[دات!!!!!!!] Google غا نورمال چىقىشنىڭ ئۈچ تەدبىرى – Google غا چىقىش تېخنىكىلىق ئوقەت
2010-يىلى خاندانلىقنىڭ گۇگېىل ئىزدەش نەتىجىسىگە بولغان قاتمۇقات سۈزمىللىرىدىن بىزار بولغان Google جۇڭگودىكى ئىزدەش بازىرىدىن پۈتۈنلەي چېكىندى. ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى Google.cn ۋە g.cn نى google.com.hk غا يۆتكىۋەتتى. ئەگەر خاندانلىق ئىچىدىكى IP دا گۇگېل ئىزدىسىڭىز، سىزگە بىۋاسىتە شىياڭگاڭدىكى google.com.hk غا ئۇلاپ بېرىدىغان بولدى. بىراق خاندانلىق GFW بۇنىڭغا ئۆچمەنلىك بىلەن يەنە قايتا زەربە بېرىپ ئىزدەش نەتىجىلىرىگە يەنە سۈزگۈچ تۇتۇپ ئولتۇردى. بۇنىڭلىق بىلەن كىشىلەرگە ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىقلارنى قەستەن تۇغدۇرۇپ بۇنى خۇددى گۇگىلنىڭ ئۆزىنىڭ كاشىلىسىدەك تۇيغۇلارنى بەردى ھەمدە كىشىلەرنى بارا-بارا دۆلەت ئىچىدىكى بەيدۇ دېگەندەك تايىنى يوق ئىزدەش ماتورلىرىغا قاراتتى.
يېقىندا Google شىياڭگاڭدىكى مۇلازىمىتېرنىڭ ئۇلانمىسىنى ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ ئەكىتىپتۇ، بەلكىم خاندانلىقنىڭ قىلمىشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمىدى بولغاي. ھازىرقى Google چىلار بولسا بىرى Google نىڭ پولات ئەگەشكۈچىلىرى يەنە بىرى بولسا بەيدۇدىن تاپالمايدىغان جاۋابلارنى تاپماقچى بولغانلار. CNZZ نىڭ 2012-يىلىدىكى سىتاتىسكىسىغا ئاساسلانغاندا Google نىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتى ئىلگىرىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكىدىن ھازىرقى 5% دەك بىچارە ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. بىر مىنۇت سۈكۈت ……..
بۇ يازمىدا Google غا نورمال چىقىشنىڭ بىرقانچە تەدبىرىنى سۆزلەپ ئۆتىمەن، ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى سىننى كۆرۈپ قويۇڭلار ئاندىن بۇنىڭ زادى نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىسىلەر!
1. شىفىرلانغان https:// ئارقىلىق google.com.hk غا چىقىش :
google.com.hk ى ئاچقاندىن كېيىن ئادرېس رامكىسىنىڭ ئەڭ ئالدىغا https:// نى قوشۇپ قويۇڭ.
