نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

باشلانغۇچ لوگىكىسىدىكى ئاددىي بىر سىناق، جاۋابىنى تاپالايدىغانلار بارما؟ (جاۋابى ئېچىۋېتىلدى)

يېقىندا، سېنگاپور مەلۇم تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ دېكتورى FaceBook قا بىر لوگىلىك ھېسابلاش مەسىلىسىنى يوللىغان، ئاقىۋەت بۇ مەسىلە ئالدىنقى مەزگىلدە توردا قىززىق نۇقتا بولغان بۇ كۆينەك زادى قارىمۇ كۆكمۇ دېگەنگە ئوخشاش بىر مەھەل غۇلغۇلىغا سەۋەپ بولغان. بۇ قالايمىقانچىلىقلار جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان جاۋاپلارمۇ چىققان، بەزىلەر قارشى تەرەپنىڭ پەزىلىتىدىن گۇمانلانسا، بەزىلەر قارشى تەرەپنىڭ ماتېماتكىسىنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئۆگەتكەنلىكىنى قەيت قىلىشقان. خوش، ئۇنداقتا كاللا ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدىغان، ماتېماتكىچى باللار بولسا بۇ مەسىلىنى تورخۇماردا بىر ئىشلەپ باقمامسىلەر؟

سوئال مەزمۇنى:

Alberty (تۆۋەندە قىسقارتىپ A دەيمىز) ۋە Bernard (تۆۋەندە قىسقارتىپ B دەيمىز) Cheryl(تۆۋەندە قىسقارتىپ C دەيمىز) بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ. A ۋە B ئىككىيلەن C نىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلىشكە بەك قىزىقىدىكەن، شۇڭا C جاۋابەن ئۇلارغا مۇمكىنچىلىكى بولغان 10 كۈننى بېرىپتۇ.

5-ئاينىڭ 15-كۈنى، 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، 5-ئاينىڭ 19-كۈنى
6-ئاينىڭ 17-كۈنى، 6-ئاينىڭ 18-كۈنى
7-ئاينىڭ 14-كۈنى، 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
8-ئاينىڭ 14-كۈنى، 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، 8-ئاينىڭ 17-كۈنى

ئاندىن C ئايرىم-ئايرىم ھالدا A غا قايسى ئاي ئىكەنلىكىنى، B غا قايسى كۈنى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. ئارقىدىن:
A دەپتۇ: مەن C نىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلمەيمەن، ئەمما B نىڭمۇ چوقۇم بىلمەيدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلەيمەن.
B دەپتۇ: ئەڭ دەسلەپتە مەنمۇ قايسى كۈنى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتىم، ھازىر بىلدىم
A دەپتۇ: ئۇنداقتا ھازىر مەنمۇ بىلدىم

ئۇنداقتا C نىڭ تۇغۇلغان كۈنى زادى قاچان؟ كىم تاپالايدۇ؟

دەسلەپتە قارىماققا بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپقىلى بولمايدىغاندەك بىلىنىدۇ، ئەمما ئازراق كاللا ئىشلەتسە، بۇ سوئالنىڭ لوگىكىسىنىڭ ئىنتايىن ئاددىيلىقىنى بايقاش تەس ئەمەس.
ئۆزۈڭلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئەمەسلىكى، ماتېماتكىنى تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىمىغانلىقىڭلارنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، قېنى بۇ مەسىلىنى بىر يېشىپ بېقىڭلار. ئەلۋەتتە، ئۆلچەملىك جاۋابىمۇ بار. ئۆلچەملىك جاۋابى پەقەت بۇ مەسىلىنى يېشىش ئۇسۇلى ۋە جاۋابىنى تەپسىلىي ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرغانلارغا كۆرۈنىدۇ. باشقا تاماشا كۆرگۈچىلەر ئۈچۈن بىر ھەپتىدىن كېيىن تولۇق جاۋابىنى ئاشكارىلايمىز.

