Cydia ھەققىدە | iPhone نى تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېيىن ئالدىڭىزدا يېڭىچە بىر دۇنيا نامايەن بولىدۇ
iOS نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشتىكى ئەڭ دەسلەپكى ئېھتىياج ئەسلىدە سىستېمىنى تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ ئەركىن ھالەتكە ئەكىلىش ۋە نۇرغۇن يېڭى ئىقتىدارلارنى قوشۇش ئىدى. ئەمما، ھەقلىق ئەپلەرنى ھەقسىز قاچىلاش ئېھتىياجى بۇ قاتارغا قوشۇلغاندىن كېيىن تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭمۇ تەمى ئۆزگىرىپ كەتتى. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، نۇرغۇن ھەقلىق يۇمشاق دېتاللار ياكى ئويۇنلارنىڭ باھاسىمۇ جىق بولسا 20~30 سوم، ناۋادا ھەقىقەتەن شۇ ئەپنى ياقتۇرسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇنچىلىك پۇل چىقىرىپ بىر ئەپنى سېتىۋېلىش، نەچچە مىڭ سوم خەجلەپ iPhone ئالغان سىز ئۈچۈن ئۇنچە تەس ئەمەس دەپ ئويلايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، نۇرغۇن نادىر ئەپ ۋە ئويۇنلار سېتىۋېلىپ بولغاندىن كېيىنلا غايىپ بولۇپ كەتمەستىن، داۋاملىق نەشىرىنى يېڭىلاش، ئىقتىدار قوشۇش، يېڭى ئۆتكەللەرنى قوشۇش ئارقىلىق كۆپچىلىكنى تېخىمۇ ياخشى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىدۇ. بۇ توغرىسىدا بەك تەپسىلىي توختىلىپمۇ كەتمەيلى، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزى ئويلىغىنى بار ئەلۋەتتە.
تۈرمىدىن قاچۇرمىغان iOS ئۈسكۈنىلىرىگە پەقەت AppStore ئارقىلىقلا ئويۇن ياكى يۇمشاق دېتال قاچىلاشقا بولىدۇ، سىستېمىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتمەكچى بولسىڭىز، مەسىلەن ئاجايىپ قالتىس 3D ئۈنۈمدىكى بەت ئۆرۈش ئىقتىدارىنى قوشماقچى بولسىڭىز، تۈرمىدىن قاچۇرمىسىڭىز ئامال يوق. ئۇيغۇرچە فونت ياكى كىرگۈزگۈچ قاچىلىماقچى بولسىڭىز، تۈرمىدىن قاچۇرماي ئامال يوق. كەلگەن تېلىفوننىڭ رايون تەۋەلىكىنى چىقارماقچى بولسىڭىز، تۈرمىدىن قاچۇرماي ئامال يوق…ھالبۇكى، مۇشۇنچىۋالا كۆپ ئىقتىدارلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىز تۈرمىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولىمىز.
تۈرمىدىن قاچۇرۇلغاندىن كېيىنكى iPhone غا قوشۇلغان بىر قىسىم ئىقتىدارلار:
بۈگۈنكى تېمىمىزدا، iPhone نى تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېيىن ئېكراندا يېڭىدىن پەيدا بولغان Cydia ناملىق ئايكون توغرىسىدا توختىلايلى. مۇشۇ ئىككى كۈن ئىچىدە مەن خېلى كۆپ تونۇشلىرىمدىن تۈرمىدىن قاچۇرۇش توغرىسىدىكى تېلىفون ۋە E-Mail تاپشۇرۇپ ئالدىم، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەتتا تۈرمىدىن قېچىشنىڭ نېمە ئىكەنلىگىنى، نېمە ئۈچۈن تۈرمىدىن قاچۇرىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتى، پەقەت بۇداقى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى پەۋقۇلئاددە ئاددىي بولغاچ، كۆپچىلىك ھەممەيلەن ئېقىمغا ئەگىشىپ قېچىپ باققان بولسا كېرەك؟ شۇڭا ھەممەيلەن ئەمدى قانداق قىلىمەن؟ ئېكراندا Cydia دەپ بىر نەرسە پەيدا بولۇپ قالدى، بۇ نېمە نەرسە دېگەندەك سوئاللارنى كۆپ سورىغان بولدى. تۆۋەندە بۇ ھەقتە توختىلىمىز.