Chrome توركۆرگۈچنىڭ سۈكۈتتىكى ئىزدەش ماتورىنى ئۆزگەرتكەندە، ئىزدەش رامكىسىغا كېلىپ مائۇسنى ئوڭ چېكىپ 修改搜索引擎 نى تاللاپ تۆۋەندىكى كودنى ئىزدەش ماتورىنىڭ ئادرېسى قىلىپ بەلگىلەڭ
https://www.google.com.hk/search?tbo=1&as_qdr=all&hl=zh-CN&num=50&q=%s
بۇنداق بولغاندا بۇندىن كېيىن ھەر قېتىم https:// دەپ باسمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
2. Google نىڭ IP تەسۋىرى ئارقىلىق بىۋاستە چىقىش :
Google نىڭ نۇرغۇن IP تەسۋىرى بار، توركۆرگۈچكە بىۋاسىتە IP ئادرىسىنى باسسىڭىز Google ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ، چۈنكى خاندانلىقنىڭ IP ئادرېسىغا چېقىلىش ھوقۇقى يوق. كۆپچىلىك ئۈچۈن بېيجىڭنىڭ ئادرىسىنى تەۋسىيە قىلىمەن يەنى :203.208.46.148
بىراق ھەرقېتىم نەرسە ئىزدىگەندە بۇ سانلارنى بېسىپ كىرىپ ئاندىن ئىزدەش سەل بىئەپمۇ قانداق، تۆۋەندىكى بۇ بېكەتhttp://be-evil.org/tools/google_search_creator.php دەل بۇ ئاۋارىچىلىقىنى تۈگىتىدۇ، بۇ بېكەتكە كىرىپ IP ئادرېسىنى تولدۇرۇپ ھاسىل قىلىش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا سىز ئۈچۈن توركۆرگۈچكە ئاپتۇماتىك ھالدا بىز ئىزدەش ماتورىنى قوشۇپ بېرىدۇ، سىز شۇنى سۈكۈتتىكى ئىزدەش ماتورى قىلىپ قويسىڭىزلا بولىدى!
3. ئۆزگىچە ئۇسۇل، بۇنىمۇ مەن تۇنجى ئاڭلىشىم :
http://google.com/ncr ئىنگىلىزچە دۆلەت تەۋەلىكى يوق نەشرىدىكى Google
http://googlestable.com توكيودىكى ۋاكالەتچى نۇسخىدىكى Google
4.hosts ھۆججىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق چىقىش :
بۇ ئۇسۇل سەل ئاۋارىچىلىق ھەم تۇراقلىق بولمىغانلىق ئۈچۈن كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلمايمەن، قىزىقىدىغان دوستلار ئىزدىنىپ بېقىڭلار!
قېنى ئەمسە Googleنى ھۇزۇرىنى سۈرۈڭ!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىچىك تېخنىكىلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Google، ئىزدەش، تېخنىكا
- يازمــا مەنبەســى: ھەزرەت بلوگى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 18,212 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 02-ئاينىڭ 28-كۈنى
- يازما مەنزىلى: googlegha-normal-chiqish.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Win8 موھىتىدا 红警2 نى نورمال ئويناش ۋە لەپتوپ (笔记本) دا ئويۇننىڭ پۈتۈن ئېكران بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
- كېيىنكى يازما > iPhone نىڭ ئۆزىدىكى ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ تېز سۈرئەتتە تارماق نومۇر بۇراش ئۇسۇلى
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- 3D لىك پرويېكسىيە تېخنىكىسىنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟ سۇ ئىشلىتىدىكەن سۇ!!!!!
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- نوكىيا ئاندروئىد تۇمانلىرى : Google قوللاشقا ئېرىشىدۇ، مىكروسوفت نەپكە ئېرىشىدۇ
- ئەردوغان ھولوگرافلىق پرويېكسىيە تېخنىكىسى ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلىدى
- تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
خەپ دىۋان
نەچچە كۈن بولدى ماراپ يۈرگىلى . پەگادىنمۇ چۈشمەي ئولتۇراي
مەنغۇ گوگىلل دىن نەرسە ئىزدىمەيمەن. ئىلگىرى ئىزدىگەنتىم يۇقارقىدەك ئەھۋالغا يولوققان گوگىلنىڭ مۇلازىمىتىرىدىن چاتاق چىققان چىغى دەپتىكەنمەن .شۇندىن كىيىن ئاساسەن بەيدۇدىن ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدىم.لىكىن مۇشۇ بەيدۇ نەدىكى ئەخلەت نەرسىلەر بەك كۆپكەن. ئىزدىگەن تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ئۇلانمىلار بەكلا كۆپ. تۆۋەندىكى ھەل قىلىش چارىسىنى سىنىمىسام بولمىغۇدەك.
http://www.safexj.com/home/thread-382-1-1.html ماۋۇ ئادىرىستا ھەرقايسى دولەتلەنىڭ گوگىل ئىزدەش ماتورلىرنىڭ ئادىرسى باكەن
مەنمۇ گۇگىل ئىزدەش ماتۇرىنى بەك ياخشى كۆرەتتىم.ئەمدى بەيدۇغا كۆنۈپ كەتتۇق.
