نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > رەقەملىك دۇنيا > يازما مەزمۇنى

سامسۇڭ Tizen قاتارلىق سىستېمىلار Android قا ھۇجۇم باشلىدى

بۇ يىلدىن باشلاپ كۆپلىگەن يانفون كارخانىلىرى ۋە ئەپ سودىگەرلىرى ئۆزىنىڭ يانفون سىستېمىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى،  سامسۇڭ Tizen بىلەن مىكروسوفت WP باشچىلىقىدىكى كۈچلەر Android سىستېمىسىغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمنى باشلاپ، iOS سىستېمىسى بىلەن Android سىستېمىسىنىڭ مونۇپۇللۇق ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ تاشلىماقچى بولدى.

tizen

(IT دەۋر ژۇرنىلى يېڭى تاراتقۇ مەركىزى باھالىغۇچىسى لىن جىجۈن) يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بىرى يانفون سىستېما ساھەسىدە Android بىلەن iOS دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەت شەكىللەندى، باشقا مەشغۇلات سىستمىلىرى بىلەن ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى خېلىلا چوڭ بولۇپ كەلدى، ھەتتا مىكروسوفتنىڭ WP سىستېمىسىمۇ ھەم شۇنداق. بىراق بۇ يىلى بارلىق يانفون مەشغۇلات سىستىمىلىرىنىڭ ئەھۋالىدا ئازراق ئۆزگۈرۈش يۈز بەردى، ئېھتىمال بۇ خىل ئۆزگۈرۈش ئۈزۈن مۇددەتتە شەكىللەنگەن ۋەزىيەتكە ئېغىر زەربە بولىشى مۇمكىن.

ئۆتكەن يىلى، سامسۇڭ Intel بىلەن ھەمكارلىشىپ يېپيىڭى مەشغۇلات سىستمىسى “Tizen” نى ياساپ چىقتى، بەلكىم بۇ يىل شۇ  سىستېمىدىكى ئۈسكۈنىلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن، يەنە كېلىپ بۇ يىلدىكى CES(ئېلىكتىر ئىستىمال كۆرگەزمىسى)دە سامسۇڭ  WP8 گە ئوخشاپ قالىدىغان يانفون سىستېما كۆرۈنمە يۈزى”Magazine-UX”نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، “Tizen” ئۈچۈن ئالدىنئالا تەييارلىق قىلىش مۇددىئاسىنى ئىپادىلىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە LG مۇ  CES دە WebOS سىستېمىسىنى كۆرگەزمە قىلدى، مېيزۇمۇ Ubuntu سىستېمىسىدىكى يانفۇنلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ، Android نى چۆرۈۋىتىش نىيىتىنى ئىپادىلىدى.

CES دىكى بايقاشلاردىن باشقا، مەن يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلدىم، ئۇ بولسىمۇ مىكروسوفت  ئىككى مىليارد 600 مىڭ دوللار مەبلەغ سېلىپ، سامسۇڭ، خۇاۋىي، سونىي، قاتارلىق يانفون سودىگەرلىرىنىڭ WP يانفونىنى تەتقىق قىلىپ ياسىشىغا ياردەم قىلدى. ئۇندىن باشقا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيسى بىلەن شاڭخەي لىيەنپىڭ شىركىتى ھەمكارلىشىپ جۇڭگو ئۆزى مۇستەققىل تەتقىق قىلىپ چىققان تېلېفون سىستېمىسى COS نى ياساپ چىقتى.

بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ مېنىڭ ھەقىقەتەن ئىچى پۇشتى، بۇنچە كۆپ تېلېفون شىركەتلىرى ياكى يۇمشاق دېتال سودىگەرلىرى نېمىشقا ئۆز ئالدىغا  يانفون سىستېمىسى ياساپ چىقماقچى بولىدۇ؟ Google نىڭ Android سىستېمىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ھەقسىز، يەنە كېلىپ يانفون شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىقى بىر ئوبدان ئىدىغۇ؟ نېمىشقا شۇنچە كۆپ يانفون كارخانىلىرى بىراقلا يۈز ئۆرۈپ Android دىن ۋاز كەچمەكچى بولىدۇ؟

ھەربىر ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ بىر سەۋەبى بولىدۇ، كۆپلىگەن يانفون ياساش شىركەتلىرىنىڭ Android نى تاشلىۋېتىشىمۇ مەلۇم ئەھۋالدىكى ئىلاجىسىزلىقتىن بولغان.

Google نىڭ موتورولانى سېتىۋېلىشى شېرىكلىرىنىڭ كۆڭلىنى قاتتىق رەنجىتكەن.

Apple نىڭ iPhone نى كەڭ تورداشلارنىڭ ماختاپ كۆككە كۆتۈرىشىگە سازاۋەر بولغان دەملەردە، Android بىر قانچە چوڭ تېلېفون شىركەتلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىر پۈتۈن Android ئېكولوگىيىسىنى قۇرۇپ بىرلىكتە ئالمىغا تاقابىل تۇردى. بىر مەزگىل  Android سىستېمىسى بىلەن iOS سىستېمىسى كۈچ باراۋەرلىك ھالىتى شەكىللەندى، سامسۇڭ بىلەن HTC مۇ Android قا تايىنىپ تېز سۈرەتتە قەد كۆتۈرۈپ چىقىپ Android تېلېفون بارىگاھىدىكى تۇنجى زەربىدار قوشۇنغا ئايلاندى.

بىراق، ئاچكۆز Google يانفېن سىستېما ساھەسىگە قانائەت قىلماي، 2011-يىلى موتورولانى سېتىۋىلىپ يانفون قاتتىق دېتال ساھەسىگە قەدەم باستى، شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ ئۆزىنىڭ Google يانفونلىرىنى ئىشلەپ چىقىرالايدىغان بولدى.

Google نىڭ بۇ قىلمىشى سامسۇڭ،  HTC ۋە LG قاتارلىق يانفون ياسىغۇچىلارغا قاتتىق ھار كەلدى. چۈنكى Google موتورولانى سىتىۋالغان شۇ كۈندىن باشلاپ، Google نىڭ سامسۇڭ قاتارلىق يانفون شىركەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەمكارلاشقۇچىدىن يېرىم رىقابەتچىگە ئۆزگەردى. ناۋادا بىر كۈنلەردە Motorola باشقا يانفون شىركەتلىرى بىلەن تەڭلىشەلمىسە ، Google پاتنېت دىگەن بۇ كوزۇرىنى چىقىرىپ  باشقا يانفون كارخانىلىرىنى موللاق ئاتقۇزۇپ، موتورولانى يەنە قايتىدىن ئورنىدىن تۇرغۇزالايدۇ.

گەرچە Google ھازىرغا قەدەر بىرەر يانفون شىركىتىدىن  مەشغۇلات سىستېمىسى پاتنېت ھەققى ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن Google نى بۇندىن كېيىنمۇ ھەق ئالمايدۇ دەپ كىم ھۆددە قىلالايدۇ؟ تېلېفون پاتنېت ھەققىگە ھېچقايسى بىر يانفون سودىگەرلىرى ئىلنىشىپ  قېلىشنى خالىمايدۇ،  HTC گە قارىسىلا  قانداق ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇشىنى بىلىپ يېتىدۇ. شۇڭلاشقا ھەرقايسى يانفونلارنىڭ ياسىغۇچىلىرى ئەگەر مادارى يەتسىلا Google نىڭ  Android بىلەن تەڭ تۇرالىغۇدەك ئۆزىنىڭ يانفون مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئېچىشىنى زۆرۈر دەپ قاراشقان.

