iPhone(ئايفون)غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە فونت قاچىلاش/تونۇتۇش | ئەڭ ئاددىي ۋە بىخەتەر ئۇسۇل
iPhone نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، iPhone5/iPad mini/iPad4 قاتارلىق iOS 6 سىستېمىلىق ئۈسكۈنە ئىشلىتىۋاتقان تورداشلار بەس-بەستە تۈرمىدىن قاچتى. ۋەھالەنكى، تۈرمىدىن قاچقان مۇتلەق كۆپ ساندىكى تورداشلارنىڭ بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشى – iPhone غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە فونت قاچىلاشتىن ئىبارەت.
iPhone ۋە iPad قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر گەرچە ئەسلىدىنلا ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى ياخشى قوللىسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بولمىغاچ، خەتلەر ئەرەپچىگە مايىل سەل سەترەك چىقىدۇ. ناۋادا ئايفونغا بىر دانە چىرايلىق ئۇيغۇرچە فونت قاچىلاپ قويساق، ئۇنداقتا خەتلەر خۇددى ھازىر سىز كۆرۈۋاتقان تورخۇمارنىڭ يۈزىدەك چىرايلىق كۆرۈنىدۇ.
iPhone غا ئۇيغۇرچە فونت قاچىلاشتىن بۇرۇن ۋە كېيىنكى ھالەت سېلىشتۇرمىسى:
ئىككىسىدىكى پەرقنى سەزگەنسىز؟ ئەلۋەتتە، تۈرمىدىن قاچۇرماي تۇرۇپ بۇنداق ئۈنۈمگە يەتكىلى بولمايدۇ. تۆۋەندە iPhone(ئايفون)غا ئۇيغۇرچە فونت قاچىلاش ۋە تونۇتۇش جەريانىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز(PS: بۇ ئۇسۇل تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان iPad ۋە iPod قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرگىمۇ ماس كېلىدۇ).
iPhone غا ئۇيغۇرچە فونت قاچىلاش ئۈچۈن كېتىدىغان تەييارلىقلار:
- iPhone چوقۇم تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولۇش كېرەك | iOS 6 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش | iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش
- iTools ياكى iFunbox دېگەندەك قوراللار بولۇشى كېرەك. بۇ يەردە iTools نى مىسال قىلىپ سۆزلەيمىز | iTools نى چۈشۈرۈش
- iPhone ئۈچۈن تەييارلانغان ئۇيغۇرچە قوشۇلغان فونتنى چۈشۈرۈپ تەييار قىلىمىز | iPhone ئۈچۈن ئۇيغۇرچە فونتنى چۈشۈرۈش
iPhone غا ئۇيغۇرچە فونت قاچىلاش ئۇسۇلى:
iPhone نى كومپيۇتېرغا چاتقاندىن كېيىن، iTools نى قوزغىتىمىز. ئاندىن سول تەرەپتىن 文件系统 نى تاللايمىز، ئارقىدىن ئوتتۇرىدىكى 越狱系统 نى تاللايمىز، ئاندىن ئاستىدىن تەرتىپ بويىچە /System/Library/Fonts/Cache نىڭ ئىچىگە كىرىمىز، بۇ چاغدا ئوڭ تەرەپتە نۇرغۇن فونتلار كۆرۈنىدۇ. بىز ئۈستىدىكى تەييارلىق باسقۇچىدا چۈشۈرۈپ تەييارلىۋالغان ئىككى تال فونتنى مائۇس بىلەن تۇتۇپ ئاپىرىپلا بۇ فونتلارنىڭ ئارىسىغا قويۇۋەتسەك بولىدۇ، ئاندىن يانفوننى بىر قايتا قوزغىتىپ قويساقلا تامام.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇرچە فونت قاچىلىغاندىن كېيىن ئەرەپچە مەزمۇنلارمۇ ئۇيغۇرچە فونت شەكلىدە كۆرۈنىدۇ، ناۋادا ئۇيغۇرچە فونت قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن فونتنى ئەسلىگە قايتۇرماقچى بولسىڭىز، ئۇيغۇرچە فونت قاچىلاشتىن بۇرۇن يۇقارقى فونتلار ئارىسىدىكى GeezaPro.ttf ۋە GeezaProBold.ttf ناملىق ئىككى فونتنى بىر نۇسخا زاپاسلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
iPhone غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلاش:
ئايفونغا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قاچىلىغانىكەنمىز، ئەمدى بىر دانە سىستېما كىرگۈزگۈچىگە ئوخشاش ھەرقانداق جايغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدىغان كىرگۈزگۈچ قاچىلىۋەتسەك گۈل-گۈلىگە كەلگەن ئىش بولىدۇدە؟!
