ياشلار بېرىپ خىزمەت قىلىشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان 15 شىركەت، ئالدىنقى ئۈچىنى بەلكىم پەرەز قىلىپ بولدىڭىز!!!
كۆڭلىڭىزدە ئاۋال ئالدىنقى ئۈچىنى پەرەز قىلىپ بولۇپ ئاندىن كېلىپ جاۋابىنى كۆرۈڭ! Universum بولسا بىر ياللانما ئۇچۇر شىركىتى بولۇپ، يېقىندا 6700 نەپەر 40 ياشتىن يۇقىرى، بىر يىلدىن سەككىز يىلغىچە خىزمەت تەجرىبىسى بار كەسپى خادىملارغا نىسبەتەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلار ئەڭ بېرىشنى خالايدىغان يېڭى خىزمەت ئورنىنىڭ قايسى شىركەت ئىكەنلىگىنى سىتاتسىكا قىلغان، ھەر بىر ئادەم ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش شىركەت تاللاشقا يول قويۇلغان…
بۇ 15 شىركەت تۆۋەندىكىچە:
15. Zynga(ئىجتىمىي توپقا ماس كېلىدىغان ئويۇن ئىشلەيدىغان شىركەت) ئومۇمىي رەت تەرتىپى: 63. ئېرىشكەن بېلەت نىسبىتى: %1.66
14. DELL(ماركىلىق كومپيۇتېر ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەت) ئومۇمى رەت تەرتىپى: 51. ئېرىشكەن بېلەت نىسبىتى: %1.95
13. 时代华纳(تاراتقۇ، كۆڭۈل ئېچىش، تور شىركىتى) ئومۇمى رەت تەرتىپى: 49. ئېرىشكەن بېلەت نىسبىتى: %2.03
12. Verzion شىركىتى(كۆچمە خەۋەرلىشىش) ئومۇمى رەت تەرتىپى: 48. ئېرىشكەن بېلەت نىسبىتى: %2.03
11. Intel. ئومۇمى رەت تەرتىپى : 37. ئېرىشكەن بېلەت نىسبىتى: %2.36
10. IBM. ئومۇمى رەت تەرتىپى: 36. ئېرىشكەن بېلەت نىسبىتى: %2.37
9. AT&T(كۆچمە خەۋەرلىشىش) ئومۇمى رەت تەرتىپى: 25. ئېرىشكەن بېلەت نىسبىتى: %2.96
8. Yahoo. ئومۇمى رەت تەرتىپى: 16. ئېرىشكەن بېلەت نىسبىتى: %3.8
7. ئېلىكترون سەنئىتى(داڭلىق ئويۇن شىركىتى EA). ئومۇمى رەت تەرتىپى: 15. ئېرىشكەن بېلەت نىسبىتى: %4.06
6. Sony. ئومۇمى رەت تەرتىپى: 9. ئېرىشكەن بېلەت نىسبىتى: %5.15
5. مىكروسوفت. ئومۇمى رەت تەرتىپى: 8. ئېرىشكەن بېلەت نىسبىتى: %5.78
4. Amazon. ئومۇمى رەت تەرتىپى: 6. ئېرىشكەن بېلەت نىسبىتى: %6.63
3. FaceBook. ئومۇمى رەت تەرتىپى: 3. ئېرىشكەن بېلەت نىسبىتى: %8.90
2. Apple. ئومۇمى رەت تەرتىپى: 2. ئېرىشكەن بېلەت نىسبىتى: %12.74
1. Google. ئومۇمى رەت تەرتىپى: 1. ئېرىشكەن بېلەت نىسبىتى: %19.67
ئەمدى سىلەردىن سوراپ باقسام، ئولتۇرغانلار ئىچىدە ناۋادا شۇنداق بىر پۇرسەت بولسا، يۇقارقىلاردىن قايسىغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى بەكرەك خالايتىڭلار؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، Google، Microsoft، خىزمەت، شىركەت، كارخانا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,196 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 11-كۈنى
- يازما مەنزىلى: top-15-companies-for-the-youth.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 8000 تال تاماكا قېپىدىن پايدىلىنىپ ياساپ چىققان Lamborghini ماركىلىق «تاماكا تاشلاش» ئاپتوموبېلى
- كېيىنكى يازما > NASA دىكىلەر يەر شارىنىڭ ئايرىلىپ قالغىنىغا ئۇزاق بولغان قېرىندىشىنى بايقىغان!!!