Android سىسىتېمىسىنىڭ Bug (يوچۇق) لىرىمۇ كارخانىچىلارنى ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلغان

Google نىڭ موتورولانى سېتىۋىلىش ئىشىدىن باشقا، Android نىڭ ئۆزىنىڭ بەزى مەسىلىلىرىمۇ كۆپلىگەن كارخانىچىلاردا Android دىن ۋاز كېچىش ئارزۇسىنى پەيدا قىلغان. چۈنكى Android سىستېمىسى پۈتۈنلەي ئوچۇق كودلۇق بولغانلىقتىن، كۆپلىگەن يانفون كارخانىلىرىنى قوللاش لازىم بولىدۇ، بىراق ھەر بىر كارخانىنىڭ ئوي-خىيالى ۋە ئىدىيىسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، Android سىستېمىسى ھەر بىر كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇپ بولالمايدۇ. گەرچە ھازىر ھەر بىر كارخانا ئىپتىدائىي Android سىستېمىسى ئاساسىدا تۈزىتىش ئېلىپ بارىدىغان بولسىمۇ، Android سىستېمىسى يەنىلا تۈرلۈك مەسىلىلەردىن خالىي بولالمىغان، ئوخشىمىغان تېلېفون ئابونتلىرىنىڭ ھېس تۇيغۇسىدىكى پەرقلەرمۇ مۇشۇنىڭدىن باشلىنىپ زورايغان.

بىر يانفون كارخانىسىنىڭ ئالىي ئەمەلدارى مۇخبىرغا مۇنۇلارنى ئاشكارلىغان: خېرىدارلار  Android تېلېفونغا ئەپ قاچىلىغان ۋاقتىدا، ئەپ ئېچىلماسلىق ياكى قېتىۋىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئىشلەتكۈچى Android سىستېمىسىدىن ئاغرىنماستىن ئەكىسچە بۇ  خىل يانفون بەكلا ناچاركەن دەپ ھېس قىلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنلا، ئىشلەتكۈچى بۇ تېلېفوننى ئىشلەتمەي تاشلىۋىتىشى مۇمكىن، شۇڭا Android نىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىلەر يانفون كارخانىلىرىغا ئۇۋالچىلىق ئىلىپ كەلگەن.

گەرچە Google شىركىتى Android قا نىسبەتەن ئۈزلۈكسىز سىستېما يېڭىلاش ئېلىپ بېرىپ ھەرخىل يوچۇقلارنى رېمونت قىلغان بولسىمۇ، بىراق كۆپىنچە ئەپ ئاچقۇچىلار نەزىرىدە Android نىڭ ئاتالمىش يېڭىلاش دېگىنى «ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق» ھەرىكەتتىنلا ئىبارەت، ئۇ ھەرگىز نېگىزلىك مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. ئالايلۇق، ئىشلەتكۈچى تېلېفوننى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن ئىشلەتكەن ئەپلەر  كۆپەيگەنسىرى تېلېفوندا ھەرخىل قېتىۋىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، ھەتتا SAMSUNG نىڭ بايراقدار تېلفونلىرىدىمۇ ئوخشاش ئەھۋاللار مەۋجۇت.

ھازىر يانفون كارخانىلىرىنىڭ Android نىڭ قېتىش كېسىلىنى ئوڭشاشقا ئامالى قالمىدى، بىردىنبىر ھەل قىلىش چارىسى بولسا باشقا تېلېفون سىستېمىسىنى تاللاش ياكى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل سىستېمىسىنى ياساپ چىقىش. مۇشۇنداق بولغاندىلا، قېتىش ئەھۋاللىرىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

سامسۇڭ Tizen بىلەن مىكروسوفت WP بولسا Android نىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى

گەرچە ھازىر نۇرغۇن تېلېفون كارخانىلىرى Android قا نىسبەتەن نارازىلىقى  تۈپەيلى ئۆزىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ياساپ چىققان بولسىمۇ، بىراق بۇ يانفون سىستېمىلىرىنىڭ Android نىڭ ئورنىنى ئېلىشى ياكى Android بىلەن تەڭ تۇرالىشى ئۇنچە ئاسان ئەمەس. نوكىيانى خىيال قىلىپ باقايلى، ئۇلارمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ MeeGo سىستېمىسىنى ئاچقان بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا Android نىڭ ئورنىغا چىقالمىغان. Palm نىڭ WebOS سىستېمىسىمۇ ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ ئاخىرىدا HP غا سېتىپ بېرىپ بولدى قىلغان.

