Win8 موھىتىدا 红警2 نى نورمال ئويناش ۋە لەپتوپ (笔记本) دا ئويۇننىڭ پۈتۈن ئېكران بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
Win8 دەۋىرىمۇ ئاخىرى يىتىپ كەلدى. گەرچە بۇ مەخلۇق بىز تەسسەۋۋۇر قىلغاندەك ئۇنچە بەك ۋەھشى بولمىسىمۇ، يەنىلا ئىسلاھات خارەكتىرلىك ئۆزگىرىشلەر كۆپ. سەل قولايسىزدەك بىلىنسىمۇ ناھايىتى تېزلا سىغىشىپ كەتكىلى بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ بىر قىسىم دوستلىرىمىز بۇ يىڭى سېستىمىنى ئىشلىتىش جەريانىدا ھەرخىل كىچىك توسالغۇلاردىن بېشى ئاغىرماقتا. بۈگۈن سىزلەرگە win8 ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇقىدىغان تۆۋەندىكى ئىككى تۈرلۈك مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە سۆزلەپ بېرىمىز.
红警2 نى Win8 دە نورمال ئويناش
بۇ كلاسسىك جەڭ ئويۇنى ھەممىمىزگە تونۇشلۇق، ئۇنىڭ 3-نەشرممۇ چىقىپ بولدى، بىراق ئۆزۈممۇ 3-نەشرىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن، بەكلا ئېغىر ھەم چۈشىنىكسىز. بەلكىم مەندەك ئويلايدىغان دوستلارمۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن. بىراق Win8 دە بۇ ئويۇن نورمال ئېچىلمايدۇ، ئېچىلغان تەقدىردىمۇ مائۇسنىڭ يۆتكىلىش سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىڭ!
ھەل قىلىش ئۇسۇلى :
1. ئويۇننىڭ كۆرۈنىشىنى كىچىكلىتىش
“目标” نىڭ ئىچىدىكى ئادرېسىنىڭ ئەڭ بىر بوشلۇق ئۇرۇۋېتىپ “-win” نى قوشۇپ قويۇڭ! تۆۋەندىكىدەك :
2. سىغىمچانلىقى ۋە باشقا تەڭشەكلەرنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تەڭشەڭ
Win7/Win8 لىق لەپتوپ (笔记本) دا ئويۇننىڭ پۈتۈن ئېكران بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
Win7 دە بەزى ئويۇنلارنىڭ پۈتۈن ئېكران بولماسلىق مەسىلىسى ئەسلىدىنلا مەۋجۇت ئىدى. يېقىندا بەزى ئويۇنلارنى مەندىكى لەپتوپتا ئېچىۋىدىم يەنە كىچىك ئېكران كۆرۈندى، قارىغاندا بۇ مەسىلە Win8 دىمۇ بار ئىكەن، بۈگۈن يىغىپلا ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتەي.
1. ئويۇننىڭ تەڭشىكىنى تەكشۈرۈش :
ھازىر كۆپلىگەن ئويۇنلارنىڭ پۈتۈن ئېكران ھالىتى ياكى كۆزنەكسىمان ھالىتى بولىدۇ، بەلكىم سىز ئۆزىڭىز پۈتۈن ئېكران قىلماي تەڭشەپ قويغايسىز، شۇڭا ئالدى بىلەن ئويۇننىڭ تەڭشىكىنى تەكشۈرۈپ چىقىڭ ۋە تەڭشەڭ.
2. 注册表 ئارقىلىق تەڭشەڭ، Win7 دە مۇشۇنداق ھەل قىلاتتۇق :
Win7 دە بولسىڭىز باشلاش كۇنۇپكىسىدىن 运行 نى ئېچىپ “regedit” دەپ يېزىپ ئېنتنېرنى باسسىڭىز 注册表 غا كىرەلەيسىز، Win8 دا بولسىڭىز بىۋاسىتە Win+R كۇنۇپكىسى بىلەن 运行 غا كىرىپ داۋام قىلسىڭىز بولىدۇ.