قىسقىلا قىلىپ ئېيتساق، Cydia دېگىنىمىز تۈرمىدىن قاچۇرغان iOS ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ئېچىلغان ئەپ بازىرى ھېسابلىنىدۇ. ماھىيەت جەھەتتە AppStore دىن جىق پەرقى يوق، پەرقى بار دېيىلسە، Cydia پەقەت تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان iPhone ياكى iPad ئۈچۈن قىستۇرما، ئەپ، سىستېما يامىقى، ئۇسلۇب دېگەندەكلەرنى مەخسۇس تەمىنلەيدۇ. بۇ نەرسىلەرنى سىز تۈرمىدىن قاچۇرماي تۇرۇپ ھەرگىز ئىشلىتەلمەيسىز، شۇنداقلا Cydia دىكى بۇ قىستۇرمىلار AppStore دا مەڭگۈ تەمىنلىنىشى مۇمكىن بولمىغان قىستۇرمىلاردۇر. گەرچە Cydia دىكى مەزمۇنلار تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېيىنلا ئىشلەتكىلى بولسىمۇ، ئەمما Cydia ھەرگىزمۇ بىر يېشىۋېتىلگەن يۇمشاق دېتاللارنى تەمىنلەيدىغان سۇپا ئەمەس. ئېسىڭىزدە بولسۇن، Cydia مۇ ماھىيەتتە بىر رەسمىي نەشىردىكى قىستۇرمىلارنى تەمىنلەيدىغان بازار، بۇ جايدا ھەقسىز قىستۇرمىلارمۇ ۋە ھەقلىق قىستۇرمىلارمۇ بار. بىز كېيىنچە تاللاپ بىر قىسىم زۆرۈر قىستۇرمىلارنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشىمىز مۇمكىن.
Cydia نى ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
تۈرمىدىن قېچىپ بولغاندىن كېيىن ئېكراندا Cydia ناملىق ئايكون پەيدا بولۇپ قالسا گاڭگىراپ قالغان تورداشلار ئۈچۈن تۆۋەندە قىسقىچە قەدەم باسقۇچلار بىلەن Cydia نى ئاددىي ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز.
Cydia نى تۇنجى قېتىم قوزغاتقاندا دەسلەپلەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە بۇ مەشغۇلات تۈگىگەندە سىستېما بىر قايتا قوزغىلىدۇ.
سىستېما قايتا قوزغىلىپ بولغاندىن كېيىن Cydia نى قايتا قوزغاتقىنىمىزدا رەسمىي قوزغىلىپ بىزدىن ئىشلەتكۈچى ھالىتى قاتارلىقلارنى تاللاشنى سورايدۇ. بىز ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن 用户 دېگەننى تاللاپ ئوڭ ئۈستىدىن 完成 نى بېسىپ Cydia نىڭ رەسمىي كۆرۈنمە يۈزىگە كىرىمىز.