ئۇنداقتا، ئۆتكەن يىلدىكى سامسۇڭ  Tizen دىن جۇڭگو مۇستەقىل ياساپ چىققان COS تېلېفون مەشغۇلات سىستىمىسىغىچە قايسى Android بىلەن ئېتىشالىغۇدەك بىڭسى بار، قايسى Android قا نىسبەتەن ئېغىر زەربە بېرەلەيدۇ؟ تۆۋەندە مۇخبىرنىڭ تەھلىلىنى كۆرۈپ باقايلى:

بىرىنجى، سامسۇڭنىڭ Tizen سىستېمىسى. بۇ سىستېما باشلىنىشىدىنلا ئادەتتىكىچە ئەمەس، Intel بىلەن سامسۇڭدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئاتامان ھەمكارلىشىپ ياساپ چىققان. پەقەت سامسۇڭ تېلېفوننىڭ ئىچىدىكى سىستېمىنى تۇيدۇرماي Tizen سىستېمىسىغا ئالماشتۇرىۋەتسە،  پەقەت خېرىدارلار ھىس قىلمىسىلا، سامسۇڭ ھازىرقى سېتىش مىقدارىغا تايىنىپ، Tizen سىستېمىسىنىڭ بازار ئۈلۈشىنى ئالدىنقى ئۇچكە ئېلىپ چىقالىشىدا گەپ يوق.

ئىككىنجى، مىكروسوفتنىڭ WP سىستېمىسى. بەزىلەر بەلكىم، مىكروسوفتنىڭ WP سىستېمىسى چىققىلىمۇ نەچچە يىل بولدى، ھېچ ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش كۆرۈلمىدى، يەنىلا بولدى قىلغان ياخشى دېيىشى مۇمكىن. ئەگەر سىلەر راستىنلا مۇشۇنداق ئويلىغان بولساڭلار خاتالاشقان بولىسىلەر، چۈنكى مىكروسوفتنىڭ بۇ يىل ئاچچىغى ھەقىقەتەن يامان، ئۇلار بۇ يىل قاراپ تۇرۇپ  زور مەبلەغ چىقىرىپ سامسۇڭ، HTC، خۇاۋىي قاتارلىق يانفون شىركەتلىرىنى WP سىستېمىسىنى قوللاشقا تەكلىپ قىلدى. ئەگەر بۇ ئۈچ شىركەتكە نوكىيا قوشۇلسا، WP سىستېمىسى خېلىلا زور بىر كۈچكە ئىگە سىستېمىغا ئايلىنىدۇ. ئۇ چاغدا بازار ئۈلۈشىدە ئالدىنقى ئۈچىنجى رەتكە تىزىلىش ئاسانلا بىر ئىش بوپقالىدۇ.

باشقا WebOS سىستېمىسى، جۇڭگۇنىڭ COS سىستېمىسى،  FirefoxOS سىستېمىسى قاتارلىقلاردا شەخسەن ئۆزۈمنىڭ قارىشىمچە ئۈمىد چوڭ ئەمەس، چۈنكى ھازىر بۇ سىستېمىلارنى قوللايدىغان كارخانىلار ئىنتايىن ئاز، داڭلىق تېلېفون سىستېمىسى بولۇشى مەنچە مۇمكىن ئەمەس.