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- مىكروسوفتقا قايتىپ كەلگەن بىلگەيتىس بىر كۈن ھەپىلىشىپ Win8.1 نى قاچىلىيالماپتۇ
- نوكىيا ئاندروئىد تۇمانلىرى : Google قوللاشقا ئېرىشىدۇ، مىكروسوفت نەپكە ئېرىشىدۇ
- تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
- Apple ھەققىدىكى سىز بىلمەيدىغان 10 كىچىك ئىش
- Google كۆزئەينىكى ھەققىدىكى ھەقىقىي تەسىرات كۆرۈنۈشلىرى
- 13 يىلدىن بېرى، Apple تۇنجى قېتىم كوكا-كولادىن ئېشىپ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ماركىغا ئايلاندى
- ئالمىنىڭ تىجارەت تاكتىكىسى – iPhone 5C ھەرگىزمۇ ئەرزان باھالىق ئايفون ئەمەس
مېنىڭ گوگولدا ئىشلىگىم بار ئىدى، بۇ پەقەت بىر غايە بولۇپ قالدى خالاس.
مەن بولسام SONY نى تاللىغان بولاتتىم . قالتىس ماركىدە ئەمما !!! ياپۇنىيە تىخنىكىسى ئەمەسمۇ .
مېنىڭ مىكروسوفتنى تاللىشىم ئېنىق!
16-سىگە ئەلداۋانىمۇ تىزىپ قويسىلا بوپتىكەن
قىززىق ! سەرالىق خىزمەت سوراپ ئىشىكى قېرىپ كەتسىمۇ خىزمەت بەرمەيدىيۇ ئەمدى بۇيەرگە تىزىلغۇسى كەپتۇ
ئادەمنى خاتا تونۇۋاپلا… فەقىرنىڭ كۆزىدىن چاتاق چىقىپ ئارامدا…
مەن پىكسارنى تاللايتىم،لىكىن يوقكەندە
مەنمۇ گوگۇلدا ئىشلەشنى ئارزۇ قىلاتتىم
intel غا ھېچقايسىڭلار قاراپمۇ قويمىدىڭلار !!!ھە بوپتۇ !ماڭا قالغان ئوخشايدۇ قارىغاندا ….
قارلۇقنى قېتىپ قويساق زىيان چىقمايتى
FaceBook بىلەن ئالمىنى تاللىشىم مۇقەررەر
مىنى قايسى ئالسا شۇنىڭدا ئىشلەيتتىم ،
مەخسۇس كۈرۈش مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئۇيغۇر تىلى، قازاق تىلى ، قىرغىز تىلى ، ئۆزبەك تىلى ، خەنزۇ تىلى بىلىمەن ، ئىنگىلىس تىلىنى يامىداپ سۆزلەيمەن ، كومپىيۇتىرغا ئانچە مۇنچە ئىشقىم بار، سىلەرچە قايسى ئالار…
دوستۇم تەدبىركار، بۇرۇنقى ھەپتىدە بىر سۈزۈك MVيوللاپ قۇيدىغان ۋاقىتىلرىڭىزنى ئەسلەپ قالدىم!
مەن EA نى تاللايتىم
مىنى قايسى شىركەتنڭ تاللىغىنىغا قاراپ ئويلىشىپ باققان بولاتتىم.
FaceBook ياكى مىكروسوفت. تا ئىشلىگىم بار
گوگلې،تور ى بارلىكىم
گوگلې ھەقىقەتەن تور بىكەتلەر سەركىسى دە ،شارائىت بوسا بارلىق ھاياتىمنى تورغا بىغىشلايتىم
ئۇيغۇر ئىلىپبەسىنى قايتىدىن بىسىپ بەرسە مەن قانداق شىركەت بولسا ئشلەۋېرەتتىىم.
مەن مىكروسوفتنى تاللايتتىم
گوگېلنى تاللىشىم مۇقەررەر ؛ سەۋەبى، مىكروسوفت «ئۇيغۇر»نىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن چاغلاردىلا گوگېل تورىنىڭ ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە نۇسخىسى بار ئىدى.ھەر قېتىم گوگېل تورىنى ئاچقىنىمدا «گوگېل»دىگەن خەتنىڭ ئۈستىدە «ئۇيغۇر»دېگەن خەتنى كۆرگىنىمدە ئاجايىپ ھاياجانلىناتتىم ! دەپ باقە ؟ سەن بولساڭ يەنە باشقىنى تاللامتىڭ ؟ ئەمما بەزى ئىچى تارلارنىڭ سەۋەبىدىن گوگېل خوڭكوڭغا كەتتى.