گەرچە نۆۋەتتە iPhone غا خاتىرەم قاتارلىق ئۈچىنچى تەرەپ ئەپلەردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولسىمۇ، بىراق سىستېما ئۆزىگە قوشۇلغان كىرگۈزگۈچ تېخى يوق. شۇ سەۋەپتىن بىز تورداشلار بەيدۇ كىرگۈزگۈچىگە ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تېرىسى قوشۇش ئارقىلىق ياساپ چىققان كىرگۈزگۈچنى قوشۇش ئارقىلىق ئوڭايلا مەقسەتكە يېتەلەيمىز.
iPhone غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش قوشۇش ئۈچۈن لازىملىق شەرتلەر:
- iPhone چوقۇم تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولۇشى كېرەك | iOS 6 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش
- ئامال بار WiFi ياكى 3G تور شارائىتى بار جايدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىڭ.
- مەشغۇلات قىلىشتىن بۇرۇن iTunes ئارقىلىق مۇھىم ماتېرىياللىرىڭىزنى زاپاسلاشنى ئۇنتۇماڭ.
iPhone غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش ئۇسۇلى:
Cydia نى قوزغىتىمىز ۋە weiphone مەنبەسىنى قوشىمىز | Cydia غا مەنبە قوشۇش ئۇسۇلى
weiphone مەنبە ئادرېسى: http://apt.weiphone.com
ئاندىن ئىزدەش ئورنىغا 维吾尔 دەپ ئىزدەپ چىققان 1-نەتىجىنى قاچىلىساق، بەيدۇ كىرگۈزگۈچ بىلەن قوشۇپ ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختا تېرىسىنى تولۇق قاچىلىنىدۇ.
يۇقارقى باسقۇچ تاماملانغاندىن كېيىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلاش تاماملانغان بولىدۇ. لېكىن بۇ چاغدا تېخى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ كۇنۇپتا تاختىسى ئاكتىپلانمىغان ھالەتتە بولىدۇ. يانفوننى بىر قايتا قوزغىتىۋەتكەندىن كېيىن، ئېكراندىكى بەيدۇ كىرگۈزگۈچنىڭ ئايكونىنى بېسىپ قوزغىتىمىز ۋە ئاستى قىسىمدىن 超级皮肤 دېگەننى تاللىساق، بەيدۇ كىرگۈزگۈچ تەمىنلەنگەن كىرگۈزگۈچ تېرىلىرى كۆرۈنىدۇ، ئۈستى قىسىمدىن 布局 نى تاللاپ(ئادەتتە سۈكۈت قىممەتتە مۇشۇ جاي تاللانغان بولىدۇ) ئېكراننى ئەڭ ئاستىغا سۈرسەك، Uyghur维吾尔语 ناملىق تېرە ھۆججىتى كۆرۈنىدۇ.
كۆك رەڭلىك 使用 دېگەن خەتنى بېسىۋەتسەك ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختا تېرىسى ئورنىتىلىشقا باشلايدۇ.
بۇ باسقۇچ تاماملانغاندىن كېيىن، بايا بىز باسقان 使用 دېگەن خەت 使用中 دېگەن خەتكە ئۆزگىرەيدۇ. ئەمدى خالىغان خەت يېزىش ئورنىدا كۇنۇپكا تاختىسىنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ باقسىڭىز، ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى بايقايسىز.