گەرچە بۇ يىل نۇرغۇنلىغان يانفون سىستېمىلىرى Android قا ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ، ھەقىقەتەن Android قا بېسىم ئىلىپ كېلەلەيدىغىنى يەنىلا Tizen بىلەن WP. ئۇ ئىككىسىنىڭ بازار ئىگەللىشى  Android نىڭ بازار ئۈلۈشىگە يېقىنلىشالامدۇ يوق، بۇنىڭدا يەنىلا ئۇ ئىككىسىنىڭ بۇ يىلدىكى ئىپادىسىگە قارايمىز.

IT دەۋر ژۇرنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئويۇنخۇمار 2014.01.27 , 14:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇنداق رىقابەتلەشكىنى ياخشى مۇشۇنداق بولغاندىلا تېخىمۇ ئىلغار سىستىما ياكى تىلفۇنلار بازارغا سېلىنىدۇ.

  2. رىۋايەت 2014.01.27 , 15:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىكروسوفىت ئەينى ۋاقىتتا PPCدىن ۋاز كەچمىگەن بولسا بەلكىم بۇكۈنگە قالماس ئىدى.

  3. yawaxboy 2014.01.27 , 17:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىمدا ئىشى جىق خەق بۇ .يەنىلا Android ياخىشى جۇما!:idea:

  4. كاربون 2014.01.27 , 17:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    wpيانفۇنىڭ بازار ئۈلۈشى ناھايىتى تېز ئاشقان بولسىمۇ بۇ سىستىمىلىق يانفۇنلارنىڭ يېرىمىنى دىگۈدەك nokia520 ئىگىلىگەن،يەنە كىلىپ تەرەققى قىلىۋاتقان،بىرقەدەر نامرات دۆلەتلەردىلا بازار ئۈلۈشىنى كۆرىنەرلىك ئىگلىيەلىدى.مىكروسوفىت ھەرقانچە كۈچىسىمۇ بازارنى بىر قەدەر كەڭ دائىرىدە ئىگىيەلىشى ناتايىن.MOTO تېخى نەچچە كۈن بۇرۇنلا باھاسى 50دوللار ئەتراپىدا يانفۇن چىقىرالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.ئەگەر باشقا داڭلىق شىركەتلەر مۇشۇنداق باھاسى ئەرزان ئاندىريد سىستىمىلىق يانفۇنلارنى چىقارسا،wpغا ئوخشاش بازىرى تۆۋەن يانفۇنلارغا ئەجەللىك زەربە بولىدۇ

  5. كاربون 2014.01.27 , 18:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Tizen سىستىمىسىنىڭ ناھايىتى ياخشى چىقىشى ناتايىن، samsung تۇيدۇرماي ئالماشتۇرىۋەتكەن تەقدىردىمۇ ئىشلەتكۈچى ناھايىتى ئاسانلا سېزىۋالالايدۇ! چۈنكى IOS,Androidۋە باشقا سىستىمىلارنىڭ يانفۇندىكى مەشخۇلات جەھەتتە نۇرغۇن پاتېنىتلىرى بار،بەزى يەرلىرى ئوخشاش بولۇپ قالسا Apple بىلەن Google ۋە باشقىلارنىڭ گېپى چىقىدۇ.مىنىڭچە Tizen نىڭ تەقدىرى WebOs دەك بولىدۇ.
    دۆلىتىمىزنىڭ COSسى Copy Operating System دىگەنلىكمۇ؟ lol lol

  6. ئەلشاھ 2014.01.27 , 18:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىكروسوفىتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى بار…

