NASA دىكىلەر يەر شارىنىڭ ئايرىلىپ قالغىنىغا ئۇزاق بولغان قېرىندىشىنى بايقىغان!!!
NASA تەرەپنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا بىر يېڭى پلانېتا بايقالغان، ھالبۇكى بۇ يېڭى پلانېتا ھەرقايسى تەرەپلەردىن قارىغاندا، يەرشارى بىلەن ئاجايىپ ئوخشىشىدىكەن، ھەتتا سۇ ۋە جانلىقلارنىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىكەن، قارىماققا يەرشارىنىڭ بىر قورساق ئۇكىسىدەكلا…
مەزكۇر پلانېتقا "Kepler 22b" دەپ نام قويۇلغان بولۇپ، يەرشارىدىن 600 يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا كېلىدىكەن، چوڭلۇقى يەرشارىدىن 2.4 ھەسسە چوڭ بولۇپ، تېمپراتۇرىسى 22 سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا ھەمدە بىر تۇرغۇن يۇلتۇزنى چۆرىدەپ ھەرىكەت قىلىدىكەن. بىراق ئالىملار نۆۋەتتە تېخى بۇپلانېتنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ تاغ جىنسلىرى ياكى سۇدىن تۈزۈلگەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيدىكەن. چوڭ كىچىكلىگى ۋە ھەرىكەت ئوربېتىسىدىن قارىغاندا، ئۇ يەرشارىغا ئەڭ يېقىنلىشىدىغان بىر خىل پلانېتا ئىكەن، چۈنكى "Kepler 22b" نىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراقمۇ ئەمەس، يېقىنمۇ ئەمەس، ئىنتايىن مۇۋاپىق بىر ئورۇندا ئىكەن، بۇ ئۇنىڭدا ھاياتلىق ۋە سۇ بارلىق ئېھتىماللىقىنىڭ چوڭلۇقىنى بىلدۈرىكەن.
يەرشارىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ ماقالىلەر:
سىز ۋە بىز بىلىدىغان «ناتونۇش ئالەم» نىڭ قانچىلىك كەڭرى ئىكەنلىگىنى بىلەمسىز؟
كائىناتتىن بىز تۇرۇۋاتقان يەرشارىغا بىر نەزەر…
ئادەمنىڭ نەپسى بوغۇلۇپ قالىدىغان بەش مىنۇت! خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىن يەرشارىنىڭ مەنزىرىسىگە بىر نەزەر!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: خەۋەر، فانتازىيە، ھاياتلىق، يەرشارى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,265 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: planet-kepler-22b.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ياشلار بېرىپ خىزمەت قىلىشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان 15 شىركەت، ئالدىنقى ئۈچىنى بەلكىم پەرەز قىلىپ بولدىڭىز!!!
- كېيىنكى يازما > تېز كېلىڭلار! ھەممىمىز 360 تور كۆرگۈسىدىن تور يۇمشاق دېتاللىرىنى تەشۋىق قىلىشنى ئۆگىنەيلى…
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- «چوشقا-قوي»نىڭ سىرى
- توخۇ پاچىقىدىنمۇ تەملىك كېسەكمىدۇ؟ ھىندىستانلىق ئەر كۈنىگە ئۈچ كىلو خام كېسەك يەيدىكەن
- بور جېڭى 3.0 – بۇداقى قوراللار ۋەھشەتكەن، بور پالۋاننىمۇ ياساپ چىقىپتۇ بۇ گۇيلار!
- خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى – خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ دۇنياغا نەزەر سېلىپ بېقىڭ
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- فانتازىيلىك مىكرو فىلىم (چۈش)
- پۇرچاق دېگەن جىق يەيدىغان نەرسە ئەمەس، بولۇپمۇ ئايغا چىققاندا …
بولسا مۇشۇنداراق بىرەر پىلانىتىغا كۆچۈپ كېتەپ ، بۇلغانمىغان تەبىئى موھېتتا ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇساقمۇ مەيلىتى . لېكىن ئۇ يەردە كەڭ بەلباشلىق تور يوقتە…wifi سىگىنالى قۇبۇل قىلالارمۇ يا
ئارلىقىمۇ خېلى باركەن
تاشقى پىلانىت ئادەملىرى شۇيەردە بولىشى مۇمكىن
تاپسىمۇ يېقىنراقىنى تاپماي بولدى قىلسا بولمامدىغاندۇ
مەن شۇ يەرگە بېرىپ ياشايمىكىن ، بۇ يەردە سەل زىرىكىپ قالدىم ، مىنى باققىلى ئادەم بولسا مەن چۇقۇم باراتتىم دە ئەمما …
قارىغاندا بۇ تىمىنى مەن بىرىنجى بولۇپ كۆرۈپتىمەندە؟
ئۇنداق ئەمەستەك قىلامدۇنىمە؟ لىكىن بۇ ھەقىقەتەن بىر ياخشى بايقاش ئىكەن،
ئۇلۇغ ئاللا تاراتقان ئاشۇ زىمىندىمۇ بەلكىم بىزگە ئوخشاش ئىنسانلار ياشىسا كىرەك ،بەلكىم ئۇ پىلانىتىدىكىلەرمۇ دۇنيادا بىزدىن باشقا ھاياتلىق يوق دەپ قارايدىغاندۇ بەلكىم !!!
يەر شارىغا ئوخشىغىنى يامان بوپتۇ! ئىنسانلار ئەمدى ئۇيەرلەرگىمۇ ئاياغ باسارمىكىن دەيمەن.
يەر شارىغا ئوخشىغىنى يامان بوپتۇ! ئىنسانلار ئەمدى ئۇيەرلەرگىمۇ ئاياغ باسارمىكىن دەيمەن.
ئالەم چەكسىز لېكىن ئالەمنىڭ چېكى بار.
ئەگەر ئۇ پلانتتا ئىنسانلارغا ئوخشاش جانلىقلار بولسا، بىز يەرشارىلىقلار ئۇلار بىلەن زىمىن تالىشىپ ئۇرۇشۇپ كېتەرمىز.. پلانتلار ئارا ئۇرۇش دېگەن شۇدە
مىنىڭچە بىزنىڭ ھازىرقى ئاڭ سەۋىيىمىزدە ئۇيەرگە بىرىپ قالساق ئۇيەرنىمۇ ئەخلات دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىمىز
كۇنلەرنىڭ بىرىدە تىخى شۇ پىلانىتقا كۆچمەن بولۇپ بارامدۇق ، سىلەر بارساڭلار مەيلى ، مەن مىشەدە قالاي جۇما ؟!
نۇر سۈرئېتىدە ماڭساق 600 يىلدا يەنى تەخمىنەن9-10 ئەۋلادىمىز كۆرەلىگۈدەك. شۇ يەرگە بېرىپ ناۋايچىلىق قىلسا تازا ئاقىدۇ …
غەلىتە ھايۋاناتلاردىن قورقۇپ يۈرسەك بىنورمال ھادىسىلەر كۆرۈلسە،ھەيرىي ھاشاراتلار چاقسا،ھەيرىي كېسەللىكلەر تارقالسا،ساقايتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى تاپقۇچە،بىز ئۆلۈپ كەتسەك….تېنىم شۈركىنىپ كەتتى…ئاسمانغا قارىسا يۇلتۇزغۇ تۇرۇپ تۇرسۇن،ئايدىن 7~8تاللار كۆرۈنسە،…:roll:
بۇ يەرنىڭ سۈيى بىلەن ئۇ يەرنىڭ سۈيى ئوخشىمىسىا،سۇ ئۈزەلمىسەك،خىمىيە،فىزىكا،بىئولوگىيە سۆز ئامبىرىدىكى ئېلمېنتلار جەدۋىلى بىر تۇتام قەغەزگە ئايلانسا،ھەرخىل ئۆزگىچە ئىرقلار شەكىللەنسە،دىنلارمۇ دەۋرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزگىرىپ كەتسە،ھەر يىلى تىكىلىۋاتقان تۈركۈملىگەن دەرەخ-كۆچەتلەر خازانغا ئايلانسا…..
مىڭە يۇيۇش .دىنسىزلىق تەشۋىقاتى مىڭە يۇيۇش .دىنسىزلىق تەشۋىقاتى مىڭە يۇيۇش .دىنسىزلىق تەشۋىقاتى مىڭە يۇيۇش .دىنسىزلىق تەشۋىقاتى
بۇ پىلانىتنىڭ تەغدىرىمۇ يەرشارىغا ئوخشاش بولىدىغان بولدىدە