خاتىمە:
شۇنىڭ بىلەن iPhone غا ئۇيغۇرچە قونت ۋە كىرگۈزگۈچ قوشۇش ئۇسۇلى تامام بولدى. ئاخىرىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە فونت ئىشلىرى، ئالما ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ئۇيغۇرچە پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلاپ تورداشلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىۋاتقان ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى، پاسىبان كۇلۇبى قاتارلىق تور بېكەتلەرگە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. شۇنداقلا، iOS سىستېمىسىنىڭ ئۆزىگە قوشۇلغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە فونتقا داۋاملىق تەقەززامىز.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا,كىچىك تېخنىكىلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: iOS، iPhone، ئۇيغۇرچە، فونت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 80,766 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 02-ئاينىڭ 10-كۈنى
- يازما مەنزىلى: iphone-uyghur-keyboard-and-font.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Cydia ھەققىدە | iPhone نى تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېيىن ئالدىڭىزدا يېڭىچە بىر دۇنيا نامايەن بولىدۇ
- كېيىنكى يازما > Win8 موھىتىدا 红警2 نى نورمال ئويناش ۋە لەپتوپ (笔记本) دا ئويۇننىڭ پۈتۈن ئېكران بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- 2048 ئويۇنىنى ئويناۋاتامسىز؟ ياق؟! ئۇنداقتا مودىنىڭ كەينىدە قاپسىز!
- ئۇيغۇرخەلق چۆچىكىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن مۇزىكىلىق قىسقا كارتون فىلىم(ھۈسەينەم ۋە زەيتۇنخان)
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
ئوخخو، ما تېمىغا رەھمەت جۇما، گەرچە ئايفۇن بولمىسمۇ ئېلىشنى ئويلاپ يۈرگەن، ئۆگۈنۈپ قوياي
ئۇييۇ، بۈگۈن دىۋان مەن بولاپتىمە،
كەچ بوپ كەتتى ، تور خۇمارنى يوقلىۋىتىپ ئۇخلاي دەپ كەلگەن ، سەل جىندەك كىچىكىپ قاپتىمە
ياخشىمۇ سىز، ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچتا 布局 نىڭ ئىچىدە ئكراننى ئەڭ ئاسىتىغا سۇرسەم 维吾尔语 ناملىق تىرە ھۆججىتى كۇرۇنمىدى. تەلىم بەرسىڭىز
cydia غا apt.weiphone.com بۇ مەنبەنى قۇشۇپ
维吾尔 دەپ ئىزدەپ ئۇيغۇرچە تىرە ھۆججىتىنى چۈشۈرگەندىن كىيىن پەيدا بۇلىدۇ.
مەن تېلغا بۇرۇن زاپاسلاپ قويغان سىستېمىنى قايتۇرغاندا بەيدۇنىڭ تېرىسىنىمۇ قوشۇپ قايتۇرۇپ قويغان چېغى، كىرگۈزگۈچنى ئاچساملا ئۇيغۇرچە تېرە كۆرۈنگەن. ئۈستىدە دېيىلگەندەك apt.weiphone.com دېگەن مەنبەنى قوشۇپ تېرە ھۆججىتىنى ئايرىم چۈشۈرىدىكەنمىز، مەزمۇنغا قوشۇپ قويدۇم.
كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر ، قايسى كۈنى يېرىم كۈن ھەپىلىشىپ قىلالمىغان ، iTools نى تېلفۇنغا چۈشۈرۈپ يۈرۈپتىمەن ئەمەسمۇ . ئاخىرى مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى ، بەك تەپسىلى يېزىلىپتۇ .
بەك بەلەن ئىش بوپتۇ. بىر نەچچە دوستۇم مەندىن مۇشۇ سۇئالنى سورىغان .مەن تېخى خالاستان بلوگىنى تەۋسىيە قىلىپتىكەنمەن. ئەمدى مۇشۇنىلا تەۋسىيە قىلاي.
ھەقىقىي نەپ تىگىدىغان تىما بوپتۇ مىنە…
تورخۇمار ئەپەندى ipad نىڭمۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلىرى بولسا بىر سۆزلىۋەتكەن بولسىڭىز، بىزمۇ پايدىلانساق
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . تەدبىركار سىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن . بۈگۈن ئاسانلا ۋە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق قاچىلىۋالدىم ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى !
ھەرىپنى قانداق ئالماشتۇرىمىز ، مەسلەن ‹‹ ئە ›› ھەرىپى بىلەن ‹‹ گ ›› ھەرىپى بىر كونۇپكا ئۈستىدە بولغاچ ‹‹ گ ›› ھەرىپىنى چىقىرالمىدىم .