HKEY_LOCAL_MACHINE/SYSTEM/ControlSet001/Control/GraphicsDrivers/Configuration نىڭ ئىچىدىكى بارلىق فولدېرنى ئەڭ ئاخىرىغا بارغۇچە تاقاپ ئېچىپ، ھەممىسىدىكى “Scalling” ناملىق جەدۋەلنىڭ قىممىتىنى ئەسلىدىكى 4 تىن 3 كە تەڭشەپ قويسىڭىز بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :
3. باشقا ئەھۋال :
ئەگەر يۇقىرىقى ئۇسۇلىدىنمۇ پۈتۈن ئېكران ھالەتتە كەلمىسە بەلكىن سىنكارتا قوزغاتقۇچنىڭ مەسىلىسى بولىشى مۇمكىن، 驱动精灵 ئارقىلىق يېڭىلاپ بېقىڭ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىچىك تېخنىكىلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: win8، windows، ئويۇن، تېخنىكا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,586 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 02-ئاينىڭ 13-كۈنى
- يازما مەنزىلى: win8-de-oyunning-putun-ekiran-bolmasliqi.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > iPhone(ئايفون)غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە فونت قاچىلاش/تونۇتۇش | ئەڭ ئاددىي ۋە بىخەتەر ئۇسۇل
- كېيىنكى يازما > [دات!!!!!!!] Google غا نورمال چىقىشنىڭ ئۈچ تەدبىرى – Google غا چىقىش تېخنىكىلىق ئوقەت
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- بۇ يىل يازدا ھەقسىز Windows 10 سوۋغا قىلىنىدۇ، 3D كۆزەينەكنى پۇلغا ئالىسىز
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
بەيدۇنى ئىزدەپ قاپاق بوپكەتكەن مۇشۇنى ھەل قىلىمە دەپ رەخمەت دىۋان
ئاپلا بىر مىنۇت كىيىن قاپتىمە ، خەپ !
بىر مىنۇت ئەمەس خېلى مىنۇت كىچىكىپ قاپسىز ، دىۋاندا ئولتاغىم كەممەي بىردەم قايلاپ تۇسام ھېچ ئادەم كىلىدىغاندەك ئەمەس ، شۇ دىۋانخورلارغا ۋاكالىتەن ماندا ئولتۇرۇپ قويدۇم
پىشايۋان !
مۇشۇ قىزىل دىۋىگاتىرا ئۇيىنىنىڭ تارىخى ئۇزۇن لېكىن ئوينايدىغانلار ھەممەيەرلەردە كۆپكەن جۇمۇڭ !
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سىلەردىن سورىۋالاي،
مەن مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 8 نىڭ ھازىرقى زامان ئۇرۇش دېگەننى چۈشۈرۇپ قاچىلىغان لېكىن پەقەت بولمايۋاتىدۇ . قاچىلانمىدى . بولسا ياردەم قىلغان بولساڭلار چچ 405631253
بۇ يەردىن سوراپ بېقىڭ. ياردىمى تېگىپ قالامدىكىن
http://www.oyunqi.net/bbs/forum.php
ئادرىسنى ئۇنتۇپتىمەن
ئېسىل ! مۇشۇ ئويۇننى كۆزنەك 8 دە ئوينىيالماي كۆڭلۈم ئىككى قىسما بوپ كەتكەنتى،،،
خۇداغا شۈكۈر….
نىمىشقا بىراقلا ئۈچىنجىسىگە ئۆتۈپ كەتمەيسىلەر؟
بەكلا فانتازىيەلىك، مەن 1 يىل ئويناپ يەنە مۇشۇنىڭغا كۆچۈۋالدىم… يەنە كىلىپ تۇتىشىدىغان ئادەم يوق 3-سىدە…
بىرىنجىسىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ۋە ھىكايە ۋەقەلىكى بەك ئاددى…ئەلۋەتتە 3-جىسىنى ئۈگىنىش بىرقەدەر تەس.بىز ئۈچىمىز بار ھەپتىدە ئۈچ تۆت قىتىم تۇتىشمىساق ئۇخلىيالمايدىغان.ئەپسۇس ھازىر ئالدىراشچىلىقتا ……
تورخانىلار يېڭى ئېچىلغان ۋاقىتلاردا نىمجان بىلەن مۇشۇ قىزىل تىراۋگا كۆتۈرۋەتكەن تورخانا دىگەننى .