  7. ئالمىچى 2014.01.27 , 18:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭچە بۇ تىلىفۇن سۇدىگەرلىرىنىڭ تاللىشى تۇغرا ، سىز قاچانغىچە باشقىلار بەرگەن ئاش ناننى يەپ يۇرسىز بىر كۇنلەر كەلگەندە ،ھۇي گۇمۇش نەچچە ۋاقتىن بىرى سىنى بىقىۋاتىمەن . ئەمدى سەمەدىڭ پۇلۇڭ بادۇ دىيىشى مۇمكىن . يەنە بىر جەھەتتىن ئىيقاندا ھەركىم ئۇز ھۇيلىسا گۇل گىيانىڭ بۇلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ . ھەممە ئۇزەڭنىڭ بۇلسا يەنە نىمە غەم . مىنىڭچە بۇلسىمۇ تىلىفۇن سىستمىلىرىنىڭ نۇقۇل ھالدا بىر ياقى ئىككى سىستىمىغا مەركەزلىشىپ قىلىشى ئەڭ چۇڭ تەھدىت يەنى بىخەتەرلىك يۇچۇقى مەۋجۇت (سىستىما ياماقلىرى ۋە سىستىما يىڭىلىنىپ تۇرسىمۇ) شۇنداق بۇلغاندا بىز ئېستىمالىچىلارغا تاللاش كۇپىيىدۇ ،يەنە بىر سۇدا پۇرسىتىمۇ بار بۇلدۇ . يەنە شۇ سىستىمىغا ماس كەلگۇدەك ئەپ ياساپ سىتىش . بەك كۇپ سۇزلەپ كۇيدۇممۇ قانداق :razz::razz::razz::razz::razz:

  8. ئاپاچ 2014.01.27 , 19:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توخو گۆشى كۆش ئەمەس،andiroid سىستىمىسى سىستىما ئەمەس. ھامان بىر كۈنى مۇشۇنداق بولاتتى،خەلقارادا يەنە andiroid نىڭ ئىشلىتىش نىسپىتى 86% تىن26%پىرسەنتكە چۇشۇشكە كۆزۈم يەتتى(ئىككى يىل ئىچىدە)

  9. مىسران 2014.01.27 , 22:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھا ھا ھا ھا…. ئاندرويىدمۇ پات ئارىدا يېقىلامدۇ،-نېمە؟
    مېنىڭچە، ئاخىرىغىچە ئۈزۈپ چىقالايدىغىنى يەنىلا ئالما!!! چۈنكى ئالما دېگەن ئالمىدە…
    ئامما رەھمەتلىك ئالامەت ياساپ قويۇپتىكەندە بۇ سېستىمىنى، ئىشلەتكەنسېرى ئىشلەتكۈسى كېلىدىغان.

  10. چاتقال 2014.01.28 , 00:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋپ غا قاچىدىغان ئوخشىمامدۇق

  11. چايان 2014.01.28 , 13:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    andiroidنىڭ مۇقۇم ئىشلىمەيدىغان يىرى ماڭىمۇ ياقمايدۇ 4يادرو8يادرو يانفۇنلاردىمۇ بۇمەسلەيەنلاھەل بولمىدى ئالمىغا قارىساق تاق يادروبولسىمۇ شۇنداق راۋان مۇقۇم ئىشلەيدۇ ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق دەپ ھەقسىزسېستىما دىگەن شۇنچىلىك ئوخشايدۇ رىقابەتنىڭ بولغىنى يەنىلا بىز ئىستىمالچىلار ئۈچۈن ياخشى :mrgreen:

  12. شامال 2014.01.28 , 16:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    windows phone 8 مۇ خېلىلا بوپ قويىدۇ ، پەقەت شۇ بازارغا كىيىنرەك كەلگەن بولسىمۇ Android بىلەن ئالماغا ئوخشاش بەك داۋراڭ سالمىغانلا يېرى بار.

  13. تۇنجەر 2014.01.29 , 21:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    htc ئاقىۋىتى قانداق بولغانتى ؟ مۇشۇنىڭغا قىزىقىپ قالدىم…مەنمۇ ئەنجۈردىن زېرىكىپ قالدىم ،iosئىشلىتەي دىسەم نىمىشقىكىن ئالما مەھسۇلاتلىرىنى تازا ئىشلەتكۈم كەلمەيدۇ ،مەنمۇشۇ ۋىندوۋوسقا كۈچۈپ باقايمىكىن….سونىي 36 نى تىگىشىپ باقامدۇق بىرەرسىڭلارنىڭ ۋىندوۋوس سېستىمىدىكى تېلفونىغا؟

  14. سادىق 2014.01.30 , 11:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭچە ئاندرويىد نۇرغۇن ئادەتتىكى كىشىلەرنى ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون دەۋرىگە باشلاپ كىردى. بۇنىڭغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ.
    لىكىن مەنمۇ wp غا قىزىقىپ قىلىۋاتىمەن.

