نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > تاغدىن-باغدىن > يازما كۆرۈش

پەرزەنتلەرنى مۇنداق تەربىيلىمەيلى! ياخشى ئاتا-ئاتا تەربىيلەشنىڭ بىر قىسىم ھېكمەتلىرى…

پەرزەنتلەرنى مۇنداق تەربىيلىمەيلى! ياخشى ئاتا-ئاتا تەربىيلەشنىڭ بىر قىسىم ھېكمەتلىرى...

ھازىرقى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان دۇنيادا نۇرغۇن بالىلارنىڭ بېشىنى ئاغىرتىۋاتقىنى، ئاتا-ئانىسىنى قانداق تەربىيلەپ زامانىۋىلىشىشنىڭ قەدىمىگە يېتىشتۈرۈش بولۇپ قالدى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلارنى ھازىردىن باشلاپ ياخشى تەربىيلەش ھەر بىر مەسئۇلىيەتچان بالىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ…



ھازىرقى ئاتا-ئانىلار ئاسانلا خاتا يوللارغا كىرىپ قېلىۋاتىدۇ،شۇڭا بىرىنچى بولۇپ ئۇلارنىڭ كاللىسىدا توغرا بولغان ھەق-ناھەق قارىشىنى شەكىللەندۈرۈشىڭىز كېرەك، بولمىسا سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز ئۇلارنىڭ كەپسىزلىكىدىن ئېغىر قالايمىقانچىلىققا ئۇچىرايدۇ.ئۇلاردا توغرا ئەخلاق قاراشلىرىنى شەكىللەندۈرۈڭ، ئۇلار بەزىدە تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىق يامان ئادەتلەرنى ئۆگىنىۋالىدۇ، چوڭ-كىچىك دىمەي، سورۇن تاللىماي بۇ خاتا قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا بۇ ئىشلارنى قىلماڭ، بولمىسا ئۇلارغا تەربىيەلىرىڭىزنى ئۆتكۈزەلمەيسىز، بۇلارنى ۋاقتىدا تۈزىتىشىڭىز كېرەك، ئۇلارنى تىللىماي تۇرۇپ بۇ ئىشلارنىڭ ماھىيەت جەھەتتىكى خاتالىقلىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى بۇ ئىشلاردىن توسۇش كېرەك.

ئۇلار ھەقىقەتەن سىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىڭىزغا مۇھتاج، بىراق ئۇلاردا مۇستەقىل ياشاش ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشمۇ بەك زۆرۈر، بۇ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش يولىڭىزدا بەك مۇھىم ئامىل.

ئاتا-ئانىڭىزنىڭ مەھەللىدە ئوينايدىغان دوستلىرىغا دىققەت قىلىڭ، بەزى خاتا يولدىكى ئاغىنىلىرىدىن ئۆزلىرىنى يىراق تۇتۇشنى ياكى دىققەت قىلىشىنى سەمىگە سېلىپ تۇرۇڭ، چۈنكى بەزى قېرىلارنىڭ سۆزلىرى ئاتا-ئانىڭىزنى قورقۇنچاق، تەۋەككۈل قىلىش روھى ئاجىز قىلىپ قويىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك ئويۇنچى بولۇپ قېلىشى مۈمكىن، ھەم ئائىلىسگە، باللىرىغا كۆيۈنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ساۋادىنى چىقىرىپ كىتاپ ئوقۇشقا كۆندۈرۈڭ ، ئۇلارغا ياخشى كىتابلارنى ئېلىپ بېرىڭ، ئۇلار تېلۋېزور كۆرۈشكە بەك ئامراق كېلىدۇ، لېكىن تېلۋېزوردىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى راسىت دەپ ئىشىنىپ قالىدۇ، بۇ بەك خەتەرلىك ئەھۋال، بۇلارنى ئۇلارغا توغرا چۈشەندۈرۈپ تۇرۇڭ، ئېلانلارنىڭ ساختىلىقلىرىنى ئاشكارىلاپ بېرىڭ، بولمىسا ئۇلار ناۋبەيجىن ئېلىپ بەر دەپ يىغلاپ بېشىڭىزنى ئاغىرتىدىغان بولۇۋالىدۇ.

ئۇلارنى دەم ئالغان كۈنلىرىڭىزدە باغچىلارغا ئاپىرىپ ئوينۇتۇپ تۇرۇڭ، ئۇلار زىرىكىپ قالمىسۇن، بولمىسا جاھىل خارەكتىرنى يىتىلدۈرۈۋالىدۇ.

ئۇلارنى تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئادەتلەندۈرۈڭ، ئەتىگەنلىك گىمناستىكىغا چىقىرىڭ، ئۇلارنىڭ سەمىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ، تاماقلىرىغا دىققەت قىلىڭ، ئۇلار تاتلىق، مايلىق نەرسىلەرگە ئامراق كېلىدۇ، بۇنداق ئەخلەت يېمەكلىكلەردىن ئۇلارنى توسۇڭ.

دىمەك ۋەتەن-خەلىققە ياراملىق بولغان ھازىرقى زامان ئاتا-ئانىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ چىقىش، ھەربىر ياشنىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچى بولۇپ قالدى، شۇڭا بالىلار ۋەتىنىمىز، مىللىتىمىزنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن ساپالىق، ساغلام ئاتا-ئانىلارنى تەربىيەلەپ چىقايلى!

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 7 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. جەسۇر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۈگۈن تۆر ماڭا قالدىمۇ نىمە؟

  2. دىلكەش : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇنداقتەك تۇرىدۇ، بۈگۈن دىۋان تالىشىدىغانلار ئۇخلاپ قالغان چېغىۋا!
    ئاتا – ئانىلار بالىلارنى تەربىيىلىمەي، بالىلار ئاتا – ئانىلىرىنى تەربىيىلەمدىكەن ئەمدى…

  3. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ فىلىمنى كۆرۈپ بىر قىسمىلا بوپ قالدىم :arrow:

  4. كوبرا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ماقالە بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، ئەمما بىز بۇ ماقالىدىن ئاتا-ئانىنى قانداق تەربىيەلەشنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا قانداق كۈيۈنىشنى مەقسەت قىلساق بولامدىكىن دەيمەن.

  5. شاھ ئۇيغۇر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان بولمىسىمۇ ئولتۇرۇپ قوياي، تورخۇمارنىڭ يازمىلىرىنى سىرتقا ئورۇندۇق قويۇپ كۆرسىمۇ ئەرزىيدۇ جۇما…… :grin:

  6. سندىبات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئۆتكەندە تورخۇمارنىڭ ھەممە يىرى دىۋان دىمىدىممۇ؟ :mad:

  7. دولقۇن731 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بالا تەربىيلەڭلا «بالا» بۇلۇپ قالمىسۇن

 汗