تۇنجى قېتىم قوزغاتقاندا Cydia ئۆز مۇلازىمېتىرىغا ئۇلىنىپ بىر قىسىم ياماقلارنى چۈشۈرىدۇ، بۇ چاغدا ئۈستى قىسمىدا بىر قىسىم يېڭىلىنىۋاتقان ئۇچۇرلار كۆرۈنىدۇ، سەۋرچانلىق بىلەن يېڭىلىنىشىنى ساقلاپ تۇرساقلا كۇپايە.(ئەسكەرتىش: بۇ مەشغۇلاتلارنى ئەڭ ياخشىسى WiFi ياكى 3G تور شارائىتىدا ئېلىپ بېرىڭ)
ئەمدى Cydia دىن خالىغانچە قىستۇرما چۈشۈرسەك بولىدۇ. ئەلۋەتتە، قىستۇرما چۈشۈرۈش ئۈچۈن بىز قىستۇرما مەنبەسىگە ئېھتىياجلىق بولىمىز. Cydia قاچىلانغان چاغدا ئۆزىدە نەچچە تال قىستۇرما مەنبەسى بولۇپ، ھەممىسى چەتئەلنىڭ قىستۇرما مەنبەلىرى، بۇ مەنبەلەردە لازىملىق قىستۇرمىلارنى ئاساسەن تاپقىلى بولسىمۇ بىراق كۆپىنچىسى ئېنگلىزچە ھەمدە چەتئەلنىڭ مۇلازىمېتىرىدا بولغاچ سۈرئەت ئاستا. شۇڭا بىز جۇڭگودا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر نەچچە دانە داڭلىق قىستۇرما مەنبەسىنى قوشۇپ قويساق بولدى. تۆۋەندە قىستۇرما مەنبەسى قوشۇشنى باشلايمىز.
Cydia نىڭ كۆرۈنمە يۈزىنىڭ ئاستىنقى قىسمىدا بىر قىسىم تاللانمىلار بار، بۇ جايدىن 管理 دېگەننى تاللايمىز.
ئاندىن چىققان كۆرۈنمە يۈزدىن 软件源 دېگەننى تاللايمىز.
بۇ چاغدا Cydia ئۆزى تەمىنلىگەن بىر قانچە قىستۇرما مەنبەسىنىڭ تىزىملىكى كۆرۈنىدۇ، بىز قول سېلىپ بىر قانچە دانە كۆپ ئىشلىتىدىغان مەنبە قوشىمىز. قوشۇش ئۇسۇلى: ئوڭ تەرەپتىكى 编辑 نى باسساق سول تەرەپتىكى 管理 دېگەن خەت 添加 غا ئۆزگىرەيدۇ. 添加 نى باسساق قوشماقچى بولغان قىستۇرما مەنبەسىنىڭ تور ئادرېسىنى كىرگۈزۈش رامكىسى چىقىدۇ. تور ئادرېسىنى كىرگۈزۈپ 添加源 نى باسساقلا بولىدۇ، ناۋادا 添加源 نى باسقاندىن كېيىن يەنە بىر رامكا چىقىپ ئوڭ تەرەپتە 仍然添加 دېگەن خەت كۆرۈنسە شۇنى بېسىۋەتسەكلا كۇپايە.
دۆلەت ئىچىدە كۆپ ئىشلىتىدىغان Cydia قىستۇرما مەنبەلىرىدىن:
http://apt.178.com
http://apt.weiphone.com
يۇقىرىدا قىستۇرما مەنبەسىنى قوشۇش تامام بولدى. ئەمدى ئاستى تەرەپتىن 搜索 نى بېسىپ، ئۆزىمىز قاچىلىماقچى بولغان قىستۇرمىنىڭ نامىنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ تېپىپ، سىستېمىغا ماس ھالدىكى نەشىرىنى قاچىلىۋەتسەك بولىدۇ. دىققەت: قىستۇرما قاچىلىغاندا چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان قىستۇرمىلارنى قاچىلاڭ، زىيادە كۆپ قىستۇرمىلارنى قاچىلىۋېلىش سىستېمىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ قالمايلا، يەنە يانفوننىڭ توكىنى تېز خورىتىۋېتىدۇ، بەزى قىستۇرمىلار ھەتتا سىغىشماسلىق تۈپەيلى يانفوننى پالەچ ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇش مۇمكىن. شۇڭا قاچىلىغاندا چۈشەندۈرىلىشىنى ياخشى ئوقۇپ، شۇ قىستۇرما نۆۋەتتىكى iOS سىستېمىسىنىڭ نەشىرى بىلەن ماس كېلەمدۇ يوق ئايدىڭلاشتۇرغاندىن كېيىن قاچىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
Cydia نى ئىشلىتىش ۋە مەنبە قوشۇش ئۇسۇلى مۇشۇ يەردە تامام بولدى. كېلەر قېتىمدا ۋاقىت چىقىرىپ iPhone غا ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ قاچىلاش ئۇسۇللىرىنى مەخسۇس تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشىمىز مۇمكىن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىچىك تېخنىكىلار,يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: iOS، iPhone، ئەلالاشتۇرۇش، قىستۇرما
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 17,188 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 02-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: cydia.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > [ئەمدى سورىماڭ!] 32بىت ۋە 64بىتلىق سىستېمىنىڭ پەرقى ۋە ئالاھىدىلىكى
- كېيىنكى يازما > iPhone(ئايفون)غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە فونت قاچىلاش/تونۇتۇش | ئەڭ ئاددىي ۋە بىخەتەر ئۇسۇل
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- 2048 ئويۇنىنى ئويناۋاتامسىز؟ ياق؟! ئۇنداقتا مودىنىڭ كەينىدە قاپسىز!