جاۋابى: 7-ئاينىڭ 16-كۈنى

مەسىلىنى يېشىش ئۇسۇلى:

(1) A دېدى: مەن C نىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلمەيمەن، ئەمما B نىڭمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلەيمەن
بارلىق جاۋاپلار ئىچىدە، پەقەت 18-چېسلا ۋە 19-چېسلادىن ئىبارەت ئىككى كۈن تەكرارلانمىغان، ھالبۇكى A بولسا B نىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى قەتئىي جەزملەشتۈرەلەيدۇ، شۇڭا 5-ئاي ۋە 6-ئاينى جاۋاپلارنىڭ ئارىسىدىن شاللاپ چىقىرىۋېتىمىز

(2) B دېدى: ئەڭ دەسلەپتە مەنمۇ قايسى كۈن ئىكەنلىكىنى بىلمەيتىم، ھازىر بىلدىم
B ھازىر 7 ياكى 8-ئاي ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، شۇ ھامان قايسى كۈنى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ، يەنى 14-چېسلا ئەمەس.

(3) A دېدى: ئۇنداقتا ھازىر مەنمۇ بىلدىم
A نىڭ قولىدىكى شەرتلەر پەقەت 7-ئاي بولغاندىلا ئاندىن بىلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشكە يېتىدۇ، 8-ئايدىكى ئىككى تاللاشنى جەزملەشتۈرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا جاۋاپ: 7-ئاينىڭ 16-كۈنى.

قايىل بولمىغانلار جاۋابىڭلارنى ۋە يېشىش ئۇسۇلىڭلارنى يېزىپ بېقىڭلار.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
  • ھالقىلىق ســــۆز:
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 68,586 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 04-ئاينىڭ 27-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: cheryl-birth-day.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئىلچىن 2015.04.20 , 20:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    6-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئا ئاينى بىلىدۇ، لېكىن كۈننى بىلمەيدۇ، ب كۈننى بىلىدۇ لېكىن ئاينى بىلمەيدۇ، ئا بىلەن ب بىرسى ئاينى بىلسە بىرسى كۈننى بىلسە توغۇلغان كۈنى چىقىدىغان ئەڭ يېقىن مۇمكىنچىلىك چوقۇم ئىككى چىسلا بار ئاي، يەنى 6-ئاي بىلەن 7-ئاي، بۇ چىسلالار ئىچىدە پەقەت بىر قېتملا كۆرۈلدىغىنى 18-چىسلا بىلەن 19-چىسلا، بۇ ئىككى چىسلا ئىچىدە يۇقارقى ئىككىلا چىسلا بار ئايدا بىرقېتىملا كۆرۈلدىغىنى 18-چىسلا شۇڭا س نىڭ توغۇلغان كۈنى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى

  2. تورخۇمار 2015.04.20 , 20:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىققەت: بۇ تېمىدىكى بارلىق ئىنكاسلار تەستىقلىنىپ چىقىدۇ. شۇڭا يۇقارقىدەك تېپىش ئۇسۇلى ۋە جاۋابى قالدۇرۇلمىغان ئىنكاسلارنىڭ ھېچقايسىسى تەستىقلانمىدى. جاۋاپ يازغۇچىلار شۇ شەرتكە ماس ھالدا ئىنكاس يازغايسىلەر. قەتئىي تاپالمىساڭلار بىر ھەپتىدىن كېيىن جاۋاپ پۈتۈنلەي ئاشكارە ئېلان قىلىنغان چاغدا كۆرىۋالساڭلار بولىدۇ. ئۆلچەملىك جاۋابنى كۆرۈپ بولغانلار ئاشكارىلىماي تۇرغايسىلەر، رەھمەت

  3. مەردان 2015.04.20 , 22:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    5- ئاينىڭ 19 بولدۇ چۈنكى باشقا كۈنلەر ئىككىدىن تەكىرالانغان ئەما 19 بىرلا قىتىم تەكىرالانغان شۇڭا ب كۈنى بۈلدۇ بۇ كۈن دەل 19 ، ئا ، ب غا ئۇ بىلمەيدۇ دىگىنى شۇنىڭ ئۈچۈن

  4. rock 2015.04.20 , 23:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالدى بىلەن مەسىلىنى ئاددىلاشتۇرماق لازىم.
    بىلىشىمىز بويىچەمۇنداق بىر گۇرۇپپا سانلار گۇرۇپپىسى تىزىلى. (مۇشۇنى سىزىق بىلەن تۇتاشتۇرۇپ كۆرۈۋېلىڭلا)

