نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > windows > يازما مەزمۇنى

Windows 8 كەلدى! Windows 8 پروگرامما ئاچقۇچىلار سىناق نەشىرى ئېلان قىلىندى!

بۈگۈن سەھەردە، مىكروسوفت BUILD چوڭ يىغىنىدا ئەڭ يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسى Windows 8 نى ئېلان قىلدى! بۇ قېتىم تارقىتىلغىنى Windows 8 پروگرامما ئاچقۇچىلار سىناق نەشىرى بولۇپ، پۈتۈن يەرشارىغا نىسبەتەن ھەقسىز چۈشۈرۈش تەمىنلەنگەن، چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كېيىن ھېچقانداق ئاكتىپلاش تەلەپ قىلمايدۇ…

ئەمما بۇ نۇسخىدىكى Windows 8 تە پەقەت ئېنگلىز تىلىدىن ئىبارەت بىرلا تىل بولىقى تەمىنلەنگەن بولۇپ، 64 بىتلىق پروگرامما ئاچقۇچىلار نەشىرى، 64 ۋە 32 بىتلىق پروگرامما ئېچىش قوراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان نەشىرلىرىدىن تەشكىل تاپقان. ئەڭ يېڭى Windows 8 مەشغۇلات سېستىمىسىنى سىناپ بېقىشنى خالىسىڭىز، ئۇنداقتا دەرھال ھەرىكەتكە كېلىڭ!

Windows 8 تىن بىر قانچە پارچە كەسمە:

Windows 8 پروگرامما ئاچقۇچىلار نەشىرى ھەققىدە

نۆۋەتتە، بۇ نەشىردىكى Windows 8 تە پەقەت ئېنگلىز تىلىدىن ئىبارەت بىرلا تىل بولىقى تەمىنلەنگەن بولۇپ، 64 بىتلىق پروگرامما ئاچقۇچىلار نەشىرى، 64 ۋە 32 بىتلىق پروگرامما ئېچىش قوراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان نەشىرلىرىدىن تەشكىل تاپقان. ھۆججەت iso فورماتى شەكلىدە بولۇپ، سىز چۈشۈرگەندىن كېيىن IMGBurn ئارقىلىق نۇردېسكىغا ئويۇپ ئىشلەتسىڭىزمۇ، ياكى مەۋھۇم ئوپتىك دېسكا قورالى DaemonTools ئارقىلىق بىۋاستە قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىز بىۋاستە Windows 7، Vista ۋە XP نىڭ ئۈستىگە Win8 نى قاچىلىيالايسىز، ئەمما قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ئايرىم يۇيىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، سىز پەقەت قانداق يېڭىلىقلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ بېقىشنى خالىسىڭىز، ئۇنداقتا VirtualBox قا ئوخشاش مەۋھۇم كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

سېستىمىغا بولغان تەلەپ

Windows 8 پروگرامما ئاچقۇچىلار نەشىرى Windows 7 راۋان يۈرىشىدىغان بىر PC دا نورمال خىزمەت قىلالايدۇ، قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگە بولغان تەلەپتە جىق ئۆزگىرىش يوق.

مۇناسىۋەتلىك چۈشۈرۈش مەنزىللىرى:

32 بىتلىق نەشىرى |    64 بىتلىق نەشىرى |    مەنبە: torhumar.com |    پروگرامما ئېچىش قوراللىرى قوشۇلغان 64 بىتلىق نەشىرى



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 13 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ۋىروس : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاھ win8 ئىشقىڭدا تورخۇمارنىڭ دىۋانىدا تۇرۇپ دىۋانە بولاي !

  2. جەسۇر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    win7 غا كۈنەلمەيۋاتسامwin8 چىقىپ بۇپتىغۇ :wink:

  3. بەگزادە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇمۇ ئويۇننى قوللىمىسا يەنىلا XP ئىشلەتمەي ئامال يوقتە…

    • پرېستان :

      win8 نى كىم ئويۇن قوللىمايدۇ دەيدۇ؟ :roll:

  4. شەمسى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دېسەم دېمىسەم ئىچكىرىدىكى سودىگەرلەر ساختىسىنى ياساپ بازارغىمۇ سېلىپ بولدى ھەقىچان…

    • Forever :

      主题 لىرى ئەتىلا چىقىپ بولىدۇ قاراپ تۇرۇڭلا … :mrgreen:

  5. ئاغىنىلەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي مۇشۇ سىستىمىغا پەقەت كۆنەلمىدىم ئىكىس پى ياخشىكەن

  6. ئاغىنىلەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەنىلا كۇچانىڭ سوپونى ياخشى

    • مېستىر01 :

      ئاداش كومپىيوتىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلمسەك ،يەنە شۇ توغاچ سۇپۇننى ياخشى دەپلا ئۈتۈپ كىىتىمىز..ھى ھى ھى :mrgreen: :mrgreen:

  7. نۆل ۋە بىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پروگرامما ئاچقۇچىلار نەشىرى بولسا ھەقىقى نەشىرى چىققۇچە 7 نى ئىشلىتىپ تۇرايلى…

  8. ياۋايى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي ئىلىكتۇرۇن كەپىدە كىچىككىنە يەگىمۇ يىڭىلىق كىرگۇزۇپ ئالەمشۇمۇم داڭلاپ چىقىرتى ..بۇنىڭ نەرىگە ئۆزگىرىش كىرگۇزدى كۆرە دەپ چىقىرپتۇدا …

  9. ياسىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىز تېخى XP دەۋرىدىن ئەمدى چىقىۋاتساق … زاماننىڭ كەينىدە قېلىۋاتىمىز جۇمۇ






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)