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
- سامسۇڭ Tizen قاتارلىق سىستېمىلار Android قا ھۇجۇم باشلىدى
ۋىييۇ بەك بەلەن ئىش بوپتۇ
يېقىننىڭ ياقى تورخۇماردا مېغىزلىق تىما بەك جىقلاپ كەتتى ، ئادەمگە ھەقىقى نەپ بىرىۋاتىدا ، قوللايمىز شۇڭا تور خۇمارنى ، ھە راس ما توڭگان قىزنىڭ ئىلانىنى بى چىكىۋىتەي
ئۆتكەندە بىر ئاكىمىز ئايفون ئاپتىكەن، بىر رىمۇنىتچى ئاداش ئۇ ئاكىمىزدىن 50 سوم ئېلىپ تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بېرىپتۇ، مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ، ئۇكام بۇ يۆيۆ (越狱 دىمەكچىدە ) نېمىگە پايدىسى بار دەيدۇ . پايدىسى جىق تېلىفۇننىڭ توك تېز تۈگەيدۇ، كاشىلىسى تولا چىقىپ كېچىسى ئۇيقۇسىز قويىدۇ، ھەپتىدە ئايفوننى ژىتىۋىتىدىغان بوپ كېتىلا دىسەم ھەيييي دەپ قاراپ تۇرىدۇ ….
بەزى يانفۇن رېمۇنتچىلىرىنىڭمۇ كۆڭلى بەك قارا بوپ كېتىپتۇ، بۇنداق ئىشلارغا بەك كۆپ ئۇچىراپ كەتتىم ….
سەمىمىي تەۋسىيەرىم : سىز يېڭى ئايفون ئىشلەتكۈچى بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دىگەندەك شاماللارغا ئانچە قىززىقىپ كەتمەڭ !
شۇنى دەيمە … ئايفوننى ئانچە چۈشەنمەيدىغانلار ئەڭ ياخشىسى قاچۇرماڭ. ناۋادا قىلىدىغانغا ئىشىڭىز يوق، بىكار ۋاقتىڭىز جىق، پۇلنى سۈپۈرگىدە يىغىپ تاپىدىغانلاردىن بولسىڭىز قاچۇرۇپ ئېتىشىپ قويسىڭىز خېلى ئىچ-پۇشىقىڭىز چىقىپ قالىدۇ…
ئايفۇن دىۋەرمەي ئاندىروئېتمۇ دەپ قوياڭلا تورخۇمار ئۇستاز
مىنىڭ دوسلۇرۇممۇ تولا خەت نۇسخىسى قاچىلاپ بەر ، كىرگۈزگۈچ قاچىلاپ بەر دەپ ئىزىدگەنلىكى ئۈچۈن . iphone غا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ۋە كىرگۈزگۈچ قاچىلايدىغان cydia مەنبەسى ياساپ قويدۇم ، بۇ مەندەدىكى دىتتاللار www.xjmac.com دىن ئىلىنىدى .
cydia ئادىرسىنى يىزىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئادىرىسى :
apt.uqkun.com
مەنبە ئېچىلمىدى، تەكشۈرۈپ باقسىڭىز.
