iOS 6.1 قاچىلانغان iPhone5/iPad mini قاتارلىقلارنى تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى ۋە دەرسلىك
ئالما شىركىتى ھەر قېتىم يېڭى نەشىردىكى iOS نى ئېلان قىلغاندا، تۈرمىدىن قېچىش دېگەن ئاتالغۇ توردىكى ئەڭ قىززىق مۇنازىرە بولىدىغان ئىشنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ۋەھالەنكى، iPhone5 بىلەن قوشۇپ ئېلان قىلىنغان iOS 6 ئېلان قىلىنغىلى 4 ئاي بولغان بولسىمۇ، ئىزچىل تۈرمىدىن قېچىش ھەققىدە يېڭى پاراڭلار يوق ئىدى. مانا ھازىر خاككېرلارنىڭ ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە، iOS 6.1 نىڭ تۈرمىدىن قېچىش قورالى ۋە ئۇسۇلى ئاخىرى ئېلان قىلىندى!
مەزكۇر يازمىدا پەقەت تۈرمىدىن قېچىش قورالى ۋە ئۇسۇلى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىمىز، باشقا مەزمۇنلار ۋاقتىنچە سۆزلەنمەيدۇ.
تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا كېتىدىغان تەييارلىقلار:
1. بىر دانە كومپيۇتېر: Win XP/ Windows8/Mac OSX/Win7/Vista ياكى Linux سىستېمىسى قاچىلانغان بولۇشى كېرەك
2. بىر دانە ئاللىقاچان iOS 6.1 رەسمىي نەشىرىگە كۆتۈرۈلگەن iOS ئۈسكۈنىسى(iPhone، iPad، iPod دېگەندەك). دىققەت: iOS 6 دىن 6.1 گىچە بولغان بارلىق نەشىردىكى سىستېمىلارنى تولۇق قاچۇرۇشقا بولىدۇ.
3. USB ئۇچۇر سىمى
تۈرمىدىن قېچىشتىن ئاۋال دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
1. تۈرمىدىن قېچىشتىن بۇرۇن چوقۇم iTunes ياكى iCloud ئارقىلىق ماتېرىياللىرىڭىزنى تولۇق زاپاسلىۋېلىڭ
2. تۈرمىدىن قېچىش جەريانىدا سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاڭ، باشقا ئارتۇقچە مەشغۇلات قىلىشتىن ساقلىنىڭ
3. تولۇقلىنىۋاتىدۇ…
تۈرمىدىن قېچىشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى:
1. يازما ئاستىدىن ماس ھالدىكى تۈرمىدىن قېچىش قورالىنى چۈشۈرىمىز ۋە پرىستىن يېشىمىز
2. يېشىلگەن ھۆججەت ئىچىدىن evasi0n.exe ھۆججىتىنى قوش چېكىپ ئىجرا قىلىمىز
3. evasi0n قوزغالغاندىن كېيىن JailBreak كۇنۇپكىسىنى باسىمىز ۋە سەۋرچانلىق بىلەن ساقلايمىز
4. ئارىلىقتا تۆۋەندىدەك ئىككى قۇر خەت چىقىپ لاپىلداپ تۇرىدۇ، بۇ چاغدا iPhone نىڭ ئېكرانىغا بىر دانە Jailbreak ناملىق ئايكون پەيدا بولىدۇ، شۇ ئايكوننى بىر چېكىپ قوزغىتىۋەتسەك، يۇقارقى باسقۇچتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.
5. iPhone قايتا قوزغىلىپ بىر قاتار مەشغۇلاتلار تاماملانغاندىن كېيىن ئېكراندا Cydia نىڭ بەلگىسى كۆرۈنىدۇ ۋە evasi0n نىڭ كۆرۈنمە يۈزىدە تۆۋەندىكىدەك خەت چىقىپ تۈرمىدىن قېچىشنىڭ غەلبىلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
پۈتكۈل مەشغۇلات ئۇسۇلى مۇشۇنداق ئاددى. تەدبىركارمۇ تۈرمىدىن قېچىش قورالى ئېلان قىلىنغان ھامان 1-ۋاقىتتا چۈشۈرۈپ ھېچقانداق ياردەمگە تايانمىغان ئەھۋال ئاستىدا پۈتۈن مەشغۇلات تاماملاندى، پۈتكۈل مەشغۇلات جەريانى مانا مۇشۇنداق ئاددى!
