نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

بىر ساۋاقداشنىڭ Microsoft ،NOKIA ،Google قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى

بىر ساۋاقداشنىڭ Microsoft ،NOKIA ،Google قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى

ئوقۇش پۈتتۈرگىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بىر ساۋاقداش مەمۇرىلىق ئىمتىھانى بېرىپ ئۆتەلمەپتۇ ۋە مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي، داۋاملىق باشقا كارخانىلاردىن ئۆزىگە مۇۋاپىق ئورۇن ئىزدەشنى قارار قىلىپتۇ. IT ساھەسىگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان بۇ ساۋاقداش ئۆزىنىڭ بەختىنى دۇنياغا داڭلىق شىركەتلەردىن تاپالايدىغانلىقىغا ئاتتەك ئىشەنچ قىلىپتۇ ۋە سەپەر دۇلدۇلىنى شۇ ياققا قاراپ چاپتۇرۇپتۇ…

Microsoft يۈزتۇرانە سىناق خاتىرىسى:
كومىسسىيە: Windows7 كەسپىي نۇسخىسىنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى پارچە سېتىلىش باھاسى قانچە پۇل؟
مەن : – 5 يۈەن.
كومسسيە: – كەينىدىكىسىنى چاقىرىپ قويۇڭ.:!:
كېيىن شۇنى بىلدىمكى، ھازىر قاچىلاشقا بولىدىغان DVD دېسكىسىمۇ 10 يۈەنگە ئاران كېلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن مىكروسوفت چۈشى ئاياغلاشتى..

ئەمما مەن خىزمەت ئىزدەشتىن يەنىلا ۋاز كەچمىدىم ،قىسقىسى مېنىڭ لۇغىتىمدە ئەزەلدىن ۋاز كېچىش دەيدىغان سۆز يوق، شۇنىڭ بىلەن قىسقىچە تەرجىمالىمنى(CV) داۋاملىق تاشلاۋەردىم ۋە ئاخىرى Google نىڭ يۈزتۇرانە سىناق ئۇقتۇرىشىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم…
كومسسيە: سىز بىزنىڭ بۇ ئۇچۇرىمىزنى قانداق بىلدىڭىز؟
مەن : بەيدۇلاپ…
گېپىمنىڭ ئاخىرىسى تۈگۈمەيلا كومىسسيە مېنى چىقىرىۋەتتى….:cry:

ئىچىم سىقىلىپ كەتتى ، ئەمما مەن يەنىلا خىزمەت تېپىپ جان باقمىسام بولمايدۇدە…
دوستۇمنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن مەكدونالدقا باردىم.
كومىسسيە ناھايتى غەلىتە ئادەمكەن ، ئۇ ماڭا مەكدونالدنىڭ ناخشىسىنى ئېيتقۇزدى، ئەلۋەتتە ئىيتالايمەندە ، كىچىكىمدىن باشلاپ ئوقۇپ كەلگەن ناخشا بۇ!..
ئاۋازىمنى قويۇۋىتىپ تازا ئېيتىۋەتتىمدە : كېنتاكىي بولغاچقا تۇرمۇشىمىز كۆڭۈللۈك!.. لاي لاي لاي!…
پوققا ئارىلاشقان ئوسۇرۇقتەكلا كومسسيە قاتتىق ۋاقىراپ كەتتى : نىمە دەپ كەلدىڭ بۇيەرگە!.. يوقال!..
يەنە مەغلۇپ بولدۇم….:arrow:

ئاپام مېنى كۆچمە خەۋەرلىشىشتىكى بىر تونۇشىغا تونۇشتۇرۇپ ،يۈزتۇرانە سىناققا ئەۋەتتى…دوسلىرىمدىنمۇ ئاڭلىشىمچە، كۆچمە خەۋەرلىشىشتە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، بەك چوڭ تېخنىكىمۇ تەلەپ قىلىنمايدىكەن. مانا ئەمدى كۆرۈڭ كارامىتىمنى ، ھەممە ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتۈم ! ئەڭ ئاخىرىدا قايتىدىغان ۋاقتىمدا تېلفون نومۇرۇمنى قالدۇرۇپ قويۇشۇمنى ئېيتتى.
-132….
گېپىم تۈگۈمەيلا بۇ يەردىنمۇ ‹قوغلاندىم›….:???:

