ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمى 2013-يىلى 9-ئايدا سۈرەتكە ئېلىنىش باشلانغان، Paul بولسا شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى ماشىنا ھادىسىسىدە قازا قىلغان، يەنى بۇ دېمەكلىك، Paul ئىككى ئايدىن ئوشۇق ۋاقىت سۈرەتكە ئېلىشقا يەنىلا قاتناشقان، بۇنىڭ ئىچىدە خېلى كۆپ قىسىم مۇھىم كۆرۈنۈشلەر ئاللىقاچان سۈرەتكە ئېلىپ تاماملانغان. Paul نىڭ ئۆلۈمى سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىم گۇرۇپپىسىغا ئېغىر زەربە بولۇپ، فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتىنى ۋاقىتلىق توختاتقان، ئەسلىدە 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى قويۇلماقچى بولغان فىلىممۇ، بۇ يىل 4-ئايغا سۈرىۋېتىلگەن. ئەڭ ئاخىرىدا، Paul Walker نىڭ ھايات ۋاقتىدا تاماملىغان كۆرۈنۈشلىرى ھېچقايسىسى كېسىۋېتىلمىگەن، ئۇ ئىزچىل ھالدا فەندىسارنىڭ يېنىدا ئەر 2-نومۇر بولۇپ، ماشىنىدىن سەكرەش، ئايروپىلاندىن سەكرەش، بىنادىن سەكرەش دېگەندەك بىر قانچە مۇھىم كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى بىر قوللۇق تاماملىغان.
Paul قازا قىلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى مەستانىلەر Paul رولىنى ئالغان برايىن ئوبرازىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ھەرخىل پەرەزلەرنى قىلىشقان، يەنى، برايىن ئوبرازى Paul غا ئوخشاش فىلىمدە ماشىنا ۋەقەسىدە قازا قىلىشى مۇمكىن دېگەن پەرەزلەر بولغان. ئەمەلىيەتتە، فىلىمدە بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلمىغان، برايىن ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى كىنو باشلانغاندىن تارتىپ ئاخىرىغىچە توختىماي غەلىتە مەخلۇقلارنى ئۆلتۈرۈپ دەرىجە ئۆرلەپ كەلگەن. برايىننىڭ ئايالى 2-پەرزەنتىگە ھامىلدار بولغان، برايىن ئۈچۈن بىر تېنچ ۋە خاتىرجەملىككە تولغان، مۇكەممەل خاتىمە بېرىلگەن.
گەپكە كەلسەك، برايىن ئوبرازى ئۈچۈن فىلىمدە بىر مەيدان قاتناش ھادىسىسى ئورۇنلاشتۇرۇش، ماشىنا تېما قىلىنغان بۇ كىنو ئۈچۈن ھېچقانچىلىك ئىش ئەمەس. ھالبۇكى، ئوبرازنى ئارتېستنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىنى قايتا ئورۇنلاتقۇزۇش، ئارتېستنىڭ مەستانىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىنتايىن رەھىمسىز ۋە قوپال بىر ۋاستە ھېسابلىنىدۇ. سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىم گۇرۇپپىسى بولسا، بۇ ئىشقا ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن مۇئامىلە تۇتقان.