تۈرمىدىن قېچىش قورالىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى:
Windows نۇسخىسى | مەنبە: تورخۇمار | Mac نۇسخىسى | Linux نۇسخىسى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: iOS، iPhone
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 34,893 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 02-ئاينىڭ 05-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ios6-jailbreak.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > iPhone دىكى كۆپ تىللىق ھەقسىز لۇغەت – بىلكان كۆپ تىللىق لۇغىتى ۋە بىلكان ئەرەپچە لۇغىتى
- كېيىنكى يازما > Cydia ھەققىدە | iPhone نى تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېيىن ئالدىڭىزدا يېڭىچە بىر دۇنيا نامايەن بولىدۇ
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- 2048 ئويۇنىنى ئويناۋاتامسىز؟ ياق؟! ئۇنداقتا مودىنىڭ كەينىدە قاپسىز!
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
- سامسۇڭ Tizen قاتارلىق سىستېمىلار Android قا ھۇجۇم باشلىدى
تەدبىراخۇنغا ياندىشىپ تۇرمىدىن شۇنداق ئوڭۇشلۇق قاچتۇق، قاچقۇچە بىرەر تاش داشقالمۇ ئۇچرىمىدى دېسە.
قىچىپ چىقتۇق.
ئىنجىقلاپ يۇرۇپ ئاران قاچتىم دەڭلا مۇنداق، قاچقۇچە ئازگالدا ياتاتتىڭلىغۇ.
ئەركىنلىك
شۇ كىيۋالغان ئۆتۈكۈم سەل قىستاپ، تاس قالدىم، پۇتلىشىپ تۇتۇلۇپ قالغىلى.
بىزمۇ قاچىلى يېرىم كىچىدە تۇرمىدىن جىم ياتماي
iphone ئالماسلىققا باھانىمىز قالماپتۇ ئەمىسە….
ۋاي ۋۇي تورخۇماردا ئالمىچىلار خېلى كۆپكەن ھە ، تۇنجى تېلفۇنۇم سەيبەن ئىدى ، كىيىنچە ئەنجۈرگە كۈچۈۋالغان ، خىزمەتكە چىقىپ ئۆزۈم پۇل تاپقۇدەك بولغاندا ئالما ئەنجۈرلەرنى يەنە ماۋۇ گايتىس كامنىڭ مىتروسىدىن بىردىن تىزىپ قۇيۇپ ئوينايمە چۇقۇم ،
تۈرمىدىن قېچىش ئۇسۇلى بارغانچە ئاددىيلىشىۋاتىدۇ. ھەممەيلەنگە مۇبارەك بولسۇن!
تۈرمىدىن قاچقاندىن كېيىنكى كاشىلىلارنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلايمىز ئەمدى !
( چاقچاق ھە، ھېچكىمنىڭكىدىن چاتاق چىقمىغاي )
بۇنداق ھېكايىلەر باشلاندى (ئالما ھەۋەسكارلىرى ۋە پاسىبانغا قارالسۇن)، ئاجايىپ بالىلار باركەن، قاچىلايدىغان قىستۇرما سىستېما نەشرىگە ماس كېلەمدۇ – يوق قارىمايلا قاچىلاۋېرىدىغان، شۇنىڭ بىلەن ئاق ئالما قىلىپ قاراپ ئولتاغان…
بىزمۇ ئوڭۇشلۇق قېچىۋالدۇق مانا ھى ھى ھى
مەن ئىلگىرى بىر قېتىم قاچقۇچە تامدىن سەكرەيمەن دەپ پۇتۇمنى سۇندۇرۇپ قويغان، قارىسام جىق زۆرۆرىيىتىمۇ يوقكەن ئۇنىڭ، قاچمايلا ئىشلىتىۋاتىمەنغۇ تاڭ
ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچكە بەك تەقەززا بولغان ئىدىم قېرىشقاندەك ئاشۇ نەرسە قاچىلانماي قويدى
4. ئارىلىقتا تۆۋەندىدەك ئىككى قۇر خەت چىقىپ لاپىلداپ تۇرىدۇ، بۇ چاغدا iPhone نىڭ ئېكرانىغا بىر دانە evasi0n ناملىق ئايكون
Jailbreak ئېكەن جۇمۇ، خاتا يىزىۋالغان ئوخشايسىز؟، مەنمۇ قىچىپ بولدۇم
شۇنداقكەن، ئوڭشاپ قويدۇم.