    14

    5 15

    6 16

    7 17

    8 18

    19

    A بىلەن B ھەر ئىككىلىسى بىرىنىڭ ئاينى بىرىنىڭ كۈننى بىلىدىغانلىقىنى بىلىشىدۇ.
    A بىلمەيمەن، ھەم B مۇ چوقۇم بىلمەيدۇ دېيىشى، ئۆزىنىڭ بىلىدىغىنى يەنى C ئۇنىڭغا 5 ياكى 6 دېمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا B غىمۇ 18 ، 19 نى دېمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن B مۇ چوقۇم 5 ياكى 6 ئەمەسلىكىنى بىلىۋالىدۇ. چۈنكى 18 بىلەن 19 دېگەن ئاي سانى بىلەن ئايرىم ئايرىم بىرلا قېتىم ئۇچرىشىدىكەن.
    سانلار قىسقىراپ تۆۋەندىكى گۇرۇپپا قالىدۇ.(مۇشۇنى سىزىق بىلەن تۇتاشتۇرۇپ كۆرۈۋېلىڭلا)

    14

    7 15

    8 16

    17

    B نىڭ بۇرۇن بىلمەيتىم، ئەمدى بىلدىم دېگىنى 5 بىلەن 6 ئەمەسلىكىنى بۇرۇن بىلمەيتىم، ماڭا Aئەمەسلىكىنى دەپ بەردى دېگەن گەپ.
    ئەمدى بىلدىم دېگىنى ئۆزىگە يەنى C ئۇنىڭغا 14 دېمىدىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر 14 دېسە 7 مۇ ياكى 8 مۇ بىلەلمىگەن بولاتتى، شۇڭا چوقۇم 15 ، 16 ، 17 مۇشۇ ئۈچ ساننىڭ بىرىنى دېدى.

    سانلار قىسقىراپ تۆۋەندىكى گۇرۇپپا قالىدۇ.(مۇشۇنى سىزىق بىلەن تۇتاشتۇرۇپ كۆرۈۋېلىڭلا)

    15
    7
    16
    8
    17
    يوقۇرىدىكى گۇرۇپپا ھەممىسى بىردىن بىر بولغانلىقى ئۈچۈن (بېرىلگەن ئاي كۈن ئىچىدىكى)
    B ئۆزى بىلگەن سان بويىچە 7 ياكى 8 ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىدۇ. ئەمدىكى مەسىلە
    A نىڭ بىلگەن سانى 8 بولسا ئۇ Bنىڭ بىلىدىغىنىنىڭ 15 ياكى 17 ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن بولاتتى.
    شۇڭا A نىڭ بىلگەن سانى 7 بولغانلىقى ئۈچۈن كۈن سانىنى 16 دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ.

    شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر ھۆكۈمگە ئېرىشىمىز
    Alberty بىلەن Bernard مەندىنمۇ دەھشەت ئەقىللىق ئادەملەركەن، Cheryl بولسا بىر توخو پوقىكەن، شۇندامۇ قىينامدا ئادەمنى، دەپلەۋەتسە بوممامدۇ دەيمە!

    • تورخۇمار 2015.04.27 , 11:37

      ماۋۇ يولداش تېمىنى يوللىغان كۈنى تېپىۋاپتىكەن، قىززىقى بولماي تۇرمىسۇن دەپ ئىنكاسىنى يوشۇرۇپ قويغان. ھازىر تەستىقلاپ قوياي.

  5. YawaxBoy 2015.04.21 , 00:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنڭچە 19 چىسلا بىلەن 18چىسلانىڭ بىرىسى مىكىن چۈنكى بۇ ئىككى چىسلانىڭ تەكرالىنىشى ئەڭ ئاز

  6. بوران 2015.04.21 , 00:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يوقارقى 10 كۈننىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بار بولۇشى ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، ھەممە كۈنلەر ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇشى مومكىن. ئىككى دوستىنىڭ بىرىگە تۇغۇلغان ئاينى، يەنە بىرسىگە تۇغۇلغان چىسلانى دەپ بەرگەنلىكىگە قاراپلا قالايمىقان ئاساسسىز پەرەز قىلىشقا بولمايدۇ. ئەمما كىيىنكى دىئالوگدا بۇ نوقتا يورۇتۇلغان بولۇپ، يوقارقى 10 كۈن ئىچىدە 5-ئاينىڭ 19-كۈنى بولۇش ئېھتىماللىقى يوقۇرى.