گوگۇل ئىزدەش ماتورى ھەقىقەتەن قالتىس ….. .يىنە گوگۇلنڭ تور لوغىتىمۇ بەك قولايلىق .. ئەپسۇس بىزنىڭ ئانا تىلىمىز بۇ تور لوغىتىگە تېخىچە كىرگۇزۇلمىدى ..
مەنمۇ رەسىملەرنى شۇنىڭدىن ئىزدەيتىم لىكىن نىمىشقىدۇر ئىچىلماس بولدى ،،جوڭگۇدىن مۇلازىمتىرى يوق دەپ ئاڭلىغان ،،ئەمما بۇ ئۇسۇللار راسلا تەسكەن ئوڭشاپ قىلارمەنمۇ ؟
ئادەتتە ئۇيغۇرچە ماتېرىياللار ئۈچۈن ئىزدە تورىنى ئىشلىتىمەن، خەنچە نەرسىلەر ئۈچۈن گوگۇلنى ئېچىپ ئەمدى بىر نەرسە ئىزدەپ بولغۇچە ئېچىلماس بولىۋالغان شۇنىڭ بىلەن ئامال يوق بەزىلەرگە تەلمۈرىدىغان گەپ …..
ھەزرەتجانغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر ، يانا تېخنىكا بولسا ئايىمىغايلا
قېنى تېلفۇنداچىقىدىغان ئۇسسۇل؟!
ھەممىدىن بەك ھۆرمۈتۈم بار شىركەت گوگۇل بىلەن گايتىسكامنىڭ شىركىتى ، گوگۇلنىڭ ئۇيغۇرچە ئىزدەش بېتىنى كۆرگۈنۈمدە شۇندا خوش بولغان ، يەنە كىلىپ ما ئەنجۈر سېستىمىسىمۇ ئۇيغۇرچىنى يۈرىكىدىن قوللاپ قويدى ئەمەسمۇ ، ئاڭلىسام مىكروسوفىتنىڭ بىڭ ئىزدەش ماتورىمۇ بۇ يىل ئىچىدە ئۇيغۇرچە ئىزدەش بېتىنى چىقىرىدىكەن ، ئەمدى ئويلىساق ما مەرەز يوۋكۇ بىلەن ياڭيۇ 56 دىگەنلەر ئۇيغۇرچە سىنلارغا بەك قاتتىق چەك قۇيۇۋاپتۇ ، شىنجاڭ تەۋەسىدىن چىقىرىلغان سىنلارنى ئامال بار تەستىقلىماسلىقنىڭ قازىنىنى ئېسىپتۇ ، مۇشۇنى ئويلىساملا ئاشۇ بىرمۇنچە سەت گەپ قىلغۇم كىلىدۇ ، بولدىلا
Google.com .tr مەن مۇشۇ ئادرىسنى ئىشلىتىمەن
بەك ياخشىكەن
ئۇيغۇرچە ئىزدەشكىمۇ بولاتىغۇ، ئادىرسىنى قايسىڭلار بىلىسىلەر
http://google.com.hk/ug
مانا بۇ يەردىن
ئاۋۇ رەسىمدىكى قەھۋە ئىستاكانىغا كۆزۈم چۈشتى ، نەدىن تاپامە
مېنىڭ ئىشخانامدا بىر جۈپ بار، سىزنىڭ ئامراقلىقىڭىزغا بىر تالنى ئەۋەتىپ بەگۈم باتتى، لىكىن سىزگە بەرگىنىمنى قىز دوستۇم بىلىپلا قالدىما بولدى، ياندىكى سوراقخانىغا ئاچىقىپ «نىمە مۇناسىۋىتىڭ با ھۆرىخان بىلەن» دەپ بىر ھەپتە ئۇخلىماي سوراق قىلىدۇ.