91 دىكى ئەپلەر نورمال قاچىلانمىدىغۇ
سىز cydia دىن يەنە ئازراق ياماقلانى قاچلايسىز ،
cydia غا appcnsy 5/6 دىگەن مەنبەنى ۋە efc2 دىگەن مەنبەنى قىچىلىۋەتسىڭىز نورمال ئىشلەيدۇ.
مىنىڭكى ۋېندوۋىس 7 سىستىمىسى ئېدى. بۇنىڭدا قاچۇرغىلى بولمامدۇ؟ چاچۇرۇش ھۆججىتىنى چۇشۇرەلمىدىمغۇ؟ ماڭاياردەم قىلساڭلار!!!!!!!
مىنىڭكى ۋېندوۋىس 7 سىستىمىسى ئېدى. بۇنىڭدا قاچۇرغىلى بولمامدۇ؟ چۇرۇش ھۆججىتىنى چۇشۇرەلمىدىمغۇ؟ ماڭاياردەم قىلساڭلار!!!!!!!
مەنمۇ قاچاي دېگەن، قانچىلىك پايدىسى بار؟ ھەقىقەتەن ئەركىنمۇ؟
مە ن تىخىچە قاچالماي يۈرۈيمەن
خەنزۇلار نىڭكىدە كورسەم ،دىققەت قىلىشقا تىگىشكىك .ئىشلاردا مەخپى نۇمۇر دىگەنلەرنى ئۈچىرىۋېتىڭ دەپتۇ.
مەنبەنى قانداق قاچىلايدۇ؟
6.0.1 نى مۇكەممەل قاچۇرغىلى بولمامدۇ؟
iOS 6.0 دىن 6.1 گىچە بولغان بارلىق سىستېمىلارنى قاچۇرغىلى بولىدۇ. 6.1 ئەڭ يېڭى رەسمىي نەشىرى بولغاچ، شۇنىڭغا كۆتۈرۈپ قېچىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
ۋىن 7 سىستىمىسدا قاچمامدا؟
ۋىن 7 دا قاچامدۇ
قاچىدۇ. تېمىدا Windows XP دىن Windows 8 كىچە بولغان بارلىق سىستېمىلار دەپ يازىمەن دەپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن. تولۇقلاپ قويدۇم.
قېچكەتتىغۇ، ئەمدى قاچان بۇزۇلۇپ قالا دەپ ئۇلتۇردىغان بولدۇق دە
ئاخىرى قېچىپ چىقتۇق مانا، تەدبىركار بۇرادەرنىڭ ياردىمىدە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەنمۇ تەستە قاچۇرىۋالدىم. رەھمەت سىلەرگە. ئەمدى cydia دىن ئەپلەرنى قانداق چۇشۇرىدۇ. ئېنگىلىزچە ئېكەن ھېچ ئۇقالمىدىم. ياردەم قىلساڭلار!!!!!!!!!
مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس يازما تەييارلاۋاتىمىز، نەچچە كۈن ئىچىدە ئېلان قىلىمىز
ئەجرىڭلارغا كوپ رەھمەت! ئاشۇ ئىشچان قوللىرىڭلارغا دەرت يەتمىسۇن! اللە ئەجرىڭلارنى بەرسۇن! كوپتىن – كوپ رەھمەت قىلسۇن!!!!!!!