گەرچە ئارقا ئارقىدىن مەغلۇپ بولغان بولساممۇ يەنىلا ۋاز كەچمىدىم ، كىم مەن دېگەن !.. بۇنچىلىك مەغلۇبىيەت دېگەن نېمىگە ھىساب!.
ئاخىرى مەمۇرىيلىققا ئىمتاھان بېرىپ ئۆتتۈم، ئەستا بۇنىڭمۇ يۈزتۇرانە سىنىقى باركەن ئەمەسمۇ؟
كومىسسيە: سىز تارىختىكى ئەمەلدارلار ئارىسىدا كىمنى ھەممىدىن بەك ياقتۇرىسىز؟
مەن : خې شېن …
ماۋۇ ئېغىزىمنى ، كومىسسيەنىڭ چىرايىدىن نەتىجىسىنى بىلىۋىلىش تەس ئەمەستە شۇ تاپتا….:twisted:

شۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى تەجرىبە-ساۋاقلىرىمنى يەكۈنلەپ ، بارلىق سورىلىش ئېھتىمالى بولغان سۇئاللارغا ئۆلچەملىك جاۋابلارنى تەييارلاپ ، ئەينەككە قاراپ مەشىق قىلىپ … يەنە خىزمەت ئىزدەشكە ئاتلاندىم . بۇرۇنقى مەغلۇبىيتىمنىڭ ھەممىسى دەل مېنىڭ مۇشۇ ۋالاقتەككۈرۈپ ئېغىزىمدىن بولغانىدى! مانا ، تەييارلىقىممۇ پۈتتى ، ئەمدى ھىچكىم مەندىن قۇسۇر تاپالمايدۇ!
قاتتىق ئىشەنچ بىلەن نوكىياغا كەلدىم .
نوكىيانىڭ شۇئارىنى بىلىمەندە : تېخنىكا ئادەمنى ئاساس قىلىدۇ!…
ھەممە شۇنداق ياخشى بولدى، ئۇلارمۇ مېنى ياقتۇرۇپ قالدى ، سەۋەبى ئۇلارنىڭ بۇ شۇئارىنى كۆپلىگەن ئادەم بىلمەيدىكەن، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەن ئۇلارنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى ئىكەنمەن!…ئەلۋەتتە شۇنداقتە ! بولمىسا نوكىياغا نىمە دەپ بارىمە مەن!..
دەل شۇ ۋاقتتا تېلفونۇم سايراپ كەتتى ! Hello Moto!…
كومىسسيە: يوقىلىڭ!…

ئۆزلەشتۈرگۈچى: بىلىك كۇلۇبىدىن باتۇش



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. يۈكسەل 2010.12.28 , 00:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۋال دىۋان، قالدى گەپنى كېيىن …:grin:

  2. Aronsy 2010.12.28 , 01:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىمانچە قىزىق بۇ ماقالە:mrgreen::mrgreen::mrgreen::wink:
    رەھمەت

  3. ۋەتەن 2010.12.28 , 10:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەڭ ئاخىرىدا تەدبىركارنىڭ ئىمتىھانىغا قاتناشتىم .
    تەدبىركار :
    – سىز بىزنىڭ قايسى سەھىپىنى ئەڭ ياقتۇرىسىز ؟
    -دىۋاننى
    تەدبىركار كۆتۆمگە بىرنى تىپىپ بلوگدىن چىقىرىپ تاشلىدى،ئارقامدىن بايام يازغان ئىنكاسىم ئۇچۇپ كېلىپ بىشىمغا تەگدى…