  15. ئېسيان 2014.01.30 , 22:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ قارىشىمچىمۇ ئاندرويىد ھەقىقەتەن بىر تايىنى يوق سېستىما
    نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر سېستىما دىگەن گەپنىڭ ئۆزىنىمۇ تازا تولۇق چۈشۈنىپ كەتمىگەچكىلا شۇنچە كۆپ ئادەم ئىشلىتىۋاتقان سېستىما بۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن ئادەملەر نەچچە مىڭ كوي پۇل خەجلەپ ئالغان تېلېفوننى پەقەت ئانچە مۇنچە ئۇششاق ئويۇنلارنى ئويناپ قويۇش، تېلېفون ئۇرۇش، ئۈندىدار ئويناشقىلا ئىشلەتكەچكە سېستىمىنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى تازا ھېس قىپ بولالمايدۇ.
    مانا مەن ئاندرويىد، ios، ۋىندوۋس قاتارلىق سېستىمىلارنىڭ ھەممىنى ئىشلىتىپ باقتىم، ئەڭ ناچىرى يەنە شۇ ئاندرويىد، دىمىسىمۇ يوقىرىدۇ دىيىلگەندەك ئاندرويىدنىڭ قوتالىقى يانفوننى يامان قىلىدۇ.
    بۇنىڭغا قارىغاندا ۋىندوۋس سېتىما خېلى بوپ قالىدىغاندەك تۇيۇلدى ماڭا، لىكىن بۇلارنىڭ سېستىمىنى يېڭىلىشى، ئەپلەرنىڭ ئېسىللىقى جەھەتتىن سەل بوشاڭلىق قىلىۋاتامدۇ قانداق؟
    باللا ما پىكىرىمگە قوشۇلىدىغانلا بامۇ؟:mad:

    • erturuk 2014.01.30 , 22:39

      راس دەيسىز بىرمەزگىل ئىشلەتكەندىن كىيىنلا سىستىما ئاستىلاپ كىتىدۇ !مەنشۇندا تولا سىستىما يىزىپ تىلفۇنچىمۇ بوپكەتتىم مانا يەنىلا ئالماتىلفۇن ياخشى بىرشۇ سىستىما يىزىش تۇرمىدىىن قاچۇۇرش ئاۋارىىچىلقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا!

  16. Neo 2014.01.31 , 21:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي ، مەنمۇ سامسۇڭ تېلېفۇنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن ، ھەقىقەتەن قېتىۋېلىش،بەزى ئەپلەرنى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئاچقىلى بولماسلىقتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت،يەنىلا ئالما ياخشى ئوخشايدۇ. لېكىن شۇ ئېكرانى كىچىك .

  17. ALFA007 2014.01.31 , 21:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەندىمۇ ئالمدىن بىرسى باتتى ئاندىروتقا ئالماشتۇرۇپ باقايمىكىن دەپتىم ئەڭ ياخشىسى ئاتنى تاشلاپ ئىشەك مىنگىچە يەنىلا ھازىرقى ئىتىمنى چاپتۇرغاچ تۇراي

  18. bahtiyar 2014.02.01 , 02:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ ئىككى ئىغىز سۆز قىستۇراي!
    ‏ئاندرويدنى ئېلىشنى ئويلاۋاتقانلار ئالمىغا قىززىقماي نوكىياغا كۆز يۈگۈرتىڭلار چۈنكى ئالمانىڭ ئاۋارچىلىقى بەك كۆپ.