شۇ ھەرپنى بېسىپ تۇرسىڭىز بولدى
مەن قىلىۋالدىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن كۈچ چىقىرۋاتقان بارلىق قىرىنداشلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن
سىز گە چىن كۆڭلۇمدىن رەخمەت ئېيتىشىمغا چۇقۇم ئىشنىڭ ! كۆپتىن_ كۆپ رەخمەت سىز گە ›مەن ئۈگىنىشنى خالايدىغان ئشتىن بىرنى قىپسىز
مەن5-ئەۋلاتنى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بۇلۇپapt.weiphone.com دېگەن مەنبەنى قوشۇپ كىرگۈزگۈچنى نۇرمال ئىشلىتىۋاتاتتىم،بۇگۈن بالام بىرئىشلانى قىلىپ بەيدۇكىرگۈزگۈچنى يېڭلىۋېتىپتىكەن ئۇيغۇرچەتىرە كۈرۈنمىدى قايتا قاچىلاپ سىناپ باقتىم يەنە كۈرۈنمىدى پەقەت كۇنۇپكا تاختىسىدا قايتىش دىگەن سۆز كۈرۈندى باشقا ھەرىپلەركۈرۈنمىدى خەنزۇچە بوپ قالدى قاندان قىلسام ئوڭشىلىدۇ تەلىم بەرگەيسىز.
تۈرمىدىن قېچىش دېسە نەچچە قىسىملىق تەس ئىش ئوخشايدۇ دەپ سىناپ باقمىغانتىم….بۈگۈن تورخۇمارنىڭ تېمىسى بويىچە قىلىپ تېلفۇنۇمنى بىر چىرايلىق ئۇيغۇرچىلاشتۇرىۋالدىم…لاي لاي لاي…
كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر سىلەرگە!!!
لاي لاي لاي ئەجەپ ياخشى بولدى ئاخىرى مۇۋەپپىققىيەت قازاندىم
مەن ئايفۇنغا كىرگۈزگۈچ قاچىلغان ئىدىم ، بىراق ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەندە ،维吾尔 ئىزدىگەندە ھېچقانداق نەرسە تاپالمىدى، بۇقانداق ئەھۋال؟ ماڭا ياردەم قىلغان بولساڭلار ،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!!!
ئىش تامام !
رەھمەت سىلەرگە ، پاسىبان ۋە ئالما ھەۋەسكارلىرى تورىغا !
ېكراندىكى بەيدۇ كىرگۈزگۈچنىڭ ئايكونىنى بېسىپ قوزغىتىمىز مۇشۇ يەرنى قەتتى بىلمىدم مۇشۇ يېرى تەپسىلى بولغان بولسا
مەن 百度输入法 نى ئاكتىپلاندۇرالمىدىم،تېلفوننى قايتا قوزغۇتۇپ ئاچساممۇ 新版本需要重启桌面才能有效 دەپ چىقىۋالدى…قانداق ھەل قىلساق بولىدۇ؟
بەك ياخشىكەن كوپتىن -كوپ رەخمەت ! مەن بەك خوش بولدۇم
ناھايىتى ياخشى تىما بوپتۇ ،مەنمۇ تىلىفۇنۇمنى ئۇيغۇرچە قىلىۋالدىم مانا ،ياشاپ كىتىڭلا !!!
مەن قىلاممىدىم ماڭا كىم ياردەم قىلدۇ ؟
ئۇيغۇرچە فونت قاچىلغان بىلەن ئەرپچە چىقمايدىكەن ئەمەسمۇ ..
فونتنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرمىز بىر دەپپىرىڭلاچۇ
كھپسڭز
6.iPhone ئۈچۈن تەييارلانغان ئۇيغۇرچە قوشۇلغان فونتنى نەدىن تاپىمىز دوسلا؟GeezaProBold.ttf ۋە GeezaPro.ttf
ناھايىتى ياخشى تىما بوپتۇ ،مەنمۇ تىلىفۇنۇمنى ئۇيغۇرچە قىلىۋالدىم، فونتنىم ياخشى بولدى
تإرمئدئن قاچذرذلمئغان تئلپذنلارغ قانداق قاچئلايمئز فونئتنئ ؟
7.01 گە بولمامدا مەن قىلالمىدىميا