  7. تاڭنۇرى 2015.04.21 , 01:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    5-ئاينىڭ 19-كۈنى ياكى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ،ئا ئاينى بىلىدۇ لېكىن كۈننى بىلمەيدۇ،ب كۈننى بىلىدۇ لېكىن ئاينى بىلىدۇ. لېكىن ب پەقەت س دەپ بەرگەن كۈنگە ئاساسەنلا تۇغۇلغان كۈنىنى بىلىۋالدى، دېمەك س دەپ بەرگەن كۈندىن بىرسىلا بار دېگەن گەپ ،شۇڭلاشقا 5-ئاينىڭ 19-كۈنى ياكى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىككى كۈننىڭ بىرسى، قالغىنىنى ئەتە ئويلىشاي،داۋامىنى يازىمەن ھە، ئەتە دەرس باتتى…:neutral::neutral::neutral:

  8. rock 2015.04.21 , 09:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىززىماپتۇ بۇ تېما، مەنلا توغرا تاپقان ئوخشايمەن.

  9. كامال 2015.04.21 , 11:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۈن سانى تەكرارلانمايدىغان ئاي گورپىسىدىن 2سى بار بىرى 5-ۋە6-ئاي گورپىسى،يەنە بىرى 6-ئاي ۋە7–ئاي گورپىسى ،بۇ ئىككى گورپىنىڭ ئورتاق ئىيى 6-ئاي ، پۈتۇن ئايلار ئىچىدە تەكرارلانمايدىغان كۈندىن ئىككىسى بار 18ۋە19چىسلا،6-ئايدىكىسى بولسا 18چىسلا ،دىمەك تۇغۇلغان كۈن 6-ئاينىڭ 18-كۈنى

  10. تۇيغۇ 2015.04.21 , 13:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    A دەپتۇ: مەن C نىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلمەيمەن، ئەمما B نىڭمۇ چوقۇم بىلمەيدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلەيمەن.
    A قايسى ئاي ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ،B نىڭ چوقۇم بىلمەيدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن تەكرارلانغان كۈن بولىشى كېرەك.شۇڭا 7- ياكى 8- ئاي بولىشى كېرەك.
    B دەپتۇ: ئەڭ دەسلەپتە مەنمۇ قايسى كۈنى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتىم، ھازىر بىلدىم
    ب بولسا كۈننى بىلىدۇ ئەمما ئاينى بىلمەيدۇ، ئا نىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن 15-16-17-كۈنلىرىنىڭ بىرى بولىشى كېرەك.
    A دەپتۇ: ئۇنداقتا ھازىر مەنمۇ بىلدىم
    ئەگەر 8- ئاي بولسا ئا يۇقارقى سۆزنى دىيەلمەيتتى شۇڭا 7- ئاي . ئەگەر 14-كۈنى بولسا ب يەنىلا بىلمەيتتى ،ب بىلىپ بولدى شۇڭا 16- كۈنى .
    دىمەك س نىڭ تۇغۇلغان كۈنى 7- ئاينىڭ 16-كۈنى.

  11. رىۋايەت 2015.04.21 , 14:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باشقا ئاي كۈن تەكرارلانغان پەقەت 5-ئاينىڭ19تەكرارلانمىغان چوقۇم مۇشۇكۈن شۇ
    (مېنڭمۇ تۇغۇلغان كۈنۈم دەل 5-ئاينىڭ 19 ئىدى توغرا كەپقاپتۇ )

  12. rock 2015.04.21 , 16:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي ئاغىنىلە، ھەممىڭلا چىقىپلا تامغا ئۈسكىلى تۇرۇپسىلە، مەن ئازراق ئەسكەرتىش بېرەي.
    A نېمە ئۈچۈن مەن بىلمەيمەن دەيدۇ. چۈنكى C ئۇنىڭغا 5 ياكى 6 نى دېمىگەنلىكى ئۈچۈندۇر. ئەگەر 5 دېگەن بولسا، ھە 5.19 ئىكەن، ئەگەر 6 دېگەن بولسا 6.18 ئىكەن دەپ بىلىۋالغان بولاتتى. بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن چوقۇم 7 ياكى 8 نىڭ بىرىنى دېگەن بولىدۇ.
    ئاخىرىنى چۈشۈرۈڭلار ئەمدى.
    ئېھتىماللىق ، مانچە پىرسەنت دېگەنلەر ئىشلىمەيدۇ بۇ يەردە.