قايسى كۆرۈنۈشلەرنى Paul نىڭ ئىنىسى ئورۇندىغان؟
Paul ھايات چېغىدا پەقەت بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەرنى تاماملىغان بولۇپ، تېخى تاماملانمىغان كۆرۈنۈشلەرنى قانداق قىلىش كېرەك؟ سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىم گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ ئىشقا تۇتقان ئامالى بولسا، سېنارىيەنى ئۆزگەرتىش، سىياقداش ئارتېست سەپلەش، ئالاھىدە ئۈنۈم ئىشلىتىش بولغان. Paul نىڭ سىياقدىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىككى ئىنىسىنى ئىشلەتكەن. ئەمما بۇ يەنىلا ئازلىق قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار Weta ئالاھىدە ئۈنۈم خىزمەتخانىسىنى ئىزدەپ، ئالدىنقى بىر قانچە بۆلۈمدە سۈرەتكە ئېلىنغان، ئەمما فىلىمگە ئىشلىتىلمىگەن Paul نىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى فىلىمگە چاندۇرمىغۇدەك دەرىجىدە كىرگۈزىۋەتكەن. ئەلۋەتتە، برايىن ئوبرازىنىڭ چىرايى ئۇدۇلدىن چىقىدىغان جايلارغا، ئالاھىدە ئۈنۈم ۋە ئاۋاز ئۇلاش تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن. ئالدىنقى بۆلەكتىكى برايىننىڭ بىر قاتار ئۇرۇشىدىغان ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشلىرىنى بولسا، Paul ئۆزى بىر قوللۇق تاماملىغان.
(بۇ ئىنىسى Paul غا بىر قەدەر ئوخشايدىغان بولۇپ، چىرايىدىكى قارا چېكىتلەر بولسا، Paul نىڭ چىرايى نۇقتىسى بىلەن بىرىكتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن)
Paul نىڭ ئىنىسىنى تېپىپ سۈرەتكە ئالغان كۆرۈنۈشلەر
1. Paul نىڭ ئىنىلىرى فىلىم دۇبەيدە سۈرەتكە ئېلىنىش جەريانىدا فىلىم گۇرۇپپىسىغا كىرگەن
Paul ھايات ۋاقتىدا، دۇبەيدىكى بىر قىسىم سۈرەتكە ئېلىنىشقا قاتناشقان بولۇپ، شۇڭا فىلىمدىكى بىر قىسىم دۇبەي كۆرۈنۈشلىرىنى Paul ئۆزى تاماملىغان، يەنە بىر قىسمىنى بولسا، ئىنىلىرى تاماملىغان.
2. برايىن ۋە ئايالى، قىزى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ دېڭىز بويىدىكى كۆرۈنۈشلىرى
3. ئەڭ ئاخىرىدىكى ئايرىلىش مىنۇتلىرى
4. يەنە ئاستىدىكى ماۋۇ كۆرۈنۈش
يۇقارقى كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى Paul نىڭ ئىنىسى تاماملىغان(چىرايى ئوپئوخشاش تۇرمامدۇ، قانداق ئىنىسى بولىدۇ دېمەڭ، ئۈستىدە تىلغا ئالغان ئىنىسىنىڭ چىرايىغا قويغان قارا چېكىتلەرنى ئەسلەڭ، كومپيۇتېردا چىراي دېگەننى بىرىكتۈرۈش تەس ئەمەس)
بۇلارنىڭ ھەممىسىگە نۇرغۇن يېڭى تېخنىكىلار ئىشلىتىلگەن، مۇرەككەپلىك دەرىجىسى خېلى يۇقىرى. رېژىسور James Wan كۆپچىلىكنىڭ فىلىمنى كۆرگەندە، قايسىسى Paul قايسىسى ئەمەس ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي، فىلىمدىن ياخشى ھوزۇرلىنىشنى، فىلىمگە چوڭقۇر چۆكۈشىنى ۋە تەسىرلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئارتېست، ئۈنۈم، كىنو، ماشىنا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 50,360 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 04-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: paul-and-furious7.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- كېيىنكى يازما > باشلانغۇچ لوگىكىسىدىكى ئاددىي بىر سىناق، جاۋابىنى تاپالايدىغانلار بارما؟ (جاۋابى ئېچىۋېتىلدى)
- گېرماننىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرى مۇنداق ۋەھشەتكەن!