تورخۇمار ئەپەندىم ئېغىر كۆرمەي ماڭا ياردەم قىلارسىزمۇ ؟
چ چ : 312558219
مەخپى نۇمۇرنى بىكار قىلمىساق Jailbreak باسقۇچىغا ئۆتكىلى بولمايدىكەن ، مەخپى نۇمىرىنى بىكار قىلغاندىن كىيىن نۇرماللاشتى
رەھمەت قىرىندىشىم كۇپ تەشەككۇر.مۇشۇنىڭ بىلەن تولۇق قاچامدۇ ياكى تىلفۇندىن قىلىدىغان باشقا مەشغۇلات بامۇ؟؟؟؟
ئاللا خالىسا تېلغۇندا باشقا مەشغۇلاتقا يولۇقمۇدۇم ، قېچىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن مەشغۇلاتنى باشلىۋەتتىم ، تورخۇمار ئەپەندىمگە رەھمەت ، شۇنداق نۇرمال قاشتىم .
4نى بولمامدۇ
4 مۇ مۇۋاپىقيەتلىق قاچىدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.مەنمۇ مۇۋاقىپىيەتلىك قاچۇرۋالدىم رەھمەت!
مەن تىلفوننىڭ نەشىرىنى 6.1.2 گە كوتۇرگەن , يەنە تۇرمىگە كىرىۋالدى. قايتا قاچۇراي دىسەم قاچالمايۋاتىدۇ. ياردەم قىلساڭلار.
يازمىدىكى تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالىنىڭ نەشىرى يېڭىلاندى، قايتىدىن چۈشۈرۈپ ئوخشاش ئۇسۇلدا مەشغۇلات ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ. يېڭى نەشىرى 6.1.2 نىمۇ قاچۇرالايدۇ.
maga bir yardam kilsagla boptikan minig telfunum itunes ka ulax balgisi qikiwilip iqilmaywatidu itunes ka ulap xiu fu kilsam yana hatalik koruniwatidu kandak kilsam bola ??? ياردەم قىلساڭلار:cry:
تېلفۇننى قانداق تۈزىسەم بولا؟
رەھمەت سىزگە تورخۇمار ئاكا! يەنە ئوڭۇشلۇق قېچىۋالدىم.
تۈرمىدىن قېچىش قورالىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى باسساممۇ ئېچىلمايۋاتىدۇ ،يەنە بەزىدە ئېچىلىپ ھېچنىمە چىقمايۋاتىدۇ.
بولسا ئادىرسىنى يەنە بىر تۇلۇقلىۋەتكەن بولسىڭىز.
ۋاي مەن بى تۇرمىدىن قاچاي دەپ چىسەم ئاچقۇچنى يۇيۋەتتىڭلامۇ قانداق . سىستىما 6.1.1 ئىدى … مۇشۇ قۇرالدا بولامتا
مىنى قاچىلاڭ مەن ئەۋەتىپ بېرەي 285134959
رەھمەت . مەن ئىز دەپ يۇرۇپ دەل مۇشۇ دىتال شاققىدە ئۇچراپ ۋاققىدە تۇېمىدىن قىچىۋالدىم . ئەمدى تۇتاممايدا مىنى . دوراپ باقاي . پ پ 助手 دەپ ئەپ دىتالى باركەن . پەقەت بىر نىمە قىلىپ چۇشىرەلمىدىم دىسە .
چۈشۈرۈش ئادرېسىنى يېڭىلاپ قويدۇم. ئەمدى چۈشۈرۈڭ
iOS6.1.3 نى قانداق قاچۇرمىز؟؟؟
سىلەرگە تاغدەك ئىشىنىپ مانا يىڭى ئالغان تېلاۇننىمۇ تۇرمىدىن ئازاد قىلىۋەتتىم !
تەشەككۈر سىلەرگە !
iOS6.1.3 نى تۇرمىدىن قاچۇرغىلى بولمامدۇ؟
بولمايدۇ. 6.1.2 دىن كېيىنكى سىستېمىلار تۈرمىدىن قاچمايدۇ ھەم ئەمدى قېچىش ئىمكانىيىتىمۇ ئاساسەن يوق. 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا iOS7 چىقىشى مۇمكىن، شۇڭغىچە ساقلاپ بېقىڭ.
iOS6.1.3 نىڭ نەشىرىنى تۇۋنلىتىشكە مۇمكىن بولمامدۇ ^_^
manmu kaqay digan paydisi bamaيىگىت
نەھايىتى يا
ئالما 9.1 نەشىرنى قانداق قىلسام تۇرمىدىن قاچۇرالايمەن