  19. باخشى 2014.02.02 , 21:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    لىكىن باشقا تىلفون سىېستىمىلىرى كۆپەيگەنسىرى ئالمىغا بايرام بولارمىكىن

  20. داداش 2014.02.06 , 14:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەممىدىن ئۆي تېلېفۇنى ياخشى !

  21. كىتاپ خالتىسى 2014.02.07 , 23:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇنى دەيمىز بۇنى دەيمىز سىستېمىنى بازارغا سالغان بىلەن ئۇنىڭ ئەپ بازىرىدا ئەپ بولىشى ، wp نىمىشقا بويىنىنى قىسىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئەپ بازىرىدا ئەپلەر ئالمىنىڭكىدەك كۆپ بولسا بەلكىم ئۇمۇ نوچىلىق قىلاتى ، ئىككى يىل ئىلگىرى بۆلجۈرگەنىڭ playbook دىن بىرنى ئىشلىتىپ كۆرگەن ، سىستېمىسى web os ئىدى ،سىستېمىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى لاھىيەسىگە گەپ كەتمەيدۇ ، بەكلە چىرايلىق ئىدى ، ئۇيغۇرچىنىمۇ يامان ئەمەس تۇنۇيتى ، لېكىن ئىشلىتەلمىدىم ، ئەپ بازىرىدا ئەپ ئاز ، ئەنجۇرنىڭ ئەپلىرىنى بىر ئامال قىلىپ قاچىلاپمۇ باقتىم لېكىن يەنىلا ،،،،،،،. ئايپەتكە كۆچتۈم ، ئامال قانچە ؟؟ مېنڭچە سىستېما تەتقىق قىلىپ چىققان بىلەن ئەپلىرى بولمىسا ، سىستېما تېزكەن ، چىرايلىقكەن ، بەك پەيزىكەن دەپ سىستېمىغان قاراپ ئولتاغىلى بولماس ، پۇلغا ئالغاندىكىن ئۇنى بۇنى قاچىلاسىز ؟ گەپنىڭ پوس كاللىسى ئەپ بولىشى كېرەك ، شىركەت سىستېمىنىغۇ ياسا ! لېكىن نەچچە مىليۇن ئەپلەرنى شىركەت ياساپ بولالمايدىغۇ دەيمەن ! بۇنىڭغا بىر جەريان كېتىدۇ ! كۆپچىلىك قانداق قارايدىكىن؟

  22. munglan 2014.02.10 , 03:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەگەر قولۇمدا 5 6 مىڭ كوي پۇلۇم بولسىمۇ شۇ يەنە Android لىق سەپلىمىسى يۇقىرى يانفون ئالىمەن، Android قا كۆنۈپ قاپتىمەن. S4 Note3 لەرگە CM نىڭ ROM نى قاچىلاپ ئۇيغۇرچە تىلىدا ئىشلەتسە يەنىلا راۋان، ئېسىل .
    ئۇنىڭ ئۈستىگە ماڭا ئوخشاش ئانچە مۇنچە تور بېكەت ئىشلىرى بىلەن ھەپىلىشىدىغان ياكى رەسمىي تور پروگراممېرى دوستلارغا خۇش خەۋەرمۇ بار، Android4.4 Kitkatتىن باشلاپ Webkit يادرو font-face ئارقىلىق تور بەتكە ئېسىلغان ئەرەبچە ئۇيغۇرچە فونتلارنى ئاساسىي رايوندا بىۋاستە تونۇيدىغان بوپتۇ، ئالمىدىچۇ ؟ تېخى جىم.. بۇنداق بولسا تور پروگراممېرلىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مۇھىم بىر ئىش ئازلايدۇ. ئالدىمىزدا Android 5.0 چىقماقچى ، قېنى نېمە ئىشلار بولىدۇ ۋاقتى كەلگەندە بىر گەپ بولا .

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量