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- BMW ئاجايىپ سەتەڭ يېڭى تىپلىق ماشىنىدىن بىرنى چىقىرىپتۇ، سارغۇچ يېشىل رەڭلىككەن
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
مەنمۇ ئاكىسىنى ئۆلۈپ كىتەمىكى دىگەن.لىكىن ئۇنداق بوممىدى.كىنودا…
دىۋاندا ئولتۇرۋالدىممۇ نىمە؟
ياخشى تېمىدىن بىرسى بوپتۇ ! مەنمۇ بۇ كىنونى تۈنىگۈن كۆرگەنتىم ( ئوغۇرلانغان نۇسخىسى) نى ئىنگىلىزچە بولغاچقا گەپلىرىنى ئانچە چۈشەنمىدىم ! ماۋۇ تېمىنى كۆرمىگەن بولسام ، مەن تېخى ئۇنى ھەممە كۆرۈنۈشلەرنى ئېلىپ بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن تېخى !
دەرەخكە ئۈسۈپ ئۆلۈپ كەتكىنىنى ئويلىسام ………. ھەي !
بىر ھىساپتا بۇنىڭ ئۆلىمىمۇ بۇ كىنونىڭ بىلەت كىرىمىنى ئاشۇرغان ۋاستىلەرنىڭ بىرسى …
قوللايمەن.
مېنىڭ كۆرۈش سەۋەبىم، جېيسىن ستاتھامنىڭ بۇ كىنوغا قوشۇلىشى
ئەمىسە برايىن(پاۋۇل) نىڭ كىنو ئىچىدىكى سىتىرو ئاۋازىنى قانداق بىر تەرەپ قىلغاندۇ؟
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئىنىلىرى بېرىپتۇمىش.
يەنە كېلىپ ئەڭ ئاخىرقى سۈرەت كىنودىن كېسىلگەن سۈرەت ئەمەسقۇ؟
ئۇ دېگەن IMDB تورى تارتقان خەۋەر سۈرەت…
مەيلى قاندالا بولمىسۇن، ما يازما ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ.
مەن كىنوخانىدىن چۈشۈرۈلگەن نۇسخىسىنى كۆرگەنىدىم…
ئانچە چۈشىنەلمىدىم…سۈزۈكىنى كۈرەي
ھېلىقى ئۇزۇن چاچلىق ياپۇنلۇقمۇ ياكى كورىيەلىكمۇ شۇ ئاداشنى نېمىشقا چىقىرۋېتىدىغاندۇ؟
ئۇ ئاداشقا ئانچە داغ دۇغا قىلمىدىغۇ………
ماۋۇ پاۋۇلغا خېلى قىلىپ قويغان چىراي
ئۇ ئەسلى ئۈچىنچى بۆلۈمىدىلا ئۆلۈپ بولغان…
ئالتىنچى بۆلۈمدىكى مەزمۇن تۈگىگەندىن كېيىن، ئۈچىنچى بۆلۈمدىكى مەزمۇن باشلىنىدۇ…
شۇڭا ئۇ يەتتىنچى بۆلۈمىگە چىقالمايدۇ…
چىقاي دېسىمۇ سىنارىيە ئوڭ كەلمەيدۇ
ئالتىنچى بۆلۈم مابىتى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ توكيوغا كەتكەن…
توكيودا جېيسىن ستاتھام تەرىپىدىن ئۆلىدۇ…
يەتتىنچى بۆلۈمدىكى ھېكايە مۇشۇنداق باشلىنىدۇ
ئۆزۈم رادىيو-تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىشلىگەچكە دۈشەنبە كۈنى ناھىيىمىزنىڭ كىنوخانىسىدا ھەقسىز كۆرىۋالدىم بۇ كىنونى(تېخى 3D نۇسخىسنى) ، ئىشقىلىپ ھەقىقەتەن بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.
ھەجەب تەپ كەتتا بۇ كىنو پۇلنى.
مىنىڭ بۇ ئارتىس بىلەن تازا خۇشۇم يوقتى …جاسىننىڭ قوشۇلغىنى ياخشى بولدى ما بۇلدىغان گۇي دەيمە
مەنمۇ ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلغاننى كۆردۇم ئالامەت ئىشلەپتۇ
لىكىن ياخشى چىقىپتۇ