نەدىن تاپقانتىڭىز ؟ شۇنى دەپبەرسىڭىزلا بولاتتى
ئامرىكىغىلا بارمامسىز
ئۇزۇن بوپتىكەن گوگولنىڭ ئىشخانىلىرىنىلا كۆرۈپ ، تور بېتىنى ئېچىپمۇ باقمىغىلى.
قولۇمدىكى ئاندروئىد تىغۇ ئېچىلىپمۇ قويمدى بۇ كاساپەت.
ئىسىت خۇدايىم گوگېل كام نى نىمىشقا چەكلەپ قويىدىغاندۇ ، ئ نىڭ باللىرى …
2-ئۇسۇل راست بولىدىكەن، سۆيۈملۈك گوگۇلۇم ئاخىرى قايتىپ كەلدى، تورخۇمارغا رەھمەت
youtube بىلەن facebook قىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا چىقامدۇ؟؟
مەن 2- ئۇسۇلنى سىناپ باقتىم ‹ئۇيغۇر› دىگەن سۆزنى ئىزدەپ بەيدۇ دىنمۇ جېق ئۇچۇرغا ئىرىشتىم.
بارىكاللا!
ماۋۇ تېما مەن تورخۇماردا كۆرگەن تۇنجى جانغا ئەسقاتىدىغان تېما بولۇپتۇ. بولمىسا قاچانلا قارىسا قۇرۇق پاراڭ بولغاننىڭ ئۈستىگە، بىر توپ دىۋانچىلارنىڭ جەڭگى-جىدىلى…
ئاران 1مىنۇت نۇرمال چىقتى ! شۇنداقتىمۇ كۆپ رەھمەت سىزگە…
مەن google.com نۇررمال چىقىپ بەك خۇش بولدۇم.
yuotube.com چىقىش بىلساڭلا ئۇگۇتۇپ كويساڭلا
بۇ پەقەت شىياڭگاڭنىڭ لام ئىزدەش ماتورى ھىسابلىنىدۇ،مىنىڭچا ئىزدەش ماتورىنى ئىشلەتكەندە ھەممىدىن يىڭىلىنىش سۈتئىتى تىزنى ئىشلىتىش كىرەك،
يەنى كورىيەنىڭ دۇنيا بويىچە تور سۈرئىتى ھەممىدىن تىز،ياپونىيانىڭمۇ قىلىشمايدۇ،شۇڭا سىلەرگە بۇنى تەۋسىيە قىلىمەن،
www.google.jp
www.google.kr
بۇلارنى كۇپۈنچەيلەن بىلمەيدۇ،چۈنكى بۇنداق ئىزدەش ماتورلىرىنى خاككىر بەكەرەك بىلىدۇ….بىكەت باشلىقىنىڭ WordPress قالايمىقان 插件لىرىنى ئىشلەتمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمەن،توربىكتىڭىزنى قوللايمەن.
قايسى خىل 插件 لەرنى دەيسىزكىن؟
كۆپچىللىكتىن youtube,facebookقاتارلىق دۇنياۋىي داڭلىق تور بەتلەرگە قىزىقىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەستەك قىلىدۇ،شۇنداقتىمۇ قىزىقساڭلار ،بەيدۇدىن wallproxyدەپ ئىزدىسەڭلار،ناھايىتى تەپسىلى چۈشەندۈرىلىشىدىن تارتىپ ھەممىسى بار(لىكىن تەۋسىيەمfacebookقا چىقماڭ،چۈنكى سىز چىققان بىلەنمۇ ئۇنىڭدىكى ھەممىسى چەتئەللىكلەر)قالغىنىنى ئۆزىڭىزمۇ قول سېلىپ قىلىپ بېقىڭ،پەقەت بولمىسا suwarakqqcom خەت قالدۇرۇپ قويۇڭ ياردەم قىلىشقا تەييارمەن،،،