    • سۈرخان 2010.12.28 , 11:57

      ماۋۇ ئىنكاسقا كۈلۈپ يېتىۋاپتىمەن بوسۇغىدا بولسىمۇ

  4. ئىنتىزار 2010.12.28 , 13:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىزدىنغۇ پەگا ئاشمايدۇ … بەك قىزىقكەن :mrgreen::mrgreen:

  5. ئىرادە 2010.12.28 , 14:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي نىمانچە قىزىق بۇ …

  6. خالىد 2010.12.28 , 14:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاران بىر نوكىيا غا خىزمەتكە چۈشكەندە ئاۋۇ تېلفۇن ھەجەپ ئەدەپسىزلىك قىپتۇ دىسە … Hello Moto…… :lol:

  7. ۋېرۇس 2010.12.28 , 18:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ تۇرقىدا ھېچ يەردىن ئىش چىقمىغۇدەك ….

  8. بۆرەئوغلى 2010.12.28 , 20:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك قىزىقارلىقكەن…
    كەيپىياتىممۇ كۆتۈرلۈپ قالدى.

  9. بۈيۈك 2010.12.28 , 20:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەستاقپۇرۇللا،كىچىك ئوروندۇقتىن بىرنى قوياپ تۇراي:???:

  10. ئويغۇرلار 2010.12.29 , 14:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشىكەن ھەقىقەتەن مەنىسى باركەن

  11. لالما 2011.04.24 , 02:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يامان مازكەن :mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  12. ي. م. ئىلقۇت 2011.05.05 , 19:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ يازمىنى بۇرۇن بىر ئوقۇغان ئىدىم. بۇ قېتىم يەنە بىر ئوقۇپ تازا كۈلۈپتىمەن.

  13. سەۋدايې 2011.05.05 , 21:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    hello moto دىگەن MOTOROLAنىڭ مۇزىكىسىما؟ ئەجەپ قىززىق بوپتۇ دىسە، 移动غا ئىمتاھان بىرىپ،联通نۇمۇر دەپ بىرىپ قوغلانغىنىچۇ تېخى!!!

  14. ئۇيغۇرتېكىن 2011.05.06 , 02:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئېسىل يازمىگەن ماۋۇ :mrgreen:
    «ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە» دېگەن گەپ بار. قارىغاندا، بۇ ساۋاقداش تەجىرىبە-ساۋاقنى يەكۈنلەشنى تازا بىلىپ كەتمىسە كېرەك. ئاخىرقى قېتىممۇ مەغلۇب بولۇپ، ئورنىدىن تۇرالمىدىمۇ-نېمە؟:mrgreen:

  15. ئەركە 2011.05.26 , 17:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نوكىيا شىركىتىگە موتو نى ئەكىرگىنى قىزىق…
    گوگىلنىڭ ئۇچۇرىنى بەيدۇلاپ ………:lol:
    ………….
    بۇ تېمىنى ئوقۇپ، بىر ئىشنى دىگۈم كەپقالدى،
    ئۇيغۇرلارنىڭ كوت-كوت نى ئىشلىگەن شىركىتىگە خىزمەت ئىزدەپ بېرىپ ئالاقە ئۈچۈن QQ نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالامسىز…؟
    سىز جۈرئەت قىلالىغان تەقدىردىمۇ ‹كوت-كوت› شىركىتىدىكىلەر ئاشۇ QQ نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇشنىڭ گېپى چىققاندا يۇقىرىدىكى شىركەتلەردەك دەرھال يوقىلىڭ دىيەلەرمۇ….؟:shock:

  16. ھاپاپاپاپاپاپاپاپاپاپاپ 2012.11.24 , 23:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھاپاپاپاپاپاپاپاپاپاپاپ

  17. مەن 2013.04.08 , 23:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھاھا…… بەك قىزىقكەن…:mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  18. مايماق 2013.12.26 , 16:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سەت بىرنى ھىجىيىۋالدۇق مانا:mrgreen:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量