مەن نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر ئۇيۇن مەسلىسى توغۇرلۇق بەيدۇغا كىرسەم ”Scalling“ ناملىق جەدۋەلنىڭ قىممىتىنى 300 گە تەڭشە دەپ يېزىپ قويۇپتۇ ، ئېچىپ قارىسام ئەسلىدىكىسى 4 كە تەڭشەكلىككەن . بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا بەك چوڭ پەرق باركەن، شۇنىڭ بىلەن ئۆزگەرتمىگەن ، 4 بىلەن 300 نىڭ ئوتتۇرىدا قانداق پەرىق باردۇ .
مەنمۇ بۇنىڭ 3-بۈلۈمىنى پەقەت ياقتۇرمۇدۇم،يەنىلام 2-سىگە يەتمەيدۇ
ۋىن8 دە سىمسىزتورنى نۇرمال ئىشلىتىش توغۇرلۇق بىرەئامال يوقمىدۇ
دەسلەپ 64لىك سىستىمىداسىگنال بولسىمۇتورغائۇلىنالماي 32لىك سىستىمىغائالمىشىپ ھەل قىلغان مانا نەچچە كۈن بولدى32لىك سىستىمىدىمۇ يەنەشۇنداق بوپ قالدى سىگنال با ئۇلىنالمايدۇ تور بوممىسا كومپىيۇتىرنى قوزغىتىشمۇ خۇشياقمايدىكەن ئادەمگەبوسا مۇشىلاتوغۇرلۇقمۇ بىرەتىما يېزىپ قويسىڭىز مۇشۇئەھۋالغايۇلۇققانلابىرلىكتە ھەلقىلىۋالساق
ياخشىمۇسىز، مەن مەزكۇر يازمىنىڭ ئاپتورى، بولسا مۇشۇ مەسىلىنى تەپسىلىي قىلىپ ماڭا دەپ بەرگەن بولسىڭىز، مەن ئىزدىنىپ كۆرۈپ مۇشۇ توغۇرلۇق ھەل قىلىش چارىسى يېزىپ چىقسام! تەپسىلاتىنى kmummy@qq.com غا يوللاپ بېرىڭ! رەھمەت!
ئويۇن ئويناشقا ۋاقىت يوق ئولتۇرسام ئەجەپ قىزىپ كېتىپسىلەرغۇ؟؟
چاغانلىق دەم ئېلىۋاتامدۇق يا ، يېڭى تېمىلار يوقاپ كەتتى .!
تور بىكىتىڭىزگە قىستۇرغان ئاۋۇ ئېلان ئۇيغۇر خېرىستىيانلىرىنىڭ تور بىكىتىكەنغۇ؟ www.天经.org دىگىنى.. خۇيزۇ خوتۇن چىقىپ تۇرغان
ئۆتكەندە بىر چەكلىۋەتكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن مەندە كۆرۈنۈپ باقمىدى. بۇلار ئادرېس ئالماشتۇرغان بولسا، يېڭى ئادرېسلىرىنى چەكلەپ تۇرمىساق بولمايدىكەن، ئەسكەرتكىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
PS: تېمىغا مۇناسىۋەتسىز مەزمۇنلار بولسا پىكىر دەپتىرىگە قالدۇرۇپ قويۇڭ.
خىرىستائانلار ئۇيغۇرچە بىلەمدۇ نمە؟ نىمۇ ھېلىقى ھايات نۇرى تورىما ؟ ياكى مەن خاتا كېرىپ قالدىممۇ؟ ئىسمى شۇنداق hayat nuri دەپ تۇرىدۇ.
ئو