  13. ئۆتكۈر 2015.04.21 , 20:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    5.ئايدىن3
    8.ئايدىن3
    6.ئايدىن2
    7.ئايدىن2
    18.كۈن بىلەن 19.كۈن پەقەت بىرلا
    5كە 8نى قوشساقمۇ 13
    6گە7نى قوشساقمۇ13
    .ئۇلارنىڭ گەپلىردىن
    شۇڭا س نىڭ توغۇلغان كۈنى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى

  14. قۇتتىكىن 2015.04.21 , 22:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاخىرىنى مەن كەلتۈرەي .7-ئاي ۋە8-ئايدا تەكرار كەلگەن 14-ۋە 15چىسلانى ئويلاشمايمىز . پەقەت 16-ۋە 18-چىسلانى ئويلىشىمىز . 18-چسلانى ئاسان تېپىۋالىدۇ .شۇڭا ،16-چىسلا يەنى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇغۇلغان كۈنى.

  15. دىلخۇش 2015.04.21 , 23:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئا نىڭ جاۋابىدىن ب چوقۇم بىلمەيدۇ، دېمەك س بىلىدىغان ئايدا ب بىلىدىغان كۈن چوقۇم يوق، ئەگەر 19-چىسلا، ياكى 18-چىسلا بولسا، ب چوقۇم بىلىۋالىدۇ، شۇڭا ئا بىلىدىغان 5-ئاي ، 6- ئاي ئەمەس، بەلكى 7-ئاي ياكى 8-ئايدۇر.
    ب “ئا” نىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپلا بۇ كۈننىڭ قايسى كۈن ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدى، دېمەك بۇ كۈن 14 چىسلا ئەمەس، ئەمدى 7-ئاينىڭ 16 كۈنى، 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، 8-ئاينىڭ 17- كۈنى قالدى، ئا “ب” نىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپلا قايسى كۈن ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدى، دېمەك بۇ ئايدا تاللاش ئىمكانىيىتى بولغان پەقەت بىر كۈنلا قالدى ، دېمەك بۇ كۈن دەل 7-ئاينىڭ 16-كۈنى بولىشى كېرەك. :mrgreen:

  16. سالىھ بەگ 2015.04.22 , 14:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنىڭدا بىر نەچچە ئۇسۇل باركەن …ئەڭ .ئاز ئىشلىتىلگەن كۇننى تاللاش توغرا كەلسە 5 ئاينىڭ 18 19 كۇنلىرى دەپ پەرەز قىلىئىدىكەن . ئاينى ئاۋۋال تىپىشتا مەن 2قىتىملا دىيىلگەن 6- 7-ئاينى تاللاپ قالغان ئايلانى شاللىۋەتتىم . ئۇ ئىككى ئايدا تەكرارلانغان 3 كۇننى چىقىرۋەتكەن دە 5-ئاينىڭ 18-كۈنى قالىدىكەن . مەن مۇشۇنى بىكىتتىم …

  17. نۇرۇم 2015.04.22 , 16:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ كاللامنىڭ قەتتى ئىشلىمەيدىغانلىقىنى بۈگۈن ھەقىقەتەن بىلدىم ، قىلچە چۈشەنگەن بولسام ئۆلەي . يۇقاردىكى باللارغا ھەقىقەتەن قول قويدۇم .

  18. ئىزچىن 2015.04.22 , 21:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    5-ئاينىڭ 16 – كۈنى بولىدۇ چوقۇم ، ئەڭ ئاددىي كاللام بىلەن ئا ئاداشقا بىرىنچى قۇردىكى بېرىنچى جاۋاپنى بەسە ، ب ئاداشقا ئىككىنچى قۇردىكى ئىككىنچى جاۋاپنى بەسە

  19. مەردان 2015.04.22 , 22:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي باللار بۇ تىپىشماقتا ئا بىلەن ب س نىڭ تۇغۇلغان كۇنىنى تاپتىم دەپتۇ لىكىن س ئۇلارنىڭ تاپقىنىنى توغرا دىمەپتىغۇ بۇ يەردە ھەمىمىز تىپىش بىلەن بوپ كەتمەيلى شۇڭا بۇ يەردا س نىڭ تۇغۇلغان كۇنىڭ قايسى كۈن ئىكەنلىكى مۇھىم ئەمەس بەلكىم ئا بىلەن ب نىڭ توغرا تاپقانلىقى مۇھىم شۇڭا س نىڭ ئۇلانىڭ جاۋاپىنى توغرا دەپ مۇقۇملاشتۇمغانلىقى ئۈچۈن بۇ جاۋاپلار خاتا دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە

  20. دىلشات 2015.04.22 , 22:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خاتا بولۇپ قاپتۇ ، 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىكەن. يەشكەن ئۇسۇلۇم: بۇ ئون كۈن ئىچىدە 19چىسىلا بىلەن 18 چىسىلا پەقەت بىر يەردە كۆرۈلگەن ، شۇڭا 6-ئاي بىلەن 5-ئاينى چىقىرۋاتىمىز ،چۈنكى ب بۇ ئىككى كۈننى بىلسىلا ئاينى پەرەز قىلىپ چىقىرۋېتىدۇ .بۇ يەردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى س نىڭ تۇغۇلغان ئېيى 5- 6 چى ئايلا ئەمەس ،ئەمدى پەقەت 7-8 چى ئايلا قالدى .
    ئەمدى پەقەت ئوخشىمىغان ئىككى ئاي بەش كۈنلا قالدى . 7-8-ئايلار ئىچىدە تەكرارلانغان كۈندىن بىرسى بار ، ئۇبولسىمۇ 14-چىسىلا ، شۇڭا 14-چىسىلانى چىقىرۋېتىمىز ،چۈنكى ئا بىلدىغىنى 7 ياكى 8 -ئاي بولغانلىقى ئۈچۈن 14-چىسىلاغا ئاساسەن 7-ئاي ياكى 8-ئايلىغىنى بىلەلمەيدۇ . ئەمدى بىر يەرگە يىغىپ رەتلىسەك قېلىپ قالغىنى پەقەت ۋە پەقەت ……………….. 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ،8 -ئاينىڭ 15-كۈنى،8-ئاينىڭ 17-كۈنى قاتارلىق ئۈچ كۈن …………..
    ئەڭ ئاخىرىدا خۇلاسە: ب دېگەندىن كېيىن ئا مۇ س نىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلەلىدى. بۇ شۇنى چۈشەندۈردىكى تۇغۇلغان كۈن 8-ئاينىڭ ئىچىدە ئەمەس . چۈنكى 8- ئاينىڭ ئىچىدە ئىككى ئېھتىماللىق كۈن چىقىپ قالدى .شۇڭا س نىڭ تۇغۇلغان كۈنىسى شۇ ئېشىپ قالغان 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ……..
    :razz::razz::razz::razz::razz::razz:

  21. ئەنۋەر 2015.04.23 , 00:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنڭچە 8-17 كۈنى

  22. شەمسى 2015.04.24 , 13:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راستىنى ئېيتسام بىزنىڭ تەنتەربىيە مۇئەللىم فىزىكا دەرىسى ئۆتۈپ بەرگەن ئىشلارمۇ بولغان (جىڭ):arrow:
    ئەسلى گەپكە كەلسەك، مېنىڭ ئويلىشىمچە: ئاۋۋال C ئىككەلەنگە مۇمكىنچىلىكى بولغان كۈنلەرنى ئېيتىپ بەرگەن، ئاندىن A غا 5، 6، 7، 8 دىن ئىبارەت تۆت ئاي ئىچىدىكى بىرىنى ئېيتقان، ھەم B غا 14، 15، 16، 17، 18، 19 ئالتە كۈننىڭ ئىچىدىك بىرنى دەپ بەرگەن، دېمەك ئىككەيلەن قارشى تەرەپتىكى ساننىڭ مۇشۇلار ئارىسىدىكى مەلۇم بىرسى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۇنداقتا بۇلار جاۋابىنى دېيىشمىگەن ئاساستا ئۆزىدىكى سانلاردىن توغرا جاۋابتىن باشقىسىنى تەرتىپ بويىچە چىقىرىۋەتكەن. مەسىلەن:
    A: مەن C نىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلمەيمەن، ئەمما B نىڭمۇ چوقۇم بىلمەيدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلەيمەن. دەيدۇ، دېمەك ئۇنىڭدىكى تۇنجى سان يەنى 4 توغرا جاۋاب ئەمەس، ھەم B دىكى تۇنجى سان يەنى 14 نىڭمۇ ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئارقىدىن B ئەسلى بىلمەيتتىم، ئەمدى بىلدىم دېگەن، ئۇنداقتا ئۇنىڭدىكى A نەزەردىن ساقىت قىلغان تۇنجى سان ۋە ئۆزى چىقىرىۋەتكەن 2- سان ئەمەس، 3- سان يەنى 16 دېگەن گەپ.
    دېمەك 5- ئاينىڭ 16 كۈنى

  23. ئوغۇز 2015.04.24 , 22:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىكەن.

