12 , 14:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارجان ماۋۇ تېمىنى يېزىپ بولغىچە دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان ئوخشىمامدۇ ياكى شۈك تۇرىدىغان روبوتقا ئايلىنىپ قالدىمۇ يە

  18. سەيياھمەن 2014.08.14 , 01:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارغا تېما يوللانمغىلى ساق ئۈچ ئاي بوپتۇ.

  19. كارۋان 2014.08.16 , 11:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىمىدىگەن زىركىنىشلىك ھەجەپ چۇلدەرەپ قالدە بۇتورخۇمار.

  20. ئىلتەبىر 2014.08.18 , 11:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياپۇنيەنىڭ ماشنا ئادەم ياساش تېخنىكىسى خېلى ئالدىدا تۇرامدۇ-نمە!؟

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量