مەن تۈرمىدىن قاچۇرسام قىلىدىغان ئىشىم : سېستىما بىلەن ھەپىلىشىپ بىر نىمىلىرىنى ئۆزگەرتىپ ياساپ دىگەندەك… كەينىدىن سسستىما بۇزۇلسا كۈنىگە نەچچە ھەتتا كۈنىگە 7-8 قېتىممۇ سېستىما يېزىپ يۈرۈپ بىكا قالماسلىقنىڭ دورىسى ئۈچۈن قاچۇرىمەن . باشقا سەۋەب مەن ئۈچۈن بەرىبىر… چۈنكى 5-6 ئاي قاچۇرمايمۇ ئىشلىتىپ، قاچۇرغاندىن كىيىن ئىشلەتكىلى بولىدىغان نەرسىنىڭ ھېچقايسىسىغا ئىھتىياجىممۇ چۈشۈپ باقمىدى.
ئالمىغا قىزىقىپمۇ كەتمەيمەن . شۇنداقتىمۇ رەھمەت جاپا تارتىپسىز.
رەھمەت سىلەرگە، cydia توغرىسىدا دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. بولسا ئىسلامى قىستۇرما مەنبەسى بولسا تەۋىسسيە قىلساڭلار!
يەنىلە تۇرمىدىن قاچۇرماي ئىشلەتسا ياخشى
دەششەت تېمىكەن ماۋۇ، مەنمۇ ئايفۇندىن بىرنى ئالاي دەپ تۇرغان، كىيىن پايدىلانسام بولغۇدەك…
لىكىن، ماۋۇ قولۇمدىكى ئاندوريىدنى تۇرمىدىن قاچۇرغانتىم، تام تۆپىگە چىقىپ بولغاندا يىقىلىپ چۈشۈپ، كۆزىنى ئاچالمىدى، جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئاپىرىپ، ساق يېرىم كۈن جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ھوشىغا كەلمىدى، ئۆلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئۈمىدىمنى ئۈزۈپ تۇرشۇمغا ئاخىرى ھوشىغا كەلدى. ئۇنى دەپ-بۇنى دەپ ئاخىرى 70 كويغا خەجلەپ ساقايدى (جىددىي قۇتقۇزۇشقا بېرىپ كېلىش كىرا ھەققى بۇنىڭ سىرتىدا)
دىققەت قىلمىساق كۈسەي ( قىشقا ) ئۆزگىرپ قالىدۇ !
ئۇيغۇرچە فونىتنى قاچلاشنى كۈتۈپ ئولتۇراي
ئۈچ دابىلىيۇ پاسىبان كوم دا ئۇيغۇرچە فونت يەنە لۇغەتنىڭ ھاجىم دادىسىنى قاچىلاش توغۇرلۇق تېمىلار بار، تەدبىركار يوللىغۇچە كىرىپ كۆرۈپ باققاچ تۇرسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ .
ئىنتايىن ياخشى دەرىسلىك بوپتۇ رەخمەت سىزگە
مەن بۈگۈن سېتىۋالغان اندروىد تەك قۇلايلىق ەمەسمۇ ياكى مەن ىشلىتەلمىدىممۇ ۇقمىدىم ?ىشقىلىپ بەك قىينالدىم ھەمزە نەدە بولغىيتى بۇنى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بېرىڭ دەپ الاھىدە ەسكەرتىپتىكەنمە
پەش چىكىتلەرنىمۇ قويماي يېزىپتىمە يۇقىرىقى ىنكاسنى ھى ھى
بولسا cydia غا ئۇيغۇرچە تىل بولاق قاپلاشتىنمۇ توختىلىۋاتقان بولسىڭىز.
مەن المىدىن اندىرود ـېلفۇننى ياخشى كۇرمەن