    1. ئالدى بىلەن c نىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىڭ 18- ياكى 19-چىسلا بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى چىقىرىۋىتىمىز. چۈنكى بۇ كۈنلەر پەقەت بىرلا قېتىم تەكرارلانغاچقا، ئەگەر بۇ كۈنلەر بولۇپ قالسا b ئاڭلاپلا c نىڭ تۇغۇلغان ئىيىنىمۇ بىلىۋالاتتى. مەسىلەن: 18-چىسلا دەپ بەرسە، 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىكەن. 19-چىسلا دەپ بەرسە 5-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىكەن. دەپ.

    2. ئىككىنىچ قەدەمدە تۇغۇلغان ئىيىنىڭ 5-ئاي ۋە 6-ئاي بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى چىقىرىۋىتىمىز.چۈنكى a تۇغۇلغان ئاي،كۈنىنى b مۇ چوقۇم بىلمەيدۇ، دەپ قارىغان ئىكەن. ئۇنىڭغا دەپ بىرىلگەن ئاي چوقۇم 5-6-ئايلار ئەمەس. چۈنكى ئەگەر بۇنداق بولمىسا b غا دىيلگەن جاۋاب 18-ياكى 19-چىسلا بولسا b نىڭ بىلىۋىلىش مۇمكىنچىلىكى بولاتتى.

    3.ئۈچىنچى قەدەمدە تۇغۇلغان كۈنىنىڭ 16-چىسلادىن باشقا كۈن بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى چىقىرىۋىتىمىز. چۈنكى بۇنداق بولغاندا b نىڭ a نىڭ سۆزىگە قاراپلا c نىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى جەزىملەشتۈرەلىشى،شۇنداقلا ئارقىدىنلا a نىڭمۇ جەزىملەشتۈرەلىشى مۇمكىن بولمايدۇ.

    شۇڭا تۇغۇلغان كۈنى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى.
    يەنى ئۈستىدىكى دىلشات ئىسىملىك بۇرادىرىمىز توغرا تەھلىل قىپتۇ.

  24. خەپشۈك 2015.04.24 , 23:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۋال س نىڭ تۇغۇلغائەسن كۈنى 18ياكى 19-چىسلا ئەمەس چۈنكى ئۇ كۈنلەر بولسا ب كۈننى دەپ بەرگەندىلا تۇغۇلغان كۈنىنى بىلۋالاتتى ،شۇڭا ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى 5-ۋە 6- ئايدا ئەمەس ،
    ئا نىڭ ب نى بىلمەيدۇ دىگىنىگە قارىغاندا ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى 14-چىسلا ئەمەس ، ئاخىرىدا ئا بۇ گەپنى ئاڭلاپ تۇغۇلغان كۈننى بىلدىم دىگىنىگە قارىغنادا س نىڭ تۇغۇلغان كۈنى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
    ھەجەپ قىينالدىم ئىپادىيەلمەي

  25. سادىقجان 2015.04.28 , 11:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋوججو ما خەقنى، مۇشۇ ئاددى سىناق بولسا مۇرەككەپ سىناقلىرى قانداقتۇ؟؟؟:evil::evil::evil:

  26. ئىزيار 2015.04.30 , 20:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىكار ياشىغاندەك ھېسياتقا كىپ قالدىم !!!:shy::shy::shy:

  27. umer 2015.05.16 , 11:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاران تاپتىم:arrow:

  28. world 2015.05.18 , 04:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنچە بۇ تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى توغرا تاپقىلى بولمىغۇدەك. تېپىش ئۈچۈن سەۋەپ يىتەرسىز. قايتىلانمايدىغان ئككى كۈننى تېپىپلا شۇنىڭغا ئاساسەن ئىش قىلساق تازا ئاساسسىز بولىدىكەن. بىر بولسا بىمەنە تېپىشماقتەك قىلىدۇ. مەن قاچان توي قىلغان دىگەندەك سۇئالكەن!

  29. بايۋەتچە 2015.08.15 , 20:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭچە بىز نىڭ مۇئەللىم ئەسلى تەنتەربىيە ئۇقۇتقىچىسى ئىكەن

  30. ئاخماق 2016.05.18 , 12:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    7-ئاينىڭ14-كۈنى توغرا جاۋابى مۇشۇشۇ

باھا بېتى: 1 2
         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量